logo

trugen jacn

ئۇيغۇرلار ئۆزىنى ساقلاپ قالالامدۇ—ئىجتىمائىي دارۋىنىزملىق نۇقتىسىدىن ئۇيغۇرلارغا نەزەر

 

ئۇيغۇرلار ئۆزىنى ساقلاپ قالالامدۇ—ئىجتىمائىي دارۋىنىزملىق نۇقتىسىدىن ئۇيغۇرلارغا نەزەر

 

ئەركىن سىدىق

2017-يىلى 22-دېكابىر

 

«ئۇيغۇرلار تاللىغان ياشاش يولى ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشقا ماس كېلەمدۇ؟» ھازىرغىچە ئۆزىدىن مۇشۇنداق بىر سوئالنى سوراپ باققانلار بارمۇ-يوق، مەن ئۇنى بىلمەيمەن. ئۆزىدىن ئاشۇنداق بىر سوئالنى سوراپ، ئاندىن ئۇنىڭغا جاۋابەن بىرەر پارچە ماقالە يېزىپ باققانلار بارمۇ-يوق، ئۇنىمۇ بىلمەيمەن. ئۇنداقلار بار بولۇشىمۇ مۇمكىن، ئەمما مەن ھازىرغىچە ئۇنداقلارنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم. ئەسلىدە ئۇيغۇرلار «بىز تاللىغان ياشاش يولى ئۆزىمىزنى ساقلاپ قېلىشقا ماس كېلەمدۇ؟» دېگەن سوئالنى بۇنىڭدىن بەش ئەسىر بۇرۇنلا سورىغان بولسا، ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ياشاش يولى بىلەن كۈرەش قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى ئۇيغۇرنى ساقلاپ قېلىشقا ماس كېلىدىغان قىلىپ تەڭشەپ تۇرغان بولسا ياخشى بولار ئىدى. ئەمما بۇرۇنقىلار ئۇنداق قىلماپتۇ، ياكى ئۇنداق قىلالماپتۇ.

 

ئۇنداقتا بىز، يەنى ھازىر ياشاۋاتقان بىر قانچە ئەۋلاد ئۇيغۇرلار بۇ جەھەتتە قانداقراق قىلىۋاتىمىز؟ بىز ئۆز-ئۆزلىرىمىزدىن ئاشۇنداق سوئالنى سوراۋاتىمىزمۇ؟ ئاشۇنداق سوئالغا جاۋاب تېپىش يولىدا ئىزدىنىۋاتىمىزمۇ؟ ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى خەلقىمىزنىڭ مىللىي كىملىكى ئېغىر تەھدىت ئاستىدا قالدى. ھازىر چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى ئوقۇش يولى بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ، كېيىن چەت ئەلدە تۇرۇپ قالغان بولسىمۇ، يەنە بىر قىسمى ۋەتەندە ياشاش ياكى نورمال ئىنساندەك ياشاش ئىمكانىيىتى قالمىغانلىقى ئۈچۈن، چەت ئەلگە «پاناھ تىلىگۈچى ئۇيغۇر» بولۇپ چىققان، ھەمدە دۇنيادىكى بىر قىسىم ئەللەر ئۇلارنى «پاناھلانغۇچى ئۇيغۇرلار» دەپ قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا ئۆز دۆلىتىدە تۇرۇپ ياشاش ئىمكانىيىتى ھازىرلاپ بەرگەن ئىدى. ئۇيغۇرلارنى «شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلار ئىكەن»، دەپ قوبۇل قىلغان مۇسۇلمان ئەللىرى بارمۇ، ئەگەر بار بولسا ئۇلار قانچىلىك ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلغان، مەندە ئۇ جەھەتتە تولۇق مەلۇمات يوق. مېنىڭ بىلىدىغىنىم، مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدىغان سەئۇدى ئەرەبىستانمۇ «شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلار» نى گىراژدانلىققا قوبۇل قىلمايدۇ. ئۇ ئەلگە كۆچمەن بولۇپ بارغىنىغا 30 يىلدىن ئاشقان ئۇيغۇرلارمۇ ھازىرغىچە ئۇ يەرنىڭ گىراژدانلىقىغا ئۆتۈپ بولالمىدى.

 

يېقىنقى بىر قانچە يىلنىڭ مابەينىدە ۋەتەن سىرتىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ناھايىتىمۇ پايدىسىز 3 خىل ئەھۋال ۋۇجۇدقا كەلگەن بولۇپ، ئۇ ھازىر بارغانسېرى يامانلىشىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى ئۆزىنى «ئىسلام دۆلىتى» دەپ ئاتىۋالغان بىر گۇرۇپپا بۇزۇق ئادەملەرنىڭ دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان يەرلىرىدە تېررورلۇق ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشى. ئۇلارنىڭ ئىككىنچىسى ترامپ ئامېرىكىغا پرېزىدېنت بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ھەممە مىللەتتىن ئۈستۈن قويۇش، ۋە مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىش خاھىشىنىڭ كۈچىيىشى بولۇپ، ھازىر ئامېرىكا ۋە باشقا بىر قىسىم تەرەققىي تاپقان غەرب ئەللىرىدە مۇسۇلمانلارغا بولغان ئۆچمەنلىك كەيپىياتى كۈچىيىشكە باشلىدى. ئۈچىنچىسى بولسا، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن مىسىر ۋە پاكىستان قاتارلىق بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە دىندا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر تالىبان بالىلارنىڭ ئاشۇ دۆلەتلەردە داۋاملىق تۇرالىشى تەھدىتكە ئۇچراشقا باشلىدى. يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا ئىستانبۇل كوچىسىدا چارلاپ يۈرۈۋاتقان تۈرك ساقچىلىرى ئۇچراتقان ئۇيغۇرلارنى تەكشۈرۈپ، باشقىلارنى ئۇنداق قىلمايۋاتقانلىق خەۋەرلىرى چىقتى. يۇقىرىدىكى ئەھۋالنىڭ ھەر ئۈچى بىر ئىنتايىن جىددىي مەسىلە بولۇپ، چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ مەسىلىگە جىددىي قارىمىسا بولمايدۇ. مەن يۇقىرىدىكى 2-مەسىلىدە «پرېزىدېنت ترامپ، مىللەتچى ئاق تەنلىكلەر ۋە مۇسۇلمانلار» دېگەن تېمىدا بىر پارچە يازما تەييارلىغان بولۇپ، مەن بارلىق قېرىنداشلارغا ئۇنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئۇ ماقالە مېنىڭ يېڭىدىن چىققان تور كىتابىم (تور كىتاب 8-قىسىم) دا بار.

 

باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، بىزدەك ھازىر ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار كېچىككەن بولساقمۇ ئۆز-ئۆزىمىزدىن يۇقىرىدىكى سوئالنى سورىمىساق، ھەمدە ئېرىشكەن جاۋابقا ئاساسەن ئۆزىمىزنىڭ ياشاش يولى بىلەن ياشاش ئىستراتېگىيەسىنى تەڭشىمىسەك بولمايدۇ. ئۇنداق قىلمىساق بىز چەت ئەلدىكى ياشاش ئىمكانىيىتىمىزنى يوقىتىپ قويىمىز، ھەمدە ئۇيغۇرنى ساقلاپ قېلىش يولىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىمىزنىمۇ ئادا قىلالماي قالىمىز، ۋە ئۇيغۇرنى قوغداپ قالالمايمىز. ئۇنداق قىلمىساق ئىسلام دىنى يوقاپ كەتمەيدۇ، مۇسۇلمانلار يوقاپ كەتمەيدۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار يوقاپ كېتىشى مۇمكىن.

 

ئىلىم-پەن دۇنياسىدا، قانداق كىشىلەر ياشاپ، قانداق كىشىلەر يوقاپ كېتىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدىغان بىر تەبىئىي قانۇنىيەت بار بولۇپ، ئۇ قانۇنىيەت «دارۋىنىزم» ياكى «تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسى»، دەپ ئاتىلىدۇ. 20-ئەسىرگە كىرىشتىن بۇرۇن جۇڭگو دۇنيادا ئىنتايىن ئاجىز ئىدى. ئۇلار 20-ئەسىرگە كىرىش بىلەن تەڭ ئاشۇنداق قانۇنىيەتنى بايقاپ، ئۇنى كۈچەپ تەتقىق قىلىپ، ھەمدە ئۇنىڭدىن ناھايىتى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، دۇنيادىكى ئىنسانلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش سالاھىيىتى شوتىسىنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى بالدىقىدىن بىر ناھايىتى ئۈستۈن بالدىقىغا چىقتى. ئەمما، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇرنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىنى پۈتۈن قەلبى بىلەن ئارزۇ قىلسىمۇ، ھەمدە ناھايىتى كۆپ كىشىلەر بۇ يولدا ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاتا قىلىشقا رازى بولسىمۇ، ئۇيغۇرنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن نېمە ئىش قىلسا بولىدىغانلىقىنى ھازىرغىچە ئانچە ياخشى بىلەلمەيۋاتىدۇ. بىر قۇدۇقنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەن ئادەمدەك، قايسى تەرەپكە ماڭسا بىر تامغا ئۈسۈپ، قايسى تەرەپ توغرا يولغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى بىلەلمەي ياشاۋاتىدۇ. ئەگەر سىزمۇ ئاشۇنداق ئەھۋال ئىچىگە كىرىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى بولسىڭىز، ماۋۇ ماقالىنى چوقۇم بىر قېتىم كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇپ چىقىڭ.

 

  1. دارۋىننىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

 

(1) بىئولوگىيەلىك دارۋىنىزم ئىدىيەسى

 

«دارۋىنىزم» دېگىنىمىز بىئولوگىيەلىك تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ نەزەرىيەنى ئەنگلىيەلىك تەبىئەتشۇناس چارلېس دارۋىن (Charles Darwin, 1809 – 1882) باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم ئالىملار ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ نەزەرىيە جانلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ھەممىسى كىچىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەبىئىي تاللىنىشى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ يەردىكى ئۆزگىرىشلەر كىچىك ۋە ۋارىسلىق قىلىنغان ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، ئۇلار ئىندىۋىدۇئاللارنىڭ رىقابەتلىشىش، ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش، ۋە كۆپىيىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ. 1859-يىلى دارۋىن «مەۋجۇداتلار تۈرلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى» دېگەن بىر كىتابنى يازغان بولۇپ، دارۋىنىزم نەزەرىيەسى ئەنە شۇنىڭدىن باشلىنىدۇ [1].

1-رەسىم: چارلېس دارۋىن (Charles Darwin, 1809 – 1882)

 

(2) ئىسلامدىكى دارۋىنىزم نەزەرىيەسى ھەققىدىكى كۆز-قاراشلارنىڭ بىر مىسالى

 

دارۋىننىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسى ھەققىدە ئوخشىمىغان ئىسلام زىيالىيلىرىنىڭ ئوخشىمىغان كۆز-قاراشلىرى مەۋجۇت. مەن بۇ يەردە شۇلارنىڭ بىر مىسالى سۈپىتىدە دوكتور ياسىر قازىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز-قارىشىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتىمەن. مېنىڭ بۇ يەردە پايدىلانغىنىم دوكتور ياسىر قازىنىڭ 2013-يىلىدىكى «شىمالىي ئامېرىكا ئىسلام قۇرۇلتىيى» دا بەرگەن بىر مەيدان ئىلمىي دوكلاتىنىڭ ۋىدېئوسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 31 مىنۇت كېلىدىكەن. بۇ يەرگە ئۇنىڭ سۆزلىرىنى تولۇق كىرگۈزسەم ماقالە بەك ئۇزىراپ كېتىدىغان بولغاچقا، مەن پەقەت ئۆزۈم تاللاپ ئالغان ئازراق مەزمۇننىلا بايان قىلىمەن [2]. بۇ تېمىغا بەكرەك قىزىقىدىغان ۋە ئىنگلىزچىنى بىلىدىغان قېرىنداشلار ئەسلىدىكى مەنبەنى بىر قېتىم تولۇق كۆرۈپ چىقساڭلار بولىدۇ.

 

مەن بۇنىڭدىن كېيىن ياسىر قازىنى كۆپلەپ تىلغا ئالىمەن. شۇڭلاشقا بۇ يەردە مەن ئۇنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ قوياي. مېنىڭ ئېسىمدە قېلىشىچە ياسىر قازى ئامېرىكىغا 6 ياش ۋاقتىدا كەلگەن بولۇپ، خىمىيە ئىنژېنېرلىقى كەسپىدە بىر باكلاۋۇر ئۇنۋانى ئالغۇچە ئامېرىكىدا ئوقۇيدۇ. ئاندىن ئامېرىكىدىكى «Dow Chemical» دەپ ئاتىلىدىغان بىر چوڭ خىمىيە شىركىتىدە 2 يىل ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن سەئۇدىنىڭ مەدىنە شەھىرىگە بېرىپ 10 يىل ئوقۇيدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ ئەرەب تىلى كەسپىدە بىر باكلاۋۇرلۇق، ھەدىسشۇناسلىق كەسپىدە بىر باكلاۋۇرلۇق، ۋە ئىسلام ئەقىدەشۇناسلىق كەسپىدە بىر ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالىدۇ. ئۇ يەردىن ئوقۇشىنى تاماملاپ، ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ مەدىنەدە ئىگىلىگەن ئىسلامغا ئائىت بىلىملىرى غەرب جەمئىيىتىگە ۋە ھازىرقى زامانغا ماس كەلمەي، خۇددى بىر كونا بىنا ئۆرۈلۈپ كەتكەندەك ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككى يىل قاتتىق ئويلىنىپ، ئۆزىدىكى ئىسلام بىلىملىرىنى قايتىدىن قۇراشتۇرۇپ چىقىش قارارىغا كېلىدۇ. ھەمدە ئامېرىكىدىكى دۇنياغا داڭلىق يالى ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ، ئىسلام تەتقىقاتى كەسپىدە دوكتورلۇقتا يەنە 6 يىل ئوقۇيدۇ. قىسقىسى، ياسىر قازى ئامېرىكىدا 10 يىل، مەدىنەدە 10 يىل ئوقۇغان. دىندىمۇ ئوقۇغان، ۋە پەندىمۇ ئوقۇغان. ئۇ ھازىر ئامېرىكىدىكى «ئەلمەغرىپ ئىنستىتۇتى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى بولۇپ، ئۇ مەكتەپتە ئىسلامغا ئائىت دەرسلەرنى ئۆتىدۇ. ئۇمۇ خەلقئارادا ئەڭ تونۇلغان ئىسلام دىنى ئۆلىمالىرىنىڭ بىرى بولۇپ، دىنىي ساھەدە ئۇنىڭ ئالىم، ئىمام، شەيخ ۋە ئەقىدەشۇناس، دېگەندەك سالاھىيەتلىرى بار.

2-رەسىم: دوكتور ياسىر قازى 2013-يىلىدىكى «شىمالىي ئامېرىكا ئىسلام قۇرۇلتىيى» دا دوكلات بەرگەن ۋاقىتتىكى بىر كۆرۈنۈش.

 

تۆۋەندىكىسى ياسىر قازىنىڭ دېگەنلىرى.

 

تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسى ئىلىم-پەن دۇنياسىدا باشقا ئىلمىي نەزەرىيەلەرگە ئوخشاشلا بىر ئىلمىي پاكىت سۈپىتىدە قوبۇل قىلىندى. يەنى، بۇ نەزەرىيە خۇددى ئۆزىگە-تارتىش كۈچى نەزەرىيەسىگە ئوخشاشلا بىر خىل ئىلمىي نەزەرىيە بولۇپ، ئىلىم-پەن دۇنياسىدا ئۇ باشقا ئىلىملەرگە ئوخشاش بىر قىسىم ئىلمىي پاكىتلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇڭلاشقا بىز «ئۇ پەقەت بىر نەزەرىيە ئىكەن»، دەپ، ئۆزىمىزنى ئالداپ يۈرمەسلىكىمىز كېرەك. ئۇنداق دېيىش ئاكادېمىيىلىك پوزىتسىيەگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. بۇ جەھەتتە بىز ئۆز-ئۆزىمىزنى تەربىيىلەشكە توغرا كېلىدۇ.

 

تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسى ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغان بىر قىسىم پاكىتلار ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، ئاشۇ جەھەتتىكى چۈشەنچىلەرنى بىر ناھايىتى ئىلمىي يوسۇندا ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مەسىلەن، ئۇنىڭدىكى مىكرو-جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى ھەققىدىكى ئۇقۇملارنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ. ئەگەر سىز ئوخشاش خىلدىكى چىۋىنلارنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، ئۇلارنى ئىككى قۇتىغا قاچىلاپ، ئاندىن ئۇلارنى بىر قانچە ھەپتە ئوخشىمىغان شارائىت ئىچىدە باقىدىكەنسىز، بۇ ئىككى گۇرۇپپا چىۋىنلاردا بىر-بىرىنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولىدۇ. بۇنداق ئۆزگىرىشلەرنى كۆزەتكىلى ياكى ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ.

 

تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسى يۇقىرىقىدەك ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان پاكىتلارنى بىر يەرگە توپلاپ، ئاندىن ئۇلار ھەققىدە بىر خىل چۈشەنچە قۇرۇلمىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

 

كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسىنى ئىلمىي يوسۇندا ئۆگەنمىگەن ياكى تەتقىق قىلمىغان. ئۇلار بۇ ھەقتە بىرەر كىتاب ئوقۇپ باقمىغان. ئۇلار بۇ ئۇقۇمنى بىرەر قېتىم ياخشىراق چۈشىنىپ باقمىغان. شۇنداق بولغاچقا ئۇلار تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسىنى بىر خىل ئاددىي ۋە ئىلمىي بولمىغان ئۇسۇلدا ئىنكار قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا بىر ئىلمىي نۇقتىدا تۇرۇپ قارىغاندا، تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسى ئەقىلگە ناھايىتى مۇۋاپىق كېلىدۇ.

 

بىز بولساق مۇسۇلمان. بىز بىر كىتابقا ئىشىنىمىز. بىز ئىشەنگەن ئاشۇ كىتابتا تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى ۋەقەلەر باشقىچە سۆزلىنىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ ئالدىمىزدا قانداق قىلىپ بۇ ئىككى نەرسىنى بىر يەرگە ئەكەلگىلى بولىدۇ، دېگەن سوئالغا جاۋاب تېپىش ۋەزىپىسى قويۇلىدۇ. قۇرئان «ئىشلار مۇنداق بولىدۇ»، دەپ، ھازىرقى زامان ئىلىم-پەنلىرى بولسا «ئىشلار ئانداق بولىدۇ»، دېسە، بىز قانداق قىلغاندا بۇ ئىككى نەرسىنى بىر يەرگە ئەكىلەلەيمىز؟ بۇ ئىشتا بىز پىشقان ئادەمدەك ئىش قىلىشقا، سەمىمىي بولۇشقا، ۋە ئوچۇق-ئاشكارا ئىش كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

 

غەربنىڭ ئۆرنىكى بىلەن شەرقنىڭ ياكى ئىسلامنىڭ ئۆرنىكى ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى چوڭ پەرق بار. ئىلىم-پەنگە، دىنغا ۋە مۇقەددەس كىتابلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشتا غەرب بىلەن شەرق ياكى مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى چوڭ پەرقلەر بار. غەربتە ئەڭ دەسلىپىدىن باشلاپلا دىن بىلەن مۇقەددەس كىتاب ئوتتۇرىسىدا مەلۇم دەرىجىدىكى زىددىيەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. ئۇلار ئۈچۈن بۇ زىددىيەتنى ھەل قىلىشقا بىر ناھايىتى ئۇزۇن تارىخىي جەريان كەتكەن. غەربتە بۇرۇن دىن ئىلىم-پەننى چەتكە قاققان بولسا، كېيىن ئىلىم-پەن دىننى چەتكە قېقىپ، غەرب ئەنە شۇنداق يول بىلەن بۈگۈنكىدەك تەرەققىي قىلدى. ئەمدى بولسا ئۇلار ئۆز تارىخىدىكى جەريانلارنىڭ ئۇ يەر بۇ يەرلىرىنى كېسىپ ئېلىپ، ئۇلارنى بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈستىگە تاشلاۋاتىدۇ (بۇ يەردىكى خېلى ئۇزۇن مەزمۇن قىسقارتىلدى).

 

بىز مۇسۇلمانلار «ئىنسانلارنىڭ پەيدا بولۇشىمۇ تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىنىڭ بىر نەتىجىسى»، دېگەن ئۇقۇمنى قوبۇل قىلمايمىز. ئەمما، بىز تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسىدىكى باشقا چۈشەنچىلەر (premises) نىڭ ھەممىسىنى قوبۇل قىلالايمىز. نۇرغۇن مۇسۇلمانلار «بىز تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسىگە ئىشەنمەيمىز»، دەيدۇ. بۇنداق قىلىش باشقىلارغا ناھايىتى ئېغىر بىپەرۋالىق ۋە نادانلىق بولۇپ كۆرۈنىدۇ. بىز مۇسۇلمانلار تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسى ھەققىدىكى ھەممە مەزمۇننى تەڭلا ئىنكار قىلمايمىز. شۇڭلاشقا بىز مۇنداق دېيىشىمىز كېرەك: بىز تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسىدىكى كەڭ پرىنسىپلارنى قوبۇل قىلىمىز، ئەمما، بىز باشقا جەھەتلەرگە چوڭقۇر ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، پەقەت بىرلا مەسىلىدە تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسىدىكى چۈشەنچىنى قوبۇل قىلالمايمىز، ئۇ بولسىمۇ ئىنسانلارنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىدۇر.

 

مەن بۇ يەردە ياسىر قازىنىڭ سۆزلىرىنى مۇشۇنچىلىكلا بايان قىلىپ، كېيىنكى مەزمۇنغا ئۆتىمەن.

 

(3) ئىجتىمائىي دارۋىنىزم ئىدىيەسى

 

دارۋىن بىلەن ئوخشاش دەۋردە ياشىغان پەيلاسوپ خېربېرت سپېنسېر (Herbert Spencer) ئىجتىمائىي دارۋىنىزم ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان [3]. ئۇ تەبىئىي تاللاش نەزەرىيەسىنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەرگە قوللىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىدىيەسى «كۈچلۈكلەر ياشايدۇ»، دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ يەردىكى «كۈچلۈكلەر» ئىنسانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىشىلەر مۇشۇ ئىدىيەدىن پايدىلىنىپ، «ياۋروپالىق ئاق تەنلىكلەر باشقا مىللەتلەردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلار چوقۇم باشقىلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشى كېرەك»، دېگەن ئىدىيەنى ئىلگىرى سۈرگەن.

 

سپېنسېر ئىجتىمائىي دارۋىنىزم ئىدىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان مەزگىللەردە ياۋروپالىق ئاق تەنلىكلەر تېخنولوگىيە، ئىقتىساد ۋە ھۆكۈمەت ساھەسىدە باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا زور يۈكسىلىش ھاسىل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم كىشىلەر «بۇ ئۆزگىرىشلەر دارۋىنىزم نەزەرىيەسىدىن كەلگەن؛ دېمەك، ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشقا بەكرەك ماس كەلگەنلەر غەلىبە قىلىۋاتىدۇ»، دەپ قارايدۇ. بەزى كىشىلەر بۇ پەلسەپىۋىلىك ئىدىيەنى مىكرو-ئىقتىساد ساھەسىگىمۇ ئېلىپ كىرىپ، «كەمبەغەل ۋە ئاجىز كىشىلەرگە قارىتىلغان ئىجتىمائىي پاراۋانلىق پروگراممىلىرى تەبىئەت قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ»، دەپ قارىغان. ھەتتا ئاشۇنداق پروگراممىلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ئۇرۇنغان.

 

ناتسىست گېرمانلار 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىجتىمائىي دارۋىنىزم ئىدىيەسىنى يەھۇدىيلار ئۈستىدىن چوڭ قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشنىڭ ئىلمىي ئاساسى سۈپىتىدە پايدىلىنىدۇ. ئۇلار يەھۇدىيلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە «ناچار ئىرسىيەتنىڭ تازىلىنىشى»، دەپ قارايدۇ. باشقا بىر قىسىم دىكتاتورلار ۋە جىنايەتچىلەرمۇ ئىجتىمائىي دارۋىنىزم ئىدىيەسىدىن ئۆزلىرىنىڭ ناچار ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ پەلسەپىۋى ئاساسى سۈپىتىدە پايدىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.

 

قىسقىسى، ئىجتىمائىي دارۋىنىزم ئىدىيەسىدىكى قىسمەن مەزمۇنلار ئۆزىنىڭ بىر يالغان ۋە خەتەرلىك پەلسەپە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ھازىر بىر قىسىم ئاجىز مىللەتلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارمۇ ئاشۇنداق پەلسەپىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن [3].

 

  1. جۇڭگولۇقلارنىڭ دارۋىنىزم ئىدىيەسىدىن پايدىلىنىش ئەھۋالى

 

غەربتە دارۋىننىڭ نەسىللەرنىڭ مەنبەسىگە ئائىت نەزەرىيەسى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار 1859-يىللىرى بىر يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. ئەمما، بۇ نەزەرىيە جۇڭگوغا 1900-يىللىرىغىچە يېتىپ كەلمىدى. ئاشۇ ۋاقىتقا كەلگەندە، مانجۇ خانىدانلىقىنىڭ چىرىكلىكى بىلەن ھەر ساھەدىكى مەغلۇبىيىتى كىشىلەردە ئىنقىلاب قىلىش ئىرادىسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشكە باشلىدى. دەل شۇ ۋاقىتتا، يەنى 1895-يىلى، ياپونىيە جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ غەلىبە قازاندى. شۇنىڭ بىلەن جۇڭگولۇقلارنىڭ مىللىي ئىشەنچى ئېغىر كرىزىسقا دۇچ كەلدى. جۇڭگولۇقلارنىڭ يۈزىنىڭ قاتتىق تۆكۈلۈشكە ئەگىشىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى زىيالىيلاردىن كاڭ يۇۋېي (Kang Youwei) بىلەن كېيىنچە پرېزىدېنت بولغان سۇن جۇڭشەن (Sun Yat-Sen) دارۋىن بىلەن سپېنسېرنىڭ نەزەرىيەلىرىگە يۈزلىنىپ، غەربلىكلەردىن ئۆگىنىپ، جۇڭگولۇقلارنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇۋاپىق يوللىرىنى ئىزدىدى. شۇنىڭ بىلەن دارۋىنىزم ئۇلارنىڭ بىر چوڭ ئىنقىلابنى لايىھىلەپ، 1911-يىلى بىر مىللىي جۇمھۇرىيەت قۇرۇشىغا ياردەم قىلدى [4].

 

1895-يىلى جۇڭگو زىيالىيسى، ئىنگلىزچە-خەنزۇچە تەرجىمانى ۋە ئىسلاھاتچىسى يەنفۇ (Yanfu) ئەپەندى توماس خاكسلېي (Thomas Huxley) نىڭ «تەدرىجىي تەرەققىيات ۋە ئىستىل» دېگەن كىتابى بىلەن سپېنسېرنىڭ «جەمئىيەتشۇناسلىق» دېگەن كىتابىنى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى. ئەمما ئۇ تەرجىمە جەريانىدا بىر ناھايىتى ھالقىلىق سۆزنى خاتا تەرجىمە قىلدى: «تەبىئىي تاللاش» دېگەن سۆزنى «شاللىۋېتىش» ياكى «چىقىرىپ تاللاش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «淘汰» دېگەن سۆزگە تەرجىمە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن «شاللىنىش» دېگەن سۆز جۇڭگولۇقلارنىڭ دارۋىنىزم ئىدىيەسىگە بولغان چۈشەنچىسىدە بىر خىل ھۆكۈمران ئورۇندا تۇردى. نەتىجىدە جۇڭگولۇقلار «رىقابەتتە ئۇتتۇرغۇچىلار قاتارىدا ئورۇن ئالغانلار يالغۇز ئاجىز كىشىلەر بولۇپلا قالماي، ئۇلار تەبىئەت دۇنياسى ياكى سىياسىي دۇنيادىن چىقىرىپ تاشلىنىدۇ»، دەپ قارىدى. يەنفۇ ئەپەندى ئەتراپىنى پۈتۈنلەي بۇلاڭچىلار قورشاپ تۇرىدىغان جۇڭگودەك بىر زېمىندا ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ بىردىن-بىر ئۇسۇلى غەربلىكلەردەك سپېنسېرنىڭ ئىجتىمائىي دارۋىنىزم ئىدىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسانلار ۋە باشقا مەۋجۇداتلار يەر ئۈستىدە ناھايىتى كۆپ ساندا تۇغۇلىدۇ. بىر قىسىم مەۋجۇداتلار يەنە بىر قىسىم مەۋجۇداتلار بىلەن كۈرەش قىلىدۇ. نەتىجىدە كۈچلۈك ئاجىزلارنى يەيدۇ، ھەمدە دۆتلەرنى ئەقىللىقلار قۇل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەڭ ئاخىرىدا ئاشۇ زامان، ئاشۇ ماكان ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي ئەھۋالىغا ئەڭ ماسلاشقان كىشىلەرلا ھايات قالىدۇ.» يەنفۇ ئەپەندى يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «غەربلىكلەرنىڭ قارىشىچە، تۆۋەن سۈپەتلىك ئىرققا تەۋە بولغان مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى بىر يۇقىرى سۈپەتلىك ئىرق تەرىپىدىن يوقىتىلىدۇ.» 1911-يىلى سۇن جۇڭشەن ئەپەندى ئۆزى تۈزگەن پروگراممىلارنىڭ ھەممىسىدە مىللەتنى ساقلاپ قېلىش مەسىلىسىنى تۈپ چىقىش نۇقتىسى قىلىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە ئاق تەنلىكلەرنىڭ جۇڭگولۇقلارغا قاراتقان سىياسىتى ئاق تەنلىكلەرنىڭ سېرىق تەنلىكلەرنى يوقىتىۋېتىشىنى تۈپ مەقسەت قىلغان بولۇپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ چەت ئەل كۈچلىرىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرى ئەمەلىيەتتە ئاق تەنلىكلەرنىڭ «ئىرقىي تازىلاش» تەھدىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

 

1949-يىلىدىن كېيىن ئىجتىمائىي دارۋىنىزم ئىدىيەسى ماۋ زېدۇڭنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ ناھايىتى چوڭ ئورۇن ئالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە كەلگۈسىدىكى كۈرەشلەرنىڭ ئىككى تەرىپىدە سېرىق تەنلىكلەر بىلەن ئاق تەنلىكلەر تۇرىدىغان بولۇپ، ئەگەر سېرىق تەنلىكلەر ئۆز ئىستراتېگىيەسىنى ئۆزگەرتمەيدىكەن، ئۇلار چوقۇم ئاق تەنلىكلەرگە ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ [5].

 

دېمەك، ماۋ زېدۇڭ جۇڭگولۇقلارنى ساقلاپ قېلىش ۋە قۇدرەت تاپقۇزۇشتا ئىجتىمائىي دارۋىنىزم ئىدىيەسىگە ئىنتايىن كۈچلۈك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرگەن.

 

  1. دوكتور ياسىر قازىنىڭ نىقاب ھەققىدە ئېيتقانلىرى

 

مېنىڭ تۆۋەندە دەيدىغانلىرىم مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ نىقابلىنىشى بىلەن بىر ئاز مۇناسىۋەتلىك. شۇڭلاشقا مەن بۇ يەردە ئاشۇ ئىشلار ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىمەن. مەن ئالدى بىلەن دوكتور ياسىر قازىنىڭ نىقابلىنىش ھەققىدە دېگەنلىرىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتىمەن. ياسىر قازى بىر شەيخ، ئىمام ۋە ئىسلام ئەقىدەشۇناسى بولغاچقا، مېنىڭ چۈشىنىشىمچە ئۇ پەتىۋا چىقىرىش سالاھىيىتىگە ئىگە. تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ نىقاب ھەققىدە ئېيتقانلىرى [6]:

 

نىقاب ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلار ساھابە دەۋرىدىلا باشلانغان. يەنى، ساھابىلەرنىڭ بەزىلىرى ئاياللارنىڭ نىقابلىنىشىنى پەرز ياكى مەجبۇرىي ئىش (obligatory) دېگەن بولسا، يەنە بەزىلىرى ئۇنى پەرز ئەمەس، دېگەن. شۇڭلاشقا بۇ ئىشقا قانداق قاراش ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق. مەن ئۆزۈم نىقابلىنىش مەجبۇرىي ئەمەس، دەپ قارايمەن. ئەگەر قىز-ئاياللار ھىجابلىنىپ، بوش كىيىم كىيسىلا، نىقابلانمىسىمۇ بولۇۋېرىدۇ. بولۇپمۇ ھازىرقىدەك بىر خىل ۋەزىيەت ئاستىدا مەن نىقابلىنىشنى تېخىمۇ مەجبۇرىي، دەپ قارىمايمەن. ئەگەر نىقابلىنىپ يۈرۈشنى ئىستەيدىغانلار بولسا، مەن ئۇلارنى قوللايمەن. بولۇپمۇ نىقابلىنىش جەھەتتە قانۇنىي ھوقۇققا ئىگە ئاياللار نىقابلىنىپ يۈرسە بولۇۋېرىدۇ. ئۇنداق ئەھۋالدا بىز ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىنى قوللايمىز. ئەمما، سىز مېنىڭ ئالدىمغا مېنى بىر شەيخ ھېسابلاپ مەسلىھەت ئالغىلى كېلىدىكەنسىز، مېنىڭ دەيدىغىنىم نىقابلىنىش بىر مەجبۇرىيەت ئەمەس. ئەگەر سىز نىقابلانمايدىكەنسىز، ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولۇپ قالمايسىز.

 

  1. ئۇيغۇرلار قانداق قىلىشى كېرەك؟

 

مەن ھەر قېتىم ئۆزۈمدىن «ئۇيغۇرلار ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشقا لاياقەتلىكمۇ؟» دېگەن سوئالنى سورىغاندا، قاتتىق تىنىپ، ئۇزۇن خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ قالىمەن. گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمەي قالىمەن. ئاغرىنىدىغانغا ئادەم تاپالماي قالىمەن. بىز تارىختا نۇرغۇن ئىشلارنى خاتا قىلدۇق. بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز بۇنىڭدىن تەخمىنەن 5 يېرىم ئەسىرنىڭ ئالدىدا ئوتتۇرا ئاسىياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئورنىدىن چېكىنىشكە باشلاپ، ئەڭ ئاخىرى بۈگۈنكى ئەۋلادلار ھازىرقىدەك بىر ئەھۋالنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالدۇق. بەش يېرىم ئەسىردىن بۇرۇنقى بىر دەۋردىن ھازىرغىچە ياشىغان ئەجدادلىرىمىز ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىز «كۈچلۈك ئادەملەر» قاتارىدىن ئورۇن ئالالمىدى. «ئەقىللىق ئادەملەر» قاتارىدىنمۇ ئورۇن ئالالمىدى. پەقەت ئاجىز ۋە دۆت ئىنسانلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىش يولىدا تۆۋەنگە قاراپ كېتىۋەردى. شۇڭلاشقا بىز بۈگۈنكى كۈنگە قالدۇق. بۇنىڭدىن 30 يىللار ئىلگىرى ۋەتىنىمىزدە كوچا سۈپۈرىدىغان تازىلىق ئىشچىلىرى ئىچىدە ئۇيغۇرلار يوق ئىدى. ھازىر ۋەتىنىمىزدە كوچا سۈپۈرىدىغان تازىلىق ئىشچىلىرى ئىچىدە ئۇيغۇرلاردىن باشقىسى يوق. «ئەقىللىق دۆتنى قۇل قىلىدۇ»، دېگەن مانا مۇشۇنداق بولىدۇ. ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا «ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش» باھانىسى بىلەن بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ DNA سىگە ئائىت ئۇچۇرلىرى كومپيۇتېر سانلىق ئىسكىلاتلىرىغا كىرگۈزۈلۈۋاتىدۇ. بۇ ئىش پەقەت ئۇيغۇرلار ئۈستىدىنلا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ئۇ يەردىكى ھۆكۈمەتنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە ھازىر ھەر خىل پەرەزلەر بار. ئۇنىڭ بەزىلىرى ئىنتايىن قورقۇنچلۇق. ئەندىشىلىك پەرەزلەر «بىئولوگىيەلىك تەجرىبە»، «بىئولوگىيەلىك ئۆزگەرتىش»، «ئادەم گۆشى ئۇچۇر ئىسكىلاتى» [7]،  ۋە «بىئولوگىيەلىك ئىرقىي تازىلاش» دېگەندەك سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر ئاشۇنداق پەرەزلەر راست بولۇپ چىقسا، ئۇيغۇرلار «كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى يەيدۇ»، دېگەن نەزەرىيەگىمۇ ماس كېلىپ قالغان بولىدۇ.

 

بۈگۈنكى ئەھۋال يەنە قانداق ئەھۋاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ ئۇ يۇرتتىكى ئاتا-ئانىمىز ۋە قېرىنداشلىرىمىز بىلەن تېلېفوندىمۇ كۆرۈشەلمەيدىغان ئەھۋالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ يۇرتىمىزنىڭ مەھەللىرىدىكى ئۆيلەر قۇرۇق، ئۆيلەر ئادەمسىز، ئۇ ئادەملەرنىڭ نەگە كەتكىنىنى ھېچ كىم بىلمەيدىغان، ئادەملەر تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىدىغان، يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ ھازىر ھايات ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنىمۇ ھېچ كىم بىلمەيدىغان ئەھۋالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان بەزى ئوقۇغۇچىلار يۇرتتىكى ئاتا-ئانىسىنىڭ خەۋىرىنى 7 – 8 ئاي ئالالماي، ئۆيىدىن كېلىدىغان ۋە مەكتەپكە تۆلەيدىغان پۇل ئۈزۈلۈپ قېلىپ، شۇنىڭ بىلەن روھىي كېسەل بولۇش گىردابىغا بېرىپ قېلىش ئەھۋالىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر بىز بۇرۇنقىلارغا بولغان نارازىلىقىمىزنى تولۇق يېزىپ چىقىدىغان بولساق، ئۇ بىر قانچە توم بولۇشى مۇمكىن.

 

ھازىر چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۇلارنىڭ ياشاش ئۇسۇلىغا قاراپ تۇرۇپ چوڭ جەھەتتىن مۇنداق بىر قانچە كاتېگورىيەلەرگە بۆلگىلى بولىدۇ:

–ھەقىقىي ئۇيغۇرلار

–داستىخان ئۇيغۇرلىرى

–ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار

–مۇسۇلمانلار

–ئۆزلىرىنى «مۇسۇلمان» دەپ ئاتىۋالغان، ئەمما قۇرئان بويىچە ئىش كۆرمەيدىغان كىشىلەر

 

يۇقىرىدىكى ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلار ئوقۇرمەنلەرگە ئاساسەن تونۇشلۇق بولۇپ، ئانچە تونۇشلۇق ئەمەسلىرىنىڭ بىرى «داستىخان ئۇيغۇرلىرى» بولۇشى مۇمكىن. بۇ گۇرۇپپىدىكى ئۇيغۇرلار ئادەتتە ئۆزلىرىنى ئانچە ئۇيغۇر دەپ ھېسابلاپ كەتمەيدۇ. بەزىلىرى ئىش ئورۇنلىرىدىكىلەرگىمۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىمايدۇ. نورمال ئەھۋالدا ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەنمۇ ئانچە ئارىلىشىپ كەتمەيدۇ. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىئانە توپلاشقا ئوخشاش ئىشلارغا زادىلا ئاۋاز قوشمايدۇ. ئەمما، نەزىر، توي، ئەرلەر ئولتۇرۇشى ۋە ئاياللار ئولتۇرۇشى دېگەندەك سورۇنلاردىن ئاساسەن ئايرىلىپ قالمايدۇ. يەنى، ئۇلار پەقەت داستىخان بار يەردىلا ئۇيغۇر بولۇپ ياشاپ، باشقا جاي ۋە باشقا ۋاقىتلاردا ئانچە ئۇنداق قىلىپ كەتمەيدۇ.

 

بىر ئاز چۈشەنچە بېرىپ قويۇشقا تېگىشلىك يەنە بىر گۇرۇپپا ئۆزلىرىنى «مۇسۇلمان» دەپ ئاتىۋالغان، ئەمما قۇرئان بويىچە ئىش كۆرمەيدىغان كىشىلەر. بۇلار باشقا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلاردىن ئۆزىنى ئايرىم تۇتۇپ ياشايدىغان كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دىندارلىقى كۈچلۈك ئەمەس ئۇيغۇرلار بىلەن قەتئىي ئارىلاشمايدىغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. باشقىلارنىڭ مۇسۇلمانلىق سالاھىيىتى ۋە دەرىجىسىنى پەقەت ھىجاب بىلەنلا ئۆلچەيدىغان كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاياللىرى پەقەت كۆزىلا ئوچۇق قارا رەڭلىك نىقاب بىلەن نىقابلىنىۋالغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەمدە سۈرىيەگە بېرىپ، ئىسلام دۆلىتى ياكى دائىش جەڭچىلىرىگە ئايلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (مېنىڭ چۈشىنىشىمچە ئۇلارنىڭ ئىچىدە چوڭ سۇيىقەست سەۋەبىدىن ۋە ئالدىنىپ قالغانلىقتىن بېرىپ قالغانلارمۇ ئاز ئەمەس). بۇ گۇرۇپپىدىكى ئۇيغۇرلار چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر قىسىم زىيانلىق ئەھۋالنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ. بىر قىسىم تەھدىت ۋە خەتەرنىمۇ پەيدا قىلىۋاتىدۇ.

 

يېقىندا مەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تۈركىيەدىكى پەقەت كۆزىلا ئوچۇق قارا رەڭلىك نىقاب بىلەن نىقابلىنىۋالغانلار خانىم-قىزلار ئېلىپ بارغان ئىككى ئىش ئۈستىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇنىڭ بىرى WhatsApp توپلىرىغا چىقىرىلغان بىر قىسقا ۋىدېئو بولۇپ، ئۇنىڭدا 10 نەپەردەك قارا نىقابلىق ياش خانىم-سىڭىللار ئۇيغۇرچە ئاۋازدا ئوپچە ئۈنلۈك سۆزلەپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىگە بولغان مۇھەببىتىنى بىلدۈرىدۇ. تۆۋەندىكى 3-رەسىم قىلىپ بېرىلگىنى ئاشۇ ۋىدېئودىكى بىر كۆرۈنۈش. مەن كۆرگەن خەۋەرنىڭ ئىككىنچىسى بولسا قارا رەڭدە نىقابلىنىۋالغان، ھەمدە بىر قانچىدىن بالا ئەگەشتۈرۈۋالغان بىر قانچە ئۇيغۇر ياش ئانىلار مەلۇم بىر تۈركىيە ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا بېرىپ، ئۇيغۇر ئۈچۈن دەرد تۆككەن ۋە ئۇيغۇر ئۈچۈن ياردەم سورىغان ئەھۋال. بۇ 2-خەۋەرگە ئائىت كونكرېت ئىشلار مېنىڭ ئېسىمدە قالماپتۇ.

3-رەسىم: 2017-يىلى نويابىر ئېيىدا ئۇيغۇرلارنىڭ WhatsApp توپلىرىغا چىقىرىلغان ئۇيغۇرلار ۋىدېئوسىنىڭ بىر كۆرۈنۈشى.

 

ئاللاھنىڭ دىنى ئۈچۈن پۈتۈن كۈن خىزمەت قىلىدىغان، بىرەر مەسچىتنىڭ ئىمامىغا ئوخشاش كەسپىي دىنىي خادىملاردىن باشقىلار ئۈچۈن، دىنىي ئىبادەت دېگەن پەقەت ئۆز تۇرمۇشىنىڭ ئىچىدە ئېلىپ بارىدىغان، پەقەت ئۆزى بىلەن ئاللاھنىلا ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بىر پائالىيەت بولۇپ، سىز ئۆز تۇرمۇشىڭىزدا قانداق كىيىنسىڭىز، ۋە قانداق ئىبادەتلەر بىلەن شۇغۇللانسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. ئەمما، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى بولۇپ ئۆز تۇرمۇشىڭىزنىڭ سىرتىغا چىققاندا، ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى بولۇۋېلىپ يۇتيۇب ۋىدېئوسى ئىشلىگەندە بولسا سىز چوقۇم ئۇيغۇردەك كىيىنىشىڭىز، ھەمدە گەپ-سۆز ۋە يۈرۈش-تۇرۇشتا ئۇيغۇردەك بولۇشىڭىز كېرەك. ئۇنداق قىلمايدىكەنسىز، قىلغان ئىشىڭىز ئۇيغۇرلارغا پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە زىيان ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

 

ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان بولۇپ ياشاپ كەلگىلى 11 ئەسىردەك ۋاقىت بولدى. شۇنداق بولۇپ تۇرۇقلۇق تاكى يېقىنغىچە ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ سىمۋوللۇق كىيىمى ئەتلەس كۆڭلەك بىلەن بادام دوپپا ئىدى. ھازىر چەت ئەلدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم خانىم-قىزلارنىڭ كىيىنىشى ئۇيغۇر ئەنئەنىسى بىلەن ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادىتىگە زادىلا ماس كەلمەيدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قارا رەڭلىك نىقاب بولسا ئۇيغۇرلارغا ماس كەلمەسلىك ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئۇ دۇنيادىكى كۆپلىگەن كىشىلەر تەرىپىدىن «ئاشقۇن مۇسۇلمانلىق» دەپ قارىلىدۇ. مېنىڭ مەۋھۇم دىنىي ئۇستازلىرىم نومان ئەلىخان بىلەن دوكتور ياسىر قازى ئەپەندىلەرنىڭ دېيىشىچە، ئاللاھ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلاردىن تەلەپ قىلغان خېلى كۆپ ئىشلار بار بولۇپ، مۇھىملىق دەرىجىسى بويىچە قارىغاندا مۇسۇلمانلارنىڭ قانداق كىيىنىشى ۋە نىقابلىنىش-نىقابلانماسلىقى ئاشۇ ئىشلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا تۇرىدىكەن. يەنى، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىسلامدا مۇھىملىقتا ئەڭ ئارقىدا تۇرىدىغان ئىشنى مۇھىملىقتا ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇۋېلىۋاتقان، ھە دېسىلا بىر ئادەمنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىگە قاراپلا ئۇنىڭغا ھەر خىل باھالارنى بېرىۋاتقان ئەھۋال بار. بىر ئەر كىشى 30 مىنۇتتەك ۋاقىت ئىچىدە بىر ئايال كىشىدەك ياسىنىپ بولالايدۇ.  بىر ئايال كىشىمۇ 30 مىنۇتتەك ۋاقىت ئىچىدە بىر ئەر كىشىدەك ياسىنىپ بولالايدۇ.  يەنى، بىر ئادەم ئۈچۈن ئۆزىنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشىنى ئۆزگەرتىش ئىنتايىن ئاسان ئىش.  مېنىڭچە بۇنى ئاللاھ ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ.  ئەمما، بىر ئادەم ئۈچۈن ئىچىدە ھەقىقىي مۇسۇلمان بولۇش، ئىچىدە ياخشى مۇسۇلمان بولۇش ئۇنچىۋالا ئاسان ئىش ئەمەس.  بىز باشقا ئادەمنىڭ ئىچكىي دۇنياسىنى كۆرەلمەيمىز، ئەمما ئاللاھ كۆرەلەيدۇ.  ھەمدە ئاللاھ مۇسۇلمانلارنى سىرتقىي كۆرۈنىشىگە قاراپ ئەمەس، بەلكىي ئىچكىي دۇنياسىغا قاراپ باھالايدۇ. مەن چەت ئەلدىكى دىنىي ئۆلىما ۋە دىنىي زىيالىيلىرىمىزدىن خەلقىمىزنى دىندا توغرا يېتەكلەش جەھەتتە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىزنىڭ ياشاش ئۇسۇلىمىز دىنىمىزغا ماس كەلسۇن. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆزىمىزنى ۋە ئۇيغۇرنى قوغداپ قېلىش، ۋە ئۆزىمىزنى ۋە ئۇيغۇرنى ساقلاپ قېلىشقىمۇ پايدىلىق بولسۇن. ھەرگىزمۇ ئۆزىمىزنى ۋە ئۇيغۇرنى قوغداپ قېلىش، ۋە ئۆزىمىزنى ۋە ئۇيغۇرنى ساقلاپ قېلىشقا زىيانلىق بولمىسۇن.

 

مەن يېقىندا ئافغانىستانلىق قىزلار ھەققىدە 2 خەۋەر كۆردۈم. ئۇنىڭ بىرى ئافغانىستاندا قۇرۇلغان بىر قىزلار مۇزىكا ئەترىتى ھەققىدە (4-رەسىم). يەنە بىرى بولسا ئامېرىكىغا بىر ماشىنا ئادەم (ياكى روبوت) كۆرىكى ياكى ماشىنا ئادەم مۇسابىقىسىگە كەلگەن بىر گۇرۇپپا ئافغانىستانلىق قىزلار ھەققىدە (5-رەسىم). ئۇلارنىڭ كىيىنىشى ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ 1970- ۋە 1980-يىللاردىكى كىيىنىشلىرىگە ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. مەن ئاشۇ خەۋەرلەرنى كۆرگەندە «ئافغانىستانلىقلاردا ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش بولۇشقا باشلىغان ئوخشايدۇ»، دەپ ئويلاپ قالدىم. ھەمدە ئۇلاردا بولۇۋاتقان ئۆزگىرىش چەت ئەلدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ياساۋاتقان ئۆزگىرىشنىڭ قارىمۇ-قارشىسى ئىكەن، دەپ چۈشەندىم.

4-رەسىم: ئافغانىستانلىق قىزلار.

 

چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوقۇش بىلەن چىققان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا تۇغقان يوقلاش ۋە ساياھەت قىلىش يولى بىلەن چىقىپ، ئاندىن چەت ئەلدە تۇرۇپ قالغانلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇنىڭدىن باشقا يوللار بىلەن چىققانلارمۇ بار. چەت ئەلگە چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى «مېنىڭ مىللىتىم ئۇيغۇر»، دەپ تۇرۇپ، چەت ئەلدە تۇرۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. يەنى، چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى ئۇلارغا «ئۇيغۇركەن»، دەپ، ئۆز دۆلىتىدە پاناھلىق بولۇش شارائىتى يارىتىپ بەرگەن. بىر قىسىم قېرىنداشلار مانا شۇنداق يول بىلەن چەت ئەلدە پاناھلىنىپ تىلەپ تۇرۇپلا قالماي، يەنە ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتنىڭ پاراۋانلىق سىستېمىلىرىدىن ئىقتىسادىي ياردەمگىمۇ ئېرىشىۋاتىدۇ.

 

ھازىرقى بىر مۇھىم مەسىلە سىز «مەن ئۇيغۇر» دەپ چەت ئەلنىڭ پاناھلىقىغا ئېرىشىۋېلىپ، ئەمدى قانداق ئادەم بولۇپ ياشاۋاتىسىز، دېگەندىن ئىبارەت. ئەگەر سىز بۇنىڭدىن كېيىن «مەن ئۇيغۇر»، دەپ ياشايدىكەنسىز، ھەمدە ئەمەلىيەتتىمۇ ئۆزىڭىز تۇرۇۋاتقان دۆلەتنىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇپ بىر ھەقىقىي ئۇيغۇردەك ياشايدىكەنسىز، مېنىڭچە سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى چەت ئەلدە ياشاش سالاھىيىتىڭىز ئاساسەن بىرەر تەھدىتكە ئۇچرىماسلىقى مۇمكىن. ئەگەر سىز بىرەر ئەرەب دۆلىتىدە، تۈركىيەدە ياكى ياۋروپادا بولۇپ، ھەم ئۆزىڭىزنى «مەن ئۇيغۇر» دەپ ھېسابلىمايدىغان، ھەمدە ئۇيغۇردەك ياشىماي، ئۇنىڭ ئەكسىچە دىنىي ئاشقۇنلاردەك ياشايدىكەنسىز سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق تۈردە ئاشۇ دۆلەتتە تۇرۇشىڭىز بىر ئاز تەھدىتكە، ھەتتا خەتەرگە ئۇچرىشىمۇ مۇمكىن. يەنى، سىزنىڭ تۇتقان ياشاش يولىڭىز ئۆزىڭىزنى چەت ئەلدە ساقلاپ قېلىشقا ماس كەلمەي قېلىشىمۇ مۇمكىن.

 

1901-يىلى تۇغۇلۇپ، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ بايراقدارى بولغان مەمتىلى توختاجى (تەۋپىق) ئەپەندى يېڭى مائارىپ ھېچ قانداق قارشى ئېلىنمايدىغان بىر خىل ۋەزىيەتتە ئۆز ھاياتىنىڭ ئېغىر خەتەر ئىچىدە قېلىشىغا پەرۋا قىلماي، 1930-يىللىرى قەشقەردە پەننىي مائارىپ مەكتەپلىرىنى قۇرغان. ئۇنىڭدىن 85 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز تۈركىيەدە ھېچ قانداق پەننىي مائارىپ بىلىملىرىنى ئۆتمەي، پەقەت قۇرئاننىلا ئۆگىتىدىغان مەدرىسە قۇرۇپ، ئۇ يەردە 4 – 6 ياشلىق ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئوقۇتۇۋاتىدۇ. ئەگەر سىز ئاشۇنداق مەدرىسىدىن بىرەرنى ئاچقان، ياكى ئاشۇنداق مەدرىسىدە كىچىك بالىڭىزنى ئوقۇتۇۋاتقان بىرى بولسىڭىز، سىز ئارقىغا 85 يىل قايتىپ، نېمە ئىش قىلماقچى؟ سىز تەربىيىلىگەن بالا چوڭ بولغاندا نېمە بولماقچى؟ قانداق ياشىماقچى؟ سىز مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىنىڭ قېنى نېمىشقا تۆكۈلگەنلىكىنى بىلمەمسىز؟ ئەگەر ھەممە ئۇيغۇر سىزدەك قىلىدىغان بولسا، ئۇيغۇرلار ياشاپ مېڭىشقا لاياقەتلىك بولالمايدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشقا لاياقەتلىك بولالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ياكى ئۇيغۇرلار كۈچلۈكلەر تەرىپىدىن يېيىلىدۇ، ياكى بولمىسا ئەقىللىقلار تەرىپىدىن قۇل قىلىنىدۇ.

 

ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەت مائارىپىدا بالىلىرىمىزنى بىر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئادەم قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىشىمىز ئۈچۈن، يېشى 10 ياشتىن كىچىك بالىلارغا بىز ئاشۇ دۆلەتنىڭ تىلىنى پۇختا ئۆگىتىشىمىز، ھەمدە بالىمىزنىڭ مەكتەپتىكى دەرسلەردە ئەلا ئوقۇغۇچى بولۇپ مېڭىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا بارلىق شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىشىمىز ۋە ئۇنىڭغا يېقىندىن ياردەم بېرىشىمىز كېرەك. بالىلارنىڭ 10 ياشقا كىرىشتىن بۇرۇنقى مەكتەپ ئوقۇشىنىڭ قانداق بولۇشى ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئوقۇشلىرىنىڭ قانداق بولۇشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مىللىي كىملىككە ۋارىسلىق قىلدۇرۇش ئۈچۈن بالىمىزغا ئانا تىلنى ئۆگىتىشىمىز، ھەمدە ئۇنىڭغا مىللىي كىملىك تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە دىنىمىزنىڭ ئېسىل ئەخلاق ئۇقۇملىرى بىلەن ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان دۆلەتنىڭ ئىلغار ئەخلاق ئۆلچەملىرى بويىچە بالىمىزدا ئېسىل ئەخلاق ۋە ياخشى كىشىلىك خاراكتېرلەرنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك. 10 ياشتىن كىچىك بالىغا قۇرئان ئۆگىتىش ئاساسەن ئەرەب تىلى ئۆگىتىش ۋە ئايەت يادلىتىشنىلا ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 10 ياشتىن كىچىك بالىلار ھېچ قانداق ئايەتلەرنى چۈشىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولمىغاچقا، ئۇلارنىڭ قۇرئاننى چۈشىنىپ تۇرۇپ ئۆگىنەلىشى، ئاندىن شۇ ئاساستا ئۇنىڭ قىممىتىنى كۆرەلىشى مۇمكىن ئەمەس. 10 ياشتىن كىچىك بالىلاردىن يۇقىرىدىكى 4 ئىشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىللە، ئۇلاردىن يەنە ئەرەب تىلى ئۆگىنىش ۋە ئايەت يادلاشنى تەڭلا تەلەپ قىلىدىكەنمىز، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بۇ 5 ئىشنى تەڭلا قىلىپ ماڭالىغىنى بىلەن، مۇتلەق كۆپ ساندىكى بالىلار ئۇنداق قىلالمايدۇ. شۇڭلاشقا مەن ئەگەر بالىڭىز ئالاھىدە ئەقىللىق بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۇنىڭغا ئەرەب تىلى ئۆگىتىش ۋە ئايەت يادلىتىش ئىشلىرىنى بالىڭىز 10 ياشقا كىرگەندىن باشلاپ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن بالىڭىزنىڭ يۇقىرىدىكى 4 ئىشنى ياخشى قىلىپ مېڭىشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ، دېگەن تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدىم. مەن ھەر بىر ئاتا-ئانىدىن مېنىڭ مۇشۇ تەكلىپىم ئۈستىدە ناھايىتى ئەستايىدىل ئويلىنىپ ئىش كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

1930 – 1940-يىللىرى ناتسىست گېرمانىيە قانداق ئىشلارنى قىلغانلىقىنى بىز ھەممىمىز بىلىمىز. ئۇ چاغدىكى چوڭ قىرغىنچىلىق (Holocaust) تا جەمئىي 11 مىليون ئادەم ئۆلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 6 مىليون كىشى يەھۇدىيلار بولۇپ، قالغان 5 مىليون ئادەم باشقا مىللەتلەرگە تەۋە كىشىلەر. گېرمانلار ئۆزلىرى ياقتۇرمىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىش نىشانى قىلدى. بۇ 11 مىليون ئادەمنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن 3 يىل ۋاقىت كەتتى. ئەمما، ئۇنىڭغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن بولسا ئاشۇ 3 يىلدىن بۇرۇنقى 10 يىلدەك ۋاقىت كەتتى. ئاشۇنداق چوڭ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن سىز ئالدى بىلەن سۆز بىلەن قۇتراتقۇلۇق قىلمىسىڭىز، ۋە تەشۋىقات ئېلىپ بارمىسىڭىز بولمايدۇ. ئەينى ۋاقىتتا گېرمانىيەدە ئېلىپ بېرىلغان كەڭ ۋە ئۈنۈملۈك تەشۋىقاتلارنىڭ نەتىجىسىدە بىر-ئىككى گېرمان ئەسكىرى بىر گېرماننىڭ قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئاشۇ قوشنا ئۆيدە ئولتۇرىدىغان يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسىنى قىرىۋەتسە، بۇ گېرمان «ئەسكى ئىرق كىشىلىرىدىن بىر قانچىسىنى ئۆلتۈردى»، دەپ، قىلچە پەرۋا قىلمايدىغان ئەھۋال شەكىللەنگەن.

 

بۇنىڭدىن 30 يىللار بۇرۇنقى ۋاقىتتىن باشلاپ ئۇيغۇرلار جۇڭگودا «ئوغرى» ۋە «مەينەت» دەپ تەشۋىق قىلىنىشقا باشلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا كىيگۈزۈلگەن قالپاقلارنىڭ سانى تەدرىجىي ھالدا كۆپەيتىلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە دۆت، قالاق، ئاق چېكىدىغانلار، ئاق ساتىدىغانلار، بۆلگۈنچىلەر، دىنىي ئاشقۇنلار، رادىكال ئىسلامچىلار، تېررورىستچىلار، ئىككى يۈزلىمىچىلەر،  ۋە ئىسلام خەلىپە دۆلىتى تېررورىستچىلىرى دېگەنلەر بار. 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى دەرىجىدىكى ناچار مىللەت ئىكەنلىكى ھەققىدە مەخسۇس ۋىدېئو پروگراممىلىرىنى ئىشلەپ چىقىپ، ئۇنى پۈتۈن جۇڭگو دائىرىسىدە كەڭ تۈردە كۆرسەتتى. مەن بۇنىڭدىن بىرەر يىل بۇرۇن ئىچكىرى ئۆلكىنىڭ بىر چوڭ شەھەرنىڭ ئادەم كۆپ ماڭىدىغان بىر كوچىسىدا بىر قانچە خەنزۇلارنىڭ بىر كىچىك ئۇيغۇر بالىسىنى نەچچە تەرەپتىن قاتتىق ئۇرۇۋاتقانلىقى، كوچىدا كېتىۋاتقان كىشىلەر بولسا بۇ ۋەقەگە ئولىشىپ، تاماشا كۆرۈپ تۇرغانلىقى ھەققىدىكى بىر ۋىدېئونى كۆردۈم. مانا بۇ ھۆكۈمەت تەشۋىقاتىنىڭ كۈچى. بۇ تەشۋىقاتلار ماھىيەت جەھەتتىن ئەينى ۋاقىتتا گېرمانلار يەھۇدىيلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان تەشۋىقاتلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ. يېقىنقى بىر قانچە يىلنىڭ مابەينىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى خەلقىمىزنىڭ بېشىغا ئىنتايىن ئېچىنىشلىق، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئىشلار يۈز بەردى. ئەمما ئۇيغۇرلار جۇڭگو ئىچى ۋە سىرتىدا بىر «ناچار ئىرق مىللىتى» بولۇپ چۈشەندۈرۈلۈپ بولۇنغاچقا، جۇڭگودىكى خەنزۇلار بىلەن دۇنيانىڭ باشقا يېرىدىكى كىشىلەر ھازىر ئاساسىي جەھەتتىن ئۇيغۇرلار كۆرۈۋاتقان زۇلۇمغا ھېچ قانداق نارازىلىق بىلدۈرمەي، سۈكۈتتە تۇرۇۋاتىدۇ. يەنى، ھازىر مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنى يوقىتىۋېتىشنىڭ شەرت-شارائىتى پىشىپ يېتىلىپ بولدى.

 

شۇڭلاشقا بۇنىڭدىن كېيىن قانداق ياشاش مەسىلىسىدە بىز چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئىنتايىن قاتتىق ئويلىنىشىمىز كېرەك. ئۆتكەندە مىسىر ھۆكۈمىتى ئۇ دۆلەتتە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۇتۇپ، جۇڭگوغا قايتۇرۇپ بەرمەكچى بولغاندا، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار نۇرغۇن مۇشەققەتلەرنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرۈپ، تۈركىيەگە قېچىپ كېلىپ، ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇۋالدى. ئۆزىنى قۇتۇلدۇرالمىغان بىر قىسىم ياشلار غايىب بولدى. يېقىندا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ۋەتەنگە قايتىپ بارغان ئاشۇنداق ئوقۇغۇچىلاردىن ئىككىسىنىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكى خەۋىرىنى بەردى [8]. مىسىردا بولغان ۋەقە دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى ئۇيغۇرلارنى چوڭقۇر ئەندىشە ۋە چوڭقۇر ۋەھىمىگە سالدى. ئەگەر سىز ئۇيغۇردەك ياشىماي، بىر كۈنى تۈركىيە ۋە ياۋروپامۇ ئۇيغۇرلارنى ھەيدىگىلى تۇرسا، سىز نەگە بارىسىز؟ بىز چوقۇم ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى ھازىر ياشاۋاتقان دۆلىتىمىزدە ساقلاپ تۇرۇشقا ماس كېلىدىغان يول بىلەن ياشاپ، ئۆزىمىزنى قوغداپ قېلىشىمىز، ئاندىن ۋەتەندىكىلەر قىلىش ئىمكانىيىتىدىن ئايرىلغان بىر قىسىم ئىشلارنى قىلىپ، ئۇيغۇر مىللىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشۇشىمىز كېرەك. مەن بارلىق قېرىنداشلاردىن بۇ ئىش ئۈستىدىمۇ چوڭقۇر ئويلىنىپ ئىش كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

مېنىڭ چۈشىنىشىمچە، ئاللاھ ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغانلارغا ئۆزىگە قانچىلىك ئىبادەت قىلسا يېتەرلىك بولىدىغانلىقى ھەققىدە بىر مەنزىل بەلگىلەپ بەرمىگەن، بىر ئۆلچەم بەلگىلەپ بەرمىگەن، بىر نىشان بەلگىلەپ بەرمىگەن. ئۇنىڭ ئورنىغا، ئاللاھ بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئىبادەت ئىشىدا پەقەت يولغا چىقىپ، ئۆزىنىڭ قابىلىيىتى ۋە ئىمكانىيىتى يار بەرگەن دائىرە ئىچىدە ئالدىغا قاراپ توختىماي مېڭىشقا ئۈندىگەن. ئاللاھ قۇرئاندا جەننەتكە لاياقەتلىك بولۇشنىڭ شەرتلىرىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويمىغان. ماۋۇ-ماۋۇ ئىشلارنى قىلساڭ جەننەتكە كىرىسەن، دېمىگەن. ئۇنىڭ ئورنىغا، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن جەننەتنىڭ ئىشىكىنى چوڭ ئېچىۋەتكەن، ھەمدە ئاللاھ قۇرئاندا قانداق گۇناھلارنى ئۆتكۈزسە دوزاخقا كىرىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپ توختالغان. سىز بالىڭىزنى ئوبدان تەربىيىلەپ، بىر ياخشى مۇسۇلمان قىلىڭ. ئەمما ئۇنداق قىلىشنى بالىڭىزنى ئەقىللىق قىلىپ بېقىپ چوڭ قىلىش ئورنىغا دەسسەتمەڭ. سىز بالىڭىزنى ئوبدان تەربىيىلەپ، بىر ياخشى مۇسۇلمان قىلىڭ. ئەمما ئۇنداق قىلىشنى بالىڭىزنى ياخشى ئوقۇتۇپ، ئەڭ يۇقىرى پەللىگىچە ئوقۇتۇپ، بىر كۈچلۈك ئادەم قىلىپ تەربىيىلەپ يېتىلدۈرۈش ئورنىغا دەسسەتمەڭ. ئەگەر دۇنيا ھازىرقىدەك يامانغا ئۆزگىرىپ مېڭىۋېرىدىكەن، مەلۇم بىر ۋاقىتقا كەلگەندە تۈركىيە ۋە ياۋروپا ئەللىرى سىزنى ئۇيغۇر بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئۇ يەرلەردىن ھەيدىمەيدۇ. بەلكى، مەلۇم بىر ۋاقىتقا كەلگەندە سىزنى ئۇ يەرلەردىن «ئاشقۇن مۇسۇلمانلار»، دېگەنگە ئوخشاش بىرەر قالپاقنى كىيدۈرۈپ ھەيدىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن سىز «كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى يەيدۇ»، دېگەن پرىنسىپقا توغرا كېلىپ قالىسىز. ياكى بولمىسا سىز ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئوخشاشلا «ئەقىللىقلار دۆتلەرنى قۇل قىلىدۇ»، دېگەن نەزەرىيەگە ماس كېلىپ قالىسىز.

 

مەن ئامېرىكا گىراژدانى بولۇپ بولغىلى 15 يىلدىن ئاشتى. ھازىرمۇ مەن ئامېرىكىدا ياشايمەن. شۇڭلاشقا مەن ئۆزۈمنىڭ ھەيدىلىپ قېلىنىشىدىن ئاساسەن ئەنسىرىمەيمەن. ئەمما، مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەيدىلىشى ۋە پاكىستاندىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇتۇلۇشىغا ئوخشاش ۋەقەلەردىن كېيىن، مەن ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى، ياۋروپادىكى ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن ناھايىتى ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدىم. شۇڭلاشقا مەن مۇشۇنداق يازمىلارنى يېزىپ ئولتۇرۇۋاتىمەن. مەن ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى ماقالىلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئېتىقادىنى، ئۆزىنىڭ دىنىي كىملىكىنى، ياكى ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى ساقلاپ مېڭىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ كەلدىم. ئۇنى ھازىرمۇ ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تەكىتلەيمەن. ھازىر ئۇيغۇرلارنى ساقلاپ قېلىشتا ئۇيغۇرنىڭ دىنى، ئۇيغۇرنىڭ تىلى ۋە ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. لېكىن، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە دىنىي ئىبادىتىنى سىرتتا بەك كۈچەپ نامايان قىلماي، پەقەت ئۆزلىرىنىڭ خۇسۇسىي تۇرمۇشلىرىدا داۋاملاشتۇرۇپ ماڭغىنى، سىرتقا نىسبەتەن ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى، ياكى ئۇيغۇرلۇقىنى بارلىق كۈچى بىلەن نامايان قىلغىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ناھايىتىمۇ پايدىلىق.

 

مەن ئالدىنقى لېكسىيەدە «بالىڭىزنى توغرا تەربىيىلەڭ» دېگەن تېمىدا سۆزلەپ، بالا تەربىيىسىدە كەم بولسا بولمايدىغان 5 ئىشنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئۇ 5 ئىشنى مەزكۇر ماقالىدىمۇ قىسقىچە ئېغىزغا ئالدىم. مەن ھەر بىر ئاتا-ئانىلاردىن ئاشۇ مەزمۇنلارنى ناھايىتى ياخشى ئۆزلەشتۈرۈۋېلىپ، شۇ ئاساستا بالىلىرىنى ئەقىللىق ۋە كۈچلۈك قىلىپ تەربىيىلەش يولىدا بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنداقلا چەت ئەلدىكى بارلىق قېرىنداشلاردىن ئىشنى توغرا قىلىپ، ھەمدە توغرا ئىشلارنى تاللاپ قىلىپ، ئۆزلىرىنى كۈچلەندۈرۈشتە بىر بالداق ياكى بىر قانچە بالداق يۇقىرىغا ئۆرلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

پايدىلىنىش مەنبەسى:

 

[1] Darwinism

https://en.wikipedia.org/wiki/Darwinism

 

[2] The Quran and Evolution by Dr. Yasir Qadhi

https://www.youtube.com/watch?v=DPuoGVlCjZ0

 

[3] What is Social Darwinism

https://www.allaboutscience.org/what-is-social-darwinism-faq.htm

 

[4] Darwinism, through a Chinese lens

https://www.theguardian.com/commentisfree/belief/2009/nov/16/darwin-evolution-china-politics

 

[5] Michael Pillisbury, The Hundred-Year Marathon, page 19.

 

[6] Is wearing niqaab obligatory & what if your parents are rude to you? – Yasir Qadhi | 17th June 2012

https://www.youtube.com/watch?v=iscdnho27u4

 

[7] 新疆成為人肉資料庫?中國「免費健檢」的黑幕

https://www.youtube.com/watch?v=RyRc5XkMs9o&feature=youtu.be

 

[8] Korlada misirdin qaytqan ikki oqughuchining türmide ölgenliki delillendi

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/qayturulghan-uyghur-12192017153435.html

Share
406 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.