ئەڭ يېڭى خەۋەر

HaberMatik V3

logo

trugen jacn

ئۇيغۇرلارنى يوقسۇل ۋە نادان قالدۇرۇش خىتاي دۆلىتىگە نېمە پايدا ئېلىپ كېلىدۇ؟

plain-blue-background-wallpaper-3-9

 

مەھمەتىمىن ھەزرەت

ئۇيغۇرلارنى يوقسۇل ۋە نادان قالدۇرۇش خىتاي دۆلىتىگە نېمە پايدا ئېلىپ كېلىدۇ؟

 

بىر نەچچە كۈن بۇرۇن “ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى”دىن “خوتەندىكى نامراتلىق ۋە ياللانما ئەمگەكنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرى” تېمىسىدا بىر خەۋەر تىڭشىدىم. خەۋەردە، مەكتەپ مۇئەللىمى، ئاتا- ئانىسى ئاقسۇدىكى بىڭتۈۋەنگە پاختا يېغىپ پۇل تېپىش ئۈچۈن كەتكەن بالىلارنىڭ مەكتەپكە قوسىقى ئاچ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى

ئۇ، يەر مېنىڭ يۇرتۇم

خەۋەرگە تېما بولغان يۇرت مېنىڭ يۇرتۇم قاراقاش ئىدى. رادىئونى تىڭشاۋېتىپ، ھاياتىم بويۇنچە ھېچ ئېسىمدىن بىر كۈنمۇ چىقمىغان جانىجان قەدىردان يۇرتۇمدا ئۆتكەن بالىلىق يىللىرىم كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈشكە باشلىدى.
مېنىڭ بالىلىق يىللىرىم چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش- ئاچارچىلىق يىللىرىغا توغرا كېلەتتى. ئەرلەرنىڭ ھەممىسى تاغلارغا پولات- تۆمۈر ئېرىتىش ئۈچۈن ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ئۈچۈن يېزىلاردا كېسەل، مېيىپ، قېرى- چۈرىلەر،ئاياللار ۋە بالىلارلا قالغان ئىدى.مەھەللىمىزدە ھەر كۈنى، چارچاشتىن، ئاچلىقتىن ياكى ئوت- چۆپ قاينىتىپ يەپ زەھەرلىنىشتىن تۆت – بەش ئادەم ئۆلۈپ تۇراتتى. يول بويلىرىدا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن ئېشەكلەر ئۆلۈكى ئەتىراپىدا سىمىسز ئىشتلار ياتقاچقا، يالغۇز ياكى كالتەك تاياقسىز ھېچكىم يول ماڭالمايتتى. پۈتۈن مەھەللە دادۈيدىكى داشقازاندىن ئۇماچ ئۈچۈن ئۆچىرەتتە تۇراتتى. باشلانغۇچ مەكتەپتە مەن بىلەن بىللە ئوقۇيدىغان، ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن ساۋاقداشلىرىمنىڭ يۈزىنى ھازىرمۇ كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەلەيمەن. ئارىدىن يېرىم ئەسىر ئۆتتى. بۈگۈنمۇ، ئۇ قەدىردان يۇرتۇمدىكى جاندىنمۇ ئېزىز ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئاتا- ئانىلىرى ياقا يۇرتلاردا، ئۆزلىرى ئاچ مەكتەپكە كېتىۋاتقانلىغى بىر ھەقىقەتتۇر. بۇگۈنكى دۇنيادا، قوساق ۋە كېيىم –كېچەك مەسىلىسى ھەل بولمىغان ئۇيغۇرلاردىن باشقا مىللەت يوق

يوقسۇللۇقنىڭ سەۋەبى نېمە؟

يۇرتۇم قاراقاشتا 1970. يىللىرىدا 360مىڭ نۇپۇس بار ئىدى. ئۇ يىللاردا خىتاينىڭ دۆلەت نوپۇسى 600 مىليون ئىدى. بۈگۈن خىتاينىڭ توپلام نوپۇسى 1 مىليارد 350 مىليون. خىتاينىڭ بارلىق تۇغۇت كونترول تەدبىرلىرى بولىشىغا قارىماي، ھازىر قاراقاش يېزىلىرىدىكى ھەر بىر ئائىلىدە ئەڭ كۆپلىرىدە 14، ئەڭ ئازلىرىدا 4 بالا بار. بۇگۈنكى قاراقاش نوپۇسى مېنىڭ تەخمىنىمگە كۆرە 800 مىڭ بىلەن 1 مىليون ئارىسىدا. قاراقاش ناھىيە ھۆكۈمەت تورىدا قاراقاش ناھىيىسىنىڭ 2014.يىلقى نوپۇسى 568800 نەپەر دەپ يېرىلماقتا.بۇ،ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئاز كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن شەرقچە ھىلىگەرلىك. قاراقشتا بىڭتۇەننىڭ 14. ۋە 17. تۈۋەنلىرى بار.تۈۋەنلەر ناھىيە دەرىجىلىك ئۇرۇنلاردۇر. قاراقاشتا سۈرئەت بىلەن نۇپۇس كۆپىيىۋاتىدۇ. تېرىلغۇ يەرلەر ئازلاۋاتىدۇ. چۈنكى، سۇ مەنبەلىرىنى ۋە مۇنبەت تېرىلغۇ يەرلىرىنى بىڭتۈەن ئىشخال قىلىۋالغان. قاراقاشتا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 0.8مو. ئامما ئۇيغۇر نوپۇسقا ھەر بىر كىشىگە توغرا كىلىدىغان تېرىلغۇ يەر 5 پۇڭ- يېرىم مو

ئىنسانىيەت قۇللۇق جەمئىيىتىدە ياشايدىغان دەۋىردە، ئىنسانلارنىڭ بايلىقى تېرىلغۇ يەر، چارۋا مال ۋە قۇللار ئىدى. پىئودالىزىم دەۋرىدە قۇللۇق ئاستا-ئاستا ئەمەلدىن قالدى. كىشىلەر، تېرىلغۇ يەر ۋە چارۋا مالنى بايلىق دەپ قاراپ كەلدى. دۇنيا كاپىتالىزىم دەۋرىگە قەدەم قويغىلى 300 يىلدىن ئارتۇق بولدى.كاپىتالىزمدا بايلىق كاپىتال دەپ قارىلىپ كەلدى. بۈگۈن غەرب دۇنياسى كاپىتالىزمنى ئارقىسىدا قالدۇرۇپ، تېخنولوگىيە دەۋرىدە ئىلگىرىلىمەكتە.بۈگۈن بايلىق، بىلىم، دەپ ئىزاھلانماقتا. مېنىڭ يۇرتۇم قاراقشتا، بايلىق تېرىلغۇ يەر ۋە چارۋا مال دەپ قارىلىدىغان جەمئىيەتكە ئائىت دەۋىردە ياشىماقتا. يەر دۆلەتكە ئائىت بولغانلىغى ئۈچۈن دىھقانلار يەرنى كىرالىغۇچىلاردۇر. قايسى يەرگە قانداق زىرائەت تېرىشنى، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يېڭى كەلگەن، بۇ يەرلەرنىڭ جوغراپىيەۋىي ئەھۋالىدىن، ئىقلىمىدىن خەۋىرى بولمىغان خىتاي پارتكوم سىكىتارلىرى بەلگىلەيدۇ
ئېتىزلارغا نېمە تېرىش ھۇقۇقى بولمىغان قارقاش خەلقى ئۇمۇمى يۈزلۈك چارۋىچىلىق ۋە باغۋەنچىلىككە يۈزلەنگەن ۋەزىيەتتە. قاراقاشتا يايلاق بولمىسا، نەدە چارۋىچىلىق قىلىدۇ؟ باغۋەنچىلىك قەيەردە؟ چارۋىچىلقمۇ، باغۋەنچىلىكمۇ كىشىلەرنىڭ قورۇسى ئىچىدە. ئىمكانىيىتى بارلار ئېغىلدا ئىككى – ئۈچ كالا بوردايدۇ. ئىمكانى ئازلار بىر نەچچە قوي بوردايدۇ. ئۇنىڭغىمۇ كۈچى يەتمىگەنلەر ھويلىسىدا بىر قانچە توخۇ باقىدۇ. قاراقاشتا ھەممە ئائىلىنىڭ ھويلىسىدا كىچىككىنە باغچىلىرى بار. مېيۋە، ئوتياش يېتىشتۈرىدۇ. دېھقانلارنىڭ بەزىلىرى كالا، بەزىلىرى قوي، بەزىلرى توخۇ، تۇخۇم، بەزىلىرى مېيۋە سېتىپ تۇرمۇشىنى قامداشقا تېرىشىدۇ. شۇڭا قاراقاش شەھىرىدە يەكشەنبە كۈنى ئىنسان سەل بولۇپ ئاقىدۇ. دۇنيادا قاراقاش بازىرىدەك قىزىيدىغان ئاۋات بازار يوق. ئەمگەكچان، جاپاكەش، دىندار، قان تومۇرىدا مىللىي روھ ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بۇ خەلق، قانچىلىك تەر تۆكۈشىدىن قەتئىي نەزەر يوقسۇللۇقتىن قۇتۇلالمىدى. چۈنكى، بايلىقنى، تۆككەن تەرنىڭ مىقدارى بىلەن ئۆلچەيدىغان زامانلار بەك ئۇزاقلاردا قالدى

01300000240273128093407479926قاراقاش يېزا بازارلىرىغا ماللىرىنى ساتقىلى كەلگەن دىھقانلار

新华社照片,和田(新疆),2016年11月4日 和田传统艾德莱斯绸再放光彩 11月3日,新疆吉亚乡一个艾德莱斯绸手工作坊里,一名工人在用缫丝法抽丝。 在新疆塔里木盆地南缘的和田市吉亚乡一家从事传统手工艾德莱斯绸生产作坊里,工人正在忙碌着,抽丝、纺丝、排线、扎染,最终纺织成匹,丝绸古道上的传统技艺,再次活跃在这片绿洲之上。 艾德莱斯绸主要发源于新疆和田市吉亚乡,是新疆传统特色手工艺织品。吉亚乡至今仍保留着古代植物扎染技术和传统木制纺织机。艾德莱斯绸的花纹样式来源于生活,有常见的巴旦木花、木版花纹和梳子花等图案。 由于制作工艺复杂和成本较高,传统艾德莱斯绸制作技艺并不常见,近年来在政府和企业扶持下,传统艾德莱斯绸再现昔日的绚丽色彩。据悉,吉亚乡现有艾德莱斯绸生产商、合作社50余家,艾德莱斯绸生产专业户近2000户,年产量达50余万匹,户均一年可增收8.4万余元。 新华社记者 魏海 摄

新华社照片,(新疆),2016年11月4日

قاراقاش يېزىلىرىدىكى مىھنەتكەش ئانىلاردىن بىرسى- 墨玉县

 

خىتاينىڭ رەسمى ئىستاستىكا رەقەملىرىدە، قاراقاشنىڭ ئەڭ كۆپ دارامەتكە ئېرىشكەن 2013.يىلىدىكى توپلام كىرىمى 1 مىليارد 444 مىليون يۇۋەن. كىشى بېشىغا 1444 يۈۋەندىن توغرا كېلىدۇ. ئامما، قاراقاشنى باشقۇرۇۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ مائاشى 5-6 مىڭ يۈۋەن. قاراقاشتا سانائەتتە ئىشلەيدىغان خىتايلارنىڭ مائاشىمۇ 3000 يۈۋەندىن ئاز ئەمەس. ئۇيغۇرلارغا بۇ كىرىمدىن كىشى بېشىغا 5 -600 يۇۋەن توغرا كېلىدۇ. يەنى، كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان كىرىم 100 دوللارغىمۇ يەتمەيدۇ. قارقاشلىقلارنىڭ، نارىسىدە بالىلىرىنى تاشلاپ، ئاقسۇدا بىڭتۇەننىڭ پاختىزارلىقىغا كېتىشكە مەجبۇر بولىشىمۇ بۇ سەۋەپتىن. ئەسلىدە قاراقاش پاختا ئىشلەپ چىقىرىشتا خوتەن بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. 2004. يىللىق خىتاي دۆلەت ئىستستىكىسىدا قاراقشتىنىڭ پاختا مەھسۇلاتى 8029 توننا. مۇتلاق كۆپ ساندىكى قاراقاشلىق ئاىلىلەر ئىشسىز بولغاچقا ئاقسۇ،ھەتتا شىخەنزىگە كۈزلۈك مەۋسۇملۇق ئىشچىلىق ئۈچۈن بالىلىرىنى تاشلاپ كېتىۋاتقان قاراقاشلىقلار كۆپ

قاراقاش ناھىيە چېگىرىسى ئىچىدىن تېپىلغان تەبىئي گاز مىقتارى 61 مىليارد 700 مىليون كۈپ مىتېر. قاراقاش خەلقى بۇ تەبىئي گازغا ئۆزلىرى ئىگە بولالىسا، ئوتتۇرا شەرقتىكى قاتار دۆلىتىدەك باياشاتلىققا ئېرىشكەن بولاتتى. قاتاردا كىشى بېشىغا يىللىق توغرا كىلىدىغان دارامەت مىقتارى 100 مىڭ دوللار. قاراقاشتا بولسا 100 دوللارمۇ ئەمەس

ئەركىنلىكسىز ۋە مائارىپسىز باياشاتلىق يوقتۇر

ئىختىساتنىڭ ئۇرۇقى بىلىم، بىلىمنىڭ مەنبەسى مائارىپتۇر. قاراقاشلىقلارنىڭ ۋە بارلىق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كوللېكتىپ ھالدا يوقسۇل ۋە پەرىشان قېلىشىمىزنىڭ تۈپ سەۋەبى، خىتاي مىللىتىگە مۇنقەرز بولۇپ قالغانلىغىمىزدۇر. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىككىنچى ئەڭ زور بەختسىزلىكى، بىلىمگە ئېرىشىش يولىنىڭ توسۇۋېلىنغانلىغىدۇر
مەن باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندە، پاراللىل ئىككى سىنىپتىن 90 ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىدۇق. 3 بالا ئورتا مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپتۇق. 92 بالا ساۋاقدىشىمىز دېھقان بولۇپ يېزىدا قالدى. ئو زاماندا قاراقاش شەھەردە بىرلا ئورتا مەكتەپ بار ئىدى. ( خىتايلار ئۈچۈن 2. ئورتا مەكتەپ ئىسمىدا يەن بىر ئورتا مەكتەپ بار ئىدى.) پاراللىل 6 سىنىپ بار ئىدى. تولۇقسىزنى 6 سىنىپتا300 ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈردۇق. بىرلا تولۇق سىنىپقا 45 ئوقۇغۇچى ئېلىندى. 255 ئوقۇغۇچى ئائىلىلىرىگە قايتىپ دېھقان بولۇپ كەتتى
بۈگۈن قاراقاش ناھىيە تەۋەسىدە 24 ئورتا مەكتەپ بار. يېرىمى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئوقۇيدىغان مەكتەپلەر. باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەقەتلا 20% نى ئورتا مەكتەپتە ئوقۇش ئىمكانىغا ئېرىشەلەيدۇ. مەكتەپلەرنىڭ دەرۋازىسىدا ۋىۋىسكا بولغان بىلەن، مەكتەپلىك سالاھىيەت يوق. خىتاي مۇئەللىملەرنىڭ دەرسلىرىنى ئۇيغۇر بالىلار چۈشۈنۈپ ھەزىم قىلالىغۇدەك تىل سەۋىيىگە ئىگە ئەمەس. ئۇيغۇر مۇئەللىملەر، قايسى جۈملىنى سۆزلىسەم بېشىمغا بالا كەلمەيدۇ، دېگەن ۋەھىمە ئىچىدە دەرس ئۆتىدىغان بولغاچقا، دەرسخانىلار بىلىم يۇرتى بولۇش سۈپىتىگە ئۇيغۇن ئەمەس. ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تور ئارقىلىق بىلىمگە ئېرىشىشى، سىياسى جەھەتتىن خەتەرلىك دەپ قارالغاچقا، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار، بالىلارنىڭ تورغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەيدۇ. ھەم قاراقاشقا ئوخشاش يەرلەردە كومپيوتېر بەك ئاز، تور يوق، ياكى ناھايىتى قىممەت. ئۇنىڭ ئۈستىگە چەكلىمىلەر قاتمۇ-قات.
ئورتا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئەتىيازدا جىرىم تىكىش، يازدا بوغداي ئورۇش، كۈزدە پاختا، قوناق يىغىش ئىشلىرىغا سېلىنغانلىغى ۋە ھەر كۈنى سىياسى ئۈگۈنۈش دەپ بىر- ئىككى سائەت ۋاقىتى ئوغۇرلانغانلىغى ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ئۆگىنىدىغان ۋاختى ئاز. ئائىلىلەردە بولسا، كۆپۈنچە ئاتا-ئانىلار، بالىلىرىنىڭ دەرسلىرىگە ياردەم قىلغۇدەك ئىلمى سەۋىيىگە ئىگە ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلىرىنى ئۆي ئىشلىرىغا سالىدىغان ئائىلىلەر كۆپ. شۇڭا ۋاختى ۋە زېھنىنى دەرسكە بېرىپ ئۇتۇپ چىقىدىغانلار كۆپ ئەمەس
ئالى مەكتەپكە ئۆتۈشنىڭ توسالغۇسى قاتمۇ-قات قاغ تىزمىلىرىغا ئوخشايدۇ. ئۆتكەنلەر ئۈچۈن ئائىلىگە يۈكلىنىدىغان ماددىي يۈك ئىنتايىن ئېغىر. ئىمتىھاندىن ئەلا ئۆتكەن كۆپلىگەن ياشلار، ئائىلىسىنىڭ يوقسۇللىقىدىن ئوقۇشتىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قالماقتا

t01f84429f89ff78b0d

 

t016551b3d4187e0d00

t01c27583d73db568cd-1

بۇ رەسىملەر قاراقاش زاۋا يېزىسىدا 2011. يىلى تارتىلغان بولۇپ، ھازىرمۇ خىتايچە قاراقاش مائارىپى دەپ گوگۇلدا ئىزدەلسە تېپىلىدۇ

خىتاي مائارىپى، مەدەنىي قۇل يېتىشتۈرۈش ئاساسىغا قۇرۇلغاچقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىمگە ئېرىشىش ئىمكانى بەك تار. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق. يېقىندا شاڭخەي دەرىجىگە ئايرىش مەسلىھەت شىركىتى 2016. يىلدىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى 100 ئۇنۋىئېرسىتىتنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. تىزىملىكتە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى 58.نىنجى، بېجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 71. نىنجى قاتاردا ئورۇن ئالغان. دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىكى 1000 ئۇنۋېرسىتېت ئارىسىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىسىدىكى ھېچبىر ئۇنىۋېرسىتېتقا يەر بېرىلمىگەن. ئۇنىۋېرسىتېت پۈتتۈرگەنلەردە دىپلوم بولسىمۇ، بىلىم يوق. ياكى يېتەرسىز. ۋەتىنىمىزدىكى ئۇنىۋېرسىتىتلارنىڭمۇ تەلەپ ۋە پرىنسىپلىرى، بىلىم بىلەن قوراللانغان ئەۋلاد يېتىشتۈرۈش ئەمەس، پارتىيىگە سادىق ئەۋلاد يېتىشتۈرۈشنىڭ مەخسەت قىلىنغانلىقى ئاشكارە تەكىتلىنىپ تۇرماقتا

مەدەنىي ئەللەردە خاتىرجەملىك، ئەركىنلىك ۋە باياشتلىقنى بەخت دەپ بىلىدۇ. مۇستەملىكە ئاستىدىكى يوقسۇل ئەللەردە نادانلىق، بەخىتلىك بولۇش كاتىگورىيەسىگە كىرىدۇ. ئىزىلگەنلىگىنى، خارلانغانلىغىنى، رىسقى تارتىپ ئېلىنغانلىقىنى، ئالدانغانلىقىنى، بوزەك قىلىنغانلىقىنى بىلمىگەن ئىنسان ئازابىنى ھېس قىلمايدۇ.ئازاب تۇيغۇسى بولمىغان ئىنسان بەخىتلىك ئىنساندۇر. قاسساپ قوينى بوغۇزلاش ئۈچۈن پىچاقنى بېلەۋاتسا، قوي بەخىرامان ئوت يېيىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. چۈنكى قوي، بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن بوغۇزلىنىپ بېشىنىڭ باشقا تەرەپتە، گەۋدىسىنىڭ باشقا تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. بىلمەسلىكنىڭ ئۆزى بىر بەخىتتۇر. بىلمەسلىك نادانلىق دېمەكتۇر. نادانلىق ئىنسان تۇيغۇلىرىنى ئۆلتۈرىدىغان زەھەردۇر

نېمە ئۈچۈن 21. ئەسىردىمۇ خىتاي ھاكىمىيىتى، ئۇيغۇرلارنى يوقسۇل ۋە نادان تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن كۈچ سەرىپ قىلىدۇ؟

ئافغانىستاننىڭ ئۇرۇش خارابىسىدا يوقسۇل ۋە نادانلاشتۇرۇلغان ئافغان خەلقى ئىچىدىن تالىبان ۋە ئەل قائىدە چىقتى. نېفىت دېڭىزى ئۈستىدىكى نىگىريەدە ئىچكى ئۇرۇشتا يوقسۇلاشتۇرىلغان مۇسۇلمانلار ئارىسىدىن بوكو ھارام ( غەربچە مائارىپ ھارام) تەشكىلاتى چىقتى.دۇنيانىڭ ئەڭ كەڭ نېفىت، تەبىئي گاز ئوكيانى ئۈستىدىكى ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشتا يوقسۇللاشتۇرۇلغان نادان جەمىيەتتىن “ئىراق- شام ئىسلام دۆلىتى” ئىسىمدىكى تېرور تەشكىلات چىقتى. بۇ كۈنلەردە ئىراقتىكى مۇسۇل شەھىرىدىكى “ئىراق- شام ئىسلام دۆلىتى “تەرۆر تەشكىلاتىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن شىيىي ئەرەبلەردىن ۋە كۇرتلەردىن تەركىپ تاپقان 50 مىڭ كىشىلىك ئارمىيە بىر ئايدىن بىرى مۇسۇلنى قورشىماقتا. بۇ 50 مىڭ كىشىلىك ئارمىيە، ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ ئىلغار قۇراللىرى بىلەن قۇراللانغان. مۇسۇلنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىۋېتىمىز دەپ ئىلگىرىلەپ ماڭغانلارمۇ مۇسۇلمان، مۇسۇلنى ئەڭ ئاخىرغىچە قوغداپ شېھىت بولىمىز دىگەنلەرمۇ مۇسۇلمان. مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز-ئارا قىرغىنچىلىغىدا دۇنيا رېكورتى بۇزۇلۇپ تاشلىنىش ھارپىسىدا تۇرۇۋاتىمىز. غەرب دۇنياسى، بۇ قىرغىنچىلىق مەنزىرىسىنى خۇددى ئىت تالاشتۇرىدىغان ياكى خوراز سوقۇشتۇرىدىغان بىر كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدەك كۆرۈپ تەشكىلاتچىلىق قىلىۋاتىدۇ
خىتاي ھاكىمىيىتى يۇقىرىقى ئەھۋاللاردىن ئىلھام ئېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنى يوقسۇل، نادان قالدۇرۇشتىكى مەقسەتمۇ ئالدى بىلەن چەتئەلدە، ئۇنىڭدىن كېيىن ۋەتەن ئىچىدە رادىكال پىكىر ئېقىمىغا يول ئېچىش. ئۇيغۇرمىللىتى يوقسۇل، نادان قالدۇرۇلسىمۇ، يەنىلا سۈكۈت بىلەن چىداپ تۇرىۋاالدى. بۇ ئەھۋالنى كورگەن خىتاي ھاكىمىيىتى تېخىمۇ ئەسەبىلەشتى. ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىنى، تىلىنى چەكلەشتە ناھايىتى قاتتىق قول سىياسەت ئىشلەتتى. يەنىلا ئۇيغۇرلار جىم-جېت. ئاخىرىدا خىتايلار ناماز قىلغانلارنى،بېشىغا ياغىلىق چەككەنلەرنى,  ئۆيىدە بالىلارغا ناماز ئۆگەتكەنلەنى تۇتۇشقا، ھەتتا كۆرگەن يەردە ئېتىپ تاشلاشقا باشلىدى. ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ ئۆزلىرىنى قوغداش ئۈچۈن پىچاق،كالتەكلەرنى ئېلىپ قارشى چىقىشقا باشلىدى. خىتايلار ۋەزىيەتنىڭ ئىلگىرلىشىدىن مەمنۇن بولۇشقا باشلىدى. بۇگۈنكى كۈندە قولىدا قورال بولغان خىتاي ساقچى، ئەسكەرلىرى، ئۇيغۇرلارنى ئوۋ ئولاپ كۆڭۈل ئاچىدىغان قاغا، كېيىك قاتارىدا كۆرۈپ خالىغان يەردە ئېتىپ ئوينىماقتا. مېنىڭ يېزام پۇچاقچىدىمۇ پەقەتلا ناماز قىلغانلىقى، يۈزىنى يۆگىگەنلىكى, ياكى بالىلىرىغا ناماز سۈرىسى ئۈگەتكەنلىگى  ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلۈپ ئۆيلىرى تراكتوردا تۇزلېۋېتىلگەن، ئىگىسىز قالغان نارىسىدە بالىلىرىنى خىتاي ئەسكەرلىرى ئېلىپ كېتىپ، “بالىلار نەدە؟” دەپ سوراپ بارغان تۇققانلىرىنىمۇ تۇتۇپ كېتىپ يوقىتىۋەتكەن ئەھۋاللار مەۋجۇت. ئەڭ ئېچىنىشلىق تەرىپى، ئاچ ۋە ئىشسىز بىچارە ئۇيغۇرلاردىن بىر قىسمىنى تاللاپ ”مىنبىڭ” دەپ مائاشقا كىرالاپ، باشقا بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستىگە ئوۋ ئىتى، ياكى ئوۋ بۇركىتى قىلىپ ئىشلەتكەنلىگىدۇر
خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مىللىي زۇلىمىغا قارىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ قۇراللىق كۈرىشى دۇنيادا تېرۆر ھەرىكتى دەپ قارالمايدۇ. خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ نۇقتىنى ياخشى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا دىنىي ئاشقۇن بىر ئېقىمنىڭ ئورتىغا چىقىشى ئۈچۈن، دىنغا قارشى زەربىنى كۈچلەندۈرۈۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن بىۋاستە بېجىڭنىڭ پىلانلىشى ۋە ئىختىسات ئاجرىتىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنى سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشقا ئارىلاشتۇرۇش مۇۋاپىقىيىتىگە ئېرىشتى. ئەمدى پۈتۈن دۇنياغا “كۆردۈڭلارمۇ، ئۇيغۇرلار خەلقارا تېرورىزىمنىڭ بىر قىسمىمىكەن، ئەمەسمىكەن؟” دەپ ۋاقىراۋاتىدۇ. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەخسىدى ئېنىق؛ ئۇيغۇرلارنى رادىكال پىكىر ئېقىمى ئاشقۇنلىغىغا ھەيدەپ بېرىپ، ئالدى بىلەن شەرقى تۈركىستان سىرتىدا، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىچىدە “ تالىبان، ئەل قائىيدە، بوكو ھارام، ئىشىت… قىلىپ كۆرسىتىش. ئاندىن مىللىي قەتلىيامنى راھەت بىر شەكىلدە يۈرگۈزۈش. مەسىلە يالغۇز قاراقاش، گۇما، قاغىلىق…. مەسىلىسى ئەمەس

ئەركىنلىك يالقۇنى ئۆچمىگەن قاراقاش

مەن شەرقى تۈركىستانلىق بىر مۇسۇلمان ئۇيغۇر بولغانلىقىم بىلەن پەخىرلەنگىنىمگە ئوخشاش، قاراقاشلىق بولغىنىمدىنمۇ ئالاھىدە غۇرۇر ھېس قىلىمەن؛چۈنكى،مەن زۇلۇمغا ئىسيان قىلغۇچى زىمىندا ئىسيانكار جەمئىيەتنىڭ ئىسيانكار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدىم
تارىختا قاراقاش، خوتەنلىكلەر، قاراخانىلارنىڭ مۇسۇلمان ئارمىيىسىگە قارشى 25 يىل جەڭ قىلغان ئىدى. بۇ ئۇرۇشنى ئىسلامغا قارشى دەپ ئەمەس، ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ئۇرۇش چارەك ئەسىر داۋاملاشتى. ئاخىرى ھەق دىن ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ ئىمان ئېيتقان خوتەن، جۈملىدىن قاراقاش خەلقى، تەقۋادار مۇسۇلمانلارغا ئايلاندى.كېيىن بولسا،قاراقاشلىقلار، قارىخانىيلار ئىمپىراتورلۇغىنىڭ ئەڭ جەڭگىۋار قوشۇنىغا ئايلىنىپ، بارلىق بۈيۈك تۈركىستاننىڭ ئىسلام بىلەن شەرەپلىنىشىدە بۈيۈك رول ئوينىدى. سەئىدىيە خانلىقى زامانىسىدا سۇلتان ئابدۇرېشىت خاننىڭ ئاساسلىق جەڭگىۋار قوشۇنى بولغان قاراقاش قىسىملىرى كەشمىر غازىتىدا كاتتا قەھرىمانلىقلارنى كۆرسەتكەن ۋە كەشمىرنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىدا مۈھىم رول ئوينىغان ئىدى. 1863. يىلى ھەبىبۇللا خان غۇجىنىڭ ئوغلى ئابدۇراخمان پاشا قۇماندانلىقىدىكى نەيزە، چۇماق بىلەن قوراللانغان قاراقاش خەلقى زاۋا يېزىسىدا خىتاي گازارمىسىغا ھۇجۇم قىلدى. ئىككى كۈن ئىچىدە غازاتقا قاتناشقان قاراقشلىقلارنىڭ سانى 40 مىڭغا يېتىپ باردى. غازاتچىلار ئابدۇراخمان پاشانىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا خوتەنگە بېرىپ سىپىلغا ھۇجۇم قىلىپ ئىلچى شەھرىنى خىتايدىن ئازات قىلدى. غەربتە گۇمىدىن باشلاپ شەرقتە چارقىلىققىچە بولغان زىمىنلار ئازات قىلىنىپ, خوتەن ئەمىرلىگى دۆلىتى قۇرۇلدى. سايلامدا خوتەن خەلقى، قاراقاشىلىق دىنى ئۆلىما ھەبىبۇللا ھاجىمنى خان قىلىپ سايلىدى. ئوغلى ئابدۇراخماننى پاشا (گېنېرال) لىققا كۆتۈردى ۋە خان ۋەزىر قىلىپ سايلىدى
خوتەن مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ 4 يىل ئاسايىش ئىچىدە ياشىدى.1867. يىلى ياقۇپبەگ “ھاجى ئاتامنى زىيارەت قىلىپ دۇئاسىنى ئالغىلى كەلدىم “ دەپ ھەبىبۇللا خان ۋە ئوغۇللىرىغا سۈيىقەست قىلغاندا ياقۇپ بەگ، خوتەندە قارشىلىق كۆرسەتكەن 40 مىڭ كىشىنىڭ بېشىنى قىلىچتىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شېھىت قىلىنغانلارنىڭ 30 مىڭى قاراقاشلىق ئىدى. قاراقاشلىقلار “خان ھاجىم شېھىت بولاپتۇ، بىز قانداق تېرىك ياشايمىز.” دەپ زەمبىرەك، مىلتىقلارغا قارشى چۇماق، كالتەكلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ شېھىت بولغان. ئۇلار، بۇگۈنكى قاراقشلىقلارنىڭ ئاتىلىرى ئىدى
ياقۇپبەگ، قاراقاشلىقلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن قاراقاشقا، ئۇنىڭدىن كېيىن خوتەنگە كاتتا مەدرىسە سالدۇرۇپ بەردى. ياقۇپبەگ، شەرقى تۈركىستاننىڭ بىر پۈتۈن بولىشى ئۈچۈن “قاراقاشلىق باتۇر يىگىتلەرنى ئەسكەر بولۇش” قا چاقىردى. قاراقاشتا ھايات قالغان كۆپلىگەن ياشلار، يەنە ۋەتەن ئۈچۈن ئەسكەر بولدى ۋە قاراقاش دەرياسىنى بويلاپ پىيادە يول مېڭىپ كورلا ئالدىنقى سەپكە باردى. ياقۇپ بەگ كورلىدا ۋاپات بولغاندا، ئۆزبېكلەر قېچىشقا باشلىدى. ئۇيغۇر ئەسكەرلەرمۇ چېكىنىشكە باشلىدى. قاراقشلىق يىگىتلەر “كاپىرلار ئالدىمىز تەرەپتە تۇرسا، نىمىشقا ئاقىمىزغا قاچىتمىزيا؟” دىيىشىپ ئاكۇپلىرىدىن ئايرىلمىدى. كۆپىنچىسى كاپىرلار بىلەن ئۇرۇشۇپ ئۆلدى. چۆللەرگە چېكىنىپ ھالاك بولغانلار بار. بىر قىسمى “يۇتنى كاپىرغا تاشلاپ بەدۈك دەپ ئاتا – ئانىمىزنىڭ يۈزىگە قانداق قالايتمىز يا” دىيىشىپ ئېلى تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتى ۋە خوتەنلىك كۆچمەنلەرنىڭ سەھراسى بولغان رۇزىمەت يۈزى يېزىسىغا يەرلەشتىلەر
مەرھۇم بۈيۈك ئىنقىلابچى، تالانتلىق يازغۇچى زىيا سەمىدى 1994.يىلى 6. ئايدا ئالماتادىكى ئۆيىدە بىر قانچە مېھمان ئارىسىدا، مېنىڭ يۇرتۇمنى سورىدى. مەن قاراقاشلىق ئىكەنلىكىمنى ئېيتقىنىمدا، ماڭا شۇنداق دېگەن ئىدى؛ “ غەنى باتۇرنىڭ شەجەرىسىنى تەكشۇرۇپ قاراقاشلىق ئىكەنلىكىنى  ئىنىقلاپ چىققان ئىدىم. غەنى باتۇر ئوزىمۇ قاراقاشلىق بولغانلىقىنى بىلەتتى.. سادىر پەھلىۋاننىڭ شەجەرىسىنى ئىنقىلاپ چىققان ئىدىم. سادىرنىڭ دادىسى قاراقاشلىق چىقتى. مەن ئۆزەمنىڭ 7 ئەۋلات ئەجدادىمنى ئىنىقلاپ چىقتىم. مېنىڭ يىلتىزىممۇ خوتەن قاراقاشلىق چىقتى. بۇ پاكىتلارنى ھۆججەت قىلىپ يېزىپ قويدۇم.”  بۇگۈنكى قاراقاشلىقلار سادىر پەھلىۋاننىڭ، غەنى باتۇرنىڭ، زىيا سەمىدىنىڭ نەسىللىرىدۇر

plain-blue-background-wallpaper-3

مەرھۇم بۈيۈكىمىز زىيا سەمەدى، غۇلامىدىن پاختا ۋە مەن

خىتاينىڭ چىدىغۇسىز زۇلۇم ۋە ئالۋاڭ –ياساقلىرىغا چىدىماي تۇرىۋاتقان بىر شارائىتتا قاراقاش مەدرىسىنىڭ ياش ئالىمى مۇدەررىسى بولغان مەمەتىمىن بۇغرا ھەزرىتىم 1932.يىلى بىر يىل قۇراللىق ئىسيان ئۈچۈن تەييارلىق قىلدى. 1933.يىلى 1. .ئايدا سابىت داموللام قاراقاشقا يېتىپ كەلدى. مەھمەتىمىن بۇغرا ھەزرىتىم بىلەن سابىت داموللام 1933. يىلى 2. ئاينىڭ 22. كۈنى قاراقشتا خىتاي ئىشخالچى ھاكىمىيىتىگە قارىشى ئىسيان كۆتۈردى. خەلق ئەگەشتى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چارقىلىقتىن يەركەنگىچە زېمىنلا خوتەن ئەمىرلىگىنىڭ بايرىغى ئاستىدا بىرلەشتى. ئەگەر خوتەن ئىنقىلاۋى غەلبە قىلمىغان بولسا ئىدى، قەشقەردىكى 1933. يىلى 11. ئاينىڭ 12. كۈنى قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مەھمەتىمىن بۇغرا ھەزرىتىم ۋە سابىت داموللامنى باغرىغا بېسىپ ساقلىغان ، بۇ بۈيۈك يولباشچىلىرىنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرگەن، ئازاتلىق، ئەركىنلىك يولىدا قانلىرىنى دەريانىڭ سۈيىدەك ئېقىتقان ئۇ قاراقاش، بۇگۈنكى بۇ قاراقاشتۇر.5. ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە،ئۈرۈمچىدە قاسساپلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان قاراقاشلىق ئارىسىدىن 100 نەپەردىن ئارتۇق يىگىت خىتاي قۇراللىق قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلاندى، تۇتۇپ كېتىلدى ياكى ئىز -دىرەكسىز يوقۇتىۋېتىلدى. خىتاي ھاكىمىيىتى، پەقەتلا ماڭا ئازاپ چەكتۈرۈش ئۈچۈن ئېتىزدا ئىشلەۋاتقان ئىنىمنى ئوققا تۇتۇپ شىېھىت قىلىۋەتكىنىگە 15 يىل بولدى.  يالغۇز مەنلا ئەمەس، پۈتۈن قاراقاش خەلقى ماتەم ئىچىدە. خىتاي ھاكىمىيىتى بەزى ئۇيغۇرلارغا خېرويىن چەكتۈرىدۇ، خېرويىن چەككىلى ئۇنىمىغانلارغا ئازاپ چەكتۈرىدۇ. مەقسەت، قايسى ئۇسۇل بىلەن بولسا بولسۇن، ئۇيغۇرلارنى جىسمانى ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن نابۇت قىلىشتۇر. بىرمىللەت ئۆلۈپ تۈگىمەستىن، ئۇ مىللەتنىڭ روھىنى ئۆلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. شۇنداق بىر كۈن كىلىدۇكى، قاراقاش يەنە زۇلمەتنى كۆيدۈرۈپ قوياشقا ئوخشاش پارلايدۇ ۋە ئەتراپنى يورۇتىدۇ. مەن قاراقاشنىڭ تارىخىنى نىمىشقا قاراقاشلىقلارغا تەكرار خاتىرىلىتىش زۆرۈرىيىتى ھىس قىلدىم؟ ئاتا- ئانىلار يوقسۇل، بالىلار ئاچ بولسىمۇ، يەنىلا ئۈمىت بىلەن كېلەچەككە ھازىرلىنىشى ئۈچۈن. قاراقاشنىڭ يوقسۇللىغى، قاراقاشنىڭ ئەمەس، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئېيىۋىدۇر. قاراقاشنىڭ ۋەتەن، مىللەت، دىن ئاشىغى، كۆڭۈللەرگە ئاللا تەرىپىدىن بىرىلگەن سۆيگۈ سوغىتىدۇر.قاراقاش، شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشىدۇر. شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەر تەرىپى قاراقاشتۇر 

 

يىل 2016- 11.ئاينىڭ 22.كۈنى

 

پايدىلانغان مەنبەلەر

 

Xotendiki namratliq we yallanma emgekning qurbani boluwatqan uyghur baliliri

 

Dünyanın en iyi 100 üniversitesi

墨玉县辖1个镇、15个乡

县境内有兵团十四师四十七团场

2004年全县有普通中学24所

居和田地区首位,居自治区第五位。 2004年棉花播种面积已达到7.49万亩,总产量(皮棉)为8029吨。

,墨玉县天然气 储量达617亿立方米

2013年,墨玉县生产总值完成14.44亿元,比2012年增长12.4%。

2012年墨玉县外贸进出口总额为72.6万美元,同比2011年增长65.6%。

Uyghur tarixshunasliqining tématik qatlamliri

Sherqi Türkistan tarixi- memetimin bughra

Share
1076 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.