logo

trugen jacn

ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ «ئايروپىلان قازاسى سىرى» نىڭ 70-يىللىقى

ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن ئابدۇكېرىم ئابباسوف سۆھبەتتە. 19947-يىلى، نەنجىڭ.


1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ سىياسىي-ھەربىي رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى، مىللىي ئارمىيە باش قوماندانى گېنېرال لېيتىنانت ئىسھاقبېك مۇنونوف، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى ۋە مىللىي ئارمىيە سىياسىي بۆلۈم باشلىقى، پودپولكوۋنىك ئابدۇكېرىم ئابباسوف، مىللىي ئارمىيە مۇئاۋىن باش قوماندانى گېنېرال مايور دەلىلقان سۇگۇربايېف قاتارلىقلار ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە سەپەرگە ئاتلانغانلارنىڭ ئۆلۈمىگە بۇ يىل 27-ئاۋغۇست كۈنى 70 يىل توشتى. بۇ چېسلا ئەلۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەسمىيلەشتۈرۈلگەن ئۇلارنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان مەملىكەتلىك تۇنجى نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىش سەپىرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بايقال كۆلى ئەتراپىدا ئايروپىلان قازاسىغا ئۇچرىدى دەپ بېكىتىلگەن 1949-يىلى، 27-ئاۋغۇست كۈنىدۇر. ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب رەھبەرلىرىنىڭ ئۆلۈمىگە 70 يىل توشقان بۇ كۈنلەردە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ 1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە داغدۇغىلىق مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ھەم ئۇنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرىنى ئەسلىمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئۆلۈمىگە بولغان گۇمانلىق قىياسلار، ئايروپىلان قازاسىغا بولغان تۈرلۈك پەرەزلەر يەنىلا خۇددى بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا داۋاملاشماقتا.

ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب رەھبەرلىرىنىڭ ئايروپىلان قازاسى راستىنىلا يۈزبەردىمۇ؟ بۇ تاسادىپىي يۈزبەرگەن ھادىسىمۇ ياكى ئۇنىڭ باشقا ئارقا كۆرۈنۈشى بارمۇ دېگەندەك سوئاللار داۋاملىق قويۇلۇپ كېلىنىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر «سىرلىق ئايروپىلان ۋەقەسى» ھەتتا رۇسىيەدىكى 20-ئەسىر ئۇيغۇر دىيارى تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان ۋە بۇ مەسىلىگە قىزىقىدىغان تارىخچىلار ۋە ژۇرنالىستلارنىڭمۇ قىزىقىشىنى قوزغاپ كەلگەنىدى. ئاشۇ ئايروپىلان ۋەقەسى يۈز بەرگەن رۇسىيەنىڭ بايقال كۆلى بويىدىكى بۇرياتىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇلان-ئۇدې شەھىرىدە تۇرۇشلۇق پېنسىيەگە چىققان ژۇرنالىست، «بايقالنىڭ سىرى» گېزىتىنىڭ سابىق تەھرىرى بوتاجاپ رادنايېف كۆپ يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تارىخى ۋە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ تراگېدىيەسى ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقانلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئىككى قېتىم ئاشۇ ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن تاغقا مەخسۇس تەكشۈرۈشكە بارغان ۋە ئۆزىنىڭ شۇ ئېنىقلاشلىرى ھەققىدە مەخسۇس ماقالىلەر ئېلان قىلغانىدى.

«مەن 2013-يىلى ۋە 2015-يىلى، ئاشۇ ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن جايغا باردىم» دەيدۇ بوتاجاپ رادنايېف، ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇ 2013-يىلى بىر گۇرۇپپا بۇرىيات ياشلىرىدىن مەخسۇس قىدىرىپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار ئولتۇرغان ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن بايقال كۆلى بويىدىكى قابان تېغىنىڭ خامار-دابان دېگەن يېرىگە بارغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ قويۇق ئوت-چۆپلەر ئارىسىدىن يەنىلا ئاشۇ ئايروپىلان قانىتىنىڭ بىر پارچىسىنى تاپقان، ھەتتا ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا ئايروپىلان چۈشۈپ، ئۇنىڭ مايلىرى ئېقىپ كۆيگەن چوڭ بىر جايدا ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۆسۈملۈك ئۆسمىگەنلىكىنى سەزگەن.

بوتاجاپ رادنايېفنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر قابان تېغىدىكى خامار-دابان دېگەن جايغا 1949-يىلى، 8-ئايدا بىر ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى شۇ جايدىكى ئاھالىلەر ئۇزۇندىن بۇيان بىلىدىغان ئىش ئىدى. لېكىن يەرلىك ئاھالىلەر بۇنى بىلسىمۇ، ئەمما بۇ ئايروپىلاندا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرى بولغانلىقىنى بىلمەيتتى. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «لېكىن يەرلىك ئاھالىلەر، ئاشۇ تاغدا بىر ئايروپىلان ياتىدۇ، قانداقتۇر بىر خىتاي ئايروپىلانى دەپ بىلەتتى. 2013-يىلى، بىز بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلدۇق، بۇنىڭدا بىز بۇ ئۇيغۇر ئايروپىلانى دەپ يازدۇق، يەنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى رەھبەرلىرى ئولتۇرغان دەپ. ئۇلار ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ سوۋېتلىك ئىكەنلىكىنى بىلەتتى، شۇ ۋاقىتتا 17 ياشلاردا بولغان بىر موڭغۇل ئايروپىلاندىن رۇسلار ۋە خىتايلارنى ئېلىپ چۈشتى دېدى» دەپ بايان قىلدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئايروپىلاندىن ئېلىپ چىقىلغانلارنىڭ رۇسلار ۋە خىتايلار دېگىنى ئەمەلىيەتتىكى ئايروپىلاندىكى بەش رۇس ئۇچقۇچى ۋە ئايروپىلان خادىمى، خىتايلار دېگىنى ئاشۇ ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى كىشىلەردۇر، چۈنكى ئۇلار ئۇيغۇرلارنى بىلمەيتتى. رادنايېف ماقالە ئېلان قىلغاندىن كېيىن مەزكۇر سىرلىق ئايروپىلان قازاسى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى رەھبەرلىرىنىڭ تەقدىرىگە ئائىت ماقالىلەر ۋە بىردىنلا بۇ ۋەقەگە قىزىقىدىغانلار كۆپەيگەن.

بوتاجاپ رادنايېف 2015-يىلى، رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە گۇرۇپپىسىنى باشلاپ، شۇ ۋەقە بولغان تاغقا ئىككىنچى قېتىم چىققان بولسىمۇ، ئەمما تۇمان قاپلاپ كېتىپ، ئاخىرغىچە بارالمىغان. لېكىن ئۇلارنى باشلاپ ماڭغان يول باشلىغۇچى، ئولېگ گىشكا 1980-يىللاردا بۇ جايغا چىقىپ، ئاشۇ ئايروپىلاننىڭ قالدۇق رادىئو ئاپپاراتىنى تاپقان ۋە سۈرەتكە چۈشكەن. ئۇلار ئېنىقلىغاندا مەزكۇر تېپىلغان رادىئو ئاپپاراتىدىكى نومۇر بىلەن ئاشۇ ھادىسىگە ئۇچرىغان ئايروپىلاننىڭ نومۇرى ئوخشاش چىققانلىقى ئۈچۈن بۇ رادىئو ئاپپاراتى ئاشۇ ئايروپىلاننىڭ قالدۇقى دەپ بېكىتىلگەن. ئولېگ گىشكا ئىسىملىك كىشى ئاشۇ رادىئو ئاپپاراتىنىڭ پالتا بىلەن ئۇرۇپ پارچىلانغان بىر پارچىسىنى ئۇنىڭغا خاتىرە قىلىپ بەرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى رەسمىي تۈردە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ 1949-يىلى، 27-ئاۋغۇست كۈنى بايقال كۆلى بويىدىكى ئىركۇتسكىي ئەتراپىدا قازاغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە ۋەقە بولغان ئېنىق بىر جاينى كۆرسەتمىگەن. ئەنقەرەدىكى ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ دوتسېنتى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بولسا ئەنە شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ ئىزچىل بۇ ۋەقەگە ئىشەنمەسلىك مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. بۇنىڭ سەۋەبى خىتاي تەرەپنىڭ خەلققە ۋەقە ھەققىدە قايىل قىلارلىق ۋە ئىشەنچلىك، پاكىت ۋە ماتېرىياللارنى كۆرسەتمىگەنلىكى، ئەكسىچە ئۆلگۈچىلەرنىڭ بەزى بۇيۇملىرى، مەسىلەن سائەت، رەسىم، كىيىم-كېچەك قاتارلىقلىرىنىڭ كۆيمەي، ساق بولۇشى ۋە باشقىلاردۇر.

ۋەھالەنكى، رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار ئولتۇردى، دەپ قارالغان ئايروپىلاننىڭ «ئىل-12» تىپلىق يېڭىدىن ياسالغان ئايروپىلان ئىكەنلىكى، بۇنىڭ 1949-يىلى، 25-ئاۋغۇست كۈنى رۇسىيەنىڭ بۇرىياتىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى قابان تېغىدىكى خامار-دابان دېگەن يەرگە چۈشۈپ كەتكەنلىكى شۇنىڭدەك بۇ ۋەقەنى كۆرگەنلەرنىڭ گۇۋاھلىقلىرىغا ئائىت ماقالىلەر تارقالدى. رۇسىيەنىڭ بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدىمۇ ۋەقەنىڭ 25-ئاۋغۇست كۈنى يۈز بەرگەنلىكى ۋە قانداق يۈزبەرگەنلىكى بايان قىلىندى.

2013-يىلى، رۇسىيەدە ئېلان قىلىنغان «قابان تېغىنىڭ سىرى» دېگەن ماۋزۇدا لېئونىد ئاكتىنوف، ۋلادىمىر بۇيىخايېف، بوتاجاپ رادنايېف قاتارلىق ئۈچ ئاپتور تەرىپىدىن يېزىلغان ماقالىدە ھەمدە بوتاجاپ رادنايېفنىڭ 2016-يىلى ئېلان قىلغان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرىنىڭ ئۆلۈم سىرى» ماۋزۇلۇق ماقالىلەردە بۇ جەريانلار تەپسىلىي خاتىرىلىنىدۇ. بۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، پاكىتلار خىتايدىكى ماتېرىياللاردا قەيت قىلىنغاندەك بولماستىن، بەلكى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار ئولتۇردى، دەپ قارالغان شۇنداق بىر ئايروپىلاننىڭ 1949-يىلى، 24-ئاۋغۇست كۈنى ئالمۇتادىن ئۇچۇپ كراسنويارسكىي شەھىرىگە قونۇپ، ئەتىسى، يەنى 25-ئاۋغۇست كۈنى ئەتىگەندە چىتا شەھىرىگە قاراپ ئۇچۇپ، شۇ كۈنى بۇرىياتىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى قابان تېغىدا، ھازىرقى قابانسك شەھىرىدىن 31 كىلومېتىر نېرىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكى، ئايروپىلاندا قازاغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرى بولۇشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

مەزكۇر ئايروپىلان ۋەقەسىدىن پەقەتلا ئۇيغۇرلارلا گۇمان قىلغان ئەمەس، بەلكى بۇ ۋەقەگە قىزىققان ھەم تەكشۈرگەن رۇسىيەلىكلەردىمۇ گۇمانلىق سوئاللار تۇغۇلغان. بوتاجاپ رادنايېف ئەنە شۇلارنىڭ بىرى. ئۇنداقتا راستىنىلا ئايروپىلان ھادىسىسى يۈز بەرگەن دېيىلسە، بۇ تاسادىپىي يۈز بەرگەن ھادىسىمۇ ياكى بۇ پىلانلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىلغانمۇ؟ بوتاجاپ رادنايېف، ئايروپىلان ھادىسىسىگە ئائىت كۆپ مەسىلىلەر ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى سىياسىي شارائىت قاتارلىقلارنى تەھلىل قىلىدۇ. بوتاجاپ رادنائېف «مېنىڭچە بۇنىڭدا بىر ۋەيران قىلىش بار دەپ ئويلايمەن، مېنىڭ قارىشىمچە، بۇ كۆپىنچە ۋەيران قىلىش ھەرىكىتىگە ئوخشايدۇ، بىراق بۇ ھەقتە ئېنىق ھۆججەت يوق» دەيدۇ.

ئۇ، ئۆزىنىڭ مۇنداق گۇمانغا كېلىشىدىكى ئامىللارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ۋەقە بولغان تاغنىڭ ئېگىز ئەمەس، ئادەتتىكىدەك ئورمانلىق تاغ ئىكەنلىكى ۋە ئايروپىلاننىڭ بەكلا تۆۋەنلەپ ئۇچقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ: ئۇ: «مەن سوۋېت مەخسۇس ئورگىنىڭ ۋەيران قىلىشىمىكىن دەپ ئويلايمەن، ھادىسىگە ئائىت ئانالىزدا دېيىلىشىچە، ئايروپىلان 1200 مېتىر ئېگىزلىكتە ئۇچقان، ئەسلىدە 2200 مېتىرلاردا ئۇچۇشى كېرەك ئىدى. قابان تېغىنىڭ ئېگىزدىكى 1400 مېتىر ئەتراپىدا، ئايروپىلان ئۇچقان يەردىن ئېگىز، يەنە كېلىپ ئايروپىلان ناچار ھاۋادا، تۇماندا ئۇچقان، بۇنداق ئەھۋالدا ۋە بۇنداق ئېگىزلىكتە تاغقا ئۇرۇلۇشى مۇمكىن ئىدى، قاراڭ، بارلىق شاھىتلارنىڭ دېيىشىچە، ھەربىيلەر شۇ يەردە قېپ قالغان ھەممە نەرسىنى توپلاپ كۆيدۈرۈۋەتكەن. ئەسلىھەلەر ۋە ھەممىنى يوقىتىۋەتكەن، باشقا ھېچكىمنى ئۇ يەرگە بارغۇزمىغان» دەيدۇ.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ تاغ ئادەتتىكى ئېگىزلىكتە بولۇپ، ئايروپىلان سوقۇلۇپ كېتىدىغان ھالدا ئەمەس. ئۇ يەرگە ھەر قانداق ئادەم بارالايدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۇ تاغنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 1300مېتىرلاردىن ئېگىز، يەنە يىراقتا تېخىمۇ ئېگىز تاغ بار، يەنى 3000 مېتىرلاردا، ساپ تاشلىق تاغلار، ۋەقە بولغان تاغدا تاشلىقلارمۇ يوق، پەس، ئورمانلىق، يەنى بىر تايگىدۇر. مەن نېمىگە ھەيران قالدىم ۋە قىزىقىپ قالدىم دېسىڭىز، ئۇ جايغا چىققىلى بولمايدۇ دېيىشكەنىدى. ئەمما ئۇنداق ئەمەس، چىققىلى بولىدۇ، ئەلۋەتتە، يىراقتا ئېگىز تاغلار بار، ئۇ يەرگە پەقەت تاغقا چىقىش تەنھەرىكەتچىلىرى چىقالايدۇ، ئەمما بۇ يەرگە ھەتتا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بارالايدۇ، يەنى يۇقىرى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى چىقالايدۇ.».

رادنايېفنىڭ ئېيتىشىچە شۇنىڭدەك ئۆز ماقالىسىدە شاھىتلارنىڭ ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق بايان قىلىشىچە، بۇ تاغدا ئېيىق ۋە باشقا يىرتقۇچ ھايۋانلار بار. لېكىن، ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى بىر ھەپتىلەردىن كېيىن ئېلىپ چۈشۈلگەن. ئالدى بىلەن ئىككى ئوۋچى ئايروپىلان چۈشكەن يەرگە بارغان بولۇپ، ئۇلار بىر قىسىم ئالتۇن پۇللارنى ئالغان، ئۇلار جەسەتلەر، سائەت، گىلەم ۋە باشقا بۇيۇملارنى كۆرگەن. ئۇلار ئارقىدىن ۋەقەنى يەرلىك ھەربىيلەرگە مەلۇم قىلغاندىن كېيىن ھەربىيلەر تېزدىن تاغنى قامال قىلىپ، ھېچكىمنى بارغۇزمىغان، جەسەتلەرنى خۇرۇم تاغارلارغا قاچىلاپ، ئېلىپ چۈشۈپ، ئاپتوموبىل بىلەن ئۇلا-ئۇدېگە ئېلىپ كەتكەن. بۇ جاينى موسكۋادىن بىۋاسىتە كەلگەن ھەربىي باشلىقلار قاتتىق كونتروللۇق ۋە مەخپىيەتلىك ئاستىغا ئالغان.

ئامېرىكادىكى ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزى ستالىننىڭ 1949-يىلى، 2-سېنتەبىر كۈنى ماۋ زېدوڭغا ئەۋەتكەن «شىنجاڭ دېموكراتىك ھەرىكەت ۋەكىللىرى» ئۆمىكىنىڭ ئىركۇتسكىي ئەتراپىدا ئايروپىلان ھادىسىسىگە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىكى تېلېگراممىسىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭدا دەل ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار كۆزدە تۇتۇلغانىدى. ئەمما ستالىننىڭ تېلېگراممىسىدىمۇ بەزى مۈجمەللىك بارلىقى مەلۇم.

لېكىن، مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب قاتناشقۇچىلىرى، جۈملىدىن مەرھۇم ئاسىم باقى، ھاشىر ۋاھىدىي، سابىت ئابدۇراخمان قاتارلىق مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابقا قاتناشقان سابىق مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرلىرى ئۆزلىرىنىڭ 1990-يىللاردا ئالمۇتادا ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىدە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1942-1949-يىللىرى غۇلجىدا دوختۇر سالاھىيىتىدە پائالىيەت قىلغان مۇھىم بىخەتەرلىك ئەربابى، كېيىن بىشكەكتە ياشاپ ۋاپات بولغان ھاكىم جاپپارنىڭ ئاشكارىلىشى نامىدا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ موسكۋادا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىشكەنىدى.

مانا ھازىر 1949-يىلى 8-ئايدا يۈزبەرگەن بۇ ۋەقەگە 70 يىل توشسىمۇ، ئەمما ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئۆلۈمىنى سۇيىقەست دەپ قارىغۇچىلارنىڭ پەرەزلىرى ۋە قاراشلىرىنى ئىسپاتلايدىغان ياكى رەت قىلىدىغان ھەم ۋەقەنىڭ ئەمەلىي جەريانىغا ئائىت ئىشەنچلىك بىر تەكشۈرۈش دوكلاتى ۋە ياكى مۇناسىۋەتلىك مەخپىي ھۆججەت سوۋېت ئارخىپلىرىدىن تېخىچە ئاشكارىلىنىپ ئېلان قىلىنمىدى. مۇنداق ئەھۋالدا بۇ ۋەقە بىر سىرلىق تۈگۈن سۈپىتىدە ئۇنىڭ ھەققىدىكى تۈرلۈك گۇمانلار ۋە قىياسلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ، خېلى ئۇزۇنلارغىچە ئىزچىل داۋاملىشىشى تەبىئىي.

https://www.rfa.org/uyghur/tarix-bugun/tarix-bugun-08292019163843.html

Share
2032 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.