logo

trugen jacn

ئۈن – تىنسىز خىزمەت ۋە ئېتىراپ

مەلۇم بىر شەخسى مىھماندارچىلىققا قاتنىشىپ قالدىم، يىغىلغانلار ئەر-ئايال بۇلۇپ ئون نەچچە كىشى ئىدى،يىغىلىشقا شەھىرىمىزدە ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرگە قىزغىن ئاۋاز قۇشۇپ كىلۋاتقان بىر جۈپ پىدايىلارمۇ كەلگەن ئىكەن ، مىھمانلار تارقاشتىن ئاۋال ئۇلار سومكىسىدىن بىر نەچچە ۋاراق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ئىئانە بەرگەنلەر ئۇچۇن تەييارلانغان ئىسچوتلارنى ئېلىپ بىر نەچچە ئادەملەرگە تارقاتتى ، بۇلار ئالدىنقى نۆۋەتلىك سودقا بىرىلگەن ئىئانىنىڭ ئىسچوتلىرى ئىكەن. بىزنىڭ ئائىلىمىزمۇ ئازراق پېنسىيە پۇلى بىلەن كۇن ئۆتكۇزۇۋاتقىنىمىز ئۇچۇن ھەر قېتىمدا كۆپ بولغاندا پەقەت 500 دۇللار ئىئانە قىلۋاتقان ئىدۇق ، ئۆز-ئارا ئىزدىشىپ ئۆتۇدىغانلار ئارسىدىمۇ ئىئانە قىلشۋاتقانلىق توغرىسىدا گەپ بولمايتتى ،مەنمۇ ئەزەلدىن ئىسچوت تەلەپ قىلمايتتىم ، تەشكىلاتچىلار مەلۇم پۇرسەتلەردە قۇلۇمغا يەتكۇزۇپ بېېرەتتى ،بۇگۇن ئىسچوتلار ئىگىلىرگە يەتكۇزۇلۇش جەريانىدا بىر نەچچىسىگە كۇزۇم چۇشۇپ قالدى، ئاساسەن 500 دوللار ئىكەن ، بىرسدە 2000 دوللار دەپ تۇرۇدۇ ، خاتا كۆرمىگەندىمەن دەپ سىنچىلاپ قارىدىم خاتالىق يوق.
مۇھاجىرەتتە ئىشلەپ ياخشى پۇل تېپىۋاتقانلار نۇرغۇن ئىدى ،لىكىن بۇ ئىئانىنى بەرگەنلەرنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى بىزگە ئوخشاش بۇلۇپ تۇرمۇشتا ناھايىتى ئىقتىساتجان، تىرشچان تەرتىپلىك ئىدى . ئادەم دىگەن ھەقىقەتەن سىرلىق بولۇدىكەنمىز، مەن بۇلارنى باشقىدىن تۇنۇغاندەك بولدۇم. ئىشەنچ ۋە ئىدىيە بىرلىكى ئىنساننى ئۈن -تۇنسىزمۇ بىرلەشتۇرەلەيدىكەن .تەشكىلات ۋە شەخىسلەرنىڭ ئوبرازىمۇ ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىكەن . ھازىرقىدەك دوس -دۇشمەن ئېنىق ئايرىلىۋاتقان، ئۇيغۇر قۇرۇلتاينى كۆزدىن يۇقۇتۇشقا ئالدىراۋاتقان كۇنلەردىمۇ ھېچبىر داۋراڭ سالماي نامايىش دىسە نامايىشقا چىقىپ، ئىئانە توپلاپ بۇنى ئۆيغۇرلۇق بۇرجۇم دەپ تۇنۇيدىغانلار يەنىلا خېلى سالماقنى ئىگەنلەيدىكەن. ئەگەر يىللاردىن بۇيان خەلقىمىز ئىچىگە رەزىل كۈچلەر تەرىپىدىن ئىتتىپاقسىزلىق، بۆلگۇنچىلىك ئۇرۇقلىرى چېچىلمىغان بولسا .خەلىق روھىنى سىندۇرۇشىقا ، سىياسىدىن بىزار قىلشقا بۇنچىۋالا تىرىشچانلىق كۆرسۇتۇلۇپ ،ئۇيغۇر جامائىتىگە ئېغىر روھى زىيانلار سېلىنمىغان بولسا،ئىئانە بېرىدىغانلار كۆپۇيۇپ تەشكىلاتلىرمىزنىمۇ باشقىلارنىڭ قۇلىغا قاراتمىغان بولار ئىدۇق ، خىتاي پەرەسلەرنىڭ خورىكى بۇگۇنكىدەك يوغۇناپ كەتمىگەن بولار ئىدى ، ئۈزىنى دەۋادىن چەتكە ئالىدىغانلار بۇگۇنكىدەك كۆپ بولماسلىقى مۇمكىن ئىدى ، خەلقىمىزدە پىكىر بىرلىكى، ئۆز -ئارا ئىشەنىچ تۇرغۇزۇلۇپ دىققىتىمىز بىر دۇشمەنگە قارىتىلغان بولاتتى .
ھازىرقى ۋەزيتىمىزدە ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ئۇچۇق ۋە يۇشۇرۇن ئۇچمەنلىك بىلەن ئاشكارە مەيدانغا چۇشۇپ ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قارشى سەپ تۇزەشكە ئالدىراۋاتقانلار ، شەخسى مەنپەئەتىدىن كېچەلمەي خىتاينى رەنجىتىشنى خالىمايدىغانلار، ۋە ئاشكارا ياكى يۇشۇرۇن ھالدا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى قوللاۋاتقان دۇنياۋى جامائەت توپلىرى شەكىللەندى . ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قانداق بەدناملار چاپلىنىشىدىن قەتئى نەزەر مەيلى بىر دۇشمەنگە دۇچ كەلسۇن ياكى دۇشمەن ئىككى بولسۇن مۇھاجىرەتتە مۇستەقىللىق يۇلىدا ئىديەسى ئەڭ مۇقىم ، ئەڭ ئىلغار تەشكىلات يەنىلا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدۇر . نۇرغۇن ئىشلاردا بىر مەزگىل بوران ياكى قۇيۇن چىقارماق قىيىن ئەمەس ، لىكىن ئۇزۇن يىل ھەر قەدەمنى پۇختا ئېلىپ تەجىربىلىك تەشكىلات بۇلۇپ يىتىشىپ چىقماق ئوڭاي ئەمەس.ئازغۇن ئىدىيەلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئارسالدى بۇلۇپ قالغان ياشلىرمىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تور بىكەتلىرگە كىرىپ قەيەردە بىر تاتۇغى بار قەيەردە بىر يارىسى باركىن دىمەي ئىشلىگەن خىزمەتلىرىگىمۇ قاراپ بېقىڭلار، چۇشۇنۇپ بېقىڭلار . مۇھاجىرەتتە خىتاينى بىئارام قىلۋاتقان ئىشلار قايسى تەشكىلاتنىڭ كۇچى بىلەن بۇلىۋاتىدۇ .ئەگەر مۇشۇ يىللاردا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولمىغان بولسا مۇھاجىرەتتە ۋەزخانلىقتىن باشقا ھېچبىر ئەمىلى ئىش بولمىغان بولاتتى. ئېغىرراق بولغاندا مۇناپىقلىق يىنىگىرەك بولغاندا ھەددىدىن تاشقىرى ھەسەتخورلۇق، بەدنىيەتلىكتىن پۇتۇن دۇنيا دىققەت قىلۋاتقان ، خىتاينى ئالاقزادە قىلۋاتقان ئۇيغۇر سودىمۇ قارلاندى ، بارلىقىنى ئۇيغۇر دەۋاسىغا بېغىشلىغان لاگىر شاھىدلىرغىمۇ كۇڭۇل بۇلۇش، قوللاش توغرۇلۇق بىر ئېغىز گىپى يوق ھەتتا ھاقارەتلەندى ، قېنى بۇلاردىكى ۋىجدان .بۇلار زادى نىمىنى دەۋا دەۋاتىدۇ ئىرقى قىرغىنچىلىقنى توختۇتۇش، لاگىرلارنى تاقاش ، دىنى ئەركىنلىكىمىزنى قوغداش، مەدىنىيەتىمىزنى قوغداش كىشلىك ھۈقۈقىمىزنى قوغداش قۇللۇق ئەمكەكنى بىكار قىلىش دىگەن تەلەپلىرمىز خەلىقئارادا مۇستەقىللىق كۆرىشىمىزنى كۆتۇرۇپ تۇرغان تۇرۇكلەر ئىدى ، ئېزىتقۇ نەزەرىيەلەر ئارقىلىق بۇ تەلەپلىرمىز مۇستەقىللىق بىلەن قارمۇ قارشى قىلىپ قۇيۇلدى . ھەر قانداق كۆركەم دەرەخمۇ يىلتىزلىرى ئارقىلىق تۇپراق بىلەن باغلىنىپ تۇرۇدۇ ، يىلتىزسىز دەرەخ قۇرۇيدۇ ، شامالدا ئۇرۇلۇدۇ .
7-نۇۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيغا ئاتاپ پىلانلانغان تەتۇر قۇيۇندا ئىندىجىنىس دىگەن گەپنى ھەر كىم ئۆز خائىشى بۇيىچە مىجىغلاپ ئويناۋاتىدۇ ،بۇنىڭدا ھەر كىمنىڭ ئۆز خىيالى بار ،بەزىلەر پۇرسەت كەلدى دەپ كۈچەۋاتسا ، بەزىلەر مۇشۇ بانا بىلەن ئۆز توپلىرىنى كۈچەيتىپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ئالدىغا تىزلاندۇرماقچى بۇلۇۋاتىدۇ . ئايرىم پۇرسەتپەرەسلەرنىڭ ئىندىجىنىس ئاتالغۇسىغا تەدبىقلىغان مىساللىرنى ئاڭلاپ مۇشۇنىمۇ گەپ دەپ قىلۋاتامسەن دىگىمىز كىلىدۇ . بىزنىڭ خېلى ھۆرمەتلىك مەسىلىنى ئىنچىكە ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلىدۇ دىگەن بەزى ۋەتەنپەرۋەر ئۇلىمالىرمىزمۇ مەن ئىندىجىنىس دىگەننى چۇشەنمەيمەن دەپ تۇرۇپ قۇرۇلتايدىكىلەرنىڭ قېنىنى ئىچىمەن دەپ ۋىدىيۇدا يىغلاپ يۇرۇيدۇ ، مۇشۇلاردىنلا بۇ قېتىمقى قۇيۇننىڭ تەسىرىنى كۇرۇۋالغىلى بولۇدۇ. ىندىجىنىس ئاتالغۇسىنىڭ مەنىسىنى تەرەپسىز ھالدا شەرھىيلىگەنلەرگە، بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش تەكلىۋىنى بەرگەنلەرنى چەتكە قاقمىدۇق ،
ئۇيغۇر قۇرۇلتاينىڭ قوللۇغۇچىلىرنى مەيلى چاپانچى دەڭلەر ياكى باشقا نەرسە دەڭلەر قۇرۇلتاينىڭ خەلىقئارادىكى ۋە خەلقىمىز ئىچىدىكى تەسىرى، ئىناۋىتى كۇچلۇنۇۋاتىدۇ .سىلەرنى بىئارام قىلغان 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى بۇنىڭ ئىسپاتىدۇر . تىلىڭلاردىن زەھەر قاينىتىپ تىللاۋاتقان بۇ توپنىڭ يىللاردىن بۇيان يانچۇقىنىڭ تىرەن يەرلىرنى كولاپ پۇل چىقىرىپ ، مۇھىم ئىشلىرنى تاشلاپ ۋاقىت چىقىرىپ ، خىتايدىكى ئۇرۇق تۇققانلىرنى دوغا تىكىپ، مەنپەئەتلىردىن كىچىپ قۇرۇلتاينىڭ كەينىدىن مېڭىۋاتقانلار ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماڭلار .بۇلار ئاز ئادەم ئەمەس ، بۇ توپنىڭ ئىچىدە سىلەرنى پېتەك قىلمايدىغان ئىنسانلار بار . خەلىقئارادىمۇ ھازىر ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى دەۋاسىدا ئۇيغۇر ئىشلىرغا كۇڭۇل بۈلىۋاتقانلار يالغۇز خىتايغىلا كۆز تىكىگلىك ئەمەس بەلكى خىتايدىن بەكرەك بىز ئۇلارنى قىزىقتۇرىمىز ، سادىر بۇلۇۋاتقان سىياسى ئۇيۇنلار، ئەخلاقسىزلىقلار، ئىتتىپاقسىزلىق ، مۇناپىقلارچە ھۇجۇم قىلىشلار دىنى ئاشقۇنلۇقلار ئۇلارنىڭ نەزىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ ، بۇ ئىللەتلەر خەلقىمىزنىڭ كۆڭلىنى سۇۋۇتۇپ بولدى ، بىزنى قوللاۋاتقانلارنىڭمۇ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ ، ھەتتا بىزدىن ئۇمىتسىزلىنىدۇ ، قىلنىۋاتقان بۇ دۇشمەنلىكلەر بەزى دۆلەتلەردە ئۇستەل ئۇستىگە چىقىپ بولغان بەزى قانۇنلارنى ، ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىگە ئائىت قانۇنلارنى ئارقىغا سۇرۇۋىتىشى مۇمكىن ، تەتۇر قۇيۇنلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچۇن مۇھىم بۇلغان ۋاقىتلارغا توغرۇلۇنۇشى ھەرگىز ئۇدۇل كىلىپ قىلىش ياكى تەسەدىپلىق ئەمەس .ئۇلار ئۆزلىرنىڭ نىمە قىلۋاتقىنىنى ئوبدان بىلىدۇ . بۇلارنىڭ تۆھپىسى بىلەن مۇھاجىرەتتە خىتايلار ئارزۇ قىلغاندىنمۇ ئارتۇق ئىشلار يۈز بىرۋاتىدۇ .
ئۇمەر قانات ئەپەندىنىڭ ئىستىقلال تىلۋىزىيەسىدە ئېتشچە: 2019-يىلى«ئامىرىكا كىشلىك ھۈقۈق سسىياسىتى قانۇنى »ماقۇللۇنۇش ئالدىدىمۇ، ئۆزلىرنى ھەقىقى مۇستەقىلچىلەرنىڭ ۋەكىللىرى دەپ تۇنۇشتۇرغانلار پارلامىنت ئەزالىرغا تېلفون قىلىپ بۇنداق قانۇنلارنى ئىتراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېيىتقان ئىكەن . دىمەك ئىش تېخى ئالدىمىزدا. ئىندىجىنىس ئىمزا توپلاشتا بۇلار قانائەتلەنگىدەك دەرىجىگە يەتكەندە ئاق كۆڭۈل خەلقىمىز بۇلارنىڭ ئۆزلىردىن نىمە مەقسەتتە قانداق پايدىلانغانلىقىنى چۇشۇنۇپ چوڭقۇر ئەپسۇس ئىچىدە ؛قالىدۇ . بۇ چۇقۇم ئىسپاتلىنىدۇ .
قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى بۇلۇپمۇ ئاساسى قاتلامدىكى تەشكىلاتچى ياشلار ئازراق سىناققا دۇچ كەلدى سىياسى كۆرەش دىگەن مۇشۇنىداق بولۇدۇ ، بىز سايلىغۇچىلار بۇلۇش سالاھىتىمىز بىلەن بۇ تەشكىلاتچىلارنىڭ قۇرۇلتاي روھىنى ئەمىلەشتۇرۇشىنى سىياسى سەزگۇرلىكنى ئاشۇرۇپ قۇرۇلتاي بىكىتكەن پىرىنسىپلاردا چىڭ تۇرۇشىنى ئۇمىت قىلىمىز.قۇرۇلتاي دوكلاتىدا تەلەپ قىلىنغان سىياسى تەربىيەلىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك دىگەن تەلەپنىڭ مۇھىملىكى دەل مۇشۇ يەردە. ھەر قانداق چىگىش مەسلىنىڭمۇ بىر جاۋابى بولۇدۇ. ھەل قىلىش جەريانى بولۇدۇ . مەلۇم بىر ئىشتا بىرسى قۇپۇپلام ئاغزىغا كەلگەنچە تىللاپ جاۋاپ بەر دىسلا ئالدىغا چۇشۇپ يۇگۇرەيدىغان ئىش يوق،قۇرۇلتاينىڭ كۇنى بۇنىڭ بىلەنلا ئۆتسە بولمايدۇ ، ھەر ئىشتا تەشكىلى تەرتىپلەر بولۇدۇ ،خاتالىق بولسا خەلىقتىن كىچىرىم سورىلىدۇ، ھىچكىم دۇشمىنىدىن كىچىرىم سورىمايدۇ .
تارىختا نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئۆز مىللىتىگە قارشى سەپتە تۇرۇپ جەڭ قىلغان مۇناپىق قۇشۇنلار بولغان ، شەرقى تۇركىستاندىمۇ بولغان،بىزدە دوست دۇشمەن كۆز قارشى تىكلىنىششى لازىم ، بىز قۇرۇلتاي خىزمەتلىرىگە پىكىر بەرگەن لەرنى ئۈزىمىزگە دۇشمەن تۇتماسلىقىمىز لازىم aa ، دۇشمەن پەقەت قۇرۇلتاينى ئۆزلىرگە دۇشمەن تۇتقانلار بىلەن چەكلىنىشى لازىم . بىز يۇمشاق كۇڭۇللۇكنى ، ئارسالدىچىلىقنى تاشلاپ دۇشمەننى ، قوقماي دۇشمەن دىيەلىشىمىز لازىم. ئۇيغۇرلاردا خىتايغا قارشى ئىممۇنىت كۇچى بار، خىتاينىڭ تەشۋىقاتى بىزگە تەسىر قىلمايدۇ ، چۇنكى ئۇنى دۇشمەن تەشۋىقاتى دەپ تۇنۇيمىز ، بىز دۇس-دۇشمەننى ئايرىمىساق بەزى دوست كۆرگەن ئىنسانلاردىن كەلگەن خائىنلىق دۇشمەنلەردىن كەلگەن ھۇجۇملاردىنمۇ بەكرەك زىيان سالىدۇ ، يۇرۇگىمىزنى ئاغرىتىدۇ . ئۇلارنى دۇشمەن كۇرۇشتىن ئارسالدى بولساق ، ئۇلارنىڭ چىرايلىق گەپلىرگە ئالدىنىمىز ، ئۇلار ئالدامچى سودىگەر لەردەك دەبدەبىلىك ئاڭلىماققا توغرىدەك كۇرۇنگەن«ئۇلۇق قۇرۇق گەپ»لىرى ئارسىغا ھەقىقى مەقسەتلىرنى قىستۇرۇپ خەلقىمىزنى قايمۇقتۇرۇپ كەلگەن ئىدى بۇگۇنكى كۇندە پۇرسەت كەلدى دەپ بىر -بىرىگە مەدەت بىرىپ ئاشكارە مەيدانغا چىقتى . بىز ئىچىمىزدىكى جىدەللەرنى ئەخلاق مەسلىسى، پىكىر ئوخشىماسلىقى، شەخسى زىدىيەتلەر دەپ تۇنىساق بۇ قاينامدا مەڭگۇ چۆگۇلەۋىرمىز . شۇڭا بارلىق پەرەزلىرمىزنى ، تەھلىللىرمىزنى يىغىشتۇرۇپ قۇيۇپ بۇنى خىتاي ئۇيۇنى، خىتاي تەشۋىقات ھۇجۇمنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئىنكاسى دەپ چۇشۇنۇشىمىز لازىم. مەسىلىنى مۇشۇنداق چۇشەنگەندىلا ئاندىن مەسىلىنى كەسكىن ، توغرا بىر تەرەپ قىلالايمىز.
مەنبە:
https://www.facebook.com/erkin.sidiq/posts/4823309501034976
Share
934 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.