logo

trugen jacn

« ئىندىجىنېس خەلق» ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە

 

ئېرپان ئىدىرىس

 

«ئىندىجىنېس خەلق» ئاتالغۇسى ئىنگلىز تىلىدىكى «people  indigenous» ئاتالغۇسىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىشلىتىلىشىدۇر. بۇ سۆز بىرىكمىسىدىن تۈزۈلگەن ئاتالغۇدىكى «indigenous» سۆزى «شۇ يەردە توغۇلۇپ شۇ يەردە چوڭ بولغان» مەنىدىكى سۆز بولۇپ، ئىنگلىز تىلىدا «خەلق» دېگەن مەنىدىكى «people» سۆزى بىلەن بىرىكىپ «يەرلىك خەلق (ئاھالە)» دېگەن لېكسىكىلىق مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئاتالغۇدا «ئىپتىدائىي» ياكى «دۆلەت قۇرۇپ باقمىغان خەلق» ياكى «دۆلەت قۇرۇشنى بىلمەيدىغان خەلق» دېگەندەك لېكسىكىلىق مەنىلەر ئىپادىلەنمەيدۇ. بۇ كەمسىتىش تۈسى يوق بىر ئاتالغۇ.

1993- يىلى بوستوندا نەشر قىلىنغان  «Webster’s New Encyclopedic Dictionary» ناملىق لۇغەتتە «indigenous» سۆزىگە تۆۋەندىكىدەك ئىزاھەت بېرىلگەن:

       »  indigenous  adj : originating in or produced ,  growing , or living naturally in a particular region or environment [ Late Latin indigenus, from Latin indigena, n., “native”,  derived from gignere “ to be get ”] syn see NATIVE

 

2000- يىلى نيويوركدا نەشر قىلىنغان « American Heritage Dictionary  » ناملىق لۇغەتتە «indigenous  »     سۆزىگە تۆۋەندىكىدەك ئىزاھەت بىرىلگەن :

»  indigenous  adj. Originating and living or occurring naturally in an area or

environment. See synonyms at native. 2. Intrinsic, innate. [From Latin indigna,

native. See INDIGEN.]

 

1985- يىلى موسكۋادا نەشىر قىلىنغان « АНГЛО- РУССКИЙ СЛОВАРЬ » ناملىق لۇغەتتە «indigenous» سۆزى «ТУЗЕМНЫЙ, МЕСТНЫЙ» دەپ تەرجىمە قىلىنغان.

1954-  يىلى موسكۋادا نەشىر قىلىنغان«СЛОВАР РУССКО – УЗБЕКСКЫЙ» ناملىق لۇغەتتە «ТУЗЕМНЫЙ» سۆزى «ерли, махалий» دەپ تەرجىمە قىلىنغان، «МЕСТНЫЙ» سۆزىمۇ ئوخشاشلا «ерли махалий,» دەپ تەرجىمە قىلىنغان.

1956-  يىلى موسكۋادا نەشىر قىلىنغان «رۇسچە – ئۇيغۇرچە لۇغەت» ناملىق لۇغەتتە «ТУЗЕМНЫЙ» سۆزى «يەرلىك» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. «МЕСТНЫЙ» سۆزىمۇ ئوخشاشلا «يەرلىك» دەپ تەرجىمە قىلىنغان.

1963- يىلى بىجىڭدا نەشىر قىلىنغان «俄汉大辞典» ناملىق لۇغەتتە «ТУЗЕМНЫЙ» سۆزى «本地的 ،当地的» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. «МЕСТНЫЙ» سۆزىمۇ ئوخشاشلا «本地的،当地的» دەپ تەرجىمە قىلىنغان.

1985- يىلى شاڭخەيدە نەشىر قىلىنغان «新英汉词典» ناملىق لۇغەتتە «indigenous» سۆزى «土生土长的,生来的,固有的» دەپ تەرجىمە قىلىنغان.

يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن لۇغەتلەرنىڭ ھېچقايسىسىدا «indigenous» سۆزى باشقا تىللاردىكى «ئىپتىدائىي» سۆزى بىلەن تەرجىمە قىلىنمىغان ھەمدە بۇ سۆزگە «كەمسىتىش» خاراكتېرلىق سۆز دەپ ئىزاھ بېرىلمىگەن.

ئىندىجىنېس خەلق دەپ ئاتالغان ئىنسانلار توپى بىئولوگىيىلىك جىسمانى، بىئولوگىيىلىك ئورگانىزمىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك فۇنكسىيە ئىقتىدارلىرى ۋە مېڭىسىنىڭ تۈزۈلۈشى جەھەتلەردىن باشقا ئىنسانلار توپى بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق. چۈنكى بۇ ئىندىجىنېس ئىنسانلارمۇ باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش مىليون – مىليون يىللىق ئۈزلۈكسىز ئېۋوليوتسىيە (تەدرىجىي تەرەققىيات) قىلىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈپ ھازىرقى زامان ئىنسانلىرىغا ئايلانغان. بۇ ئىككى توپ ئىنسانلاردىكى پەرق پەقەت ئىندىجىنېس خەلقلىرىنىڭ تەركىبى قىسمىدىكى بەزى قەبىلە – ئايماق خەلقلىرىنىڭ تەلىم – تەربىيە ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالماي قالغانلىقىدىلا ئىپادىلىنىدۇ، خالاس.

دۇنيادىكى بارلىق مىللەت ۋە قەبىلە – ئايماق خەلقلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ توغۇلۇپ ئۆسكەن ماكانىغا نىسبەتەن ئىندىجىنېس خەلقلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نوپۇسى كۆپ مىللەت ئاسماندىن چۈشكەن، نوپۇسى ئاز بولغان  مىللەت ۋە قەبىلە – ئايماق خەلقلىرى يەردىن ئاستىدىن چىققان ئەمەس. ئىندىجىنېس خەلق دېگەن ئاتالغۇ پەقەت باشقا مىللەت ياكى قەبىلە- ئايماق خەلقلەرنى ئۆز  مىللىتىدىن پەرقلەندۈرۈش يۈزىدىن بارلىققا كەلگەن ھەم قوللىنىلغان بىر ئاتالغۇدىن ئىبارەت، خالاس.

كائىناتىكى بارلىق شەئيىلەر زامان ۋە ماكانغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىدىغانغا ئوخشاش ئىندىجىنېس خەلقىلەرنىڭ تەركىبى قىسىملىرىدىكى  مىللەت، قەبىلە – ئايماقلارمۇ  زامان ۋە ماكانغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.  مەسىلەن، ئالتۇن ئوردا دەۋرىدە موڭغۇل – تاتارلار دۆلەت باشقۇرغان مۇستەملىكىچى ھۆكۈمران قەبىلە بولغان بولسا، موسكۋا كىنەزلىكىدىكى رۇسلار ئىندىجىنېس خەلقى ئىدى، ئەندى چاررۇسىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىگە كەلگەندە رۇسلار دۆلەت باشقۇرغان مۇستەملىكىچى ھۆكۈمران مىللەتكە ئايلىنىپ، موڭغۇل – تاتارلار ئىندىجىنېس خەلقلەرگە ئايلىنىپ قالغان. چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى ھۈلەگۈ (تولۇينىڭ ئوغلى) ئابباسىيلار خەلپىلىكىنى ئاغدۇرۇپ باغداتتا ئىلىكخان خانلىقنى قۇرغاندا موڭغۇللار مۇستەملىكىچى ھۆكۈمران قەبىلە بولغان. ئابباسىيلار خەلپىلىكىدىكى ئەرەپلەر ئىندىجىنېس خەلقىگە ئايلىنىپ قالغان. خىتاينىڭ چىڭ سولالىسى دەۋرىدە مانجۇرلار دۆلەت باشقۇرغان مۇستەملىكىچى ھۆكۈمران قەبىلە بولغان بولسا، ئەندى جۇڭخۇا مىنگو دەۋرىگە كەلگەندە خىتايلار دۆلەت باشقۇرغان ھۆكۈمران مىللەتكە ئايلىنىپ، مانجۇرلار ئىندىجىنېس خەلققە ئايلىنىپ قالغان.

ئىندىجىنېس خەلق ئاتالغۇسى تارىخىي ئۇقۇم ۋە ھازىرقى زامان ئىستېمالىدىكى ئۇقۇمنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن. تارىخىي ئۇقۇمى بولسا ئۆتمۈشتە يات بىر مەملىكەتكە بارغان بىر تۈركۈم كىشلەر شۇ مەملىكەتتە  ماكانلىشىپ ياشىغان يەرلىك ئادەملەرنى ئىندىجىنېس خەلق دەپ ئاتىغان.  مەسىلەن، ياۋرۇپادىكى ئەنگىلىيە، فرانسىيە، ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى بىر قىسىم مۇستەملىكىچىلەر شىمالىي ئامېرىكا، جەنۇبىي ئامېرىكا، ئافرىقا، ئاسىيا ۋە ئوكيانىيە قاتارلىق قىتئەلەرگە بارغاندا ئۆزلىرىگە نىسبەتەن شۇ قىتئەلەردە ياشىغان يەرلىك خەلقلەرنى ئىندىجىنېس خەلقلەر دەپ ئاتالغان.  ھازىرقى زامان ئىستېمالىدىكى ئۇقۇمنى ب د ت نىڭ ئۆلچىمى بويىچە قارىغاندا ھەر قانداق بىر دۆلەتتە ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا تۇرىۋاتقان نوپۇسى كۆپ مىللەتتىن باشقا بارلىق مىللەت، قەبىلە – ئايماقلارنىڭ ھەممىسى ئىندىجىنېس خەلقىلەر بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بۇ ئۆلچەمگە ئاساسەن ب ت د نىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى دۇنيادىكى ھەر قايسى مەملىكەتلەردە دۆلەت ھاكىمىيىتىنى تۇتمىغان بارلىق مىللەت، قەبىلە – ئايماقلارنىڭ ھەممىسىنى ئىندىجىنېس خەلقىلەر قاتارىغا كىرگۈزگەن. ئىنتېرنېت توردىكى « WikipediA» دا ئېلان قىلىنغان «indigenous people List of» كە («ئىندىجىنېس خەلقلىرىنىڭ تىزىملىكى» گە) كىرگۈزۈلگەن ھەر قايسى مەملىكەتلەردىكى ئىندىجىنېس خەلقلەر ب دت نىڭ ئىندىجىنېس خەلقنى ئايرىش ئۆلچىمى بويىچە تۇرغۇزۇلغان.

ھازىرقى زاماندىكى ئىندىجىنېس خەلقلىرىنىڭ جىسمانىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىكى كىملىك مەۋجۇتلىقىنى قوغداپ قىلىش يۈزىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2007-  يىلى « United Nations Declaration on the Rights of Indigenous People » نى ئېلان قىلىدۇ. (« بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىندىجىنېس خەلقلىرى توغرىسىدىكى خىتابنامىسى»). بۇ خىتابنامە مەزمۇن جەھەتتىن پەقەت ئىندىجىنېس خەلقلىرىنىڭ كىملىكىنى قوغداش ھەققىدىكى بىر ھۆججەت. يەنى ئىندىجىنېس خەلقلىرىنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان بىر خىتابنامىدۇر.

مەزكۈر خىتاپنامىدا ئاساسەن ئىندىجىنېس خەلقلىرىنىڭ ھوقۇقلىرى، دۆلەت ھاكمىيىتىنىڭ مەسئۇلىيەتلىرى ۋە ئىندىجىنېس خەلقلىرىنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر بايان قىلىنغان. «خىتاپنامە»دا «ئىندىجىنېس خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇشقا بولمايدۇ» دېگەن ماددا يوق. چۇنكى، بۇ خىتابنامىنى تۈزۈشتىكى تۈپكى مەقسەت قانداق قىلغاندا ئىندىجىنېس خەلقلىرىنىڭ جىسمانىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىكى كىملىك مەۋجۇتلىقىنى قوغداپ قىلىشتىن ئىبارەت بولغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىمۇ ئىندىجىنېس خەلقلىرىنىڭ مۇستەقىللىقى جەھەتتە ھۆكۈم چىقىرىشنىڭ ئىندىجىنېس خەلق دەپ قارالغان خەلقنىڭ ھوقۇقلىرىغا دەخلى-  تەرۇز بولۇپ قالىدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئوبدان چۈشىنىدۇ. چۈنكى ھازىرقى دەۋردە  ئىندىجىنېس خەلقىلىرى دەپ قارىلىۋاتقان كۆپلىگەن مىللەت ۋە قەبىلىلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ  ئۆز زامانلىرىدا قودرەتلىك ۋە سەلتەنەتلىك ئىمپېرىيە ۋە دۆلەتلەرنى قۇرۇپ دەۋر سۈرگەن خەلقلەر ئىكەنلىكى ئۇلارغا بەش قولدەك ئايدىڭ. مەسىلەن:

تارىختا تۇران ئۇيغۇر تۈركلىرى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى (744- 840 – يىللىرى)، گەنجۇ ئۇيغۇر خاندانلىقى (850 — 1028- يىللىرى )، ئىدىقۇت ( قۇجۇ ) ئۇيغۇر خانلىقى (866– 1280- يىللار)، قاراخانىيلار سۇلالىسى (508–1211- يىللار)، سەئىدىيە خانلىقى (1514– 1680- يىللار)، بەدۆلەت (1864– 1875- يىللىرى)، ئىلى سۇلتانلىقى (1864– 1871- يىللار)، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى (1933– 1934- يىللار) ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى (1944– 1949- يىللار) قاتارلىق دۆلەتلەرنى قورغان.

تۇران چىڭگىزخان موڭغۇللىرى ئاسىيادا قۇدرەتلىك موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان. تۇران سالجۇق ۋە ئۆسمان تۈركلىرى ئاسىيا –  ياۋرۇپا قىتئەسىنىڭ زور بىر قىسمىدا سەلتەنەتلىك ئۆسمان ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان.

شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئىندىئانلارمۇ دۆلەت تەشكىلىي تۈزۈم شەكىللىرىدىن بىرى بولغان فېدېراتىپ دۆلەت تەشكىلىي قۇرۇلمىسى خاراكتېرىگە ئىگە بولغان «ئىندىئانلار ئىتتىپاقى»نى قۇرغان.  ئىندىئانلارنىڭ «ئىدىيانلار ئىتتىپاقى» نىڭ بۇ فېدېراتىپ دۆلەت تەشكىلىي قۇرۇلمىسى كېيىن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ دۆلەت تۈزۈلمىسىنىڭ ئاساسى بولۇپ قالغان.

ھازىرقى زاماندا ئىندىجىنېس خەلقلەر دەپ قارالغان يەرلىك خەلقلەردىن ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلەرنى قۇرغانلاردىن قازاقىستاندىكى قازاقلار ۋە قىرغىزىستاندىكى قىرغىزلارنى مىسالغا كەلتۈرۈش مۇمكىن. بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەش زۆرۈركى، ھەر قانداق بىر  ئىندىجىنېس خەلقىنىڭ شەرت – شارائىتى پىشىپ يېتىلسە ۋە ھازىرلانسا، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقى بار.

خولاسە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىندىجىنېس خەلقلەرنىڭ تەركىبى قىسىملىرى  زامان ۋە ۋاقىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بۇگۈنكى كۈندە ئىندىجىنېس خەلق دەپ قارالغان مىللەت كەلگۈسىدە بەلكىم بىرەر دۆلەتنىڭ ھۆكۈمدارىغا ئايلىنىپ، ئۆزىنى باشقۇرغان ھۆكۈمدار مىللەت  ئىندىجىنېس خەلققە ئايلىنىپ قىلىشى مۇمكىن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلار ياكى شەخسلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئىندىجىنېس خەلقلىرىنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقى يوق. مۇستەقىللىققا ئائىت ھەر قانداق قارار ئىندىجىنېس خەلقلىرى تەرىپىدىن چىقىرىلىدۇ. «ئىندىجىنېس خەلقلەرنىڭ دۆلەت قۇرۇش ئىقتىدارى يوق» دېگەن چۈشەنچە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يەرلىك خەلقلەرگە قىلىنغان ئەڭ چوڭ ھاقارەت بولۇپلا قالماستىن يەنە ئۇچىغا چىققان  بىمەنىلىكىدىن ئىبارەت بولغان بىر سەپسەتەدۇر.

2021- يىلى نويابىر

Share
464 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.