logo

trugen jacn

ئۇيغۇر داۋاسنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى زادى قانداق؟

 

ئېرپان مۇزەپپەر

 

ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسى پائالىيەتچىلىرى ھەمدە خەلقئارادىكى دېموكراتىك مەتپۇئات- تاراتقولار، دېموكراتىك دۆلەتلەر، خەلقئارالىق كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر قايسى خەلقئارالىق دېموكراتىك زاتلارنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار ۋە سالار قاتارلىق مۇسۇلمان تۈرك مىللەتلەر، مۇسۇلمان توڭگان ۋە تاجىك مىللەتلىرى ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۋاتقان سىستېمىلىق ئىرقىي دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىبارەت  ئىنسانىيەتكە قارشى جىناىي قىلىمىشلىرىنى خەلقئارادا كەڭ كۈلەمدە ئاشكارلاش، پاش قىلىش ۋە بۇ ئىرقىي دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىبارەت قىلىمىشلىرىنى دەرھال تۇختىتىش ھەمدە مەزكۈر مىللەتلەرنىڭ كىشلىك ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىش يۈزدىن ئېلىپ بارغان سەمەرىلىك خىزمەتلىرى ئارقىلىق نۆۋەتتە دۇنيا مىقىياسىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان مىللەتلەر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرگە ھىسداشلىق قىلىش، ئۇلارغا مەدەت بېرىش، ئۇلارنىڭ ھەققانىي كىشلىك ھوقۇقلىرىنى قوغداش،ئۇلارنىڭ ئۆز ماكانلىرىدا ھۆرلۈك بىلەن ياشىشىغا يول قويۇش، ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلىقى ( كىملىكى) ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قىلىش ھەمدە خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان مىللەتلىرى جۇملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىگە قارىتا يۈرگۈزۋاتقان ئىرقىي دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دەرھال توختىتىش ۋە جازا لاگېرلىرىنى تاقاشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەت زور بىر سىياسىي ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. بۇ خىل خەلقئارالىق سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرك مىللەتلىرى جۈملىدىن تۈرك ئۇيغۇر  مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلىقنى ساقلاپ قىلىنىشىنىڭ تۈپكى كاپالىتى.

گەرچە خەلقئارادا شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان خەلقلەر جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قىلىش يۈزىدىن دۇنيا مىقياسىدا بولۇپمۇ دېموكرتىك دۆلەتلەردە مەلۇم دەرىجىدە نەتىجىلەر قولغا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىشلار پەقەت ماتېرىيال تۈپلاش، يىغىن ئېچىش، نامايىش قىلىش، ئەھۋاللارنى ئاڭلىتىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىلا چەكلىنىپ، ئۈنۈملۈك بىر ئەملىي ئىش قىلىنمىغانلىق تۈپەيلى خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى يۈرگۈزۋاتقان سىستېمىلىق ئىرقىي دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىبارەت ئىنسانىيەتكە قارشى جىناىي قىلىمىشلىرى كۈنسايىن ئېغىرلىشىپ، بۇ يەردىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۆچراۋاتقان خەلقلەر بارغانسىرى جاھاندىن يوقۇلۇش گىرداۋىغا تېخىمۇ يېقىنلىشىپ بارماقتا.

دۇنيانى خىتاي كورونا   ۋىرۇسى ۋاپاسى قاپلىغاندىن باشلاپ دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى ئۆز خەلقىنى قۇتقۇزۇشتەك ئىشلار بىلەن ھەلەك بولۇپ كېتىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە  توپىلاڭدا توقاچ ئوغۇرلاشتا دۇنيادا تەڭدىشى يوق خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى يوقتىشتىن ئىبارەت سۇيىقەستىلىك ئىستراتېگىيىلىك پىلاننى تاماملاش سۈرئېتىنى تېخىمۇ تېزلەتتى.

خىتاي كورونا ۋىرۇىسى ۋاباسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بەلكىم دۇنيادا ئامېرىكا باشلىق دېموكراتىك دۆلەتلەرگە پايلىق بولغان ۋەزىيەت شەكىللىنىشى مۇمكىن. بۇ ۋەزىيەت بەلكىم خىتاينىڭ دۆلەت ئىقتىسادىغا زۆر زەربىلەرنى بېرىشى مۇمكىن. لېكىن بۇ خىل ئۆزگىرىشلەر خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك خەلقلەرگە قارىتا يۈگۈىۋاتقان سىياسەتلىىرىگە قارىتا ھېچقانداق ئۆزگۈرۈش ئېلىپ كەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارالىق كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ھەر قايسى دۇنياۋى تەشكىلاتلار ۋە دىموكراتىك  دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىدە خىتايغا قارىتا ئەمىلىي چارە- تەدبىرلەرنى ئىشلىتىشكە تۈرتكە بولۇش خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىشى زۆرۈر.

نۆۋەتتە « ئۇيغۇر داۋاسىدا يېڭى يۈكسىلىش بارلىققا كەلدى »،« ئۇيغۇر داۋاسى ئۆزىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىنى تاماملاپ، ئىككىنچى باسقۇچقا كېردى » دېگەن كۆز قاراش ۋە پىكىرلەر مەۋجۇت. مەلۇم جەھەتلەردىن كۆزەتكەندە بۇ كۆز قاراش ۋە پىكىرلەر بەلكىم توغرا بولۇشى مۇمكىن. لېكىن نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئىككى خىل مەسىلە مەۋجۇت. بىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسى، يەنە بىرى خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۋاتقان سىستېمىلىق ئىرقىي دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسى. شەرقىي تۈركىستانلىق بەزى سىياسىيونلار بۇ ئىككى مەسىلىنى بىر بۈتۈن مەسىلە،دەپ قارايدۇ، بەزى سىياسىيونلار بۇ ئىككى مەسىلىنى ئايرىم- ئايرىم ئىككى مەسىلە،دەپ قارايدۇ.  شەرقىي تۈركىستان مەسلىسىدىكى بۇ ئىككى خىل مەسىلىنىڭ مەزمۇن جەھەتتىكى تۈپكى پەرقلىك ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسلانغاندا بۇ ئىككى مەسىلىنى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىككى خىل كاتېگورىيەدىكى مەسىلە دەپ قاراش بۇ ئىككى مەسىلىنىڭ ئەملىيەتتىكى رىئال ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئۇيغۇر داۋاسى مۇستەقىللىق مەسىلسىدۇر. ھازىر چەت ئەل مەتپۇئات- تاراتقولاردا سۆزلىنىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسلىسى كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر مەسلىسى، دەپ تەرىپلىنىۋاتىدۇ.

نۆۋەتتە ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خەلقئارالىق كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ھەر قايسى دۇنياۋى تەشكىلاتلار ۋە  دىموكراتىك  دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى ۋە خادىملىرى ئۆز نۇتۇقلىرىدا سۆزلەۋاتقان شەرقىي تۈركىستانغا دائىر مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك گەپلەر. تا ھازىرىچە ئۇلارنىڭ بىرەسىنىڭ ئاغزىدىن  شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقللىقى ھەققىدە بىرئېغىز گەپ چىقىپ باقمىدى. ئۇيغۇر داۋاسىدىكى ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق قانداقسىغا ئۇيغۇر داۋاسىنى  ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا پارلامېنتىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ۋە دۇنيا مەتبۇئاتىدا سۆز تېمىسى بولۇپ كۈنتەرتىپكە كېلىدىغان بىر ھالەتكە كەلدى، دېگۈلۈك. يېقىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ب ت د نىڭ كىشلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ كۆزەتكۈچلىك سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنىغا سۇنغان ئىلتىماسىنىڭ رەت قىلىنىشىدىكى ئاساسىي سەۋەپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى مۇستەقىللىق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن، دەپ قارالغان. ئەندى، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق ۋەزىپىسىنى تاماملاندى،دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، ئەگەر بۇ گەپ، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق ۋەزىپىسى ئۇيغۇر مىللىتى ۋە خەلقىنى دۇنيا خەلقلىرىگە تونۇشتۇرۇش بولغان بولسا، «  ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق ۋەزىپىسىنى تاماملاندى » دېگەن گەپ ئومۇمەن توغرا بولغان بولىدۇ. ئەگەر ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق ۋەزىپىسى دۇنيا خەلقىگە « شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى تونۇشتۇرۇش » بولغان بولسا، مەزكۈر گەپ ناتوغرى بولغان بولىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ مۇستەقىللىق مەزمۇنى گەرچە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50- يىللىرى تۈركىيەدە بەلكىم تۈركىيە ھۆكۈمەتىنىڭ ئايرىم خادىملىرى تەرىپىدىن ئانچە- مۇنچە تىلغا ئېلىنغان بولۇشى مۇمكىن،لېكىن بۇ خىل ئەھۋال كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە پۈتۈنلەي يوقالغان. شۇڭلاشقا شۇنداق دېيىش مۇمكىنكى گەرچە ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ قوشۇنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدىكى بىر قانچە ئادەمدىن كۆپىيىپ،تۆمەنلەپ ئادىمى بار قوشۇنغا ئايلانغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر داۋاسىدا پەقەت سان جەھەتتىكى ئۆزگىرىش پەيدا بولۇپ، سۆپەت جەھەتتە ھېچقانداق ئۆزگىرىش ھاسىل بولمىغان. تا ھازىرغىچە دۇنيادا بىرەر قانۇنلۇق دۆلەتنىڭ ئىدارە- ئورگانلىرى  ئۇيغۇر داۋاسى ھەققىدە بىرەر ئېغىز گەپ قىلىپ باقمىدى ياكى بىرەر قانۇنلۇق دۆلەتنىڭ دائىرلىرى ئۇيغۇر داۋاسنى ئىتىراپ قىلمىدى.

ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ نېگىزلىك مەزمۇنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى بولغانلىقى ئۈچۈن ب د ت قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە گەپ بولغاندا ئىنتايىن سەزگۈر بولۇپ، پەقەت خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان يەرلىك تۈركىي مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۋاتقان ئىرقىي دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىبارەت  ئىنسانىيەتكە قارشى جىناىي قىلىمىشلىرىنى دەرھال توختىتىشنىلا تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇيغۇر داۋاسىدا يېڭى يۈكسىلىش بار دېيىلسە، پەقەت خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پاش قىلىش ۋە ئۇيغۇرلارنى قوتقۇزۇش ھەرىكىتى خەلىقئاراشتى،دېيىش مۇمكىن.

ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى يوقىرىدا بايان قىلىنغاندەك بولغاچقا، باش نىشان — مۇستەقىللىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ خەلقئارالىشىشى ۋە خەلقئارانىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۇرۇش شەرت. بۇ مۇقەددەس ئىشنى باشقا چىقىرىشنىڭ مەنتىقىسى شۇنداق بولغاچقا، باسقۇچلۇق ئىستراتېگىيە ۋە تاكتىكا جەھەتتە جانلىق بولۇشنى تەكىتلەش ئىنتايىن مۇھىم. شۇ ۋەجىدىن ئىشنى باش نىشانغا باشلاپ بارىدىغان باسقۇچلۇق ئىستراتېگىيىدە ئۇيغۇر خەلق ماقاللىرىدىكى « ئات تاپقۇچە ئىگەر تاپ. » دېگەن تەلىم بۇيىچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۇرۇشتىكى تايانچ كۈچ – شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي خەلقلەر بولغاچقا، ئالدى بىلەن كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلقئارانىڭ ياردىمى ئارقىلىق شۇ خەلقلەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قىلىش ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ نۆۋەتتىكى بىردىنبىر ۋەزىپىسىدۇر.

2020- يىلى 23- ئاپرېل

Share
2258 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.