logo

trugen jacn

ئۇيغۇر تىلى دۇچ كەلگەن خىرىسكە قارتا چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار قانداق قىلىشى كېرەك

 

 

 

كۇرشات ئوغلى

12-1-2017

 

كىرىش سۆز

-2017  يىلدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىلىنى ئۇيغۇر مائارىپ سېپىدىن پۈتۈنلەي سۈپۈرۈپ چىقاردى. ۋە بۇ سىياسەت يالغۇز ئۇيغۇرلار بىلەنلا قالماي دۆلىتىم  بار يۆلەنچۈكۈم بار دەپ ئۇيغۇرلارنىڭ تاماشىسىنى كۆرۈپ تۇرغان قىرغىز، قازاق مىللەتلىرىنىڭ مىللىي مائارىپىدا بىردەك يۈرگۈزۈلگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندا بۇ يىلنىڭ بەشىدىن باشلاپ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە يۈرگۈزۈلۈشكە باشلىغان ئىككى سىياسىي ھەرىكەت، يەنى “ئىككى يۈزلىمىچىلەرگە زەربە بېرىشھەرىكىتى بىلەن “ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشىنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇش” سىياسىتى، ئەزەلدىن چەتتە قاراپ تۇرۇش پوزىتسىيەسىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۇيقۇسىدىن ئويغاتتى. ھەممە ئۇيغۇرنىڭ كاللىسىدا بىرلىككە كەلگەن بىر سوئال كېچىشكە باشلىغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنى ئاشكارىلىدى. ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنىق سىياسىتى ئىكەن. ئۇنىڭدىن ھېچ قانداق ئۇيغۇر ئۆزىنى ئېلىپ قېچىپ بولالمايدىكەن. قانداق قىلىمىز؟ ئۇيغۇرلۇقنى قانداق ساقلايمىز؟ ئۇيغۇرلۇقنى ئەۋلادلارغا قانداق ۋارىسلىق قىلدۇرىمىز؟

تىل بىر مىللەت كاتېگورىيەسىدىكى توپلامغا خاس بولۇپ، ئۇنى ئەۋلادلارغا ۋارىسلىق قىلدۇرۇشمۇ ئائىلە ۋە توپلامنىڭ ئۆز-ئارا بىرىكىشى ۋە ئۆز-ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇپ كېلىنگەن. ئەگەر توپلامدىن ئايرىلغان ياكى غەيرىي ئانا تىللىق توپلام ئىچىدە يەككە ئايىلە ھالىتىدە ئانا تىلنى قوغداشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولامدۇ دېگەندە، جەمىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇنىڭ نەتىجىسى ئاسسىمىلياتسىيە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئەگەر ئۇيغۇرلۇقنى قوغداش ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىپىسى بولسا، بۇ ۋەزىپىنى قانداق ئوڭۇشلۇق ئورۇنلاش كېرەك دېگەندە ئۇيغۇر توپلاملىرىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئالدىنقى شەرت قىلىش كېرەك.

مەزكۇر يازمىدا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان جەمىيەت تەكشۈرۈشنى ئاساس قىلغان ھالدا، تۈركىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلۇقنى ساقلاشتا ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارغا بېرەلەيدىغان تەجرىبە-ساۋاقلىرى ئارقىلىق، بىز ئۇيغۇرلۇقنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان ئىككى ئامىلنى، يەنى “توپلام” ۋە “ئانا تىل” نى ساقلاشنى قانداق ھەل قىلىش ئۈستىدە تەھلىل ئېلىپ بارىمىز. تەھلىل قىلىشتا قۇلايلىق بولۇشى ئۈچۈن مەزكۇر يازمىدا توپلام ئاتالغۇسى ئورنىدا دىئاسپورا ئاتالغۇسى قوللىنىلدى ۋە بۇ ھەقتە يازمىنىڭ بىرىنچى قىسمىدا ئىزاھات بېرىلدى. مەزكۇر يازمىدا نەقىل قىلىنغان جەمىيەتشۇناسلىققا، جۈملىدىن كۆچمەنشۇناسلىققا ئالاقىدار ئىلمى نەزەرىيەلەر، ۋە ئۇيغۇر دىئاسپوراسىغا ئالاقىدار ستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلار، ئۇيغۇر دىئاسپوراسى ئۈستىدىن يېزىلغان بىر پارچە ئىلمى ماقالىنى ئاساس قىلغانلىق سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ مەنبەلىرىگە قارتا ئايرىم-ئايرىم ئىزاھات بېرىلمىدى. بۇ ئىلمى ماقالىنىڭ ئۇلىنىشى بىرىنچى ئىزاھاتتا[1]  بېرىلدى.

 

بىرىنچى قىسىم؛ دىئاسپورا ۋە ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار

ۋەتەن سىرتىدىكى مۇسۇلمان بولمىش ئۇيغۇرلارنى دىئاسپورا ئۇقۇمى بىلەن باغلاش  بىر قىسىم دىننى ئۆلىمالارنىڭ نېرۋىسىنى غىدىقلايدىغان مەسىلە. شۇ سەۋەبتىن ئالدىدا دىئاسپورا ئاتالغۇسى ۋە ئۇنى ئۇيغۇر توپلاملارغا ئىشلىتىشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئىزاھات بېرىپ ئۆتىمىز.

 

بىرىنچى بۆلەك؛ دىئاسپورا ئۇقۇمى ھەققىدە

دىئاسپورا ئۇقۇمى ئەسلى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغىچە ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن دۇنيادا سەرسان بولۇپ يۈرگەن يەھۇدىيلارغا قارىتىلغان خاس ئۇقۇم ئىدى.  تەخمىنەن ئىككى مىڭ يىل بۇرۇن ئىسرائىلىيە دۆلىتى مۇنقەرز بولۇپ يەھۇدىيلار دۇنيانىڭ ھەر يېرىگە چېچىلىپ كەتكەن.  بىر قىسىم گىرېتسىيەگە يەرلەشكەن يەھۇدىيلار  “تەۋرات” نى گىرېك تىلىغا تەرجىمە قىلىش جەريانىدا “تەۋرات” تىكى ئىسرائىل قوۋمىغا ۋەدە قىلىنغان زېمىنغا يېتىشىشتىن بۇرۇن بەشىدىن كەچۈرىدىغان سەرسان-سەرگەردانلىق ھاياتىنى تەسۋىرلەيدىغان بىر ئۇقۇمغا ئېھتىياجلىق بولۇپ، گىرېكچە “ئۇرۇق” ۋە “چېچىش” دېگەن سۆزنىڭ بىرىكمىسى بولغان “دىئاسپورادېگەن ئاتالغۇنى ئىشلەتكەن. بۇ سۆزلۈك كېيىنچە مەخسۇس سەرسانلىقتىكى يەھۇدىيلارنىلا ئىپادىلەيدىغان خاس ئاتالغۇ بولۇپ قالغان.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يەھۇدىي دۆلىتىنىڭ قۇرلىشى بىلەن تەڭ يەھۇدىي دىئاسپوراسىغا خاتىمە بېرىلگەنمۇ دېگەندە بۇنىڭغا قارتا يەھۇدىيلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ئوخشاش كۆز قاراش مەۋجۇت ئەمەس.  بۇنىڭ سەۋەبى “تەۋرات” تىكى ۋەدە قىلىنغان زېمىنغا قارتا يەھۇدىي پوپلىرىنىڭ كۆز قارشى بىرلىككە كەلمىگەنلىكى سەۋەب بولغان. مەسىلەن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى كەينىدە ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم يەھۇدىي دىئاسپوراسى ئامېرىكىنى يەھۇدىيلارغا ۋەدە قىلغان زېمىن دەپ قارىسا، يەنە بەزى يەھۇدىيلار يەھۇدىيلارغا “ۋەدە قىلىنغان زېمىن غا ئېرىشىشنىڭ ۋاقتى كەلمىدى. ئىسرائىلىيە دۆلىتى  يەھۇدىيلارغا “ۋەدە قىلىنغان زېمىن” ئەمەس دەپ قاراپ، ئوتتۇرا شەرقتە )ھازىرقى پەلەستىن زېمىنىدا( ئىسرائىل دۆلىتىنى قايتا قۇرۇشقا قارشى تۇرغان. ئۇلار ئارىسىدىكى بەزى دىئاسپورا توپلىمى ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىيلارغا قاراتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى تەڭرى “ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئېرىشىش ئالدىدىكى يەھۇدىي قوۋمى تارتىشقا تېگىشلىك ئازابئوقۇبەتنىڭ بىر قىسمى دەپ قاراپ، يەھۇدىيلارنى قۇتقۇزۇشقا ۋە دۆلەتنى قايتا قۇرۇشقا قاتناشمىغان.  ۋە شۇ سەۋەبلىك بۇ بىر قىسىم يەھۇدىيلار ئىسرائىلىيە دۆلىتى تەرىپىدىنخائىن” دەپ ئېلان قىلىنغان. زور بىر قىسىم ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئاۋاز قوشقان يەھۇدىيلار بولسا قايتا قۇرۇلغان ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى تەڭرى يەھۇدىيلارغا “ۋەدە قىلغان زېمىن” دەپ قاراپ يەھۇدىي دىئاسپوراسىغا خاتىمە بەرگەن.

ئەمما جەمىيەتشۇناسلىقتا بولسا دىئاسپورا ئۇقۇمى كۆچمەن تەتقىقاتى داۋامىدا كېڭىيىپ بارغان. بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى ئىككى جەھەتتىن بولغان. بۇنىڭ بىرى يەھۇدىي دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ يەھۇدىي دىئاسپوراسىغا خاتىمە بېرىلگەن بىلەن شۇنى سەۋەب قىلىپ پەيدا بولغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ سەرسانسەرگاندانلىققا مۇپتىلا بولۇش ئەھۋالى كېلىپ چىققان، ۋە پەلەستىنگە ئوخشاش ئۇرۇش سەۋەبىدىن يۇرت ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدىغان ئىنسانلار توپى دىئاسپورا ئۇقۇمى بىلەن كاتىگورىيەلەشتۈرىدىغان بولغان. ئىككىنچىسى بولسا، يەرشارىلىشىش ھادىسىسىنىڭ  تەسىرىدە مۇستەقىل دۆلىتى بولسىمۇ ئىقتىسادى مەنپەئەت سەۋەبىدىن ئوز دۆلىتىدىن ئۆزگىلەرنىڭ دۆلىتىگە كۆچ ئەتكەن ئىنسانلار توپلىمىمۇ دىئاسپورا كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلگەن. شۇ سەۋەبتىن جەمىيەتشۇناسلىقتىكى كۆچمەن تەتقىقاتى يەنە بىر جەھەتتىن دىئاسپورا تەتقىقاتى دېيىشكىمۇ بولىدۇ.

 

ئىككىنچى بۆلەك  ئۇيغۇرلار ۋە دىئاسپورا

نوقۇل كۆچمەن تەتقىقاتى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى دىئاسپورا بىلەن ئىپادىلەش توغرا بولسىمۇ، بۇنى يەنە ئازراق چۈشەنچە بىلەن شەرھلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى مۇسۇلمان بولمىش ئۇيغۇرلار ئوز ۋەتىنىدىن ئۆزگىلەرنىڭ يۇرتىدىكى ھالىتىنى ئىپادىلەيدىغان “مۇھاجىر” ئاتالغۇسىنىڭ بولۇشىدا.

مۇسۇلمانلارنىڭ ئورۇن يۆتكىلىشىگە ئالاقىدار بىرقانچە ئۇقۇم، مەسىلەن “ھىجرەت”، “مۇھاجىرەت”، “مۇھاجىر” ئاتالغۇسىنىڭ ھەممىسى “كۆچۈش” مەنىسىنى بېرىدىغان ئەرەبچە كەلمە “مۇئاھجىرىن” نى يىلتىز قىلغان. بۇ بىر تەبىئىي ئاتالغۇ بولۇپ ئىسلام دۇنياسىدا بۇ سۆزنى ئىشلىتىش كەڭ دايىرىدە ئومۇملاشقان. شۇ سەۋەبتىن بىر قىسىم دىنى ئېتىقادى چىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئەسلىدىنلا يەھۇدىيلارنى ئىپادىلەيدىغان خاس سۆزلۈك بولمىشدىئاسپورا” ئاتالغۇسىنى مۇسۇلمان توپلاملىرىغا جۈملىدىن ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇر توپلىمىغا ئىشلىتىشنى مۇۋاپىق كۆرمەيدۇ.

ئەمما ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى دىئاسپورا دېيىش بۇ كۆچمەن تەتقىقاتىغا ئۇيغۇن بولغاندىن سىرت، مۇھاجىر كەلىمىسىگە قارىغاندا دىئاسپورا ئاتالغۇسى ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رېئاللىقىغا تەخمۇ مۇناسىپ كېلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى بىرىنچىدىن “مۇھاجىر” ئاتالغۇسى كۆچ ۋە يۇرتىدىن ئايرىلغان دېگەن مەنىنى بىلدۈرسىمۇ ئەمما ۋەتىنى بار يوقلۇقىدىن قەتىي نەزەر ئۆز يۇرتىدىن ئۆزگىلەر يۇرتىغا يۆتكەلگەن مۇسۇلمان تائىپىسىدىكى شەخس ۋە توپلامنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما دىئاسپورا ئۇقۇمى بولسا دەل  يەھۇدىيلارنى ئەينى چاغدىكى ۋەتەنسىز ھالىتىنى تولۇق ئىپادىلەپ بەرگەنلىك سەۋەبىدىن، بۇ ئاتالغۇ يەنە بىر جەھەتتىن ۋەتەنسىز ئۇيغۇرلارغا ئۆز قىسمىتىنى خاتىرىلىتىدىغان ھەر ۋاقىت ئېسىگە سېلىپ تۇرىدىغان، كېيىنكى ئەۋلادلارغا ۋەتەنسىزلىكنى “خاتىرىلىتىپ” تۇرىدىغان ئۇقۇم بولۇپ قالىدۇ. بولۇپمۇ ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىغا قارىماي دەل باشقا مۇسۇلمان مەملىكەتلەردە خىتاينىڭ سىياسىي مەقسەتلىرى سەۋەبىدىن قوغداشقا ئېرىشەلمەي ئەكسىچە زەربىگە ئۇچۇرۇشى، ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى يالغۇز مۇسۇلمانچىلىق كاتېگورىيەسىدە ھەل قىلىشنىڭ رىيال ئەمەسلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىگە ئورۇنلاشقان ئۇيغۇر توپلامنىڭ كۆچ تارىخىنى كۆرۈپ ئۆتسەك، ئۇلار 1960-يىلى ھۆر دۇنياغا ئۇيغۇرلارنىڭ نىداسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئافغانىستانغا ھىجرەت قىلغان بولسىمۇ، 4 يىلدىن كېيىن، يەنە 1964-يىلى تۈركىيەگە كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان. بۇ ئىككىنچى قېتىملىق كۆچۈشنىڭ سەۋەبى بولسا، ئافغان ھۆكۈمىتى بۇ ئۇيغۇرلارغا مۇسۇلمانچىلىق نۇقتىسىدىن مۇھاجىر قاتارىدا ئۆز دۆلىتىدە ياشاشقا يول قويغان بولسىمۇ، ئەمما سىياسىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويمىغان، ۋە سىياسىي پائالىيەتنى مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىشقا ئاتلانغاندا ئۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولغان. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار بۆلۈنۈپ بىر قىسمى ئوتتۇرا شەرققە يەنە بىر قىسمى تۈركىيەگە كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان. ئۇلارنىڭ ھايات قىسمىتى بىزگە، ئاخىرقى خەلىپىلىكنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن تەڭ ھەرقايسى مۇسۇلمان مىللەتلەر مىللىي دۆلەت قۇرۇش ئارقىلىق ئۈممەتچىلىكنى ئەمەس مىللەتچىلىكنى ئوز دۆلىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاساسى قىلغانلىقتەك رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق مۇسۇلمان دۆلەتلەر ئورۇن يۆتكەش سەۋەبىدىن مۇھاجىر خاراكتېرىنى ئالغان شەخس ياكى توپلۇملارنى ئۆز قوينىغا ئالسىمۇ، ئەمما ئۆز تېررىتورىيەسىدە دۆلىتىنى قۇرۇش ھەرىكىتىدە بولغان مۇسۇلمان توپلىمىنى مىللىي دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ سىياسىي جەھەتتىن سېتىپ پايدىلىنىدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. بۇ بىزگە ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنەنىۋى مۇھاجىر تائىپىسى بىلەن پەرقلىنىدىغانلىقىنى، ۋە نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتتە ئوخشاش دىن ئوخشاش مەزھەپتىكى ئىنسانلار تەرىپىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە سېتىلىشىنىڭ سەۋەبىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

بىر قىسىم ئۇيغۇر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى قىسمىتىنى ئەينى چاغلاردىكى يەھۇدىي دىئاسپوراسىغا تەتبىقلىشىنىڭ يەنە بىر تەرىپى، ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى قىسمىتى دەل ئەينى چاغدىكى يەھۇدىيلارنىڭ ھەر دۆلەتتە ئۇچۇرغان قىسمەتلىرى بىلەن ئوخشاشلىققا ئىگە بولغانلىقىدا. شۇ سەۋەبتىن يەھۇدىيلار دىئاسپورادىن قانداق قۇتۇلغان بولسا ئۇيغۇرلارمۇ پەقەت دۆلەت قۇرۇش بىلەن تەڭ دىئاسپورالىق ھالىتىگە خاتىمە بېرەلەيدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى دىئاسپورا دەپ ئاتاش تەخمۇ رېئاللىققا ئۇيغۇندۇر. ئەمەلىيەتتە بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنى دىئاسپورا بىلەن باغلاشنىڭ يەنە بىر سەۋەبى شۇكى، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان 2017 – يىلدىن باشلانغان، ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشىنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن تەڭ ئۇيغۇرلار ۋەتەن ئىچى سىرتىدا پۈتۈن سەپ بويىچە دىئاسپورا دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقىدا.

يەنە بىر جەھەتتىن، ھازىرقى ئوتتۇرا شەرقتىكى شەرىئەت تۈزۈمى بىلەن دۆلەت باشقۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردىكى زىددىيەت، مىللىي دۆلەت (Nation State) قۇرۇلمىسى  بىلەن شەرىئەت تۈزۈلمىسىنىڭ بىربىرىگە ماس كەلمەسلىكى سەۋەبىدىن بولۇۋاتىدۇ. چۈنكى مىللىي دۆلەت ئېنىقلا دىنىي بىرلىك ئەمەس ئېتنىك بىرلىكنى ئاساس قىلىپ“ئۆي ئايرىش” نى كۆرسىتىدۇ، شەرىئەت بولسا ئېتنىك پەرقىدىن قەتىي نەزەر، بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئىگە ئۈممەت دۆلىتىنى مەقسەت قىلىدۇ. مىللىي دۆلەت قۇرۇلمىسى بىلەن شەرىئەت تۈزۈلمىسىنى بىرلەشتۈرۈش خۇددى ئاپتوموبىل ئېلىپ ئۇنى كالىغا قېتىپ قوشقا سالغاندەكلا مەنتىقسىز.  بەلكىم بۇ يەردە بەزىلەر يەھۇدىيلارنىڭ ئىككى مىڭ يىللىق سەرسان ھاياتىغا ئۇلارنىڭ دىنى سەۋەب بولغان، ۋە شۇنىڭدەك ئاخىرقى ھېسىپتا پەلەستىنگە قايتىپ دۆلەت قۇرۇشىغىمۇ ئۇلارنىڭ دىننى سەۋەب بولغان، شۇنداق ئىكەن بىز نېمە ئۈچۈن دىننى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ بۇ سەرسان ھاياتىمىزنى كاتېگورىيەلەشتۇرمەيمىز دېيىشى مۇمكىن.  بۇ يەردە يەھۇدىيلارنىڭ دىئاسپورا ئاتىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ دۆلەت قۇرۇش ئارقىلىق دىئاسپوراغا خاتىمە بېرىشىغا كەلسەك، يەھۇدىيلار بولسا بىر مىللەت بىر دىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ سەرسان بولۇشى دۆلەت زېمىن تالىشىشقا ئوخشاش سىياسىي سەۋەبتىن كېلىپ چىققان بولسا، مىللىي مەۋجۇتلۇقنى چىقىش قىلىپ خەلقارالىق سىياسىي ئويۇنلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ دۆلەت قۇرغان دېيىش مۇۋاپىق. بۇنى يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىم ئەسىردە ئەنگلىيەنىڭ ئويناپ كەلگەن “ئۈچ يۈزلىمىچىلىك دىپلوماتىيەسى” ۋە يەھۇدىي دۆلىتى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى كونكرېت  سىياسەتلىرىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

بۇ يەردە ئېنىقكى مۇھاجىرەت ئاتالغۇسىغا قارىغاندا دىئاسپورا ئاتالغۇسى ئۇيغۇر توپلاملىرىغا تەخمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ. چۈنكى ئەينى ۋاقىتلاردا مەيلى دۇنياغا چېچىلىپ كەتكەن يەھۇدىيلار بولسۇن ۋە ياكى پەلەستىندە قېلىپ قالغان يەھۇدىي توپلاملىرى بولسۇن ھەممىسى دىئاسپورا ئۇقۇمى ئاستىدا كاتېگورىيەلەشتۈرۈلگەن. ئەمما بىزگە مەلۇمكى ئۆز ماكانىدىن ئايرىلمىغان مۇسۇلمان ۋەتەنسىز بولسىمۇ ھەرگىز مۇھاجىر ھېسابلانمايدۇ. ئەمما دىئاسپورا تېخىمۇ ئوچۇق بىر مەنىسى دەل ۋەتەنسىزلەرگە قارىتىلغانلىقىدا.

شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلار بۇ ۋەتەنسىزلىككە ۋە سەرسان ھاياتقا خاتىمە بېرىشنى مەقسەت قىلىدىكەن، ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن ۋە ياكى سىرتتىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن، ھازىرقى ھالىتىنى ئەڭ رېئال ئىپادىلەيدىغان ئۇقۇمنى ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. دىئاسپورا دەل شۇنداق ۋەتەن ئىچى سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنسىز ھالىتىنى تولۇق ئىپادىلەيدىغان ئۇقۇم ھېسابلىنىدۇ دەپ ئىشىنىمىز.  ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلار بۇ دىئاسپوراغا خاتىمە بېرىشنى مەقسەت قىلىدىكەن، ئۇنىڭ قۇرماقچى بولغان دۆلىتىنىڭ شەكلى ئېنىق مىللىي دۆلەت ,تۈزۈلمىسى دېموكراتىيە بولۇشى كېرەكمۇ؛ ۋە شۇنىڭدەك بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش، بارلىق ئۇيغۇر دىئاسپورا توپلاملىرىنىڭ بىر گەۋدە بولۇپ ئۇيۇشۇشىنىڭ ۋە ئىستراتېگىيە پىلانلىرىنىڭ ئاساسى بولۇشى كېرەكمۇ دېگەن مەسىلىگە جاۋاب بېرىش مەزكۇر يازمىنىڭ مەقسىتى ئەمەس بولغانلىق سەۋەبىدىن بۇ يەردە ئارتۇق توختالمايمىز.

 

ئىككىنچى قىسىم؛ ئۇيغۇر دىئاسپورا توپلىمىنىڭ شەكلى

ۋەتەن سىرتىدا توپلام ھالىتىدە يەرلەشكەن ئۇيغۇرلار دېگەندە قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتتىكى توپلامنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش تۈركى دۆلەتلەردە يەرلەشكەن ئۇيغۇرلاردىن باشقا پەقەت تۈركىيەنىڭ قەيسېرى شەھىرىدىكى بىر بۆلەك ئۇيغۇرلار بۇ خىل توپلامغا كىرىدۇ.

ئەمما يۇقىرىدىكى شۇ ئىككى بۆلەك توپلامنى ھېسىپقا ئالمىغاندا ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى تارقاق ھالەتتە سىرتقا يۆتكەلگەن ۋە تارقاق ھالەتتە يەرلەشكەنلىكى سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ قوشنىدارچىلىق ھالەتتىكى توپلام بولۇپ ئۇيۇشۇشى ناھايىتى مۈشكۈل. ئەمما ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار تارقاق ھالەتتە بولسىمۇ ئۇلار شۇ يەردىكى بىرقانچە ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئورگانلارغا باغلىنىپ تورلىشىش شەكىلدىكى بىر قانچە توپلام ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ ئەمەلىيەتتە ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر خىل دىئاسپورا توپلىمى بولۇپ شەكىللىنىشىگە ئۈلگە بولالايدۇ. بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى “شەرقى تۈركىستان مائارىپ دەرنىگى” نى ئېلىپ ئېيتساق بۇ دەرنەك ئۆزىگە ئۇلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى، سىياسىي ئېھتىياجلىرىغا يار-يۆلەك بولغاندىن سىرت كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئانا تىل ۋە دىن تەربىيە ئېلىشى ئۈچۈنمۇ تۈرتكىلىك رول ئوينىماقتا.

ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆز ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ئورگانلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشتا ئەزەلدىن تارتىپ ئېھتىيات قىلىپ كەلگەن ئىدى. بۇنىڭ سەۋەبىنى ئورگان ۋە شەخس ئىككىلا تەرەپنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ تەھلىل قىلىش زۆرۈر.

ئالدىدا ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار ۋە ئورگانلارنىڭ قۇرۇلۇش مەقسەتلىرى ۋە پائالىيەت ئېلىپ بېرىش جەريانى ۋە يۆلىنىشلىرىدىن تەھلىل قىلساق، زور كۆپچىلىك تەشكىلاتلار “بېرە ئىش قىلىشنى” مەقسىتىدە قۇرۇلغان. بۇنداق دېيىشىمىزدىكى سەۋەب زور كۆپچىلىك ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۆزلىرىنى ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەت ۋە رايوندىكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئىشتىراكچىلىرى دېسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئىستىخىيەلىك ھالەتتە بىرقانچە ئون كىشى تەرىپىدىن قۇرۇلغان پارتىزانچە تەشكىلاتلاردىن ئىبارەت. ئۇلار بىر ئىدىيە بىر ئىستراتېگىيە ۋە بىر يۆلىنىشنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بولماستىن، “ئۇيغۇر ئۈچۈن” دېگەن بىر چوڭ كاتېگورىيە ئاستىدا ھەر خىل مۇددىئا مەقسەتلەر ئۈچۈن قۇرۇلغانلىق سەۋەبىدىن بىر كۈچ بولۇپ ئۇيۇشۇشى مۈشكۈل بولماقتا. بۇ بىزگە نېمە ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىش پائالىيەتلىرىنىڭ ھەر دائىم قالايمىقان، تەشكىلسىزلىكتىن قۇتۇلالماسلىق سەۋەبىنى يەكۈنلەپ بېرەلەيدۇ. مەسىلەن بۇ يەردە ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان “شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى” نى ئېلىپ ئېيتساق، ئوتتۇرا شەرقتە دىننى تەلىم ئالغان ۋە تۈركىيەگە يەرلەشكەن بىر قىسىم ئۇيغۇر ئىلغارلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىش پائالىيەتلىرى دىن تەرەپكە خېلى ئاغقان بولۇپ، بۇنىڭغا يارىشا ئۇلار مەسىلەن تەرجىمە ۋە نەشرىياتچىلىق ئىشلاردا ئوتتۇرا شەرقتىكى دىندار ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى ياردىمىگە ئېرىشىپ كەلمەكتە ۋە شۇنىڭغا يارىشا دىننى مەزمۇننى ئاساس قىلغان نەشرى بۇيۇملىرى زور سالماقنى ئىگىلىمەكتە. ۋەتەندىن چىققان نىسبەتەن “لايىق” ئۇيغۇرلار بىلەن بۇ تەشكىلاتنىڭ ئارىسىدا ئارىلىق بار. ئەكسىچە دىنغا تەقۋا ئوتتۇرا ياكى تۆۋەن مائارىپ تەربىيەسىدە بولغان ئۇيغۇرلار بۇ تەشكىلاتقا مايىل.  شۇ سەۋەبتىن ئوخشاش “ئۇيغۇر ئۈچۈن” قۇرۇلغان تەشكىلاتلارغا بېرىپ ئوخشىمىغان مۇئامىلە ۋە نەتىجىلەرگە ئېرىشىش، ئوخشاش “ئۇيغۇر ئۈچۈن” ۋەتەننى تېرىك ئەتكەن ئۇيغۇرلارنى گاڭگىرىتىپ، ئۇلارنىڭ ئارىلىق ساقلىشىغا سەۋەب بولۇپ قالغان.

شەخس تەرەپتىن بۇنى كۆزەتكەندە، ۋەتەنسىزلىك قىسمىتىگە دۇچار بولغىلى ئۇزۇن زامانلار بولغان ئۇيغۇرلاردا ۋەتەن مىللەت تەربىيەسى سۇسلاپ ياكى يوقاپ كەتكىلى ئۇزۇن بولدى. بۇ يەردە ئۇزۇن بولدى دېيىشنى كونكرېت قىلساق، ئىككىنچى شەرقى تۈركىستان قۇرۇلغان غۇلجىنى مەركەز قىلغان شىمالدا، قۇران يادلاتقان مەرھۇم بوۋىسىدىنمۇ، بېقىپ چوڭ قىلغان دادىسىدىنمۇ ئاپتور مىللەتچىلىك ھەققىدە ئاڭلىغىنى يوق. ئەمما چوڭلارنىڭ بەرگەن تەربىيەسى بولسا، “سىڭگەن نېنىڭنى يە، ئارتۇق ئىشقا ئارىلاشما” بولغان.

غۇلجنى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغان ئىككىنچى “شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى” دەۋرلىرىگە ئاپتورنىڭ مەرھۇم بوۋىسىنىڭ قىرانلىق ۋاقىتلىرى توغرا كەلسە، ئاتىسىنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى بار بولغان بالىلىق ۋاقىتلىرىغا توغرا كېلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن بولمايدىغان ئىش. ئەمما مىللەتچىلىكنى نېمە سەۋەبتىن ئۆز ئەۋلادىدىن پىنھان تۇتۇشىغا كەلسەك، ئەۋلادىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلاشقان بولۇشى مۇمكىن دەپ ھېسابلايمىز. خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئىشغالىيىتىدىن كېيىنكى يەر ئىسلاھاتىدىن باشلانغان ۋە “مەدەنىيەت چوڭ ئىنقىلابىدېگەندەك سىياسىي ۋەقەلەرگە شاھىت بولغان ئۇيغۇر ئات-ئانىلارنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەزىپىسى كېيىنكى ئەۋلادلارنى قانداق قىلغاندا بىخەتەر ساقلاش بولۇپ قالغان. ۋە شۇ سەۋەبتىن خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ مەركەزلىك زەربە بېرىش نىشانى بولۇپ كېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر مىللەتچىلىكىدىن ئۆز ئەۋلادلىرىنى يىراق تۇتۇش شەرقى تۈركىستاندىكى زور كۆپچىلىك ئاۋام خەلقىنىڭ تاللىشى بولۇپ كەلگەن. ئەمما ئۇيغۇر زىيالىي قاتلىمىنىڭ تىرىشچانلىقى ئاۋام خەلقىنىڭ بۇ تاللىشىدىن ئۇيغۇر مىللەتچىلىكنىڭ پۈتۈنلەي يوقاپ كېتىشىنى توسۇپ قالغان. ئوغۇزخان ئېپوسى ئارقىلىق ئۇيغۇر نامىنىڭ كېلىپ چىقىش قىسسىنىڭ ئۇستىلىق بىلەن ياسىلىشى، قەشقەردە مەھمۇت قەشقىرىنىڭ مەقبەرىسىنى تىكلەش، يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن ناۋايىغىچە مەشھۇر شەخسلەرنى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەقسەت نىشانلىرىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپئۇيغۇرلاشتۇرۇش”، ۋە سادىر پالۋان قوشاقلىرىنى “ ئېغىز ئەدەبىياتى” قاتارىدا ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈشتەك خىزمەتلەرنى مىللىي مائارىپ ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇرنى ئاستىدا ئەقلى-ھوشيارلىقى بىلەن “مىللەت” ئېڭىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا سىڭدۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىمۇ بىلمىگەن ھالدا ھەرقانداق ۋاقىتتا يانىدىغان ئوت ھالىتىگە ئەكېلىپ تاشلىغان ئىدى. ئاپتور ئۆزى بىۋاسىتە ئۇيغۇر مىللەتچىلىكى ھەققىدىكى قىسە، لېكسىيە، ياكى ۋەزلەرنى ئاڭلاپ باقمىغان بىلەن، “ئوغۇزخان” قىسسىنى ئوقۇغان، “ئۇيغۇر” نامىنىڭ قەدىمىيلىكىنى بىلگەن، مەھمۇد قەشقىرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن پەخىرلەنگەن ھالدا چوڭ بولغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىدىن ھېچقانداق مىللەتچىلىك قىسسىلىرىنى ئاڭلىمىغان بولسىمۇ، ئەكسىچە “بېشىڭنى ئىچىگە تىقىپ ياشا” دېگەن تەلىملەردە چوڭ بولغان بولسىمۇ، 19 يېشىدا تۇرغۇن ئالماسنىڭ “ئۇيغۇرلار” كىتابىنى ئوقۇغاندا نېمىدۇ بۇ دەپ گاڭگىرىمىغان ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى ھەرقانداق ئۇيغۇر مىللەتچىلىكىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تەبىئىي رەۋىشتە ئۆز ۋۇجۇدىغا سىڭدۈرۈپ ماڭالىغان ئىدى. دېمەكچى بىزدىكى زور كۆپچىلىك ياشلاردا مىللەت توغرىسىدا تەييارلىقى بار ئاساس بار. بۇ يەردىكى ئاساسلىق مەسىلە بۇلارنى توغرا يېتەكلىمەي، مىللەتچىلىكتىن باشقا نىشانلارغا قايمۇقتۇرىدىغان كەينىگە چېكىندۈرىدىغان تەشكىلاتلارنىڭ بولۇشىدا.

ئەگەر ئۇيغۇر دىئاسپوراسى بارلىق تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەت قىلىش ئوبيېكتى بولغان ھالەتتە، بارلىق تەشكىلاتلارنىڭ قۇرۇلۇش مۇددىئامەقسەتلىرى بىرلىككە كېلىپ ھەممە ئۇيغۇرغا ئوچۇق بولۇش ھالىتىگە كېلىپ، بىرلىكسەپ قۇرۇلۇشىنىمۇ ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇ جەھەتتە يەنە ئىش تەقسىماتىغا قاراپ دىئاسپورا تەشكىلاتلىرى كەسىپلىشىشكە قاراپ مېڭىشى كېرەك. يەنە دىئاسپورا تەشكىلاتى نوقۇل سىياسىي تەشكىلات بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەشكىلاتلار مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە شۇ دۆلەتتىكى قانۇن ھوقۇقلىرىنى قوغداشنى مەقسەت قىلسا، ئۇندىن باشقا تاپاۋەتسىز تەشكىلاتلارمۇ (ن. پ. و) قۇرۇلۇشى، ۋە ئۇلار كەسىپ ئايرىپ تەرەققىي قىلىشى كېرەك. ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر مەكتىپى، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، ۋە ئۇيغۇر يار فوندىلار بۇنىڭ ياخشى ئۈلگىسى بولالايدۇ. بىز ئۇيغۇرلاردا “زامان ساڭا باقمىسا، سەن زامانغا باق” دېگەن ئەقلىيە سۆزى بار. كەسىپلىشىش ئىش ئۈنۈمىنى يۇغۇرى كۆتۈرۈپ، بىر توپلامنىڭ زامانغا لايىق ھالدا ھەر جەھەتتىن تەرەققىي قىلىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستىخىيەلىك ھالدا بىر قانچە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا باغلىنىپ ئۆز ئالدىغا توردەك ئۇلىشىپ توپلام شەكىلدە يەنە “تور توپلام” ھالىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىدە تارقاق ھالەتتە كۆپىيىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ “تور توپلام” ھالىتىدە ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاشنى ئەمىلى تەجرىبىلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان ئەمىلى تەكشۈرۈشلەردىن كەلگەن خۇلاسىلەردىن بىز “قوشنىدارچىلىق توپلام” قۇرۇشنىڭ تەبىئىي رەۋىشتە مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تەسلىكىنى بىلىمىز. ئەمما “تور توپلام” قۇرۇش بولسا سۈنىي رەۋىشتىمۇ ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇمكىنچىلىكى بار بولۇپ، ئۆز بالىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئەۋلادى بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىنى خالايدىغان ھەر قانداق ئۇيغۇر، ئامال بار ئۇيغۇرلار نىسبەتەن كۆپ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەرگە ئورۇنلىشىپ قوشنىدارچىلىق ھالىتىدە بولمىسىمۇ تور شەكلىدە بىر – بىرىگە ئۇلىشىشى ۋە شۇ توپلامنىڭ ئىش پائالىيەتلىرىنى قوللايدىغان ئورگان قۇرۇشى كېرەك.

ئەمدى ئەۋلاد تەربىيەلەش مەسىلىسىگە كەلسەك، مىللەتچىلىكنى ئەۋلادلارغا سىڭدۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىنى بىزنىڭ زىيالىيلارنىڭ قانداق ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتتۇق.  يىلدا نەچچە قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان نامايىش ئەۋلادلارنىڭ “مىللەتچى” بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا يېتەرلىك دەستەك بولالمايدۇ، ۋە نوقۇل سىياسىي ئىدېئولوگىيەنىلا تېڭىش ئارقىلىق مىللەتچى قىلىپ يېتىشتۈرۈش ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئەمەس. ئەۋلادلارغا مىللەتچىلىكنى سىڭدۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى سىياسىي شوئاردىن كۆپرەك ئىلمى يوسۇندا ئۇيغۇر تىلى، تارىخى، ئەدەبىيات – سەنىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇچۇرلارنى كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە بالىلارغا سىڭدۈرۈش كېرەك. شۇنىڭغا كېرەكلىك مۇنتىزىم دەرس تېكىستلىرىنى تەييارلىيالايدىغان ئىلمى ئادەملىرىمىز ھازىر بىخەتەر دۆلەتلەردە تەييار بار. مەسىلەن ئوتتۇرا-باشلانغۇچ سەۋىيەسىدە ئەدەبىيات، تارىخ دەرسلىكىنى تۈزۈشكە رەھبەرلىك قىلالايدىغان كىشىلەردىن در. ئەسەت سۇلايمان، در. نەبىجان تۇرسۇن قاتارلىق ئۆز ئىلمى ئەمگەكلىرى بىلەن ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشكەن نوپۇزلۇق زىيالىيلىرىمىز بار. تۈركىيەدە بولسا بۇ زىيالىيلار بىلەن ئىشبىرلىگى ئېلىپ بېرىپ بۇ كىتابلارنى تۈزۈش ۋە نەشرگە تەييارلاش ھەتتا بېسىپ تارقىتىشقا قەدەر تەييار ھالەتتىكى زىيالىيلار، كەسىپ ئەھلى ۋە نەشرى ئورگانلار بار. بۇلارنى قوللايدىغان ئىجتىمائىي گۇرۇپپىلار تەشكىل قىلىنسا توپلام ھالىتىدە ئەۋلاد تەربىيەلەشكە تېگىشلىك دەرسلىكلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە ھېچقانداق توسالغۇ مەۋجۇت ئەمەس. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ۋەتەن ئىچىدە مىللىي مائارىپنى سىستېمىلىق يوقىتىشتا غەلىبە قىلغان بولسا، ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە توپلام ھالىتىدە ئۇيۇشۇپ مىللىي مائارىپنى سىستېمىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىشى كېرەك. شۇنداق بولمايدىكەن ئۇيغۇرلار ۋەتەن ئىچى – سىرتىدا ئانا تىلنى ساقلاش، ۋارىسلىق قىلدۇرۇش پۇرسىتىدىن قەدەممۇ قەدەم مەھرۇم بولۇشى ۋە ئەڭ ئاخىردا پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ يوقىلىپ كېتىشى مۇمكىن.

خۇلاسىلىگەندە، پەقەت توپلامنىڭ نامىدا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىدىغان پارتىزانچە “مىللىي داۋالار” غا خاتىمە بېرىلىشى، “مىللىي مەۋجۇتلۇق  ئۈچۈن” دەيدىغان بىر مەقسەتكە ئۇيۇشۇپ، شۇ مەقسەت ئۈچۈن پىلانلىق، سىستېمىلىق پائالىيەت ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. ئىشلار سىستېما ھالىتىگە كەلگەندە بارماقلار ئاجىز بولسىمۇ ئۇيۇشسا مۇشت بولۇپ ئۆز كۈچىنى كۆرسىتەلىگەندەك، دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارمۇ كۈچلىنىش پۇرسەتلىرىگە ئىگە بولالايدۇ دەپ ئىشىنىمىز.

 

ئۈچىنچى قىسىم؛ دىئاسپورا توپلىمىنىڭ ئانا تىلنى قوغداشتىكى رولى ھەققىدە بىر مىسال

ئانا تىل تەربىيەسى تەشتەكتە گۈل ئۆستۈرۈش شەكلىدە ھەر ئايلىنىڭ شەخسى ئىشى قاتاردا مۇئامىلە قىلىنماسلىقى كېرەك. پەقەت ئۇيغۇر دىئاسپورا توپلىمى شەكىللىنىپ خۇدى بىر پارچە ئورماندەك ھالەتكە كەلگەندە ئانا تىل تەربىيەسىگە مۇناسىپ مۇھىت ھازىرلىيالايدۇ. ئانا تىل تەربىيەسىمۇ شەخسى ئائىلىلەرگە بېسىم بولۇپ قالماي توپلام ئىچىدە كوللېكتىپ ھالدا تەبىئىي رەۋىشتە ھەل قىلىنىدىغان ھالەتكە كېلىدۇ. بىز بىر توپلامنىڭ ئانا تىلىنى قوغداشتىكى رولىنى تۈركىيەنىڭ قەيسىرى شەھىرىگە جايلاشقان ئۇيغۇر مەھەللى ) تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ت  مەھەللە دېيىلدى( ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئەمىلى تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسىدىن كۆرۈپ ئۆتمىز.

 

1 پاراگراف  “داۋاملىشىۋاتقان تىلنىڭ مودېلى

ت مەھەللە ئاھالىسى 1964-يىلى ئافغانىستاندىن تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرى ئەتراپىغا كۆچۈپ يەرلەشكەن ئۇيغۇر توپلىمى بولۇپ، بىرىنچى ئەۋلادىنىڭ بارلىق ئەزاسى، ھەمدە ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئەۋلادنىڭ بىر قىسمى شەرقى تۈركىستاندا تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلىكى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر تىلى مۇكەممەل دەپ ئېيتالىساقمۇ، تۈركىيەدە مەجبۇرىي مائارىپ تەربىيەسى مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان كېيىنكى ئەۋلادلار ئۇيغۇر تىلىغا ۋارىسلىق قىلالىغانمىدۇ، دېگەن سوئال تۇغۇلىدۇ. تۈركلەر بىلەن ئوخشاش مەكتەپكە قاتراپ، تۈرك تىلى مۇھىتىدا يېتىلگەن كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ سىرتقى قىياپىتى، تۈرك بالىلىرى بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق كۆرۈنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ت مەھەللىسىدە كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۇيغۇر تىلىنى ۋارىسلىق قىلدۇرىدىغان ئالاھىدە تىل ئۆگىنىش مودېلى مەۋجۇت.

ت مەھەللىسىدىكى بالىلار ئىككى مۇھىت ئىچىدە تەڭ ياشاپ كېلىدۇ. بىرى چوڭ مۇھىت بولۇپ، بۇ تۈركىيە جەمىيىتىدىن ئىبارەت. ئىككىنچىسى بولسا ت مەھەللىسىدىن ئىبارەت كىچىك مۇھىت. بۇ ئىككى مۇھىت ئىچىدە قالغان كېيىنكى ئەۋلادلار، بۇنىڭغا نىسبەتەن پەرق بارلىقىنى ھېس قىلامدىغاندۇ؟ تۈركىيە جەمىيىتى دېگەن بۇ چوڭ مۇھىت ئىچىدە كېيىنكى ئەۋلادلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلۇق كىملىكىنى قانداق شەكىلدە ھېس قىلىدىغاندۇ؟ يەنە ت مەھەللىسى ئىچىدە، كىچىك مۇھىتنىڭ  كىملىكىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا قانداق يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقاندۇ؟ تۆۋەندە بىز بۇ سوئاللارغا كونكرېت جاۋاب بېرىپ ئۆتمىز.

 

  • تىل تەربىيەسى

تۈركىيە پۇقراسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ت مەھەللىسىدىكى بالىلار مەجبۇرىي مائارىپتىن ئالىي مائارىپقىچە تۈركىيەنىڭ ئومۇمى مائارىپ تەل-تەربىيەسى ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. بالىلار ئومۇمىي مائارىپ تەلىم-تەربىيە جەريانىدا تۇركلىشىشنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ت مەھەللىسى ئىچىدىكى ئۇيغۇر كۇلتۇرىغا ئائىت تەلىم-تەربىيەنىمۇ قوبۇل قىلىپ ماڭىدۇ. ت مەھەلىدىكى تەلىم-تەربىيەنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇر تىلى تەربىيەسىدىن ئىبارەت.

ھەر يىلىنىڭ يازلىق ۋە قىشلىق تەتىل ئارىسىدا، تۈركىيەدە بالىلار قۇران كۇرسلىرىغا قاتنىشىپ دىنىي تەلىم ئالىدۇ. ت مەھەللىسىدىكى بالىلارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس بولۇپ، قىز، ئوغۇل ئايرىم ھالدا ت مەھەللىسىدىكى مەسچىتتە ئېچىلغان قۇران كۇرسىغا باردۇ. قۇران كۇرسىدىن باشقا ت مەھەللىسىدە بالىلار بولۇپمۇ يازلىق تەتىلدە “شەرقى تۈركىستان كۇلتۇر ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى(تۆۋەندە “كۇلتۇر جەمىيىتى” دەپ ئېلىندى)” گە يىغىلىپ ئوغۇل قىزلار بىللە ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس ئاڭلايدۇ. كۇرسقا قاتناشقان بالىلار 7 ياشتىن 14 ياش ئارىلىقىدا.

ئۇيغۇر تىلى كۇرسى 1993 – يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە ( 2009) ھەر يىلىنىڭ يازلىق تەتىلىدە ئېچىلىپ كېلىنمەكتە. ئوقۇتقۇچى بولسا شەرقى تۈركىستاندىن يېڭى يېڭى كېلىپ تۇرۇۋاتقان سىياسىي پاناھلانغۇچىلار ئۈستىگە ئالىدۇ. 1993 – يىلدىن 2002 – يىلغىچە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ كەلگىنى شۇنداق سىياسىي پاناھلىق تىلەپ تۇرۇۋاتقان ياش ئۆز ئۈستىگە ئالغان. ئۇ 2002 – يىلى ئۆزىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سۇنغان سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنىپ، كاناداغا كەتكەنگە قەدەر ت مەھەللىسىدە بالىلارغا ئۇيغۇر تىلدىن دەرس بەرگەن. 2003 – يىلدىن باشلاپ باشقا بىر ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچى دەرس ئۆتۈپ كەلگەن.

تىل كۇرسى دەسلەپتە، ئەينى يىللاردا “شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى” دا بېسىپ تارقاتقان ئېلىپبە كىتابىنى دەرسلىك كىتاب قىلىپ ئىشلىتىپ كەلگەن. 2007 – يىلى تۈركىيەگە سىياسىي پاناھلىق تىلەپ كەلگەن ۋە ت مەھەللىسىگە ئولتۇراقلاشقان ئا ئەپەندىم يېڭىدىن ئېلىپبە دەرسلىكىنى كىتاب قىلىپ تۈزگەن ۋە تۈركىيەدە نەشر قىلدۇرغان. ئا ئەپەندىم بولسا تۈركىيەگە كېلىشتىن ئىلگىرى سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئوقۇشىنى تاماملىغان.

ئاپتور ت مەھەللىدىكى تىل كۇرسىنى تۈگىتىپ ئۇيغۇرچە يېزىش ئوقۇشنى ئۆگەنگەن بىر سابىق ئوقۇغۇچىنى ت مەھەللىدە ئۇچۇرتۇپ زىيارەت قىلغاندا، ئۇ ئەينى چاغدا ئۆزى ئىشلەتكەن دەرسلىك كىتابىنى ئاپتورغا كۆرسەتكەن ئىدى. مەزكۇر دەرسلىك كىتاب بولسا 1983 – يىلى “شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى” ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ئىكەن. بۇ دەرسلىك كىتابنى ئاپتورمۇ بالىلىق چاغلىرىدا ئۇيغۇرچە كونا يېزىق ئۆگىنىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن نۇسخا بولۇپ، 2009 – يىلى ئوخشاش مەزگىلدە “شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى” دىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئىشلىتىلىۋاتقان ئېلىپبە دەرسلىكىمۇ 1983 – يىلىدىكى بۇ نەشر نۇسخىسىدىن ئىبارەت.

يۇقىرىدا ئاپتور زىيارەت قىلغان ئوقۇغۇچى كۆرسەتكەن دەرسلىك كىتابتا، جۇڭگوغا ئالاقىدار بولغان دۆلەت گېربى، دۆلەت بايرىقى قاتارلىقلار تاجاۋۇزچىلارنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە بويىۋېتىلگەن. 2007 – يىلدىن باشلاپ ت مەھەللىسىدىكى ئۇيغۇر تىلى كۇرسى بۇ خىل كۆرۈنۈشلەر يوق بولغان ئا ئەپەندى تۈزگەن ئېلىپبە نى دەرسلىك قىلىپ ئىشلىتىشكە باشلىغان.

ئاپتور ئانا تىل ئۆگىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ت مەھەللىسى ئاھالىسىگە 100 دانە ئانكىت تارقاتقان. مەزكۇر ئانكىتنىڭ سول ئۈستى تەرىپىگە تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ يېشى، ئوتتۇرىسىغا جىنسى ئايرىمىسى، ئوڭ ئۈستى تەرەپكە ئانكىت نومۇرى يېزىلىدىغان ئورۇنلار بېرىلگەن. ئانكىتلار يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن ئىناۋەتلىك ئانكىتلارغا ئاپتور نومۇر قويۇپ، 18 ياشتىن 18) ياشمۇ ئىچىدە ( يۇغۇرلارنى چوڭلار گۇرۇپپىسى، 18 ياشتىن تۆۋەنلەرنى بالىلار گۇرۇپپىسى قىلىپ ئايرىغان. ئانكىت جەمىي 10 سوئالدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بارلىق سوئاللارنىڭ ئاستىغا كۆپ تاللاش مۇمكىنچىلىكى بار جاۋابلار سەپلەنگەن. بۇ خىل كوپ تاللاشقا مۇمكىن بولغان جاۋابلار ئارقىلىق ئاپتور ت مەھەللىسى ئاھالىسىنىڭ سۇبيېكتىپ چۈشەنچىلىرىنىڭ( تەپەككۇر قىلىش ۋە ئانالىز قىلىش ئۇسۇللىرىنى( كېلىش مەنبەسىنى بىلىشنى ئانكىت تەكشۈرۈشنىڭ قوشۇمچە مەقسىتى قىلغان.

ت مەھەللىسىدىكى 18 ياشتىن تۆۋەنلەرگە قارىتىلغان ئانكىت تەكشۈرۈشتىن، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىدىغان ئىككى سورۇنى بار ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. بۇ ئىككى سورۇن ئائىلە ۋە كۇلتۇر جەمىيىتىدىن ئىبارەت بولغان.

ئالدى بىلەن ئائىلە ئىچىدە ئاتا – ئانىسى ئىشلىتىدىغان تىل بالىغا بىۋاسىتە تەسىر قىلغان. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئانكىتنىڭ 3، 4، 5، 8 – سوئاللار تىلغا ئالاقىدار. بالىلار گۇرۇپپىسىدىن يىغىپ ئېلىنغان ئىناۋەتلىك ئانكىت 36 دانە بولسىمۇ، كۆپ تاللاش ئىمكانىيىتى بېرىلگەنلىك سەۋەبىدىن، جاۋاب 36 دىن ئارتۇق بولغان. شۇ سەۋەبتىن ئانكىت تەكشۈرۈشتىن كەلگەن سانلىق مەلۇماتلارغا قارتا ئېھتىياجغا قاراپ چۈشەنچە بېرىمىز. ئالدى بىلەن بۇ 36 دانە ئانكىتتىكى سوئال 3، 4، 5 لەرنى كەلگەن نەتىجىسى بىلەن بىللە كۆرۈپ ئۆتمىز.

ئالدى بىلەن 3 – سوئالنىڭ ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە.

3 – سوئال، ئۇيغۇر تىلىنى،

  1. ياخشى سۆزلەيمەن  5) نەپەر(
  2. يامان ئەمەس سۆزلەيمەن  27) نەپەر (
  3. ئانچە سۆزلىيەلمەيمەن  1 )نەپەر (
  4. پەقەتلا بىلمەيمەن 5 )نەپەر (

يۇقىرىدىكى سوئالنىڭ نەتىجىسىدىن كۆپ سانلىق بالىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلى سەۋىيەسىگە قارتا ئىشەنچى بارلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. بۇنىڭ بىلەن قوشۇپ 4 ۋە 5-سوئاللارنىمۇ بىللە كۆرۈپ ئۆتەيلى.

4 – سوئال، ئۆيىڭىزدە قېرىنداشلىرىم بىلەن

  1. پۈتۈنلەي ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىمەن) 2 نەپەر (
  2. پۈتۈنلەي تۈرك تىلىدا سۆزلىشىمەن 15) نەپەر (
  3. ئۇيغۇرچە ئارىلاشقان تۈرك تىلىدا سۆزلىشىمەن 14 )نەپەر (
  4. تۈركچە ئارىلاشقان ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىمەن 10) نەپەر(

 

5 – سوئال، ئۇيغۇر دوستلىرىڭىز بىلەن ئالاقە قىلغاندا

  1. پۈتۈنلەي ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىمەن3) نەپەر (
  2. پۈتۈنلەي تۈرك تىلىدا سۆزلىشىمەن 16) نەپەر(
  3. ئۇيغۇرچە ئارىلاشقان تۈرك تىلىدا سۆزلىشىمەن 11) نەپەر)
  4. تۈركچە ئارىلاشقان ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىمەن  11) نەپەر(

يۇقىرىدىكى جاۋابلارنىڭ ئىچىدە، 4 – سوئالدىكى جاۋاب ب 15) نەپەر) بىلەن 5 – سوئالدىكى جاۋاب ب 16) نەپەر) گە ئاساسەن ت مەھەللىسى ئىچىدە تۈرك تىلىنىڭ ئاساسىي تىل سۈپىتىدە قوللىنىپ كېلىنىۋاتقانلىقىنى بىلەلەيمىز. لېكىن ئاپتورنىڭ كۆزىتىپ تەكشۈرۈشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئانكىتتىن كەلگەن نەتىجىنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ ئانالىز قىلغاندا، دىققەت 4 ۋە 5- سوئاللارنىڭ C ۋە د جاۋابىغا مەركەزلىشىدۇ.

ئالدى بىلەن 4 – سوئالنىڭ C ۋە د جاۋابىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى. جاۋاب C، يەنى، ئائىلە ئىچىدە ئۇيغۇرچە ئارىلاشقان تۈرك تىلىدا سۆزلەيمەن دېگەن تاللاش 14 نەپەر ئومۇمىي سان ( 36) نىڭ 38.9%نى ئىگىلىگەن. جاۋاب د 10 نەپەر بولۇپ 27.8% بولغان. سوئال 5 نىڭ جاۋابى C بىلەن د بولسا 11 نەپەر 30.6% بولغان. تۆۋەندە بىز بۇ نەتىجىلەرنى ئاپتورنىڭ ئەمەلىي كۆزىتىشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ كۆرۈپ ئۆتمىز.

ئاپتور تارقاتقان ئانكىتقا يېشى ۋە جىنسىي ئايرىمىسى تولدۇرۇش ئورنى بېرىلگەن بولسىمۇ، ئىسىم فامىلىسى يېزىش تەلەپ قىلىنمىغان. شۇنداق بولسىمۇ ئارىسىدا 15 نەپەر بالا ئىسمىنىمۇ يېزىپ تاپشۇرغان. بۇ 15 ئانكىتنىڭ نەتىجىسى بىلەن ئاپتور ئەمەلىيەتتە يۈز تۇرانە زىيارەت قىلىش ۋە كۆزىتىش ئارقىلىق ئېگە بولغان مەلۇماتلارنى سېلىشتۇرغاندا قىزىقارلىق نەتىجە كېلىپ چىققانتۆۋەندە بۇنى ئەمىلى مىساللار بىلەن كۆرۈپ ئۆتمىز.

27 – نومۇرلۇق ئانكىتنى تولدۇرغىنى 10 ياشلىق قىز بالا بولۇپ)ئانكىت تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان 2008-يىلىدىكى شۇ مەزگىلدە(، بۇ يەردە ئۇنى  م  دەپ ئاتىدۇق. م  نىڭ دادىسى شەرقى تۈركىستانىڭ قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئانىسى ئۆزبېكىستاندا تۇغۇلغان ئۇيغۇر. م  بولسا ئۆزبېكىستاندا تۇغۇلغان بولۇپ، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا، يەنە 2006 – يىلى ئائىلىسى بىلەن بىللە تۈركىيەگە  كەلگەن ۋە ت مەھەللىسىگە ئورۇنلاشقان. يەنى، م تۇغۇلۇپ تۈركىيەگە كەلگۈچە ئۆزبېكىستاندا چوڭ بولغان.

ت مەھەللىسىدە بولسا، م نىڭ ئاتا – ئانىسى ئوي ئىچى سىرتىدا ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىدۇ. ئاتا بىلەن بالىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولسا ئاتا ئۇيغۇر تىلىدا، بالىلار ئۆزبېك تىلىدا، ئانا بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسىدا بولسا ئۆزبېك تىلىنىلا ئىشلىتىپ كەلگەن. 2007 – يىلى 3 – ئايدا، ئاپتور ت مەھەللىسىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان مەزگىلدە، م ۋە ئۇكىلىرى )ئايرىم – ئايرىم ھالدا 8، 5، 3 ياش بولۇپ ئۆزبېكىستاندا تۇغۇلغان( ئاپتور بىلەن پۈتۈنلەي ئۆزبېك تىلىدا سۆزلەشكەن ئىدى. شۇ يىلى 8 – ئايدا ئېلىپ بارغان ئىككىنچى قېتىملىق تەكشۈرۈش جەريانىدا، م ۋە ئۇنىڭ ئۇكىلىرى ئاپتور بىلەن سۆزلەشكەندە تۈركچە ئارىلاشقان ئۆزبېك تىلى ئىشلەتكەن. شۇنىڭدىن بىر يىل كېيىنكى 2008 – يىلنىڭ 8 – ئايدىكى 3 – قېتىملىق تەكشۈرۈش ۋاقتىغا كەلگەندە ئۆزبېك تىلى ئارىلاشمىغان ساپ تۈرك تىلىغا ئۆزگەرگەن ئىدى. يەنى،  م ۋە ئۇكىلىرى ئۆزبېك تىلىنى تۈرك تىلىغا تېگىشكەن ئىدى. بۇ مەزگىلدە م نىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆز – ئارا يەنىلا ئۇيغۇر تىلى ئىشلەتسىمۇ، بالىلار بىلەن بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇشلار پۈتۈنلەي تۈرك تىلىغا ئۆزگەرگەن ئىدى.

ئەمما م نىڭ ئانكىتتىكى جاۋابىغا قارساق، 3 – سوئالنىڭ ئا جاۋابىغا ئا )ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى سۆزلەيمەن( بىلەن ب )يامان ئەمەس سۆزلەيمەن( نى تەڭ تاللىغان ئىدى. يەنە، 4 ۋە 5 – سوئاللاردىمۇ ئا )پۈتۈنلەي ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىمەن( بىلەن )C  ئۇيغۇرچە ئارىلاشقان تۈرك تىلىدا سۆزلىشىمەن( نى تەڭ تاللىغان ئىدى.

بۇ يەردە بىز م نىڭ جاۋابىنىڭ زىددىيەتلىك بولغانلىقىنى ھېس قىلمىز. بۇ توغرىلىق مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشتىن بۇرۇن، ئانكىتتىكى 8 – سوئالنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى.

8 – سوئال، ئۇيغۇر تىلىنى

  1. شەرقى تۈركىستاندا ئائىلىدە قېرىنداشلىرىمدىن ئۆگەندىم 10) نەپەر(
  2. تۈركىيەدە ئائىلىدە ئۆگەندىم 24) نەپەر(
  3. دوستلىرىمدىن ئۆگەندىم 1) نەپەر(
  4. كۇلتۇر جەمىيىتىدە ئۆگەندىم 2) نەپەر(

8 – سوئالدا، ب نى تاللىغانلار 24 نەپەر بولۇپ، ئومۇمىي سان (36) نىڭ 66.7% نى ئىگىلىگەن. ئۇنىڭدىن قالسا جاۋاب ئا 10 نەپەر 27.8% نى؛ د ئىككى نەپەر، 5.6% نى ئىگىلىگەن. بۇ ئانكىت نەتىجىسىدىن بالىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئاساسەن ئائىلىدە ئۆزلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز. ئاپتورنىڭ ئەمەلىي تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندىمۇ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۆيىدە ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىشىگە قاراپ بالىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى سەۋىيەسىمۇ پەرقلەنگەن.

ئائىلە ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىش ئەمەلىيىتىگە قاراپ بالىلاردا كۆرۈلىدىغان تىل سەۋىيەسىدىكى پەرقنى، بىز تۆۋەندە تىلغا ئالغان يەنە بىر مىسال ئارقىلىق كۆرسىتىپ ئۆتمىز. يۇقىرىدىكى ئىسمى يېزىلغان 15 دانە ئانكىتنىڭ ئىچىدە ئۇ  9) ياش، ئوغۇل ( بىلەن ت 14) ياش، ئوغۇل( نىڭ ئانكىت نەتىجىسىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرىمىز. ئۇ بولسا ئاتىسى ئۇيغۇر، ئانىسى تۈرك، ت نىڭ بولسا ئاتىسى تۈرك ئانىسى ئۇيغۇر. ئۇ بولسا 3 – سوئالغا جاۋاب ب )ئۇيغۇر تىلىنى يامان ئەمەس سۆزلەيمەن( نى تاللىغان بولسا، ت نىڭ جاۋابى د ) پەقەت سۆزلىيەلمەيمەن( بولغان. ئۇ نىڭ 4 – سوئالغا تاللىغان جاۋابى ئا )پۈتۈنلەي ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىمەن(بولغان بولسا، ت نىڭ تاللىشى بولسا ب )پۈتۈنلەي تۈرك تىلىدا سۆزلىشىمەن( بولغان. يەنە ت نىڭ ئانىسىنىڭ ئۇيغۇر بولۇشىغا قارىماي ت ئائىلە ئىچىدە تۈرك تىلىدىلا سۆزلىشىدىكەن.

يەنە، ئۇ نىڭ 5 – سوئال ) ئۇيغۇر دوستلىرىم بىلەن بولغان ئالاقىدە) غا تاللىغان جاۋابى ب ) ئۇيغۇرچە ئارىلاشقان تۈرك تىلىدا سۆزلىشىمەن( بىلەن د ) تۈركچە ئارىلاشقان ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىمەن( بولغان. بۇ يۇقىرىدىكى م نىڭ تاللىشى بىلەن ئوخشاش زىددىيەتلىك تاللاش بولغان. تەھلىلنى كەينىگە قويۇپ ت نىڭ تاللىشىنى كۆرسەك ت نىڭ 5 – سوئالدىكى تاللىشى ب ) پۈتۈنلەي تۈرك تىلىدا ئېلىپ بارمەن( بولغان بولۇپ، ئۇ ئائىلىدىمۇ، ت مەھەللىسىدىمۇ پۈتۈنلەي تۈرك تىلىلا ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ت بولسا ئاپتور بىلەن پاراڭلىشىپ باققان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرچىسى بولسا تۈركچە ئارىلاشقان ئۇيغۇرچە بولۇپ، ئۆزى تاللىغان 3 – سوئالنىڭ جاۋابىدەك، ئۇيغۇرچىنى پۈتۈنلەي سۆزلىيەلمەيدىغان ھالەتتە ئەمەس بولسىمۇ، نېمە ئۈچۈن يەنە ئۇيغۇرچىنى پەقەت سۆزلىيەلمەيمەن دەپ تاللىغاندۇ؟

ت نىڭ 8 – سوئالغا تاللىغان جاۋابى بولسا د ) ئۇيغۇرچىنى كۇلتۇر جەمىيىتىدە ئۆگەندىم( بولۇپ، كۇلتۇر جەمىيىتىدىكى ئۇيغۇر تىلى كۇرسىغا قاتناشقان. يەنى، ت كۇلتۇر جەمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى كۇرسىغا قاتنىشىۋاتقان مەزگىلىدە كۇلتۇر جەمىيىتىدە تۇرۇشلۇق سىياسىي پاناھلانغۇچىلار بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ تۇرۇش پۇرسىتىدىمۇ بولغان دەپ ئويلاشقا بولىدۇ. ت بولسا ت مەھەللىسىدىكى ھېيت – ئايەمدىكى كوللېكتىپ پائالىيەتلەرگە تۈرك بولغان ئاتىسى قاتناشمىسىمۇ، مەھەللىسىدىكى ئۇيغۇر دوستلىرى بىلەن قاتنىشىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر تىلىنى مەلۇم نىسبەتتە سۆزلەپ مەشىق قىلىدىغان پۇرسەتلەرگە ئېرىشكەن ئىدى.

بۇنىڭغا قارتا ئۇ نىڭ 8 – سوئالغا تاللىغان جاۋابى ئا بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىنى شەرقى تۈركىستاندا قېرىنداشلىرىمدىن ئۆگەندىم دېگەن . بۇ يەردە ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك بىر مەسىلە شۇكى، ئۇ نىڭ ئاتىسى ت مەھەللىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ مۇ ت مەھەللىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنداقتا ت مەھەللىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇ نىڭ تاللىغان جاۋابىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ بۇنى بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان م نىڭ جاۋابى بىلەن بىر تەكشىلىككە قويۇپ ئانالىز قىلىمىز.

م نىڭ 8 – سوئالغا تاللىغان جاۋابى ئا ) ئۇيغۇر تىلىنى شەرقى تۈركىستاندا ئائىلىدە قېرىنداشلىرىمدىن ئۆگەندىم( بىلەن س )دوستلىرىمدىن ئۆگەندىم( بولۇپ، كۆپ جاۋاب تاللىغان. م مۇ ئۇ غا ئوخشاش ئۇيغۇر تىلىنى شەرقى تۈركىستاندا ئائىلىدە قېرىنداشلىرىمدىن ئۆگەندىم دېگەن جاۋابنى تاللىغان. ئەمەلىيەتتە م بولسا ئۆزبېكىستاندا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ دىن پەرقلىق ھالدا ئۆزبېك تىلى مۇھىتىدا چوڭ بولغان. ئوخشىمايدىغان تىل مۇھىتىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بۇ ئىككىسىنىڭ تاللىغان جاۋابىنى ئۇلارنىڭ بەزى بىر كەچۈرمىشلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئانالىز قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇ بولسا 7 يېشىدا ئاتىسى بىلەن بىللە شەرقى تۈركىستانغا بېرىپ 3 ئاي تۇرغان. يەنى ئۇ ئۆزى پۈتۈنلەي ئۇيغۇر تىلى مۇھىتىدا تۇرغان مەزگىلىدىكى كەچۈرمىشىنى جاۋاب قىلىپ تاللىغان ئىدى. تۈرك تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ پەرقى تۇنجى ئۇچراشقان كىشىگە نىسبەتەن چوڭ بولۇپ كۆرۈنسىمۇ، تۈرك بولسۇن ياكى ئۇيغۇر بولسۇن قارشى تەرەپنىڭ تىل مۇھىتىدا تۇرۇپ قالسا تىلى ئۆزگىرىپ كېتىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت. بۇ پەقەت تۈرك تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلىدىلا كۆرۈلىدىغان ھادىسە بولۇپ قالماستىن، بارلىق تۈركىي تىللىق قوۋملار ئارىسىدا يۈز بېرىدىغان ھادىسە. ئاپتورمۇ بالىلىق چاغلىرىدا يازلىق تەتىلدە چارۋىچى قازاقلارنىڭ چېدىرىدا تۇرۇپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن قازاق تىلىدا سۆزلىشەلەيدىغان ھالەتكە يەتكەن كەچۈرمىشى بولغان.  ئاپتور ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلىگەندە، ئۇ مۇ ئۆز خاتىرىسىدە قالغان ئۇيغۇر تىلىنى ئەڭ ياخشى ئۆزلەشتۈرگەن ۋاقتىنى جاۋاب قىلىپ تاللىغان دەپ ئېيتالايدۇ. م نىڭ مىسالىمۇ بۇنى تەستىقلايدۇ.

م نىڭ ئاتىسى تۈركىيەگە پاناھلىق تىلەپ كېلىشتىن ئىلگىرى ئائىلىسىنى ئېلىپ ئۆزبېكىستاندىن يۇرتى قەشقەرگە يانغان، ۋە 5 ئايدىن كېيىن ئۆزبېكىستانغا قايتىپ، ناھايىتى تېزلا تۈركىيەگە پاناھلىققا كەلگەن. بۇنىڭدىن بىز ئۆزبېكىستاندا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن م نىڭ پۈتۈنلەي ئۇيغۇر تىلى مۇھىتىدا تۇرغان كەچۈرمىشىنىڭ بولغانلىقىنى بىلىمىز. ھەمدە م گە نىسپەتەنمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆزلەشتۈرگەن ۋاقتى شۇ 5 ئاي قەشقەردە تۇرغان مەزگىلى دېيەلەيمىز. يەنى، ئۇنىڭ جاۋاب  س نىمۇ تەڭ تاللىغانلىقىنى ئانالىز قىلساق، م بەشىدىن كەچۈرگەن ئۈچ مۇھىت )ئۆزبېكىستان، ت مەھەللىسى ۋە شەرقى تۈركىستان( ئىچىدە، ئۆزبېكىستاندا ئۆزبېك تىلى ئىشلەتكەن بولسا، ت مەھەللىسىدە بولسا يۇقىرىدا ئاپتور كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك دوستلىرى بىلەن تۈرك تىلىدىلا سۆزلىشىدىغانلىقىنى تىلغا ئېيتىپ ئۆتتۇق. شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ “دوستلىرىم بىلەن ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىمەندېگىنى ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ خاتىرىسىدە ساقلىنىپ قالغان، شەرقى تۈركىستاندا تۇرغان مەزگىلىدىكى دوستلىرىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز. 8 – سوئالنىڭ جاۋابىغا ئا نى تاللىغان قالغان 9 بالىمۇ ھەممىسى ت مەھەللىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، زىيارەت تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولغان نەتىجىلەر بىلەن بىللە مۇھاكىمە قىلىپ كۆرگىنىمىزدە، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تاللىشىنىڭ شەرقى تۈركىستانغا بارغان ۋاقتىدىكى كەچۈرمىشىنى جاۋاب قىلىپ تاللىغان دېيەلەيمىز.

ئۇ بىلەن م نىڭ مىسالى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئانالىزدىن، بىز بۇ ئىككىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئۇيغۇر تىلى مۇھىتىدا تۇرۇپ ئۇيغۇر تىلى ئىشلەتكەن كەچۈرمىشىنىڭ بولغانلىقىنى بىلدۇق. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار ئۆزىگە ئىشەنچ قىلغان ھالدا 3 – سوئالنىڭ جاۋابى سۈپىتىدە ب نى يەنى، ئۇيغۇر تىلىنى ئادەتتىكىچە سۆزلىيەلەيمەن دەپ تاللىغان. ئەمەلىيەتتە ئاپتور 2008 – يىلى 8 – ئايدا كۇلتۇر جەمىيىتىدە ئۇچۇرغان م گە ئۇيغۇر تىلىدا سۆز قىلغىنىدا، م ئاڭلىسىمۇ تولۇق چۈشىنەلمىگەن، ۋە بەرگەن جاۋابى پۈتۈنلەي تۈرك تىلىدا بولغان ئىدى. ۋە ئۇ مۇ مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئىدى. ئەكسىچە ت بولسا ئاپتورنىڭ سوئالىغا تۈركچە ئارىلاشقان ئۇيغۇر تىلىدا جاۋاب بەرگەن ئىدى. قىسقىسى ت مەھەللىسىدىكى بالىلار تۈرك تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ پەرقىنى چۈشەنگۈدەك دەرىجىدە ئەمەس ئىدى. ئۇنداق بولسا ت مەھەللىسى ئاھالىسى تۈرك تىلى بىلە ئۇيغۇر تىلىنىڭ پەرقىنى قاچان چۈشىنىدىغاندۇ؟ تۆۋەندە بىز بۇ مەسىلىنى يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئانكىتتىكى 4 – ۋە 5 – سوئاللارنىڭ  س ۋە  د  جاۋابى ئارقىلىق ئانالىز قىلىپ ئۆتمىز.

 

  • “خاتىرە” بولۇپ قالىدىغان تىلنىڭ پەرقى

تۈركىيەدە تۈرك تىلى تۈركچە دېيىلسىمۇ، باشقا تۈركىي تىللار بىلەن بىلە تىلغا ئېلىنغاندا تۈركىيە تۈركچىسى دەپ ئىپادە قىلىنىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇر تۈركچىسى، ئۆزبېك تىلى بولسا، ئۆزبېك تۈركچىسى دەپ ئىپادە قىلىنىدۇ.

ت مەھەللىسىدە 10 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى سەۋىيەسى، 10 ياشتىن يۇقىرى بولغان بالىلارغا سېلىشتۇرغاندا خېلىلا تۆۋەن. ت مەھەللىسىدىكى بالىلار ئاساسەن كۇلتۇر جەمىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر تىلى كۇرسىغا قاتنىشىپ ئوخشاش ۋاقىتتا  باراۋەر ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېگە بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر تىلىنى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىپ مەشىق قىلىدىغان يەر، كۇلتۇر جەمىيىتىنىڭ يىغلىشى ۋە ياكى ت مەھەللىسىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ھېيت – بايراملاردىكى يىغىلىشلارغا، 10 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ قاتنىشىش پۇرسىتى، شۇ ياشتىن يۇقىرى بالىلاردىن ئاز. ت70 ) مەھەللىنىڭ خەرىتىسىگە ئاساسەن رەت نومۇرى 70 بولغان ئائىلىدە ئولتۇرغۇچىنى كۆرسىتىدۇ( ئائىلىسىنىڭ چوڭ ئوغلى  ئى بولسا، ئاپتور تۇنجى قېتىم ت مەھەللىسىگە تەكشۈرۈشكە كەلگەن 2007 – يىلى 16 ياشتا بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىنى نورمال ئىشلىتەلەيدىغان سەۋىيەدە بولۇپ، تۈركچە ئارىلاشقان ئۇيغۇر تىلى ئىشلىتەتتى. ئەمما 2009 – يىلى 8 – ئايدىكى تەكشۈرۈشتە ئۇيغۇر تىلى سەۋىيەسى تېخىمۇ يۇقىرىلىغان بولۇپ، تۈركچە ئارىلاشمىغان ئۇيغۇر تىلىدا ئاپتور بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغان ئىدى. ئى  نىڭ ئۈچ سىڭلىسى بار بولۇپ، ئايرىم ئايرىم ھالدا، ئا 17 ياش؛ ئە 14 ياش ؛ ز 11 ياش -2009)يىل 8-ئايد)ا. چوڭ سىڭلىسى ئا نىڭ ئۇيغۇر تىلىنى نورمال سۆزلىشىگە سېلىشتۇرغاندا، ئوتتۇرانچى سىڭلىسى ئە بولسا ئۇيغۇرچىنى ئاڭلاپ چۈشەنسىمۇ، سۆزلىيەلمەيتتى. كىچىك سىڭلىسى ز بولسا ئۇيغۇر تىلىنى ئازراق ئاڭلاپ چۈشەنسىمۇ، تۈركچە چۈشەنچە بەرمىسە تولۇق چۈشەنگۈدەك دەرىجىدە ئەمەس ئىدى. ئوخشاش ئائىلىدە چوڭ بولغان بالىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى سەۋىيەسىدە نېمە ئۈچۈن بۇنداق پەرقلەر كېلىپ چىقىدىغاندۇ؟

ت مەھەللىسىدە بالىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى سەۋىيەسىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا كۆرۈنەرلىك ئالاقىسى بار بولغان ئامىل بولسا ئالدىدا، بىرىنچى ئەۋلاد كىشىلىرى تېخى ھايات بار بولغان ئائىلىلەردە بالىلار ئۇيغۇر تىلىنى تېز ئۆگىنىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى چوڭلار باللىرى ۋە نەۋرىلىرىگە ئۇيغۇر تىلى ئىشلىتىدىغانلىقى سەۋەب بولىدۇ.

يەنە، ت مەھەللە ئىچىدە، ئوغۇل بالىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى قىزلارغا قارىغاندا تېز چىقىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، ت مەھەللىسىدە بولۇپ تۇرىدىغان كوللېكتىپ پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش پۇرسىتى قىزلارغا قارىغاندا ئوغۇل بالىلارغا كۆپرەك بولۇشىدا. ئۇنىڭدىن باشقا مەھەللىدە سىياسىي پاناھلىق تىلەپ تۇرىدىغانلار ئاساسەن ئەركەك بولۇپ،  مەھەللىدىكى ئوغۇل بالىلارغا ئۇلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇيغۇر تىلىدا پاراڭلىشىش پۇرسىتىنىڭ بولۇشى بۇنىڭ يەنە بىر سەۋەبى ھېسابلىنىدۇ.

ت مەھەللىسىدە مەسچىتكە بېرىپ ناماز ئوقۇش، ياكى رامزان مەزگىلىدىكى ئىپتارغا چاقىرىش قاتارلىقلار مۇقىم بولۇپ تۇرىدىغان كوللېكتىپ پائالىيەتلەر ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ دىنىي تۈس ئالغان كوللېكتىپ پائالىيەتلەرگە، ئاياللارنىڭ قاتنىشىشى چەكلىمىلەرگە ئىگە بولغانلىق سەۋەبىدىن، قىزلار ئاساسەن قاتناشمايدۇ. بۇ خىلدىكى كوللېكتىپ پائالىيەتلەرگە قاتناشقۇچى ئاساسەن ت مەھەللە ئاھالىلىرى بولسىمۇ، ئىشلىتىدىغان تىلى ئاساسەن تۈركچە بولىدۇ. ئەمما ئۇيغۇر تىلى ئىشلىتىدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت. مەسىلەن سىياسىي پاناھلانغۇچىلار بار مەيداندا، ئۇلارنىڭ تۈرك تىلى سەۋىيەسى ناچار بولغاچقا، ئۇلار بىلەن ئۇچراشقان بالىلار ئۈچۈن، بۇ ئۇچۇرۇشۇش ئۆزلىرىنىڭ ئائىلە ۋە ئۇيغۇر تىلى كۇرسىدا ئۆگەنگەن ئۇيغۇرچىسىنى مەشىق قىلىدىغان ياخشى پۇرسەت بولىدۇ.

بۇ يەردە ئازراق كەينىگە يېنىپ، ئانكىت تەكشۈرۈشنىڭ 4، 5 – سوئاللارغا تولۇقلىما ئىزاھات بەرسەك، C ۋە د جاۋاب بولغان تۈركچە ئارىلاشقان ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئۇيغۇرچە ئارىلاشقان تۈرك تىلى گە قارتا، بالىلارنىڭ تاللىشى ئۇلارنىڭ يېشى ۋە جىنسىغا ئاساسەن پەرقلىق تاللاش كېلىپ چىققان. ئەمەلىيەتتە 12 ياشتىن تۆۋەن بالىلار ئەگەر ت مەھەللىسىدە تۇغۇلغان ۋە شەرقى تۈركىستاندا تۇرۇپ باققان تەجرىبىسى بولمىسا، تۈرك تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ پەرقىنى چۈشەنمەيدۇ. يەنىمۇ كونكرېت قىلىپ ئېيتىپ ئۆتسەك، ئانكىت تەكشۈرۈشكە قاتناشقان 12 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ، C ۋە د جاۋابنىڭ قايسىسىنى تاللاشتا پەرقىنى ئېنىق بىلىپ ئېلىپ بارغان تاللاش بولماستىن، ھېسسىي تاللاش دېيىشكە بولىدۇ. بۇنى يەنە ئانكىت تەكشۈرۈشتىكى ئەمەلىي مىساللاردىن كونكرېت كۆرۈپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.

يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئىسمى يېزىلغان ئانكىتلارنىڭ ئىچىدە ئىككى ئاكا ئۇكا بار بولۇپ، ئانكىت نومۇرى 29 بولغان 12 ياشلىق ئوغۇل ) بۇ يەردە 29 – نومۇر دەپ ئىسىم قويۇپ تۇرمىز( بىلەن 23-نومۇرلۇق 15 ياشلىق ئوغۇل 23)نومۇر دەپ تۇرمىز( دىن ئىبارەت. ئىنىسى 29 نىڭ 4 ۋە 5 – سوئالنىڭ جاۋابى سۈپىتىدە ئوخشاش جاۋاب د نى تاللىغان. يەنى( ئائىلىدە قېرىنداشلىرى بىلەن( مۇ ۋە ت مەھەللىسى ئىچىدە)دوستلىرى بىلەن( مۇ تۈركچە ئارىلاشقان ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىمەن دەپ تاللىغان. بۇنىڭغا نىسبەتەن ئاكىسى بولغان 23 بولسا 4 – سوئالغا ب نى؛ 5 – سوئالغا بولسا س  نى تاللىغان. يەنى، 23 بولسا ئائىلىدە قېرىنداشلىرى بىلەن پۈتۈنلەي تۈرك تىلىدا سۆزلەشسىمۇ، ت مەھەلىدە دوستلىرى بىلەن ئۇيغۇرچە ئارىلاشقان تۈرك تىلىدا سۆزلىشىمەن دېگەن.

بۇ ئاكا – ئۇكىنىڭ مىسالدىن بىز 12 ياشلىق ئۇكىسىغا قارىغاندا 15 ياشلىق ئاكىسى تۈرك تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ پەرقىنى بىلگەن دەپ كۆرسىتىپ ئۆتەلەيمىز.

بۇنىڭغا ئوخشاش مىسالدىن يەنە بىرىنى ت70نىڭ ئۈچىنچى قىزى ز نىڭ ئانكىتىدىن كۆرۈپ ئۆتمىز. يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكۈنىمىزدەك ز مۇ ئانكىتقا ئوز ئىسمىنى يېزىپ تاپشۇرغان بولغاچقا، ئاپتور بىلىدىغان ز نىڭ ئائىلە ئەھۋالى بىلەن ئۇنىڭ تولدۇرغان ئانكىتىنىڭ ئەمەلىيىتىنى سېلىشتۇرۇپ ئۆتمىز.

ز بولسا 4 – سوئالغا جاۋاب س  نى، 5 – سوئالغا د نى تاللىغان. يەنى، ز بولسا ئائىلىدە قېرىنداشلىرىم بىلەن ئۇيغۇرچە ئارىلاشقان تۈرك تىلىدا سۆزلىشىمەن دەپ، مەھەللىدە بولسا دوستلىرىم بىلەن تۈرك تىلى ئارىلاشقان ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىمەن دېگەن. ئەمما ئانكىت تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان شۇ مەزگىلدە، ز نىڭ ئاپتور بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدىن مەلۇم بولغاندەك ئۇنىڭدا ئۇيغۇر تىلىنى ئاڭلاپ تولۇق چۈشەنگۈدەك سەۋىيە يوق ئىدى. ھەمدە ئائىلە ئىچىدىمۇ پۈتۈنلەي تۈرك تىلىدا سۆزلىشەتتى. بۇنىڭدىن بىز 10 ياشلىق ز نىڭ ئۇيغۇر تىلى بىلەن تۈرك تىلىنىڭ پەرقىنى تېخى بىلمەيدۇ دەپ بىلىمىز.

يۇقىرىدىكى ئانالىزلاردىن بىز ت مەھەللىسىدە 12 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ تۈرك تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ پەرقىگە نىسبەتەن ئېنىق چۈشەنچىگە ئېگە ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. بولۇپمۇ ئانكىت تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسى بۇنى ئېنىق ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. مەزكۇر بابنىڭ 1-1 سەھىپىسىدە تىلغا ئالغان م  گە ئوخشاش، بىر قىسىم ئانكىت تولدۇرغۇچىلارنىڭ زىددىيەتلىك كوپ تاللاش ئېلىپ بارغانلىقىدىنمۇ، ئەمەلىيەتتە بالىلارنىڭ بۇ ئىككى يېقىن بولغان تىلنىڭ پەرقىنى بىلمىگەن ھالدا ئوخشاش تاللاشتا بولغان دەپ ئېيتالايمىز.

12 ياشتىن يۇغۇرى بالىلارنىڭ مىسالىدىن، ت مەھەللىسىدىكى مۇھىت ئىچىدە، بۇ خىل تىلدىكى پەرقنى بىلمەسلىك مەسىلىسىنىڭ ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تەبىئىي ھالدا ئوڭشىلىپ ماڭىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتىپ ئۆتسەك، ت مەھەللىسىدە تىل ئاسسىمىلياتسىيەسىگە بولغان ئەندىشىلەر مەۋجۇت بولماستىن، ئۇيغۇر بالىلار تۇنجى تىلى تۈركچە بولۇپ چىقسىمۇ، ت مەھەللىسىدىكى رىتىملىق بولۇپ تۇرىدىغان كوللېكتىپ پائالىيەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەچ يېڭى ئەۋلادلار تۈرك تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئارىسىدىكى شۇ ئازراق پەرقىنى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ پەرقلەندۈرۈپ ئۆزلەشتۈرۈپ ماڭىدۇ، ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارغا بۇ پەرقنى ئۆزلەشتۈرىدىغان مۇھىت ۋە مەيدان ھازىرلاپ بېرىدۇ.

قەيسەرىدىكى بۇ ئۇيغۇر توپلىمى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتىن بىز ئانا تىلنى ئەۋلادلارغا ۋارىسلىق قىلدۇرۇپ مېڭىشتا توپلامنىڭ مۇھىملىقىنى ئېنىق كۆرۈپ يېتىمىز. يەنە ت مەھەللىسىدە كېيىنكى ئەۋلادلار چوڭ مۇھىتنىڭ تەسىرى بىلەن كىچىكىدىن تۇنجى تىلى تۈركچە بولغان بولسىمۇ، ئايىلە ۋە دىئاسپورا توپلىمى ئىچىدىكى كىچىك مۇھىتنىڭ تەسىرى بىلەن تۈرك تىلىغا يېقىن تۇغقان بولغان ئۇيغۇر تىلىنىمۇ ئاستا – ئاستا ئۆزلەشتۈرۈپ ماڭىدىغانلىقىنى، يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تۈرك تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنى پەرقلەندۈرۈشكە باشلايدىغانلىقى ۋە قۇرامىغا يەتكۈچە بولسا ئەسلى ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلىنى ئۆزلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۇق.

 

 

خاتىمە

ھاياتلىق ئىلمى بىزگە تۈرلەرنىڭ ھاياتلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن ئۆز ئەتراپىدىكى مۇھىتقا يارىشا ئۆزگىرىش ياسىشىنىڭ پەقەت فىزىئولوگىيەلىك ۋە بىئولوگىيەلىك مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان مۇھىتقا ماسلىشىش ھادىسىسى  ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئىنسان ئۈچۈن تىل، مەۋجۇتلۇق ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان بىر قورالدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بولۇپمۇ سەبىي بالا ئۈچۈن تىلنىڭ ئۈستقۇرۇلما جەھەتتىكى رولى ئەھمىيەتسىز بولۇپ، ئۇنى چۈشىنىش دەرىجىسىدە ئەمەس. شۇ سەۋەبتىن بالا ئۈچۈن قايسى تىل ئۆز ئېھتىياجىنى بەكرەك قاندۇرسا شۇنى ئۆزلەشتۈرىدۇ. ئەۋلادلارنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشىمۇ خۇددى شۇنداق بولۇپ، بالىلارمۇ سىرتقى مۇھىتقا ماسلىشىش ئۈچۈن دىققەت ئېتىبارى چوڭ مۇھىتنىڭ تىلنى ئۆگىنىشكە مەركەزلىشىپ، ئائىلە مۇھىتىدىن باشقا يەردە ئىشلەتمەيدىغان ئانا تىلدىن يىراقلىشىدۇ ۋە ئاسانلا ئۇنتۇيدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئانا تىل ئۆگىنىش، ئوخشاش تىللىق ئىنسان توپلىمىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ.

ئەگەر ئۇيغۇر دىئاسپوراسى ئۇيغۇر تىلىنى ئەۋلادلىرىغا ۋارىسلىق قىلدۇرۇش نىيىتى بولىدىكەن، چوقۇم توپلام ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈش زۆرۈر. پەقەت توپلام بولغاندا توپلام ئىچىدە تىل ئۆگىنىش مۇھىتى بەرپا قىلىنسا، يەككە ئايىلە مۇھىتىدا بالىنىڭ “ئېھتىياجى بولمىغان” تىلنى زورلىغاندىن كۆپ ئۈنۈملۈك بولىدۇ.

كۆچمەن تەتقىقاتىدىن كەلگەن مەلۇماتلار شۇنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، دىئاسپورا ئۆزىنىڭ تىل ۋە كۇلتۇر ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشتا توپلام ھالىتى ھالقىلىق رول ئوينىغان. ئامېرىكىنى مىسال ئالغاندا ئامېرىكا جەمىيىتىدە بىر مەھەل غوۋغا كۆتۈرگەن “تاق كۇلتۇرلۇق” ئامېرىكا جەمىيىتى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلغان پىچ – مەش نەزەرىيەسى ئاخىرغا كەلگەندە ئامېرىكا جەمىيىتىنىڭ كۆپ كۇلتۇر بولۇپ مەۋجۇت بولۇشىنى توسۇپ قالالمىغان. پىچ-مەش نەزەرىيەسى بىر خىل ئىدېئولوگىيە (ئامېرىكىچە قىممەت قارشىنى) ۋە بىر تىل(ئىنگلىزچە) نى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەر خىل ئېرىق ۋە ھەر خىل كۇلتۇردىن كەلگەن كۆچمەنلەرنى “بىر ئامېرىكا مىللىتى” ئىچىگە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى تەكىتلىسىمۇ ئەمما ھەر مىللەتنىڭ ئۆز توپلىمى بولغاچ، ئۇلارنىڭ ئۆز تىلى ۋە ئەن-ئەنلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئىمكانىيىتىدىن توسۇپ قالالمىغان. ۋە يېڭى كەلگەنلەر ئۆز كۇلتۇر توپلىمىغا دامالىق تۈردە قوشۇلۇپ ئۇنى كۈچلەندۈرۈپ كەلگەن.

ئانا تىلنى قوغداش ئۈچۈن بۇنچىلىك ئەزۋەيلەش ھاجەتمۇ دېگەندە، ئەگەر ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلايمىز دەيدىكەن بۇ ھاجەت. ياراتقۇچى يالغۇز بىر ئادەم ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن ئالدىدا پۈتۈن بىر دۇنيانى ياراتقان. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭ ئەركىن ئازادە ياشىشى ئۈچۈن بىر يەر شارى يارىتىلغان ۋە يەرشارىدا شۇ ئادەمگە كېرەكلىك ھاياتلىققا كېرەك ھەممە ئامىللارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن كۈن، كۈننىڭ يەر شارىغا يېقىن كېلىپ قېلىپ كۆيدۈرۈۋەتمەسلىكى ياكى يىراق كېتىپ قېلىپ يېتەرلىك ئىسسىقلىق بېرەلمەس بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇنى تارتىپ تەڭشەپ تۇرىدىغان پۈتكۈل كائىنات يارىتىلغان. بىر تىلنى قوغداشمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق شۇنداق كەڭ كۆلەملىك تەييارلىق كېرەك. ئەگەر بىز ھازىرغا قەدەر ۋەتەندە بار بولغان ئانا تىل مۇھىتىدىن ئۈمىد كۈتۈپ تۇرغان بولساق، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مۇھىتنىڭ پېيىنى پۈتۈن قىرقىپ بولدى. بۇ ھالەتتە بىزگە ۋەتەن سىرتىدا ئۇيغۇر دىئاسپوراسى ئانا تىلنى ساقلاشقا كېرەك بولغان مۇھىم ئامىللارنى چوقۇم ئۆز ئالدىغا ھازىرلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر دىئاسپورا توپلىمىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن نېمە ئېھتىياجلىق بولسا شۇنى خىزمەتلىرىنىڭ باش نۇقتىسى قىلىشى كېرەككى ھەرگىز، ئۆز نىشان مەقسەتلىرىنى، ئۇ ھەتتا دۆلەت قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان تەقدىردىمۇ دىئاسپورا توپلىمىغا مەجبۇرلاپ تاڭماسلىقى كېرەك. چۈنكى ئۇيغۇر دىئاسپورا توپلىمى بىرلىك ھالىتىگە كەلمىسە، ئۇيۇشمىسا، زورايمىسا ئانا تىلنى قوغدايمىز دەپ ئاۋارە بولۇشنىڭ ئەسلا ئەھمىيىتى يوق. ۋە كەلگۈسىدە ۋەتەن قۇرمىز دەپ ئاۋارە بولمىساقمۇ بولىدۇ. چۈنكى شۇ ۋەتەن قۇرۇلغۇچە ئۇيغۇرلارنىڭ  نەسلى قۇرۇپ بولغان بولىدۇ. ئەگەر ۋەتەن بىز قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان مول ھوسۇل دەپ قارىساق، ۋەتەن ئۈچۈن ئاتلانغانلار شۇ مول ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن تىكىلگەن مايسىلار بولىدۇ. ئەمما دىئاسپورا توپلىمى بولسا شۇ مايسىلار ئۆسۈپ يېتىلىشى كېرەك بولغان بوز يەر بولىدۇ. مول ھوسۇل ئالىمىز دەيدىكەنمىز شۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىدا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك.

 

http://jairo.nii.ac.jp/0156/00004359[1]

[1] http://jairo.nii.ac.jp/0156/00004359

Share
484 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.