logo

trugen jacn

ئويلاشنىڭ قالپىغىنى تەتۈر كىيىۋالغانلار

 

ئاپتورى: كاسسىنى

 چاتما مۇلاھىزىلەر

1-مۇلاھىزە

ئويلاشنىڭ 6 قالپىغى غەرپ دۇنياسىدا ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر خىل تەپەككۈر فورمۇلاسى بولۇپ، مەسىلىنى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن چىقىش قىلىپ چوڭقۇر تەپەككۈر قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ خىل تەپەككۈردە، ئويلاشقا ۋە ھەل قىلىشقا تەگىشلىك مەسىلىگە ھىسسىيات، ھاياجان ۋە ئەرزىمەس غۇرۇر دىگەنگە  ئوخشاش يانتاقلار ئارلاشمىغان پەقەتلا ئەقلى ئېېدراك ھاكىم بولغان بولىدۇ. ئويلاشنىڭ 6 قالپىغى ناملىق بۇ كىتاپنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىق ئەپەندى بۇ كىتاپ ھەققىدە توختالغاندا، ئويلاشنىڭ 6 قالپىغىنىڭ ، تەپەككۈرنى كونترول قىلىش ۋە ياخشى باشقۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ دەيدۇ. ئەمما، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان تەپەككۈرىنى ياخشى كونترول قىلماي ئاغزىغا نىمە كەلسە شۇنى سۆزلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر زۇلۇملىرىنىڭ بىرى بولغان خىتايدىكى جازا لاگىرلىرىنى تاقىتىش مەسىلىسىنى دۇنيا جاماىتىگە بىلدۈرۈش ۋە دۇنيا سىياسى سەھنىسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېېلىپ كېلىشتە جامائەت پىكرى يۆنۈلۈشىنى تەتۈرگە بۇراۋاتقان، ئويلاشنىڭ قالپىغىنى تەتۈر كىيىۋالغان ئۇيغۇرلارنى كۆپ ئۇچراتتىمىلگىرى ۋەتەندە “بۇرۇت ماجراسى “ ناملىق بىر ھىكايىنىڭ ماۋزۇسىنى كۆرۈپلا ئوقۇمىغان ئىدىم. بۇرۇتنىڭمۇ ماجراسى بولامدۇ؟ ئەخمەقلەر دەپ غۇدۇڭشىغان ئىدىم ئىچىمدە. ئەمدى چەتئەلدە، ئەركىن دۇنيادا تۇرۇپ “ۋەتەننىڭ ئىسمى ماجراسى” سىغا شاھىد بولۇپ تۇرۇپتىمەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجدىمائى تاراتقۇلىرىدا ئەۋج ئېلىۋاتقان، بۇ “ئىسىم ماجراسى”نى غەرپنىڭ تەربىيەسىدە چوڭ بولغان ئوغلۇمغا ئېيتماسلىقنى قارار قىلدۇق. چۈنكى ئوغلۇم ھازىر شىنجىاڭ ياكى شەرقى تۇركىستان دەپ ئولتۇرماي ، خىتايدىكى جازا لاگىرلىرىنى پاش قىلىش ۋە تاقاتقۇزۇش مۇستەققىللىقتىنمۇ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان، مىللەتنىڭ ھايات ماماتى ۋە مەۋجۇدىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش، ئەگەر جازا لاگىرى دۇنياغا يىتەرلىك دەرىجىدە بىلدۈرۈلمىگەندە، خىتاي ئەينى چاغدا قەشقەردىكى ياۋاغ تۇرمىسىگە ئوت قويۇۋەتكەندەك بىر ئەھۋالنى چوقۇم سادىر قىلىشى مۈمكىن. ئۇيغۇرلار مۇشۇنچىلىك ھەقىقەتنىمۇ چۈشەنمەي جىدەل قىلىۋاتامدۇ دەپ بىزنى مەسخىرە قىلىشى تۇرغان گەپ. ئۇنىڭسىزمۇ ئوغلۇم ئۇيغۇرلار نىمداق دۆت دەپ قوياتتى بەزى چاغلاردا. بىز بولساق ئۇيغۇرلارنى ئاقلاش بىلەن ئاۋارە ئىدۇق.چۈنكى ئوغلۇمنىڭ كاللىسىدا، ئۇيغۇرلار ھەققىدە سەلبى نەرسىلەر مەۋجۈت بولۇپ قالغاندا، ئۇيغۇرلاردىن بىزار بولۇشى، بۇ ئاقىۋەتتە ئوغلۇمنى باشقا مىللەت قىزلىرى بىلەن نىكالىنىشقا باشلاپ بېرىشى مۈمكىن ئىدى. شۇڭا ئارىمىزدىكى بۇ ئىسىم ماجراسى سەتچىلىگىنى خۇددى تۈركچە چۇجۇقلار دۇيماسىن فىلىمىغا ئوخشاش پەرزەنتلىرىمىزگە بىلدۈرمەي ئۆتۈپ كەتكىنىمىز ياخشى.

بۇ يەردە شۇنى كەسكىن تەكىتلەش كەرەككى ۋەتەننىڭ ئىسمىنى مەيلى شىنجىاڭ دەپ ئالايلى ۋە ياكى شەرقى تۇركىستان دەپ ئالايلى بۇ ئىبارە ھىچقاچان ۋەتەننىڭ مۇستەققىل بولۇشىغا ھىچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

ئاق ساراينىڭ تور بېتىدە، دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان مىللەتلەر ئۆزلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر مەسىلىلەر ھەققىدە مۇراجەتلەر چىقىرىدۇ. بۇ شۇ كونكىرىت مەسىلىگە قارىتا جاماەت پىكرى توپلاشتىن ئىبارەت بولۇپ، ھەر خىل ھەر ياڭزا مۇراجەتلەرگە دۇنيانىڭ قەيىرىدە يۇز بەرىۋاتقانلىغىغا ئاىت بىر ئادرىس بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك دوستى جەك ئەپەندىمۇ بىر مىليۇن ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگىرىدا ئىكەنلىگىگە ئاىت كۈچلۈك بىر جاماەت پىكرى توپلاش مەخسىدىدە، بۇ مۇراجەتنامىنى باشلاتتى. ئەلبەتتە بۇ مۇراجەتنىڭ ئادىرسى شىنجىاڭ. ئويلاشنىڭ قالپىغىنى تەتۈر كىيىۋالغان قەرىنداشلىرىمىزغا شۇنى ئېنىق بىلدۈرۈش كېرەككى، بۇ مۇراجەتنامە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەققىلىغىنى قولغا كەلتۈرىشىگە ھىچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ پەقەتلا جازا لاگىرلىرىنىڭ ھىلىھەم خىتايدا مەۋجۈت ئىكەنلىگىنى  دۈنيا خەلقىگە بىلدۇرۈپ، خىتاينى جازا لاگىرلىرىنى تاقاتقۇزۇشقا قىستاشتا مۇھىم رول ئوينىشى مۈمكىن. بۇنىڭ ئېنىق ئادىرسى خىيالىمىزدىكى شەرقى تۇركىستان ئەمەس، بىز ھازىر كۆزىمىز بىلەن كۆرۈۋاتقان، قولىمىز بىلەن خەرىتىنى كۆرسۈتۈپ تۇتۇۋاتقان، زۇلۇم ئىچىدە ئىڭراۋاتقانلارنىڭ ئازاۋىنى قۇلىغىمىز بىلەن ئاڭلاۋاتقان شىنجىاڭدا يۈز بەرىۋاتىدۇ

مىللى سەزگۈرلىكنىڭ گۈل تاجىسىمەن دەۋاتقان بەزى كىشىلەر، مەسىلىلەرگە بىر كوزى بىلەن قاراپ، مۇراجەتنامىلار ۋەتەننىڭ مۇستەققىللىق توختامنامىسىگە ئوخشايدۇ.ئەگەر بۇ مۇراجەتكە شىنجىاڭ دىگەن ئىسىم ئارلىشىپ قالغان ھالەتتە ئىمزا ئېتىلسا ئامەركىلىق ئىستىراتىگىيىچىلەر ئۇيغۇر ئىستىراتىگىيىسىنى بەلگىلىگەندە ، بۇلار شىنجىاڭ دەيدىغان ئاپتۇنومىيەچىلەر دەپ قاراپ شۇ بويىنچە  توختام تۈزۈلۈپ كېتىدۇ دىگەن كۈلكىلىك ئەندىشىسىنى جېنىنىڭ بارىچە ۋاقىراپ ئۇيغۇرلار ئارىسىغا ئېختىلاپ سېلىش مىجەز خارەكتىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئامېركىلىقلاردا بىر ھىكمەتلىك سۆز بار. ئەڭ كۈچلۈك قاۋىغان ئىتنى كۈچۈك دەپ ئاتايمىز دەيدىغان. بۇنداق كىشىلەر بۇنداق ئاددى تەپەككۈرلىرى بىلەن، ئۆزىنىڭ ئويلاشنىڭ قالپىغىنى تەتۈر كىيىۋالغانلىغىنى ئىسپاتلاپ بېرىۋاتىدۇ.

شۇنى ئېنىق بىلىشىمىز كېرەككى، مەيلى ئامېركا ئاق ساراينىڭ تور بېتىدە بولسۇن مەيلى ئۆزگۈرۈش تور بېتىدە بولسۇن، ھەر كۈنى يېڭى مۇراجەتنامىلار چىقىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن مەشئەل ئۇيغۇر گۇرپىسى بۇ يىل چىقارغان 11 مۇراجەتنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك دونالد ترۇمپ، جۇستىن ترېدۇ، قاتارلىق سىياسەتچىلەرنىڭ تور ئادىرسىغا بارىدۇ. بەزىلىرى ھەتتا دۇنيادىكى داڭلىق سىياسەتچىلەر ۋە مەشھۇر شەخىسلەرنى ئۆز ئىچىگە  ئالغان40 قا يېقىن كىشىگە بارىدۇ. ئەمما ئامېركا ئىستىراتىگىيە بەلگىلىگەندە ھەرگىزمۇ مۇراجەتنامىلەرگە قاراپ ئىستىراتىگىيە بەلگىلىمەيدۇ. مۇراجەتنامىلەر ھەرگىزمۇ ۋەتەننى سېتىۋېتىدىغان توختام خېتى ئەمەس.ئۇيغۇر دوستى جەكنىڭ مۇراجەتنامىسىگە ئۇلاپلا، ئوخشاش مۇراجەتنىڭ 2 ياكى 3 يېرىنى ئۆزگەرتىپ، غۇرۇر ۋە ۋىجدان تونىنى كىيىۋېلىپ ئاق ساراي تور بېتىدە لەپەڭشىپ يۈرۈش تولىمۇ نادانلىق ۋە تولىمۇ كۈلكىلىك بىر ئىش. بۇنداق مىللەتچى قالپىغى كىيىۋالغان يانتاقلار، دۇنيانىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە مەركەزلىشىۋاتقان ھىسداشلىق قىلىش ساداسىنى تەمتىرتىپ قويۇشى مۈمكىن..

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بولسا ھىچنەرسىگە ئەرزىمەيدىغان قۇرۇق ئىسىم ماجراسى پەيدا قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى چاچىدىغان، قىرقىپتۇ دىسە تاخلاپتۇ دەپ دە تالاش قىلىپ ئاخىردا ھەر ئىككىسى دەرياغا چۈشۈپ كېتىدىغان ئەھۋالنى سادىر قىلىشى مۈمكىن.

ئۇيغۇرلار تاشقى كۆرۈنۈشكە بەكرەك  ئەھمىيەت بەرىدىغان مىللەت.

ئامېركىلىق ئۇيغۇر مۇزىكا تەتقىاتچىسى ئېلىس ئاندېرسون يەنى ئۇيغۇرچە ئىسمى نازاكەت، ئۈرۇمچىدە ئوقۇش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى شۇنداقلا ناخشا مۇزىكا ۋە مۇقاملىرىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ئۇ ماقالىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ماھىيەتكە ئەمەس،

 بەلكى تاشقى كۆرۈنۈشكە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدىغان بىر مىللەت ئىكەنلىگىنى ئوتتۇرغا قويدى. شۇنداق نازاكەت خانىم توغرا تەھلىل قىپتۇ . ئۇيغۇرلار ماھىيەتكە ئەمەس بەلكى تاشقى كۆرۈنۇشكە ئەھمىيەت بەرىدىغان مىللەت. بۈگۈن بولۇۋاتقان ئىسىم ماجراسى مۇ دەل ماھىيەتكە ئەمەس بەلكى تاشقى كۆرۈنۈشكە ئەھمىيەت بېرىشتىن كېلىپ چىققان پارتىلاش خالاس.

ئۇيغۇرلاردىكى ئىسىم ماجراسىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسىگە چىققىنىغا بىرەر يىل بولۇپ قالاي دىدى. بۇ يىل يەنى 2018-يىلى كىرىشى بىلەن مەشئەل ئۇيغۇر گۇرپىسىدىكى زىيالىلار، شەرقى تۇركىستاندىكى  ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر دەپسەندىچىلىكلەرنى دۇنيا جاماەتچىلىگى ۋە دۇنيا لىدىرلىرىغا بىلدۈرۈش مەخسىدىدە، ئوزگۈرۈش يەنى چەنگى تورىدا، دۈنيا جاماەتچىلىگىگە خىتاپ قىلغان، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىنسان قەلىپىدىن چىققان ھەركەتلىرىنى توختۇتۇڭ دىگەن تىما ئاستىدا تۇنجى مۇراجەتنامىسىنى  ئېلان قىلىشى بىلەن تەڭ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئىسىم ماجراسى خۇددى 2016-يىلى كانادانىڭ فورت ماكمۇررەي شەھرىگە كەتكەن ئوت ئاپىتىدەك، ئۆچۈرگىلى بولمايدىغان ھالەتكە كەلدى.

مەشئەل ئۇيغۇر گۇرپىسىدىكى زىياللارغا قارىتىلغان، دىققەت قىلايلى يۆنۈلۈشنى باشقا ياققا بۇراۋاتىدۇ دىگەن ئاگاھلاندۇرۇشلار، خاىنلار ، ئاپتونومىيەچىلەر، ۋەتەنگە ئىھانەت قىلغۇچىلار دىگەن دۇمبالاشلار يۇقۇرى پەللىگە كوتۇرۈلدى خۇددى مەدىنيەت زور ئىنقىلاۋى قايتا باشلانغاندەك. ئەمما تۈركىيەدىكى تۈرۈك ئوچاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ يەقىندىن قوللىشى، چەتئەللىك دوستلارنىڭ ئىمزا قويۇشى بىلەن بۇ مۇراجەتكە ئىمزا قويغانلارنىڭ سانى 15 مىڭغا يەتتى. خۇددى تارختا ياۋرۇپالىقلار پەرىشتە ئايالمۇ؟ ئەركەكمۇ؟ دىگەن ماجرانى قىلىۋاتقاندا، تۇركلەر نىڭ ياۋرۇپانىڭ بوسۇغۇسىغا كېلىپ قالغىنىغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارمۇ شىنجاڭ دەپتۇ ئىندىجىنۇس پىپول دەپتۇ دىگەن ماجرانى قىلىۋاتقاندا، ئۇيغۇرلارغا ھىسداشلىق قىلغۇچى ئىنسانپەرۋەر كىشىلەر ئاللىقاچان ئىمزانى 14 مىڭدىن ئاشۇرۇپ 15 مىڭغا يەتكۈزەي دەپ قالغان ئىدى. دىمەك 15 مىڭ كىشى ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن زۇلۇمنى ئاڭلىدى ۋە شاھىتلىق بەردى دىگەن گەپ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مۇراجەتنامە، ئۇيغۇرچە،ئېنگىلىزچە، فىرانسۇزچە، ياپونچە، خىتتايچە، رۇسچە، گىرمانچە ، ئەرەپچە قاتارلىق دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ 10 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۇن ناھايىتى زور ئەقلى تەپەككۈر ۋە ۋاقت كەتەتتى، ئەمما، بۇ ئىچكى ماھىيەتنى ئويلايدىغان ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا تاشقى كۆرۈنۈش يەنى ساختا مىللى سەزگۈرلۈك تونىدا تەرلىنىدىغان كىشىلەرمۇ خەلى كۆپ سالماقنى ئىگەللەيتتى.

https://www.change.org/p/stop-chinese-government-s-inhumane-treatment-towards-the-uyghurs

تۇنجى بولۇپ، خىتايدىكى جازا لاگىرلىرىدا بىر مىليۇن ئۇيغۇرنىڭ بارلىغىنى تىلغا ئالغان  مەتبۇئاتلارغا مەلۇمات بەرگەن ۋە چەنگى ئورگ دا مۇراجەتنامە ئېلان قىلغانلار يەنە مەشئەل ئۇيغۇر گۇرپىسى بولدى. بۇ ئۇلارنىڭ 2- مۇراجىتى ئىدى.گەرچە ئۇلار بۇ قېتىم شەرقى تۈركىستان دىگەن ئىسىمنى قوللانغان بولسىمۇ يەنىلا دۇمبالاشتىن قۇتۇلالمىدى. ئەمما بۇ مۇراجەتنامە، 9 خىل تىلدا 37 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ ئىمزاسى بىلەن، چەنج ئورگدا ئۇيغۇر دىگەن نامنى نامايەن قىلىپ تۇرماقتا. مەشئەل ئۇيغۇر گۇرپىسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملار ھەققىدە، ساھەلەر بويىنچە 11 مۇراجەت ئېلان  قىلدى.

ئىسىم ماجراسى قىلىش بىلەن ئۆزىنى مىللەتچى ھەساپلايدىغان، ئويلاشنىڭ قالپىغىنى تەتۈر كىيىۋالغان بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مۇراجەتلەرنىڭ ئىچكى ماھىيتى، ئۈنۈمى ۋە ئەقلى سەرپىياتى ھەققىدە ئويلىشى ۋە تەپەككۇر قىلىشى تېخىچە باشلانغۇچ ھالەتتە تۇرماقتا.

مەشئەل ئۇيغۇر گۇرپىسى ئېلان قىلغان جازا لاگىرلىرىنى تاقاش ھەققىدكى مۇراجەتنامىنى تۆۋەندىكى ئۇلۇنۇشتىن كۆرەلەيسىز.

https://www.change.org/p/united-nations-china-release-the-1-million-uyghurs-detained-in-nazi-style-concentration-camps

ئويلاپ قالدىم نادان ۋە بىلىمسىزلىك، شۇ كىشى ئۈچۈنمۇ نۇرغۇنلىغان زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەندىن باشقا، مىللەتلەرنىڭ ئالدىغا قاراپ ئىلگىرلىشى، بىر لىدىرغا ئەگىشىشىگىمۇ ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدىكەن. چۇنكى ھەممە ئادەم ئويلاشنىڭ قالپىغىنى ئوڭ كىيىپ تەپەككۈر قىلسا، ئۇلار بۇ قالپاقنى تەتۈر كىيىۋېلىپ خاپا سالىدىكەن.

 

ئۇيغۇرلار ھىچنەرسىگە ئەرزىمەيدىغان غۇرۇر ۋە ۋىجدان داۋاسى قىلىپ ياشايدىغان مىللەت.

ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ باشقا مىللەت ئەرلىرىگە قارىغاندا ھىچنەرسىگە ئەرزىمەيدىغان قۇرۇق غۇرۇرچىلىق قىلىپ ياشايدىغان خارەكتىرى تارختىن قەپ قالغان، ئۆرپ ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان بىر خىل خارەكتىر بولسا كەرەك.

مەسىلەن، ئۇيغۇر ئەرلىرى يەڭى تۇغۇلغان بوۋىقىنى كۆتۈرۈپ ئايالىنى يەنىغا ئەلىپ بازارلارغا چىقالمايدۇ ۋە ياكى ئاتا ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بارالمايدۇ.ئەگەر ئۇنداق قىلىدىغان بولسا مەھەللىدە غەيۋەت شىكايەت يەغىپ كەتىدۇ.بوۋىقىنى ئايالى كۆتەرمەي ئۆزى كۆتۈرۋاپتۇ دىگەن كۇس- كۇس پاراڭلار تارقىلىپ بۇ ئەركىشى بىردەمنىڭ ئىچىدە بوشاڭ، غۇرۇرسىز ئەركەككە تۇركچە ئەيتقاندا لىغت ئەركەككە ئايلىنىپ قالىدۇ.

ئۇيغۇر ئەرلىرى ، خانىمىنى ئاتا ئانىسى ئالدىدا، جامائەت سورۇنلىرىدا ھاياتىم، سويۈملۈگۈم، بى تانەم، گۈلۈم دىگەنگە ئوخشاش ئاياللارغا ئىلھام، خوشاللىق ۋە رىغبەتلەندۈرۈش بەرىدىغان سۆزلەرنى ئىشلىتەلمەيدۇ. تۇغۇلغان كۈنلىرىدە چاچلىرىنى قايرىپ تۇرۇپ بوينىغا مىداليۇن ئېسىپ قويىدىغان ئىشلارنى قىلالمايدۇ. ۋە ئىنتايىن خۇدۇكسىرەيدۇ. بۇنداق بىر ھەركەتتە بولغان ئەركىشى ئۆزىنى جىنايەتچىدەك ھىس قىلىدۇ.كىشىەر ئۇنى مەسخىرە قىلىدۇ. بۇنداق ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان غۇرۇر ۋە ۋىجدان سەۋەبىدىن، ئۇيغۇر ئاياللىرى سۆيگۈ مۇھەببەتكە ئاىت گۈزەللىككە تولغان مىھرى مۇھاببەتلەردىن ئاچ ھالەتتە ياشايدۇ ۋە بۇنىڭغا كۆنۈپ قالىدۇ. ئەگەر ئەرلەر بۇنداق گۇزەللىككە ۋە چوڭقۇر مىھرى مۇھەببەتكە تولغان ھاياتنى ئاياللارغا ياشاتسا دۇنيا ئۆرۈلۈپ چۈشەمدۇ؟ بۇ قانداق بىر يامان ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ. ئويلاشنىڭ قالپىغىنى ئۇيغۇر تۇرمۇشىدىمۇ تەتۈر كىيىۋالغانلىغىمىز ئۈچۈن بۇ گۇزەللىكنىڭ ئاياللارنىڭ روھى دۇنياسىدا ئۇنتۇلغۇسىز بىر مەنىۋى كۈچ ئاتا قىلىدىغانلىغىنى ئۇنتۇپ قالىمىز.

بۇنداق ئورۇنسىز غۇرۇرچىلىقنى بىز سىياسى تەغدىرىمىزگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغىمۇ سۆرەپ كىرىمىز.

خەلقارا سەھنىلەردە، بەزىدە ئۆزىمىزنى شىنجىاڭ دەپ ئاڭلىتىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىمىز. بۇنداق چاغدا شەرقى تۇركستان دىگەن ئىسىمنىڭ غۇرۇچىلىغىنى قىلىمىز  ۋە شىنجىاڭ دىگۈچىلەرنى ئاپتونىمىيەچى، خاىن ۋىجدانسىز غۇرۇسىز، قۇللۇق ئىدىيىسى كۈچلۈكلەر  دەپ ئايىپلەيمىز.بۇنداق كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، شىنجىاڭ دەپ تۇرۇپ ئۇيغۇر مىللىتى دۇچ كەلگەن زۇلۇملارنى ۋە جازا لاگىرلىرىنى دۇنياغا ئاڭلاتقاندىن، شەرقى تۇركىستان دىگەن بۇ سىمبولنى قوينىمىزغا سېلىپ جىم ياتقان مىڭ ئەۋزەلمىش. نىمە دىگەن كۈلكىىك ھە.

ئاياللار بىر تەشتەك گۈلگە ئوخشايدۇ ئەگەر قۇرۇق غۇرۇرچىلىق قىلىپ، بۇ تەشتەككە سۇ قويمىسىڭىز، ئوغۇتلىمىسىڭىز بۇ گۈل ئۆلۈپ قالىدۇ. ئەگەر ۋاختى-ۋاختىدا يېتەرلىك سۇ قۇيۇپ ئوغۇتلاپ تۇرغان ۋاختىڭىزدا، بۇ گۈل پورەكلەپ ئەچىلىپ تۇرىدۇ. پۈتۈن دۇنياغا گۈزەللىك بېغىشلاۋاتقان  بارلىق گۈللەر سۇ قۇيۇش ۋە ئوغۇتلاشنىڭ مەھسۇلى.

شەرقى تۇركىستاننىڭ مۇستەققىللىغىمۇ بىر تەشتەك گۈل گە ئوخشايدۇ. ئەگەر سىز ئۇنى، ۋاي بۇ سۇ شىنجىاڭ ماركىلىق سۇكەن شەرقى تۇركىستان ماركىلىق سۇنى قۇيىمىز، ۋاي بۇ ئوغۇت شىنجىاڭ ماركىلىق ئوغۇتكەن، ئوغۇتلاشقا بولمايدۇ. شەرقى تۈركىستان ماركىلىق ئوغۇتنى تاپقاندا ئوغۇتلايمىز، ۋاي بۇ گۈلنىڭ ئوت چۆپلىرىنى، شىنجىاڭ دەيدىغانلار ئوتىسا غۇرۇرىمىزغا تەسىر يېتىدۇ، شۇڭا بۇنى چوقۇم شەرقى تۇركىستان دىگۈچىلەر ئوتىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن بىر سۈزگۈچ تېپىپ كېلىپ ھەممە ئادەمنى تەكشۈرۈپ سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزىشىمىز كېرەك دەپ تۇرۇۋالساق بۇ گۈلنى ئۆلتۈرۈپ قويىمىز.

داۋامى بار.

Share
3287 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.