logo

trugen jacn

ئىككى جۇمھۇرىيەتنى ئوتتۇراغا چىقارغان تۈركىستان سوتسىئولوگىيەسىنىڭ ئويلاندۇرغانلارى

ئىككى جۇمھۇرىيەتنى ئوتتۇراغا چىقارغان تۈركىستان سوتسىئولوگىيەسىنىڭ ئويلاندۇرغانلارى

ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇق

بۇگۈن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيەتى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتىنىڭ سەنەيى دەۋرىيەسىنىڭ 86- ۋە 75-يىلىدۇر. كۈنىمىزدە ۋەتەنىمىزنىڭ سىياسىي ۋە جۇغراپىيەلىك نامى شەكىلدە كەڭ كۆلەملىك قوبۇل بولغان «شەرقىي تۈركىستان» نامى بولسا ئەنە شۇ دەۋرلەردە، خۇسۇسەن ئىككىنجى مانجۇ-خىتتاي ئىستىلاسىدىن (1878) كەيىن دۇنياداكى تەرەققىيات ۋە ئۆزگەرىشلەرنى ئۆزلەرىنىڭ چاماسى يەتكەنچە تەقىپ قىلغان مۇنەۋۋەرلەرمىز، دۇنيا سىياسەت سەھنەسىدە كەڭ قوبۇل كۆرگەن سىياسىي تۈزۈم «جۇمھۇرىيەت»نى قوبۇل قىلىپ 1933-يىلى 12- نۇيابىردا كاشغەردە قۇرغان دەۋلەتىنىڭ نامىنى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيەتى» قىلىپ دۇنياغا جاكارلاغانلىقى بىلەن ئۇشبۇ نام مۇقىملاشقان ئىدى. مانا مۇشۇ مۇبارەك ئىنقىلاپ نەتىجەسىدە ئاپىرىدە بولغان ئەركىن ۋە ھۆر جۇمھۇرىيەتنى قۇرۇش غايەسى ۋە مەفكۇرەسى تەڭرىتاغىمىزنىڭ جەنۇبىدا بىخلانىپ تەڭرىتاغىمىزنىڭ شەرقىدە، شىمالىدا تىزدىن يىلتىز تارتقان. شۇنداقلا تەڭرىتاغىمىزنىڭ غەربىدەكى پەرغانەلىك قانداش تۇغقانلارىمىز تەرەپىدىن ھەم قوبۇل كۆرگەن ۋە ئەلىخان تۆرە ساغۇنىدەك يىتۈك ئالىم، تابىب ۋە مۇجاھىد شەخسىيەتلەر ئابدۇقادىر ۋە سابىت داموللام ئىزىنى سۈرۈپ تارىملىق ۋە جۇڭغارىيەلىك قانداشلارى بىلەن بىرلىكتە 1944-يىلى يەنە ئوخشاش بىر كۈندە (12-نويابىردا) ئىككىنجى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتىنى قۇرۇپ چىققان ئىدىلەر.

بىرىنجى جۇمھۇرىيەتنى قۇرغان مۇنەۋۋەرلەرمىز، شەرقتىن كەلگەن مانجۇ خىتتايلارنىڭ مۇستەملەكە تۈزۈمىنى ئەسلا قوبۇل قىلماغان، ھەتتا 1678-يىلىدىن بەرى ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن ئىستىلاچىلارنى قوغلاپ چىقارىپ دەۋلەت تىرىلدۈرۈش غايەسىدە يۈزمىڭلاغان شەھىدلەرنى بەرگەن مۇجاھىد ۋە مۈجتەھىد ئەجداتنىڭ ئەۋلادلارى ئىدىلەر. ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە غەربىي شىمالدىن كەلگەن ئىستىلاچى ئورۇسلارنىڭ مۇستەملەكەچى تۈزۈمىگە قارشى شىددەتلىك تىركەشىپ تۇرغان پەرغانەلىك قانداش تۇغقانلارىمىزنىڭمۇ مۇنەۋۋەرلەرى بار ئىدى. بۇ لىنىيە ۋە ئىزچىللىقنى ئىككىنجى جۇمھۇرىيەتنى قۇرغان سەرخىللاردا كۆرۈپ ئالماق ئىنتايىن ئاساندۇر. ۋەتەنىمىزنىڭ ستراتىگەلىك ئورنى، ئەتراپىنى قورشاپ ئالغان ياۋۇز دۈشمەنلەرنىڭ كۈچلۈكلۈكى،ئۆزىمىزدەكى دۈشمەننى تونۇشنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسىنىڭ كەمچىللىكى، تاشقىي سىياسەتنى ئەتراپلىق بىلگەن، ئۇنىڭغا كۆرە سىياسەت ۋە ستراتىگىيە بەلگۈلەپ ئىجرا قىلالايدۇرغان ئىقتىساسلىقلارنىڭ كەمچىللىكى تۈپەيلى كۆرۈلگەن يەتەرسىزلىكلەر، خۇسۇسەن مەۋجۇد مۇستەقىللىقنى ئەڭ تۆۋەن چەكتە بولسامۇ ساقلاپ قالىش ئۈچۈن رۇسلارنى قايىل قىلالىغۇدەك دىپلومات كادىرلار ۋەيا سەرخىللارىمىزنىڭ يوقلۇقى… ۋەتەنىمىزنىىڭ يالماۋۇزنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتىشىدەك ئاچچىق ئاقىبەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

بۇ دەۋرنىڭ سوتسىئولوگىيەسىنى تەھلىل قىلغانىمزىدا، مۇنداق بىر رىئاللىقنىمۇ كۆرمەي تۇرالمايمىز: دۇنيادا ھۆكۈمران بولغان كلاسسىك ئىمپاراتورلۇقلار (بابۇرىيلار، مانجۇ-خىتتاي، چارروسىيە، ئوسمانىيلار) گۇمران بولۇشقان، ياۋرۇپالىقلار تەرەپىدىن قۇرۇلغان يەڭى ئىمپاراتورلۇقلارنىڭ كلاسسىك مۇستەملەكە سىستەملەرى چاك تارتىشقا، ھەتتا پارچالانىشقا يۈز تۇتقان، غەرپ تەرەپىدىن يايىلغان مىللەتچىلىك ھەرەكەتلەرى ئاسىيا، ئافرىقا، ئامېرىكا قىتئەلەرىدە يالقۇنجاشقا باشلاغان بىر چاغ ئىدى. مانجۇ-خىتتاي ئىمپىرىيەسىنى ئاغدۇرغان خىتتاي مىللەتچىلەرى تەكرار تارىختا خىتتايلار تەرەپىدىن قۇرۇلغان خىتتايچىلىق تەرغىپ قىلىنغان مىڭ دەۋرىنى (مانجۇ-چىڭ ترىتورىيەسىدە) تىرىلتمەكچى بولۇشتى. بۇ غايە، مىللەتچى خىتتايلار تەرەپىدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈلەنمەگەن بولسا، ئۇلارنى يەڭگەن خىتتاي كومۇنىستلارى تەرەپىدىن نىسبەتەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن ياكى بۇ جەرىيان تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلماقتا. چارلىق روسىيەسىنى ئاغدۇرغان بۇرژۇئا ئىنقىلاپچىلارىنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كەلگەن كومۇنىست بولشەۋىكلارمۇ يەنە چارلىق ترىتورىيەسىدە چار روسىيە تۈزۈملەرىدىنمۇ ۋەھشىي بولغان كومۇنىست دىكتاتورىيەسىنى تىكلەشتى. بۇ جەرىياندا مۇستەملەكە قىلىنىۋاتقان تۈركىستانلىقلار ئاراسىدا زامانىۋىي مىللەتچىلىكنىڭ پىكرىي ۋە ئەمەلىي ھەرەكەتلەرى جەدىتچىلەر تەرەپىدىن باشلاتىلغان ئىدى. بۇ خىل پىكىر ھەرەكەتى رۇس-سلاۋ فاشىزمىنى بىۋاسىتە ھىس قىلغان ئىدىل-ئۇرال ۋە قىرىم رايونىدا كلاسسىك مەدرەسە مائارىپىداكى قاتماللىقلارنى ئىسلاھ قىلىشتىن، زامانىۋىي بىلىملەرنى ئۆگرەنىشتىن باشلانغان ئىدى. جەدىتچىلەر، غەرپچە مەناداكى «مىللەت-Nation»كە ياقىن تۈرك ئۇلۇسچىلىقىنى (ئىدىل-ئۇرال ۋە كافكازىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان) بۈيۈك تۈركىستان خەلقلەرىنىڭ ئەمەلىيەتىگە ماسلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نىشان قىلىشقان ئىدى. كەيىنچە «تىلدە، پىكىردە، ئىشتە بىرلىك» شۇئارى ئاستىدا بىرلەشكەن جەدىتچىلەر، تارقاق، قەبىلەباز، يۇرتباز مۇسۇلمان تۈركلەردىن مۇئەييەن ئاڭ-پىكىر ۋە غايە بىلەن ئەمەلىي كۈلتۈر ئاساسىدا بىرلەشكەن زامانىۋىي تۈرك مىللەتى ياراتىشنىڭ كويىدا تەسۋىرى زور پىداكارلىقلارنى قىلىشقان ئىدى. 1850-يىللاردا باشلاتىلغان جەدىتچىلىك ھەرەكەتى، بۇھەرەكەتنىڭ پىدائىيلارىنىڭ يۇرتىمىزداكى ئەمەلىي پائالىيەتلەرى خۇسۇسەن كاشغەر-ئارتۇش، تۇرپان، ئىلى-چەگۈچەك ۋە كەيىنچە ياركەنت، ئاقسۇ، خوتەنلەردە ئاچىلغان ئۇسۇلى جەدىت مەكتەپلەرى ئارقالىق يايىلغان، يىلتىز تارتقان ئىدى. بۇ جەرىياندا، مۇستەملەكەچى زالىملار تەرەپىدىن قوللاپ قۇۋۋەتلەندۈرۈلگەن يۇرتبازلىق ۋەيا قەبىلەبازلىق قورشاۋىدا قالغان خەلقىمىز ئاراسىداكى ئەڭ ئومۇمىي بولغان مەنسۇبىيەت ئاڭى «مۇسۇلمان»لىق ئىدى. ئىسلام ئۈممەتچىلىكىنىڭ غەرپنىڭ مىللەتچىلىكى قارشىسىدا (ئوسمانلى دەۋلەتىدە) مەغلۇپ بولغانلىقى، مەسىلەن مۇسۇلمانلىق ئاڭى بار بولغان پەقەت تارقاق ھالدا قەبىلەلەر ھالەتىدە ياشايدۇرغان ئەرەپلەرنىڭ غەرپ مىللەتچىلىكىنىڭ فورمۇلاسىدا شەكىللەندۈرۈلگەن ئەرەپ مىللەتچىكى رەھبەرلىكىدە ئىسلام خەلىپەلىكى بولغان ئوسمانلى دەۋلەتىگە ئىسيان بايراقىنى ئاچقانلىقى رىئاللىقىنى كۆرۈپ يەتكەن تۈركىستانلىق ئۆلىمالارمۇ جەدىتچىلىك ھەرىكەتىگە كەڭ قاتناشقان ئىدى. مانا مۇشۇنداق ئارقا پلاندا، يۇرتىمىزدا كەڭ تارقالىپ تۇرغان ئىددىيە جەدىتچىلەر تەرەپىدىن ئىشلەپ چىقارىلغان تۈركچىلىك ئىددىيەسى بولغان ئىدى. بۇ ئىددىيەنىڭ تۈرتكەسىدە، دۇنيادا كەڭ قوبۇل بولغان «جۇمھۇرىيەتچىلىك» قوبۇل قىلىنغان. بۇ تۈپەيلى 1933-يىلىدا قۇرغان دەۋلەتىگە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيەتى» نامىنى بەرگەن. بۇ ئىددىيە، كىچىك، قەبىلەبازلىق ۋەيا يۇرتبازلىقتىن ھالقاغان بىر ئىددىيە ئىدىكى، قۇرغۇچىلار ۋە ھۆكۈمەت كابىنتى ئىچىدەكى كىشىلەرنىڭ ئېتنىك مەنسۇبىيەتلەرىنى كۈنىمىزدەكى ئىنسانلاردا ھاكىم بولغان ماركسزىملىق مىللەت قاراشى بىلەن چۈشەنىپ بولماق ئىمكانسىزدۇر. چۈنكى، كۈنىمىزدەكى ئىنسانلاردا يەرلەشكەن مىللەت كۆزقاراشى خىتتايلار ۋەيا ئورۇسلارنىڭ مائارىپ ۋە كۈلتۈر سىياسەتىدە ئەڭ ئاز 70 يىلدىن بەرى رەقىپسىز ھالدا يەرلەشكەندۇر. رۇس بولشەۋىكلارى ئۆزلەرىگە تەھدىت دەپ كۆرگەن جەدىتچىلىك پىكرىياتى ۋە جەدىتچىلەرنى 1937-يىلى تۈپ يىلتىزىدىن يوق قىلىش مەقسەتىدە ئىدىل-ئۇرال، كافكازىيە ۋە غەربىي تۈركىستاندا (جەدىتچى زىيالىيلارغا قاراتا) قىرغىنچىلىقىنى باشلاتتى. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا شېڭشىسەي شەرقىي تۈركىستاندا ئوخشاش باھانە ۋە ئۇسۇللاردا شەرقىي تۈركىستانلىق جەدىتچىلەرگە قاراتا قىرغىنچىلىقىنى باشلاتتى. مەھمەتئالى ئەپەندىگە ئوخشاش جەدىتچىلەر مەكتەپلەردەكى سىنىپ مۇنبەرلەرىدە تۇتۇلۇپ زىندانلارغا تاشلاندى، ئۈستىگە بەنزىن تۆكۈلۈپ كۆيدۈرۈپ تاشلاندى. تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قاراغاندا، بۇ قىرغىندا ستالىن 300 مىڭ، شېڭشىسەي 100مىڭغا ياقىن جەدىتچىلەرنى قىرىپ تاشلاغان. ئەلبەتتە بۇ يەردەكى سان-سىفىرلار چوقۇم تەھقىق قىلىنىشى شەرت، ئەمما بىز ئۈچۈن بۇ يەردەكى مۇھاكەمە مەسەلەسى سان بىلەن بىرگە جەمىيەتنىڭ سەرخىللارىغا قاراتىلغان قىرغىنچىلىقتۇر. سۇلتان گالىيەۋگە ئوخشاش سوتىسىيالىست لىتەراتۈردە لېنىن ۋە ستالىن بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇپ تۇرۇپ ئۇقۇم، ئاتالغۇ ۋە نەزەرىيە ئىشلەپچىقارالاغان بەلكى يۈز يىللاردا بىر تۇغۇلادۇرغان سەرخىللارنىڭ قىرغىن قىلىنىشىدۇر. بۇ قىرغىنچىلىقتىن كەيىن ئىدىل-ئۇرال ۋە غەربىي تۈركىستانداكى مىللىي كۈرەشنىڭ گىگانت سەركەلەرى يوق قىلىنىپ تۇنجۇقتۇرۇلغان بولسا، قىرغىندىن بۇرۇن ھىجرەت قىلغان ئاز بىرقىسىم جەدىتچىلەر ئۆزلەرىنى ساقلاپ قالالاغان. غەربىي تۈركىستان ۋە ئىدىل-ئۇرالدا ئازاتلىق مەشئەلى ئۆچۈرۈلگەن ياكى خۇنۈكلەشتۈرۈلگەن بولسا، شەرقىي تۈركىستاندا بۇ مەشئەل1944-يىلىدا تەكرار يالقۇنجاغان ئىدى. جەدىتچىلەر تەرەپىدىن يالقۇنجاتىلغان ۋە مۇستەقىللىق بىلەن نەتىجەلەنگەن بۇ ئىنقىلاپنىڭ كونتروللۇقى كەيىنچە سوۋىت كومۇنىستلارىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەنلىكى مەلۇم. ماراشال، رەئىسى جۇمھۇرىمىزنىڭ رۇسلار تەرەپەدىن قاچۇرۇلۇپ يوق قىلىنىشى جەرىيانىدا ۋە يەڭى كابىنتقا كىرگۈزۈلگەن موسكۋادا تەربىيە كۆرگەنلەرگە قاراتا ئۇشبۇ دەۋر ئىنقىلاپچىلارى ۋە زىيالىيلارنىڭ قانداق رىئاكسىيە كۆرسەتكەنلىكلەرى ھەققىدە قولىمىزدا يەتەرلىك مەلۇمات يوقتۇر. تەخىچە، بىزدە رەئىسى جۇمھۇرىنى نەمە ئۈچۈن قوغداپ قالالماغانلىقنىڭ تەھلىلى، مۇھاسەبەسى قىلىنىپ قىلىنماغانلىقى شەخسەن كەمىنە پەقىرغا نامەلۇم؟ رەئىسى جۇمھۇرى ئۇشتۇمتۇت يوق بولۇپ كەتكەندىن كەيىن ئۇنىڭ سەپداشلارى ۋە جەڭچىلەرىنىڭ قانداق رۇھ ھالەتىدە بولغانلىقى، ئەينى ۋاقىتتاكى نەشىر-ئەفكارلاردا مۇھاكەمە ۋە مۇنازىرە قىلىنىپ قىلىنماغانلىقى بىز تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇرغان موھىم تىمادۇر. يەنە بىر ئەھۋال بولسا، بۇ جەرىياندا سىياسىي سەھنەدەكى موھىم شەخسلەردىن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، مەسئۇد سەبرى بايقوزى ۋە ئەيسا بەگلەرنىڭ نەمە ئۈچۈن بۇ جۇمھۇرىيەتكە ئاكتىپ قاتناشماغانلىقىنىڭ تەتقىقاتى كۈنىمىزدە ۋە كەلەچەكتە خاتالارنىڭ تەكرارلانماسلىقى نۇقتاسىدىن زۆرۈر بىر تىمادۇر. ئەلبەتتە، تەتقىق قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان بولسا ۋە كەمىنە پەقىر بىخەۋەر قالغان بولسام، بۇ مەنىڭ قۇسۇرۇمدۇر. ئىنشاچى تەنقىت كەمچىل بولغان تەپەككۇر مۇھىتىمىزدا، يۇقارىدا سانالغان تىمالاردا ئەستايىدىل ۋە سەۋىيەلىك مۇلاھىزەلەرنىڭ تەخىچە قىلىنماغانلىقى ۋەيا قىلىنىشىنىڭ ھەم ئىھتىمالسىزلىقى مەۋجۇدىيەتىمىزدىن مەلۇمدۇر.

بۇ جەرىياندا، يەنە مۇنداق بىر تەرەققىياتنىڭمۇ ئاستا ئاستا ئوتتۇراغا چىقىپ تۇرغانلىقى ھەم مەلۇماتىمىز دائىرەسىدەدۇر: رۇس بولشەۋىكلەرىنىڭ غالىبىيەتى بىلەن قۇرۇلغان سوۋىت سوتسىيالىستلەر ئىتتىپاقىداكى ھۆكۈمران ئىددىيە، باشلانغۇچتا «خەلقلەرگە ئەركىنلىك، مىللەتلەرگە ئازاتلىق، باراۋەرلىك» دەگەندەك شۇئارلارنى چوڭ كۆتۈرگەن بولسا، كەيىنكى ۋاقىتتا چارلىق روسىيەسىنىڭ زىھنىيەتىگە تەسلىم بولغان ۋەيا يوشۇرۇن نىيەتىنى ئاشكارا قىلغان. يەنى ئىشغال قىلغان ياكى ئۆز مەيلى بىلەن بۇ ئىتتىپاققا قاتىلغان غەيرى رۇس خەلقلەرنى يەڭىدىن، رۇس مەنپەئئەتلەرىگە ئۇيغۇن شەكىلدە لايىھەلەپ رۇسلاردىن تۆۋەن دەرەجەلىك، رۇسلارغا باقىندا «مىللەت»لەشتۈرۈشكە باشلاغان. بۇ سىياسەت، تۈرك تىللىق خەلقلار ئاراسىدا تەخىمۇ ئىنچىكە ۋە سىستىمالىق بىر شەكىلدە ئىجرا قىلىنغان. بۇ جەرىياندا، رۇسلار تەرەپىدىن «تۈركولوگىيە» دەپ ئاتالغان «تەتقىقات» ساھەسى ياراتىلغان. ئاتالمىش ئۇستا تۈركولوگلارنىڭ تەۋسىيە ۋە تەكلىپلەرىگە بىنائەن، تۈركىستانلىقلار ھەرخىل ئېتنىك ناملاردا بۆلۈنۈپ (يەڭىچە مەنا يۈكلەنگەن «مىللەت»لەر نامىدا) سۈنئىي ئاپتونۇم جۇمھۇرىيەتلەر قۇرۇلۇپ خەرىتەلەر سىزىلىشقا باشلانغان. قەبىلەبازلىق ۋە يۇرتبازلىق رامكاسىدا قالغان خەلقىنى، يەڭىچە مىتود ۋە ئاڭ بىرلەن چاغداش بىر مىللەت قىلىش يولىدا مىڭبىر مۇشەققەتتە بىرلەشىك تۈرك مىللەتى ئىنشا قىلىش كويىدا جانىنى ۋە مالىنى پىدا قىلىشىۋاتقان جەدىتچىلەر، يۇقارىدا بەھس قىلىنغان رۇس ئىمپەريالىزمىنىڭ «بۆل-پارچالا ۋە يۇت» تاكتىكاسىغا تاقابىل تۇرالماغان. نەتىجەدە قازاق، قىرغىز، ئۆزبەك، قاراقالپاق، ئۇيغۇر…قاتارلىق ئېتنىك ئىسىملەر ئاستىدا يەڭى ۋە سۈنئىي مىللەتلەر ياراتىلىشقا باشلانغان. مانا مۇشۇنداق جەرىياندا، باشتا يەتتە سۇ رايونىداكى تىل-كۈلتۈر ۋە باشقا ئالاھىدەلىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ياقىن بولغانلار ئاراسىدا «ئۇيغۇر» كىملىكىدە مىللەت بولۇش ئىستەكلەرى رۇسلارنىڭ يەتەكلەشىدە تەرەققىي قىلىشقا باشلاغان. شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا «ئۇيغۇر» نامىنى بەكىتىش توغراسىدا ئاچىلغان 1921-يىلىداكى تاشكەنت كونفىرانسىغا شەرقىي تۈركىستانلىق زىيالىيلاردىن، سەرخىللاردىن كىملەرنىڭ قاتناشقانلىقى، ئۇلارنىڭ تەمسىل ۋە ۋەكىللىك دەرەجەسىنىڭ قانداقلىقى، بۇ كونفىرانستىكى قارارغا ئىمزا قويغانلارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكى، قانچەلىك ساپا ۋە سالاھىيەت ھازىرلاغانلار ئىكەنلىكى، سوۋىت ئىرادەسى بىلەنمۇ ياكى ئۆزلەرىنىڭ ھۈر ئىرادەسى بىلەنمۇ ئىمزالاغانلىقى قاتارلىق سۇئاللار بىزنىڭ سىياسەت بىلىمچىلەرىمىز، تارىخچىلەرىمىز ۋە جەمىيەتشۇناسلارىمىز تەرەپىدىن يەتەرلىك دەرەجەدە مۇنازىرە ۋە مۇھاكەمە قىلىنغانى يوق. بۇ ھەقتە ئىلمىي يوسۇندا ئورتاغا قويۇلغان كۆزقاراشلارغا سوتسىئال مەدياداكى قىسمەن ياماق چاپان دىپلومالىقلار بىلەن تامامەن ئۆزلەرىنى مەخپىي تۇتۇپ ئەڭ سەۋىيەسىز ھاقارەت قىلادۇرغان بىر قىسىم خاراكتېرى بۇزۇقلاردىن باشقا ساھە مۇتەخەسىسلەرى تەخىچە بىر شىرە ئەتراپىدا ۋەيا ئەكران ئالدىدا ئولتۇرۇپ زاكۇنلۇق، پاكىتلىك مۇلاھىزە ۋە مۇزاكىرە بىلەن مىللەتىمىزنى ئايدىڭلاتقانى ھىچ يوق. بۇ تۈپەيلى،1921-يىلىدا تاشكەنتتە مىللەتىمىزنىڭ نامى «ئۇيغۇر» بولسۇن دەپ قارار ئالىنغاندىن كەيىن ئارادىن 12 يىل ئۆتكەندە كاشغەردە ۋە 23 يىل سوڭرە غۇلجادا نەمە ئۈچۈن «ئۇيغۇرىستان» ئەمەس «شەرقىي تۈركىستان» جۇمھۇرىيەتلەرى قۇرۇلغانلىقىغا جاۋاپ تاپىش تەستەك كۆرۈنەدۇر. ئەسلىدە تۈركىستان تارىخى ۋە تۈركىستانلىق زىيالىيلارنىڭ زىھنىيەت دۇنياسى ۋە كۈلتۈرەل مەنسۇبىيەتلەرىنى (بىراز) ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇيدۇرغان بولساق، جاۋابىنى تاپماق قىيىن ئەمەستۇر. ئەلبەتتە بۇ جاۋاپنى، كۈنىمىزنىڭ كۆزئەينەكلەرى—ماركىسزىملىق مىللەت قاراشى— بىلەن قاراپ ئوقۇيالاماق ۋە جاۋابىنى تاپالاماق قىيىندۇر. كۈنىمىزدەكى تور يازغۇچىلارى ۋەيا فەيسبوك ئۇيغۇرىزىمچىلارىنىڭ ھاياجانلىق نۇتۇقلارىنىڭ مۇتلەق كۆپىنچەسىنىڭ ئىلمىي ۋە ئەمەلىي قىممەتى يوقتۇر. چۈنكى «ئۇيغۇر» ئېتنىك نامى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئاراسىدا خىتتاي كومۇنىستلارى تەرەپىدىن 1955-يىلى قۇرۇلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىداكى يەرلىك مىللىي زىيالىيلارنى ھەرخىل بەتناملار بىلەن قىيناپ، سۈرگۈن ۋە ئاغىر ئەمگەكلەر بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانلارىدا قىرىپ تاشلاش ئارقالىق ئۆز ھاكىمىيەتىنى قوبۇل قىلدۇرغاندىن كەيىن خۇسۇسەن 1980- يىللاردىن كەيىنكى مائارىپ ۋە كۈلتۈر سىياسەتى بىرلەن خىتتاينىڭ مىللەتلەر سىياسەتىنى چارەسىزلەرچە قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان زىيالىيلارىمىزچە ئومۇملاشتۇرۇلغاندۇر.

كۈنىمىزدە خىتتاينىڭ مىللەتىمىزگە قاراتقان مىللىي ۋە ئېتنىك قىرغىنچىلىقى بىلەن ۋەتەنىمىزنىڭ ھەر يەرىدە ھەتتا بۇلۇڭ پۇشقاقلارىدا ئىجرا قىلىپ تۇرغان ئىكولوگىيەلىك قىرغىنچىلىقى ۋە بىئولوگىيەلىك قىرغىنچىلىقى تىز سۈرئەتتە داۋام قىلماقتا. ئۇشبۇ قىرغىنچىلىقتىن ئامان قالغان مۇھاجىرەتتەكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار،تارىختىن دەرس چىقارىپ ۋەزىيەتنى توغرا مۆلچەرلەپ لاياقەتلىكلەرنىڭ يەتەكچىلىكىدە سوغۇققانلىق بىلەن تەپەككۇر قىلىشنى ئۆگرەنمەكى ۋە ئۇنىڭغا كۆرە بەرەكەتلىك ھەرەكەت قىلماقى لازىمدۇر. شۇنىمۇ ئۇنۇتماسلىقىمىز كەرەك: بۇگۈن ۋەتەنىمىزدەكى ساناقسىز قىرغىنچىلىققا قاراتا بىزنىڭ قانداش، تىلداش ۋە دىنداشلارىمىز ئاساسەن جىمجىتلىقتا ياكى ئىنتايىن يەتەرسىز ئىنكاسلارنى بەرمەكتە. بۇنىڭ بىلەن بىرگە مەدەنىي دۇنيادىن يەتەرسىز ئىنكاس كەلىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا قوشما شتاتلارىدىن كۈچلۈك ئىنكاس چىقماقتا، پەقەت خىتتاي بۇنىڭغا ھازىرچە پىسەنت قىلمايۋاتماقتا. ئەجىبا، شەرقىي تۈركىستانلىق زىيالىيلار، مىللەت سەرخىللارى، سىياسىي پائالىيەتچىلەر بۇ ۋەزىيەتكە قاراتا قانچەلىك دەرقەمتە بولۇشۇپ تۇرۇپ ئورتاق ھەرەكەت قارارلارى ئالىشقاندۇر؟ ھەقىقەتەن، ۋەزىيەتنىڭ خەتەرى، مۇناسىۋەتلىكلەرنىڭ ئۇيقۇسىنى قاچۇرالاغانمىدۇ؟ ياكى يەنە ئوپقەت-چوپقەتلەر گورۇھى بولۇپ 2017-يىلىداكى سەۋىيەنى داۋام قىلدۇرۇۋاتقانمىدۇر؟ بۇنى كۈزەتىش، توغرالارنى مىللەت بىلەن ھەمبەھرلەنىش ۋە ئىنشاچى تەنقىدنى قىلىش يەنىلا تاسماسىز يۇقارىدا ئاللاھقا جان قەرزى، تۆۋەندە مىللەتىگە ۋاپا قەرزى بولغان (دىنى-پەننى ئايىرىمى يوق) زىيالىيلارغا چۈشەدۇر.

2019-يىلى 12-نويابىر روھىيەتىم ۋە قەلبىمدەكى كاشغەر-تۈركىستان.

111 ‏2019 -يىلى 11 -ئاينىڭ 12 -كۈنى

Görüntünün olası içeriği: 2 kişi, Oktay Bozkurt dahil, sakal

Share
2102 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.