logo

trugen jacn

بىرقانچەمەسىلىلەرھەققىدەمۇلاھىزىلەر

بىرقانچەمەسىلىلەرھەققىدەمۇلاھىزىلەر


يۇلغۇن

        بىرىنىچى، خەلقئارا جامائەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان تۈركىي مىللەتلىرى جۈملىدىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا بولغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دەرھال توختىتىش سادالىرى ياڭرىغانسىرى خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارادا ئۆزىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى قىلمىشىنى ئۆزنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ۋە خەلقئارادىكى قوللىغۇچىلىرىنى ئارقا تىرەك قىلىپ، بۇ جىناىي قىلمىشلىرىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تېخىمۇ يوقىرى بالداققا كۆتۈرۈپ داۋاملاشتۇرماقتا.  ( تەيۋەن « شەرقىي تۈركىستان دوستلۇق جەمئىيىتى » نىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەت ئۆتەلمەي تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەت كىشلىرىدىن ئىككى مىلىيوندىن  ئارتۇق كىشىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلەردىكى تۈرمىلەرگە يۈتكەپ ئەكەتكەن. )

     دۇنيادا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش سادالار كۈچەيگەنسىرى، « نىمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتتە ياخشىلىنشقا قاراپ ئۆزگىرىش بولماي،بەلكى بۇ خىل رەزىل ۋەزىيەت تېخىمۇ بەتتەر ئەۋجگە كۆتۈرۈلۈپ كېتىپ بارىدۇ ؟» دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، بۇنىڭدىكى تۈپكى مەسىلە— خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىقا بولغان نارازلىق بىلدۈرۈش، ئەيىپلەش ۋە توختىتىشنى تەلەپ قىلىش قاتارلىق بۇ خىل خەلقئارالىق  يېغىن، ئەيىپلەش ۋە باياناتلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە نىسپەتەن  قانۇنىي جەھەتتىن ھېچقانداق  مەجبۇرلاش نوپۇزغا ( كۈچىگە ) ئىگە بولماسلىقىدا. 

       خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشنى قانۇنىي جەھەتتىن مەجبۇرلاش ئۈچۈن، بۇ خىل ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى قول قويغان ب د ت نىڭ 1948‏- يىلى ماقۇللىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى ئەھدىنامىسىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا بەرگەن تەبىرىگە چۈشۈدىغانلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي قاتارلىق ھەر قايسى ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلىرى خەلقئارالىق كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە خەلقئارالىق يېغىنلارنى چاقىرىپ، بۇ مەسىلىنى ب د ت نىڭ ئۆزىنىڭ  1948‏- يىلى ماقۇللىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى ئەھدىنامىسىنى ئىجرا قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشش زۆرۈر. بۇ پائالىيەتلەردىن سىرىت يەنە ھەر قايسى ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلىرى دۇنيادىكى ھەر قايسى مەملىكەتلەردىكى جامائەت تەشكىلاتلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكى ۋە ياشلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا بولغان دىققەت- ئېتىبارىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە قوزغاش لازىم. ئىمكانىيەت بولسا  خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا دېموكراتىيىسگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشى، تىبەت ۋە « شىنجاڭ » دا يۈرگۈزۋاتقان كىشلىك ھوقۇق دەپسەنچىلىكى ۋە يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا قارشى تۇرۇشنى مەركەز قىلغان خەلقئارالىق بىرلىك سەپ ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلىشقا تىرىشىش كېرەك.

      يېقىنكى كۈنلەردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئەلچى ۋە كونسۇللىرىنى ئىشقا سېلىپ، ھەر قايسى تېلېۋىزىيە ئىستانسىيىلىرىنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ،« < شىنجاڭ > دا جازا لاگېرلىرى مەۋجۇت ئەمەس،ئۇ يەردە < تەربىيىلەش مەركەزلىرى > مەۋجۇت. » دەپ، قىپقىزىل يالغان ئېتىپ دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئالداشقا ئورۇنماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئالدامچىلىقتىن ئىبارەت رەزىل قىياپتىنى دۇنيا خەلقى ئالدىدا پاش قىلىش ئۈچۈن، ئەگەر ئىقتىسادىي شارائىت يار بەرسە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ھەر قايسى ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە دەرھال خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىغا شاھىت بولغان ئۆمەر بېكالى، مېھرىگۈل، باھارگۈل جېلىلىۋا ۋە سايراگۈل قاتارلىق كىشلەردىن  تەركىپ تاپقان ئىخچام بىر سەييارە ئۆمەك تەشكىللەپ، ھەر قايسى دۆلەتلەردە دوكلات بېرىش ۋە ھەر قايسى تېلېۋىزىيە ئىستانسىيىلىرىنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلىرىنى ئويۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، بۇ شاھىتلارنىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى يېزىپ، بۇ يازمىلارنى ئىنگلىزچە،رۇسچە،ئەرەپچە، فرانسۇزچە،گېرمانچە، ئىتالىيەنچە، ئىسپانچە ۋە خىتايچە قاتارلىق يېزىقلارغا تەرجىمە قىلىپ، كىتاپچە تەرىقىسىدە  ھەر قايسى مەملىكەتلەردە تارقىتىش زۆرۈر.

        خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىىگە بولغان سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە دىنىي جەھەتلەردىكى باستۇرۇشىنىڭ كۈنسېرى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ بېرىشىدىكى يەنە بىر ئاساسىي سەۋەپلەرنىڭ بىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر،ئامېرىكا  ۋە تۈركىيە قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئۆز دۆلەت مەنپەئەتلىرىنى كۆزلەپ خىتاي ھۆكۆمىتى بىلەن داۋاملىق تۈردە ياخشى مۇناسىۋېتىنى ساقلاپ كېلىشىدە. بۇ دۆلەتلەر خىتاي  بىلەن بولغان سۇدا سۆھبەتلىرىدە كىشلىك ھوقۇق مەسىللىرىنى بولۇپمۇ « شىنجاڭدىكى كىشلىك دەپسەنچىلىكى مەسلىسى» نى سۇدا كېلىشمىلىرىنى تۈزۈشنىڭ ئالدىنىقى شەرتى قىلماسلىقتا. 

       قىسقىسى،« ئۆز نەپسىدىن كەچمىگۈچە، كىشىنى خۇش قىلغىلى بولماس. ». خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ « شىنجاڭ » دىكى ئۇيغۇر،قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈرك مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا يۈرگۈزۋاتقان كىشلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قاتتىق نارازلىق بىلدۇرۇپ كېلىۋاتقان تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەدات ئۆنال 16- ماي كۈنى بېيجىڭدا ئېلان قىلغان باياناتىدا،« تۆگىدەك كەيىنىگە سىيىپ »، تۈركىيەنىڭ خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ۋە تېررورچىلىققا قارشى كۈرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، جار سالدى.

       كۆپلىگەن دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ 1930- يىللاردا ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ يەھۇدىيلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ئاللاقاچان ئېشىپ كەتكەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ھازىر « شىنجاڭ » دا يۈز بېرىۋاتقانلىقىغا  كۆز يۇمۇپ تۇرۋېلىشىدەك ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشىنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۈللىرىنىڭ بىرى ھەر قايسى مەملىكەتلەردىكى كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە جامائەتىنى ھەركەتكە كەلتۇرۇش ئارقىلىق ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ « شىنجاڭ » دىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىگە دىققەت- ئېتىبار بېرىشنى ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك خىزمەت كۈن تەرتىبىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت.

        ئىككىنچى، دىن ۋە سىياسەتنىڭ مۇناسىۋېتى

         ھازىرقى زاماندا ھاكىمىيەت بىلەن دىن ئايرىۋېتىلگەن دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ئىشلىرى نىسپەتەن راۋان، دۆلەت تەرەققىياتى نىسپەتەن مۇقىم ۋە ھەر قايسى دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار ئۆز ئېتىقادلىرىنى قىلىپ، نىسپەتەن جاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. ھاكىمىيەت بىلەن دىن ئايرىۋېتىلمىگەن دۆلەتلەردە ۋەزىيەت  كۆپىنچەبۇنىڭ ئەكسىچە  بولماقتا.  

        ھازىرقى زاماندا ھەر قانداق سىياسي پائالىيەت ئەڭ ياخشىسى ھېچقانداق دىنىي تۈس ئالماسلىقى كېرەك. دىنىي تۈس ئالغان ھەرقانداق سىياسىي ھەرىكەتتە كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتمەك قىيىن. بولۇپمۇ ھازىرقى زاماندا ئىسلام دىنىي تۈسىنى ئالغان سىياسىي  ھەرىكەتلەرنىڭ كۆزلىگەن مەقسەتلىرىگە يەتمىكى تېخىمۇ قىيىن. ھازىر نۆۋەتتە چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆپچىلىكىدە سىياسى پائالىيەتلەر كۆپ ھاللاردا ئازدۇر- كۆپتۇر دىنىي تۈس ئالغان ھالدا ئېلىپ بېرىلماقتا. چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر تاراتقۇ- تېلېۋىزىيە ئستانسىيىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئاز- تولا ئىسلامىي تۈسنى ئالغان. ( بۇ يەردە مەخسۇس دىنىي پروگراممىلىق تېلېۋىزىيە ئستانسىيىلىرى نەزەردىن ساقىت قىلىندى.) ھەممە سىياسىي پائالىيەتلەرنىڭ ئىسلام دىنىي تۈسىنى ئېلىشى شەرت ئەمەس. قويۇق ئىسلام دىنىي تۈسىنى ئالغان سىياسىي پائالىيەتلەر ئاخىرقى ھىساپتا ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان دۇسىتلارنى ئۇلاردىن يىراقلاشتۇرۇدۇ. ئەڭ ياخشىسى دىنىي مۇراسىملار سىياسىي مەقسەتلەردىن خالىي بولغان ھالدا ئۆتكۈزۈلۈشى تۈزۈك. بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش زۆرۈركى، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا بۇ ئەسىرنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئەرەپ ئىسلام مەدەنىيىتىدىكى بەزى  ئەقىدە، ئۆرپە- ئادەتلەر ۋە بىر قىسىم رادىكاللىق ئىدىيەلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە سىڭىپ كېرىشى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندە  پۈتمەس- تۈگىمەس بالا- قازالارنى ئېلىپ كەلدى. بۇ يەردە بەك كەسكىن بولسىمۇ، شۇنى ئېيتىش مۇمكىنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بەلكىم شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنى يوق قىلىۋەتكەن تەقدىرىمۇ، دۇنيادا ئىسلام دىنى يوقالمايدۇ. ئسلام دىنى بىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان كۆرەشىمىزدىكى سىياسىتىمىز ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمتىنىڭ دىنىمىزغا بولغان بۇزغۇنچىلىقى بولسا پەقەت بىزنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇشىمىزدا ئىشلىتىدىغان بىر خىل پاكىتتىن ئىبارەت، خالاس. ئەلۋەتتە، بىز ئاللاھدىن ئىشلىرىمىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئۈچۈن مەدەت تىلىشىمىز بىلەن بىرگە يەنە ئۆزىمىزنىڭ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىمىز ھەرىكەت قىلىشىمىز لازىم،چۇنكى ئاللاھ ئۆز بەندەلىرىگە « يارتىش مەندىن، يارالمىش ئۆزەڭدىن » دېگەن ئىكەن.

       ئۈچىنچى، ھازىرقى زاماندا ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئەھمىيىتى ۋە رولى

       ھازىرقى زاماندا ئسلام دىنى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسەتتىن خالي بولغان مۇقەددەس بىر دىنىي ئېتىقادى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى روھىي دۇنياسىدىكى بىر خىل ئىدېئولوگىيە. بۇ خىل ئىدېئولوگىيە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك تۇرمۇشى بىلەن چەكلەنگەن. كىشلەرنىڭ سىياسىي ھاياتىدىكى يىتەكچى ئىدىيە ئەمەس. ئۇيغۇر خەلقى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن باشلاپ ئىسلام دىنىنىڭ نېگىزلىك ۋە ماھىيەتلىك ئەقىدە- ئېتىقادلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئىسلام دىنىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپە- ئادەتلىرى بىلەن مۇجەسسەملەشتۈرۈپ،ئۆزگىچە مىللىي خاراكتېرگە ئىگە بولغان ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتىنى ياراتتى. ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتى ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەرەپ ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن، ھاتتا باشقا قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئىسلام مەدەنىيەتلىرى بىلەنمۇ پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ پەرقنىڭ تىپىك مىساللىرى: ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ئائىلىلەردە ئاياللار يۈكسەك ئىززەت- ھۆرمەتكە سازاۋەر ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرىدا پۈتۈن بەدىنىنى قاپلاپ كىيىنشتەك كىيىم كىيىش ئادەتلىرى يوق دىيەرلىك. گەرچە بۇ خىل ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتى ئۆتمۇشتە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۈتۈن ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ھەممە ساھەسىگە چوڭقۇر سىڭىپ كىرگەن بولسىمۇ،لېكىن ھازىرقى زامانغا كەلگەندە بۇ مەدەنىيەت پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى بىلەن چەكلەنگەن. 

       ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ قىبلنەما رولىنى ئوينايدۇ. خەتنە ( سۈننەت) توي، نىكاھ توي ۋە دەپىن مۇراسىملىرى ۋە ئەنئەنىۋى دىنىي بايراملار قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ قائىدە- يوسۇنلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدۈ.  ياش ئۆسمۈرلەر ئۇيغۇر ئىسلام  مەدەنىيىتى بىلەن تەربىيىلىنىدۇ. ئەرەپ ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن تەربىيىلەنمەيدۇ. مۇسۇلمان ئائىلىسىدە توغۇلغان بالا  مۇسۇلمان بولۇپ توغۇلغاچقا،بالىلارغا مۇسۇلمان بولۇش دىنىي رەسمىيىتى ئۆتەلمەيدۇ. ئۇيغۇر ئىسلام ئېتىقادىنىڭ قايىدە- يوسۇنلىرى ۋە ئادەتلىرى بۇيىچە بىزدە نارەسىدە بالىلاردىن قۇرئاننى ئوقۇش تەلەپ قىلىنمايدۇ. ھەتتا چوڭلاردىنمۇ قۇرئاننى يادقا بېلىش تەلەپ قىلىنمايدۇ. پەقەت ئىمان ئېتىپ، ئاللاھنى دىلىدا ياد ئېيتىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ھەممە ئادەمدىن بەش ۋاق ناماز ئوقۇش تەلەپ قىلىنمايدۇ. بالاغەتكە يەتكەن ئەرلەر جۇمە نامىزى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بايراملىرىدا مەسچىتلەرگە بېرىپ ناماز ئوقۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۆلۈم بولغان ئۆيلەرگە بىرىپ پەتە ئوقۇش  قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چېقىش ئۈچۈن بالاغەتكە يەتكەن ئەر مۇسۇلمانلار قۇرئاندىن پەقەت بىر قانچە ئايەتنى يادلاپ ئالسلا  كىپايە. شۇڭلاشقا دىنىي مۇراسىملارنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن مەخسۇس قۇرئاننى يادقا ئوقالايدىغان قارىيلار تەربىيىلىنىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئادەتتە  مويسىپىت مۇسۇلمانلار كۆپرەك دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن  مەشغۇل بولىدۇ.

        دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئىسلام دىنىغا قارىتا ھەر خىل مۇجمەل كۆز قاراشلىرى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بۈگۈنكى كۈندە  ئۇيغۇر بالىلىرىنى كىچىكىدىن باشلاپ مىللىتىمىزنىڭ ئىسلام ئەنئەنىسىدە يوق بولغان باشقا بىر مىللەتنىڭ ئىسلامى تەربىيىلەش ئۇسۇلى بىلەن تەربىيىلەش كېيىنكى ئۇيغۇر ياش ئەۋلادلىرىنى قايتىدىن جاھالەتكە باشلاش قويغانلىق بىلەن باراۋەر.

        ھازىرقى زاماندا ئۇيغۇر قىز بالىلار ۋە ئاياللار ئوچۇق، ئەركىن- ئازادە كىيىنىپ يۈرۈشكە ئادەتلەنگەن. ئۇيغۇر ئاياللىرىدا ھىجاب ( يۈز ياپقۇچى ) ۋە پەرەنجە  ئىشلىتىش ۋە كۆزىدىن باشقا پۈتۈن بەدىنىنى قاپلاپ كىيىنشتەك كىيىم كىيىش ئادەتلىرى ئەزەلدىن ئومۇملاشمىغان، قىسمەن ھالدا مەۋجۇت بولغان.  ئۆتكەن ئەسىرنىڭ  20– 30 – يىللىرى  تارتىلغان  فوتو سۆرەتلەر  بۇ  ئەھۋالنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

       تۆتىنچى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىقى كۈچەيگەنسىرى چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسي تەشكىلاتلىرى، سىياسي پائالىيەتچىلىرى ۋە تەشكىلاتسىز ئاۋام ئۇيغۇر خەلقى بىرلىككە كېلىپ كۆرەش قىلىشىنىڭ ئورنىغا، تەشكىلات قۇرۇشتىن چەتتە قالغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە بەس- بەس بىلەن يېڭىدىن يېڭى تەشكىلاتلارنى قۇرماقتا. تەشكىلاتلارنىڭ بۇنداق كۆپ تەسىس قىلىنىشى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلاردىكى يۇرتۋازلىق ۋە تەرەپۋازلىقتىن ئىبارەت پىسخىك خاراكتېرلىرىنىڭ ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى ئىپادىلىنىشى بولۇشى مۇمكىن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ سەۋىيىسىنىڭ بەلگىلىك دائىرىدە توختاپ قالغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن، يەنە بىر تەرەپتىن بىر قىسىم ئۇيغۇرلاردا مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان « نوچىلىق » دىن ئىبارەت پىسخىك ھالەتنىڭ ئەمىلىي ئىپادىلىنىشى بولۇشى ھەم مۇمكىن. بۇ خىل تەشكىلاتلار كۆپەيگەنسىرى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇش كۈچىنى بارغانسىرى ئاجىزلاشتۇرۈدۈ. بۇ خىل ئاجىزلاشتۇرۇش ۋاشىنگتون ئەركىنلىك مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا ئۆز ئىپادىسىنى كۆرسەتتى.  قېرىنداشلار،ھازىرچە بىز بىر بايراقنىڭ ئاستىغا يىغىلالمىساقمۇ،خەلقىمىز دۇچ كېلىۋاتقان قاباھەتلىك ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ،ئورتاق دۆشمەن ئالدىدا ئۆزئارا ھەمدەمدە بولايلى، بىزدە  قول قولنى يۇسا، قول قوپۇپ يۈزنى يۇيىدۇ، دېگەن گەپ بار. بىز ئۆزئارا ھەمدەمدە بولساق، بىزگە قايسى دۆشمەن تەڭ كېلەلەيدۇ؟!

       بەشىنچى،نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى ھايات- ماماتلىق باسقۇچتا تۇرغان ۋاقىتتا،چەت ئەللەردە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قىلىش مەسئۇلىيىتى بار، ئەلۋەتتە.

       ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەت ئەللەردە داۋاملىق ساقىلىنىپ قىلىشنىڭ بىردىن بىر مۇقەررەر شەرتى ( ئالدىنقى شەرتى ) بۇ خىل تىلنى قوللىنىدىغان تىل جەمئىيىتى ( تىل توپلۇقى )  مەۋجۇت بولۇشى شەرت. بۇ خىل شارائىت مەۋجۇت بولىسلا ئۇيغۇر تىلى ئۆزىنىڭ ھاياتى كۈچىنى يوقاتمايدۇ.

       ئەندى بىر مىللەتنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا كەلسەك، بۆگۈنكى دۇنيادا تىلى بىر خىل، لېكىن مەدەنىيىتى ھەر خىل بولغان مىللەتلەر خىلى كۆپ. ياۋروپادا تىلى بىر خىل،لېكىن مەدەنىيىتى ئوخشىمىغان مىللەتلەر مەۋجۇت. توڭگان مىللىتىنىڭ تىلى گەرچە خىتاي تىلى بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ،لېكىن توڭگانلار ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىدا ئۆزلىرىنىڭ ئۆزگىچە بولغان مىللىي مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغان.  توڭگانلارنى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشىنى دېمىسە، خىتايلار بىلەن ئوخشاش بىر مىللەت دەپ قاراش ئىنتايىن خاتا بولغان بىر خىل چۈشەنچە، چۇنكى ئېتنىك مەنبە جەھەتتىن قارىغاندىمۇ توڭگانلارنىڭ ئەجداتلىرى بىر تەرەپتىن ئەرەپ- فارىس ئەرلەر بولسا، خوتۇنلىرى ئىمان ئېيتقان خىتاي ئاياللىرى، يەنە بىر تەرەپتىن چىڭگىزخان ئىستېلاسىدىن كيېىن ئۇتتۇرا ئاسىيادىن خىتايغا كۆچۈرۈلۈپ كېلىنگەن مۇسۇلمانلار.

       مۇئەييەن بىر جەمئىيەتتە ئەگەر بىر شەيئى ئۆزىنىڭ ئىستىمال قىلىنىش ياكى ئىشلىتىلىنىش قىممىتىنى يوقاتسا، شۇ شەيئى مەزكۈر جەمئىيەتدىن تەبىىي ھالدا غايىپ بولىدۇ. بىر مىللەتنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ ئەھۋالىمۇ شۇنداق بولىدۇ. بىر مىللەت كىشلىرى ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا مىللىي مەدەنىيىتىگە خاس بولغان مىللىي ئەنئەنەلىرىنى داۋامشتۇرسا، مىللىي بۇيۇملارنى داۋاملىق ئىستىمال قىلسا ياكى ئىشلەتسە، بۇ مىللەتنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى شۇبھىسىز ھالدائەسىرلەر بۇيى داۋاملىشىدۇ.

       ئالتىنچى، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئۇيغۇر ئېلىپبە كىتابىنى تۈزۈش مەسلىىسى 

       ئۆتكەن ئەسىردە ئىبراھىم مۇتىھى ، مىرسۇلتان ئوسمانوۋ ، خەمىت تۆمۈر، ئامىنە غاپپار، ئابلىز ياقۇپ، غەنىزات غەيۇرانى، تۇردى ئەخمەت، نەسۇرۇللا يولبۇلدى ، ئابدۇرېشىت سابىت، ئەنسەردىن مۇسا، ئىمىن تۇرسۇن ۋە ئابدۇسالام توختى قاتارلىقلار بىر ئەۋلات ئۇيغۇر پىشقەدەم تىلشۇناسلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلى بۇيىچە ئەمەلىي تىل تەكشۇرۇش ۋە تەتقىقاتلىرىنىڭ نەتىجىسىدە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا مەشھۇر تۈركولوگ ۋە تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانوۋنىڭ باش مۇھەررىرلىكىدە مەخسۇس بىر گۇرۇپپا تەشكىللىنىپ،« ھازىر زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى » تۆزۈلدى. بۇ ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقىدا ئاجايپ بىر دەۋر بۆلگۈچ ئىش بولدى. شۇندىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئېلىپبە كىتابى قاتارلىق دەرسلىك كىتابلار بۇ « ئىملا لۇغىتى » دا بېكىتىلگەن پرىنسىلار بۇيىچە يېزىلىشقا باشلاندى. تىلشۇناس ئابدۇسالام توختى تۆزگەن « ئۇيغۇر ئېلىپبە » سى ب د ت نىڭ مائارىپ- مەدەنىيەت كومتېتىنىڭ ئالتون مىدالىغا ئېرىشتى. نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ھايات- ماماتلىق ۋەزىيەتتە تۇرغان بىر پەيىتدە،ھازىرچە ئىلگىرى تۈزۈلگەن « ئۇيغۇر ئېلىپبە » كىتابلىرىنى پايدىلىنىپ تۇرغىنىمىز تۈزۈك.

       يەتتىنچى،ئاتالغۇ قوبۇل قىلىش مەسلىسى

       چەت تىللاردىن سۆز- ئاتالغۇلارنى بولۇپمۇ پەن- تېخنىكا تېرمىنلىرىنى قوبۇل قىلىش ئۇيغۇر تىلىنىڭ لۇغەت فوندىنى ئۆزلۈكىسىز بېيتىشتا كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل تىل ھادىسىسى. لېكىن سۆز- ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلغاندا ئىلمىي يۈسۈندا قوبۇل قىلىش ئىنتايىن مۇھىم بىر ھالقا. ئۇنداق بولمىغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاساسىي ( ئادەتتىكى ) لۇغەت فوندى بوزغۇنچىلىقا ئۆچراپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاساسىي لۇغەت فوندى ئۆزىنىڭ مۇقىملىقىنى يوقىتىپ، ئەبجەش لۇغەت فوندىغا ئايلىنىپ قىلىش ئېھتىمالىقى توغۇلىدۇ. 

       ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەت تىللاردىن سۆز- ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن بىر قەدەر ئىلمىي بولغان پرىنسىپلار بەلگىلەنگەن. ھازىرچە شۇ بەلگىلەنگەن پرىنسىپلار بۇيىچە ئىش كۆرۈپ تۇرغىنىمىز تۈزۈك.

       چەت تىللاردىن سۆز- ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلىشتا، ئادەتتە ئاساسىي لۇغەت فوندىغا قارىغاندا، ئالاھىدە لۇغەت فوندىغا كۆپرەك سۆزلەر قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى تەرەققىي قىلىۋاتقان پەن- تېخنىكىمىزنىڭ ئېھتىياجىدىن بولىدۇ. چەت تىللاردىن پەن- تېخنىكا تېرمىنلىرىنى ئۆز ئەينەن قوبۇل قىلىش ئارقىلىق بۇ تېرمىنلار بىلدۈرگەن ئوقۇملارنى ئىنىق ۋە توغرا ئىپادىلەپ بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكىلى  بولىدۇ. 

       ئەندى، ئاساسىي لۇغەت فوندىغا چەت تىللاردىن سۆزلەرنى قوبۇل قىلغاندا ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ،چۈنكى ئاساسىي لۇغەت فوندىغا چەت تىللاردىن كۆپلەپ سۆزلەرنى قوبۇل قىلىشنىڭ جۇغلانمىسى ئاخرى كېلىپ، ئاساسىي لۇغەت فوندىنى ۋەيران قىلىدۇ.

       ئاساسىي لۇغەت فوندىدىكى سۆزلەر ئومۇمەن ئېيتقاندا بىر مىللەتنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىدىن چىقىدۇ. ئادەتتە چەت تىللاردىن سۆز قوبۇل قىلىش توغرا كەلگەن ئەھۋالدا بىر تەرەپتىن، سۆز بايلىقىمىزدىكى سۆزلەردىن پايدىلىنىپ، سۆز ياشاش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق يېڭى سۆزلەر ياسىلىپ،چەت تىلدىن قوبۇل قىلىنماقچى بولغان سۆز تەرجىمە قىلىنىپ قوبۇل قىلىنىدۇ. مەسىلەن، 冰箱 — مۇزلاتقۇ، 洗衣机 —  كىرئالغۇ ۋە 录像机—  سىنئالغۇ قاتارلىق سۆزلەر؛ يەنە بىر تەرەپتىن چەت تىلدىكى سۆز بېۋاستە قوبۇل قىلىنىدۇ. مەسىلەن : كارىۋات،  ماشىنا ۋە تراكتور قاتارلىق سۆزلەر.

       ھازىر چەت ئەللەردە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئۆز نۇتۇقلىرىدا « لىدېر» ۋە « كۈلتر» قاتارلىق چەت تىل سۆزلىرىنى ئىشلەتمەكتە. بۇ سۆزلەردىن « بىزنىڭ لىدېر »،« بىزنىڭ كولتر» دېگەن جۇملىلەرنى تۈزۈلسە،بۇ جۇمىلەرنىڭ « بىزنىڭ لىڭداۋ رىن »، « بىزنىڭ ۋىنخۋا» دېگەن جۇملىلار دىن نىمە پەرقى بار؟! شۇنداق سۆزلەنگەن نۇتۇقىنى ئىنگلىزچە ياكى خىتايچە بىلمەيدىغان ئۇيغۇرنىڭ تولۇق چۆشىنىشى مۇمكىنمۇ؟! ئۇيغۇر تىلدا « لىدېر » سۆزى ئۈچۈن بىر ئوبدان « رەھبەر » سۆزى،« كۈلتر» سۆزى ئۈچۈن  بىر ئوبدان  « مەدەنىيەت » سۆزى تۇرۇقلۇق، نىمە ئۈچۈن بۇ سۆزلەرنى ئشلەتمەيمىز؟! « لىدېر»، « كۈلتر» سۆزلەرنى ئىشلىتىشكە بىزنىڭ قانداق ئېھتىياجىمىز چۈشۈپ قالدى؟! بۇ سۆزلەرنى ئىشلەتمىسەك « مودا » نىڭ كەيىنىدە قالغان بولۇپ قالامدۇق؟!

       سەككىزىنچى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى يېزىش مەسىلىسى

      « تارىخىي ماتېرىياللار خىزمىتىدە راستچىل بولۇش ئەڭ مۇھىم مەسىلە. »،« راست بولۇش – پاكىتقا سادىق بولۇش دېگەنلىك.»، « ھەر قانداق تارىخى ماتېرىيالنى  ۋە ئەسلىمىنى يېزىش ۋە ئىلان قىلىشتا پاكىتقا سادىق بولۇش، پاكىتقا ھۆرمەت قىلىش پرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ پرىنسىپقا خىلاپلىق قىلغانلىق ماھىيەتتە  تارىخنى بۇرمىلىغانلىق بولىدۇ. پاكىتقا سادىق بولۇش، پاكىتقا ھۆرمەت قىلىشتىن، يەنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پرىنسىپىدىن چەتلەپ يېزىلغان ھەر قانداق تارىخنىڭ ياكى ئۇنىڭدىن چىقىرىلغان تارىخىي يەكۈننىڭ ھېچقانداق تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بولمايدۇ. ئۇ قاچانلا بولمىسۇن بىر كۈنى ھامان ئاغدۇرۇلۇپ كېتىدۇ. تارىخىي ماتېرىياللار خىزمىتىدە بۇ نۇقتىنى ھەرگىزمۇ ئەستىن چىقىرىپ قويماسلىق كېرەك. » ( سەيدۇللا سەيپۇللايوف : « مەن شاھىت بولغان ئىشلار »،2005- يىل نەشرى) . تارىخنى يازغاندا  مۇبالىغە قىلۋېتىشتىن ساقلىنىشىمىز لازىم.  

       تارىخنى يېزىشتىكى  مەقسەت  بىر تەرەپتىن  ئۆتكەن  ئىش- ۋەقەلەرنى خاتىرلەپ  قويۇش بولسا،  يەنە  بىر- 

تەرەپتىن ئۆتكەن تارىخىي ئىش- ۋەقەلەردىن ئىلمىي خۇلاسىلەرنى چىقىرىپ، بۈگۈنكى كۈندە قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىز ئۈچۈن توغرا بولغان ئىستراتېگىيىلىك پىلانلارنى تۈزۈشتە پايدىلىنىش. 

       نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى يېزىش ئىشلىرى ئۇيغۇرلارنى ھازىر ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان مىللەت سۆپىتىدە يوقىلىشىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قىلىشتىن ئىبارەت باش نىشانغا مەركەزلىشى لازىم.

                                                                                                                                 2019- يىل 22- ئاپرېل             

Share
4925 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.