logo

trugen jacn

بىرلەشمە ئاگېنتلىق: خىتاينىڭ غەربىدە ۋەھىمە تۇغدۇرۇۋاتقان – پىكىر ساقچىلىرى

 

تۆۋەندىكىسى ئامېرىكا «بىرلەشمە ئاگېنتلىقى» مۇخبىىرلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا زىيارەت ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ئېلان قىلغان ماقالىسى

ئاپتور: جېررى شى (GERRY SHIH)، بىرلەشمە ئاگېنتلىقى(Associated Press)نىڭ مۇخبىرى

كورلا – مىسىرىدىن خىتايغا قايتىپ كەلگەن ۋە كېيىن ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ بېشىغا نېمە كۈنلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ قوشنىسىمۇ، ساۋاقداشلىرىمۇ، ھەتتا ئانىسىمۇ بىلمەيدۇ.

«ئۇ ھاياتمۇ – يوق؟» دېدى بۇ ئانا،  بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ مۇخبىرلىرى ئۇنىڭ ئۆيىنى تويۇقسىز زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭغا بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ سۈرىتىنى كۆرسەتكەندە ئۇنىڭ ياشلىرى يۈزلىرىدىن تاراملاپ ئاقتى.

ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى بۇ ئوقۇغۇچىنى سوتلانماستىن سىرلىق ھالدا ئېلىپ كېتىلگەن ۋە يېڭى تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە قامالغان مىڭلىغان – بەلكى تۈمەنلىگەن – كىشىلەرنىڭ سېپىگە قوشۇلۇپ كەتتى دەپ ئويلايتتى.  بۇ ئوپچە غايىب بولۇش ھادىسىسى ئۆتكەن يىلى باشلانغان بولۇپ، بۇ خىتاي دائىىرلىرىنىڭ قاماش ۋە سانلىق مەلۇماتلىق نازارەت ئارقىلىق شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان – ت) رايونىدا ۋە ئۇنىڭ 10 مىليونلۇق ئۇيغۇر نوپۇسى ئۈستىدە بىر ساقچى دۆلىتى ئىجرائاتلىرى يۈرگۈزۈش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىدى. ئۇيغۇرلار تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مۇسۇلمان خەلق بولۇپ، خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام رادىكاللىقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى دەۋا قىلىدۇ.

شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن شەھەلىرىدە يول – كوچىلار ساقچىلار بىلەن قاپلانغان. ئىلغار سەۋىيەدىكى كۆزىتىش سىستېمىسى ئۇيغۇرلارنىڭ نەگە بارغانلىقى، نېمە ئوقۇغانلىقى ۋە كىم بىلەن نېمە توغرىسىدا پاراڭلاشقانلىقىنى ئىز قوغلاپ تۇرىدۇ.

يېقىندا خىتايدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن كەم تېپىلىدىغان سۆھبەتلەر، ھۆكۈمەتنىڭ سېتىۋېلىش توختاملىرى ۋە ئېلان قىلىنمىغان ھۆججەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە جەنۇبىي شىنجاڭغا قىلىنغان بىر قېتىملىق سەپەر ئارقىلىق، بىرلەشمە ئاگېنتلىق كۆرۈنۈشتە تېررورىزمنى تۈپتىن يوقىتىشقا ئوخشايدىغان – لېكىن دەل ئەكىسچە ۋەھىمە پەيدا قىلىۋاتقان بىر ھەرىكەتنىڭ رەسىملىرىنى توپلاپ چىقتى.

بۇ ھەقتە زىيارەت قىلغان ئوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ كۆپىنچىسى ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىنى ياكى ئائىلە ئەزالىرىنى جازالىشىدىن قورقاتتى. بىرلەشمە ئاگېنتلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورققان كىشىلەرنى قوغداش ئۈچۈن بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسمىنى ۋە باشقا كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى مەخپىي تۇتتى.

قايتا – قايتا پىكىرىنى ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، لېكىن شىنجاڭ رايونلۇق ھۆكۈمەت تەلىپىمىزگە ئىنكاس قايتۇرمىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىكى بىخەتەرلىك سىياسىتىنى 2013- ۋە 2014- يىللىرى يۈز بەرگەن بىر قاتار ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىدىن كېيىنكى زۆرۈرىيەتتە ئوتتۇرىغا چىققان «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتى دەپ ئاتايدۇ. خوتەن شەھىرىنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى باۋ چاڭخۇي بىرلەشمە ئاگېنتلىققا مۇنداق دېدى: «ئەگەر بىز بۇنداق قىلمىساق، ئەھۋال بىر نەچچە يىل بۇرۇنقىغا ئوخشاش بولىدۇ – يۈزلىگەن كىشى ئۆلىدۇ.»

خىتاي يەنە نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى زور ئىقتىسادىي مەبلەغلىرىنى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئۇيغۇرلارغا ئېتىبار بېرىش قاتارلىق مەدەنىيەت جەھەتتىتىكى قوشۇلۇپ كېتىش سىياسەت، تەدبىرلىرىنى تەكىتلەيدۇ.

دائىرىلەر تۇتۇپ تۇرۇش سىياسىتىنىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ، لېكىن بۇنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى سىڭدۈرۈشتەك قىلاتتى. «خىتايچە، قانۇن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك» قاتارلىق تېمىلاردىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيىلەشلەر ئۈچ ئايدىن ئىككى يىلغىچە داۋاملىشاتتى.

كورلىدا، بىرلەشمە ئاگېنتلىق زىيارەت قىلغان بىر مەركەزگە تۈرمە ۋىۋىسكىسى ئېسىلغان ئىدى. يەنە بىرى بولسا، كوچىلىرى قوراللىق ساقچىلار بىلەن قامالغان قىلىنغان بىر شەھەردە ئىدى.

كورلا شەھىرى جايلاشقان جەنۇبىي شىنجاڭ دۇنيادىكى باشقۇرۇش ئەڭ قاتتىق جايلاردىن بىرى.

خوتەندە، ھەر بەش يۈز مېتىردا بىردىن چاقماق لامپىلىق ساقچى پونكىتى بار بولۇپ، پىيادە چارلىغۇچىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. 40 تىن ئارتۇق بىرونۋىكتىن تەشكىل تاپقان ماشىنا ئەترىتى شەھەر كوچىلىرىدىن چاڭ چىقىرىپ ئايلىنىپ يۈرىدۇ. ھەر كوچا ئاتلىسا بىردىن ئۇچرايدىغان ساقچى پونكىتلىرىدا ساقچىلار كىملىك تەكشۈرىدۇ ۋە ئەقلىفونلاردا دىنىي مەزمۇنلارنىڭ بار – يوقلۇقىغا قارايدۇ.

5a36239809771

2017- يىلى 3- نويابىر، خوتەن چوڭ بازارنىڭ سىرتىدىكى قوراللانغان يەرلىك چارلاش ساقچىلىرى (بىرلەشمە ئاگېنتلىق تەمىنلىگەن)

شىنجاڭدا ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان خامچوت سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغىنىمىزدا، ئاممىۋى بىخەتەرلىك چىقىملىرى بۇ يىل 2016- يىلىدىكىدىن 50 پىرسەنت ئېشىپ تەخمىنەن 45 مىليارد يۈەن(6.8 مىليارد دوللار)گە چىققان. بۇ سان بىر يىل بۇرۇن 40 پىرسەن ئۆستۈرۈلگەن ئىدى. بۇ سان 2009- يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن تۆت ھەسسە ئاشقان.

لېكىن ساقچىلارنىڭ كۆپىنچىسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ.

خوتەن بازىرىغا كىرگەن خېرىدارلار چوقۇم مېتال تەكشۈرۈش ئەسۋابىدىن ئۆتۈشى كېرەك، ئۇلار كىملىك كارتىسىنى تەكشۈرۈش ماشىنىسىغا سۈركەش بىلەنلا قالمايدۇ، يۈز تەسۋىرىمۇ ئېلىنىدۇ. بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ مۇخبىرلىرى بىر مېھمانخانىنىڭ ئالدىدا بىر ساقچى تەرىپىدىن توسۇپ قېلىندى، ئۇ ساقچى ج خ ئىدارىسىنىڭ كۆزىتىش كامېرالىرى ئارقىلىق بۇ مۇخبىرلارنىڭ ھەرىكىتىنى يىراقتىن ئىز قوغلاپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ھۆكۈمەتنىڭ ئىز قوغلاش خىزمىتى ئاپتوموبىللار، گېن ۋە ھەتتا ئاۋازغىچە كېڭەيگەن. بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلارنى يىغىش سىياسىتى ئۆتكەن يىلى رايونلۇق ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان «ئومۇمىيۈزلۈك ھالدا ئۈچ ئۆلچەملىك پوترېت، ئاۋاز ئەۋرىشكىسى، د ن ئا ۋە بارماق ئىزى يىغىش» ھەققىدىكى «44- نومۇرلۇق ھۆججەت» بىلەن رەسمىيلەشتۈرۈلگەن.

خىتاي يەنە تونۇشلۇق بولغان تۆۋەن تېخنىكىلىق  نازارەت قىلىش تاكتىكىلىرىنىمۇ قوللانغان: ئاممىدىن پايدىلىنىش.

خىتايدىن قېچىپ چىققان قەشقەرلىك بىر ئۇيغۇر سودىگەرنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ تۆت قېرىندىشى ۋە دادىسى ئۇنىڭ قېچىپ چىققانلىقى سەۋەبلىك تۈرمىگە قامالغان، ئۇنىڭ مەھەللىسىدىكى بىر – بىرىنى نازارەت قىلىشقا قويۇلغان باشقا ئائىلىلەرمۇ جازالانغان. ھەر ئائىلىدىن بىر قىسىم ئەزالار ئۈچ ئايلىق مۇددەتتە قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە ئەۋەتىلگەن.

ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق بىزگە يېتىپ كەلگەن بىر ھۆججەتتە، ئۈرۈمچى خېبىي غەربىي يولىغا جايلاشقان بىر ئولتۇراق رايوندا ئۇيغۇر ئاھالىلەرنىڭ 100 نومۇرلۇق ئۆلچەم بويىچە باھالىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئۇيغۇر مىللىتىگە تەۋە بولغانلاردىن ئاپتوماتىك ھالدا 10 نومۇر تارتىلىدۇ. 15 ياشتىن 55 ياشقىچە بولۇش، كۈندە ناماز ئوقۇش ياكى دىنىي تەلىم ئالغان بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى 10 نومۇر تارتىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر ئولتۇراق رايوننىڭ تاۋ فامىلىلىك ساقچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ شەھەردىكى ھەربىر ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش باھالاشلارنى ئېلىپ بېرىشقا ئىھتىياجلىق ئىكەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ خىتايدىكى ئائىلىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشى ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەن.

5a3624b20843d

2017- يىلى 4- نويابېر، قەشقەر كونا شەھەر رايونىدا ئويناۋاتقان بالىلار (بىرلەشمە ئاگېنتلىق تەمىنلىگەن)

ئامېرىكىلىق ئۇيغۇر ئاسپىرانت سالىھ خۇدايار بۇ يىل يازدا 70 ياشلاردىكى بوۋىسىغا تېلىفۇن قىلغاندا، بوۋىسى ئۇنىڭغا سىلىق قىلىپ ئەمدى تېلېفۇن قىلماسلىقنى ئېيتقان. بۇ ئۇنىڭ ئاخىرقى قېتىم تېلىفۇن قىلىشى ئىدى. ئۇ كېيىنچە بوۋىسىنىڭ بىر تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش بازىسىغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئاڭلايدۇ.

بۇ يىل يازدىكى باستۇرۇشلاردىن كېيىن ئامېرىكىغا كۆچۈپ كەلگەن بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ماڭغاندىن كېيىن ھېلھەم ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئايالى ئۇنىڭغا ئۇچۇر قىلىپ، ساقچىلارنىڭ  20 مېنۇت ئىچىدە ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ ئايالى خوشلىشىشقا مەجبۇر بولغان ۋە ئۇنى تېلېفۇن تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۈۋەتكەن.

كېيىنچە، ئۇ ئائىلىسىگە ئاخىرقى قېتىملىق تېلىفۇننى ئۇرماي تۇرالمىدى. تېلىفۇننى قىزى ئالغان ئىدى.

«ئانام كېسەل، لېكىن ئۇ سىز بىلەن سۆزلەشمەسلىكىمنى ئېيتتى. خەير – خوش» دېدى ئۇ.

5a36253301a2a

2017- يىلى 4- نويابىر، قەشقەر. ئېلان تاختىىسىغا «19- قۇرۇلتاينى قارشى ئالىمىز»، «ۋەتەنپەرۋەرلىك»، ۋە «دېموكراتىيە» دەپ يېزىلغان (بىرلەشمە ئاگېنتلىق تەمىنلىگەن)

ئىزاھات: ماقالىنىڭ ماۋزۇسىدا ئىشلىتىلگەن پىكىر ساقچىلىرى (Thought Police) كەلىمىسى ئەنگىلىيەلىك يازغۇچى جورج ئورۋېلنىڭ بىر رومانىدىن ئېلىنغان. بۇ بىر مەخپىي ساقچى تەشكىلاتى بولۇپ، كىشىلەرنى ئىدىيە ۋە پىكىرلىرى ئۈچۈن جازالايدۇ

http://turkistantimes.com/uy/news-2309.html

Share
553 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.