logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بەزى ناھىيەلىرىدە يەرلىك مىللەت تىلىدىكى ۋېۋىسكىلار چەكلەنگەن

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىل 9‏-ئايدىن باشلاپ يولغا قويغان مائارىپ ساھەسىدە ئۇيغۇر، قازاق تىللىرىنى چەكلەپ، خىتايچىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىردىن-بىر مائارىپ تىلىغا ئايلاندۇرۇش پىلانى سودا-تىجارەت ساھەسىگىچە كېڭەيگەن.

دائىرىلەر ئۇيغۇر ئىلىنىڭ بەزى ناھىيەلىرىدە يەرلىك مىللەت تىجارەتچىلىرىنىڭ دۇكانلىرىغا خىتايچىدىن باشقا تىللاردا ۋىۋىسكا ئېسىشىنى چەكلىگەن. يېقىندا كۈنەس ناھىيىسىدە دۇكان ۋە باشقا تىجارەت ئورۇنلىرىغا ئېسىلغان قازاق، ئۇيغۇر تىللىرىدىكى ۋېۋىسكىلارنىڭ بىردەك يىغىۋېلىنغانلىقى، دائىرىلەرنىڭ بۇنىڭغا ھېچقانداق سەۋەب كۆرسەتمىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ ھادىسە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پىلانىنىڭ خىتاي تىلىنى رايوننىڭ پەن-تەتقىقات، مائارىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىدىكى بىردىن-بىر تىلغا ئايلاندۇرۇش بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقى، بەلكى ئۇلارنىڭ خىتاي تىلىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى بىردىن-بىر تىلغا ئايلاندۇرۇشنىمۇ مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

كۈنەس ناھىيەسىدىكى بىر قازاق تىجارەتچى ئايالنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، يەرلىك دائىرىلەر يېقىندا ئۇنىڭ دۇكىنىنىڭ «كىيىم-كېچەك دۇكىنى» دېگەن قازاق تىلىدىكى ۋىۋىسكىسىنى ئالغۇزۇۋەتكەن. بۇ قازاق تىجارەتچى ئايال، ئۆزىنىڭ دۇكىنى جايلاشقان بازاردا قازاق، ئۇيغۇر تىللىرىدىكى پۈتۈن ۋېۋىسكىلارنىڭ ئېلىۋېتىلگەنلىكىنى، پەقەت خىتاي تىلىدىكى ۋېۋىسكىلارنىڭ ساقلاپ قېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇ ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ يەرلىك تىللاردىكى ۋىۋىسكىلارنى بىردەك ئېلىۋېتىش ھەققىدىكى رەسمىي ئۇقتۇرۇشىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىكەن. يەرلىك دائىرىلەرمۇ نېمە ئۈچۈن يەرلىك تىللاردىكى ۋىۋىسكىلارنى بىردەك ئالغۇزۇۋەتكەنلىكىگە ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىگەن ئىكەن.

مۇخبىر: ياخشىمۇسىز؟ سىز ئاۋۇ كىيىم-كېچەك دۇكىنىنىڭ خوجايىنىغۇ دەيمەن، ھەئە؟
قازاق تىجارەتچى: نېمە دەيسىز! ھەئە، مەن شۇ.

مۇخبىر: ھازىر دۇكىنىڭىزنى نورمال ئېچىۋاتامسىز؟
قازاق تىجارەتچى: ئېچىۋاتىمەنغۇ، بۇنى سوراپ قالدىڭىز، نېمە بولدى؟

مۇخبىر: يېقىندا شەھەر باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ كېلىپ سىزنىڭ دۇكىنىڭىزنىڭ قازاقچە ۋىۋىسكىسىنى ئېلىۋەت، دەپتىكەن.
قازاق تىجارەتچى: ھەئە، ئېلىۋەتتىم، ئېلىۋەتتىم.

مۇخبىر: ئۇ قانداق ۋىۋىسكا ئىدى؟
قازاق تىجارەتچى: ئۇ باشقا گەپ ئەمەس، شۇ كىيىم -كېچەك دۇكىنى دېگەن خەت ئىدى، «دەستۇرلار كىيىم-كېچەك دۇكىنى» دېگەن خەت.

مۇخبىر: كىيىم-كېچەك دۇكىنى دېگەن خەتمىدى ئۇ قازاقچە يېزىلغانمۇ ياكى ئۇيغۇرچىمۇ؟
قازاق تىجارەتچى: قازاقچىسىنىمۇ ھەم خەنزۇچىسىنىمۇ يازدۇرغانمەن. خەنزۇچىسىنى «فۇجۇاڭديەن» دەپ يازدۇرغان ئىدىم.

مۇخبىر: شۇنداقمۇ؟ ئۇنى خەنزۇچىسى بىلەن بىر يەرگە يازدۇرغانمىدىڭىز ياكى ئايرىم يازدۇرغانمىدىڭىز؟
قازاق تىجارەتچى: خەنزۇچىسىنى يوغان قىلىپ، قازاقچىسىنى كىچىك قىلىپ يازدۇرغان. ئۇنى مەخسۇس شۇ ۋىۋىسكا يازىدىغانلارغا يازغان ئىدى.

مۇخبىر: ئۇنداق بولسا، ئۇلار نېمە سەۋەبتىن ئېلىۋەتتى بۇنى؟ بۇنى ئۆلچەمگە توشمايدۇ، باشقىدىن يازدۇر دېدىمۇ ياكى قازاقچىنى ئاسساڭ بولمايدۇ، دېدىمۇ؟
قازاق تىجارەتچى: قازاقچىنى ئاسساڭ بولمايدۇ، دېگەن گەپنى قىلمىدى. ئەمما بۇنى ئاسمايسەن، دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئاسمىدۇق شۇ.

مۇخبىر: قانداق سەۋەب كۆرسەتتى؟ مەسىلەن، بۇ يەردە پەقەت خەنزۇچىلا ئېسىلىدۇ، قازاقچىنى ئاسساڭ بولمايدۇ، دېمىدىمۇ؟
قازاق تىجارەتچى: ياق، ئۇنداق دېگىنى يوق. قازاقچىنى ئاسساڭ بولمايدۇ، پەقەت خەنزۇچىنى ئاسى، دېگەن گەپنى قىلمىدى.

مۇخبىر: سىزگە دېگەندە نېمە سەۋەب كۆرسەتتى؟ يېزىق ئۆلچەمگە توشمايدۇ، دېدىمۇ ياكى باشقا بىر سەۋەب كۆرسەتتىمۇ؟ شۇنى سوراۋاتىمەن؟
قازاق تىجارەتچى: ئۆلچەمنىڭ گېپى بولمىدى. بازاردىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭكىنى بىراقلا ئالدۇردى. بازاردىكى مېنىڭكىگە ئوخشاش ۋېۋىسكىسى بارلارنىڭ ھەممىسىنى ئالغۇزىۋەتتى. نېمە ئۈچۈن ئالغۇزۈۋەتكەنلىكىنى مەن بىلمىدىم. بىزنىڭ بازاردىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭكىنى ئالغۇزىۋەتتى. نېمە سەۋەبلىك ئالغۇزىۋەتكەنلىكىنى بىز بىلمەيمىزغۇ. بىزگە ئۇنداق سەۋەب كۆرسەتكىنى يوق. بۇنى ناھىيە مىقياسىدا ئالغۇزىۋەتتتى.

كۈنەس ناھىيەسدىكى بۇ ھادىسە مەزكۇر ناھىيەنىڭ ئۆز ئالدىغا چىقىرىۋالغان يەرلىك بەلگىلىمىسى ئىكەنلىكى ياكى ئۇنىڭ باشقا ناھىيەلەردىمۇ تەجرىجى يولغا قويۇلىدىغان ئومۇميۈزلۈك بەلگىلىمە ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس. بىز بۈگۈن كۈنەس ناھىيەىسدىكى ئالاقىدار تارماقلارغا تېلېفون قىلىپ، بۇنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈشتۈرگەن بولساقمۇ، لېكىن تېلېفونىمىزنى ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى.

كۈنەس ناھيەسىدىكى يۇقىرىقى ۋەقە دائىرىلەر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى رېستوران، ئاشپۇزۇللارنىڭ ۋېۋىسكىسىغا «ھالال» ياكى «مۇسۇلمانچە» دېگەن سۆزنى يېزىشنى بىردەك چەكلىگەن مەزگىلدە يۈز بەرگەن. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار يېقىندا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، مۇسۇلمانلار ئاچقان بارلىق رېستوران، ئاشپۇزۇللارنىڭ ۋېۋىسكىسىدىكى يۇقىرىقى سۆزلەرنى بىردەك ئالغۇزۇۋەتكەن ئىدى.

ئۈرۈمچىدىكى بىر تۇڭگان رېستورانىنىڭ كەچلىك نۆۋەتچى خادىمى، ھازىر ئۇرۈمچىدىكى پۈتۈن رېستوران ۋە ئاشپۇزۇللارنىڭ ۋېۋىسكىسىدىكى «مۇسۇلمانچە» دېگەن بەلگىگە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى دەلىللىدى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز مۇسۇلمانچە رېستوران ئاچىمىز. بىزنىڭ پۈتۈن تاماقلىرىمزى مۇسۇلمانچە. ھازىر رېستوران، ئاشپۇزۇللارنىڭ مۇسۇلمانچە ۋىۋىسكا ئېسىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئەلۋەتتە، بىزنىڭ مۇسۇلمانچە رېستوران. ئەمما بىزنىڭ ‹مۇسۇلمانچە› دېگەن خەتنى ئېسىشىمىزغا بولمايدۇ. ئەگەر سىز ئۈرۈمچىگە كەلسىڭىز، بىزنىڭ رېستۇرانتغا كېلىپ، ‹مۇسۇلمانچە› ياكى ئەمەسلىكىنى ئۆزىڭىز كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.»

لېكىن ئۈرۈمچىدىكى مەزكۇر رېستۇراننىڭ يۇقىرىقى كەچلىك نۆۋەتچى خادىمى، رېستوران، ئاشپۇزۇللارنىڭ ۋېۋىسكىسىدىكى «مۇسۇلمانچە»دېگەن سۆزنىڭ نېمە ئۈچۈن ئېلىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى سۇئاللىمىزغا «بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلمەيدىكەنمەن،» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ: مۇنداق دېدى: «ئۈرۈمچىدە مۇتلەق كۆپ قىسىم رېستوران، ئاشپۇزۇللارنىڭ ئۇ بەلگىلىسى ئېلىۋېتىلدى. ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ يېڭى بەلگە تارقىتىپ بەرگەن-بەرمىگەنلىكىنى بىلمىدىم. مەن بۇ يەردە بىر خىزمەتچى، بۇ ئىشلارنى ئۈرۈمچىدىكى قايسى ئورگاننىڭ قىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋىرىم يوق. ئىشقىلىپ، رېستورانىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق بەلگىنى ئېسىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەلۋەتتە بىز مۇسۇلمانچە رېستۇرانت، سىز ئىچىگە كىرسىڭىز كۆرىسىز. بىراق ھازىر بىز ئۇ بەلگىنى ئاسالمايمىز. بۇنىڭدىن كېيىن قانداق بولىدۇ، يېڭى بەلگىگە ئىلتىماس قىلامدۇ ياكى بۇنداق بەلگىنى ئېسىشقا رۇخسەت قىلىنمامدۇ، بۇنىسى ماڭا نامەلۇم. ئەگەر سىز تاماق بۇيرۇتسىڭىز شۇنى قىلىپ بېرەي. لېكىن سىز سورىغان سوئاللارغا مەن جاۋاب بېرەلمەيمەن. يېڭى بەلگە ئاسامدۇ-ئاسمامدۇ، بۇ مېنىڭ باشقۇرۇشىمدىكى ئىش ئەمەس،» دېدى.

لېكىن يۇقىرىقى چارىلەر ئىزچىل خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلدى. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «ھالال» بەلگىسى، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تىلىدىكى ۋىۋىسكىلارنى چەكلىشى ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسسسىمىلاتسىيە سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسىدۇر. بۇ تەشكىلاتلار «خىتاينىڭ بۇ تەدبىرلەر ئارقىلىق يەرلىك خەلقنىڭ ئۆز ئانا تىلى، مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادىغا بولغان مۇھەببىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى خىتاي جەمئىيىتىگە قېتىۋېلىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقى»نى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.

ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار تارماقلار يېقىندا خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» گە بەرگەن مەلۇماتىدا يۇقىرىقى چەكلىمىنى ئاقلاپ، بۇنىڭ مۇسۇلمان ئىستېمالچىلارنى قوغداش، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي «ھالال» تاماق يېيىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، «دىنىي ئاشقۇنلۇق» نىڭ ئىپادىلىرىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۈرۈمچىدىكى بىر خىتاي ئەمەلدارى «يە رشارى ۋاقتى گېزىتى»گە قىلغان سۈزىدە، «ساختا ‹ھالال› تاماق مۇسۇلمانلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان سالماسلىقى مۇمكىن، بىراق بۇ ئۇلاردا روھىي ئازاب پەيدا قىلىدۇ،» دېگەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/maarip/uyghur-tili-12252017180651.html

Share
427 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.