logo

trugen jacn

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى قەبىلىلەر

(قىسقارتىلما- ئۆزلەشتۈرمە ماقالە)

بابۇر

        ئوتتۇرا ئاسىيا (مەركىزىي ئاسىيا) رايونى ناھايىتى قەدىمكى دەۋرلەردىلا ئىنسانلار ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپلا قالماستىن، يەنە بۇ رايوندا ياشىغان خەلقلەر يۇقۇرى مەدەنىيەتكە ئىگە ئىدى. مەسىلەن، «ئات مەدەنىيىتى»، جۈملىدىن، ئاتقا ھارۋا سۆرىتىش، ئاتقا مىنىش قاتارلىقلار ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىن بارا – بارا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان. مەركىزىي ئاسىيالىقلار ئىنسانىيەتنىڭ كىيىم – كېچىكى (بولۇپمۇ ئەرلەرنىڭ كىيىم – كېچىكى) گە زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇلار ئات مىنىشكە ماس كېلىدىغان كىيىم – ئىشتاننى ئىجاد قىلغان. يەنە ئاتقا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر مەھسۇلات – ئۆتۈكنى ھەم ئىجاد قىلغان، ۋەھاكازالار.

ئارىيانلار ۋە تۇرانىيانلار

        يىراق قەدىمكى زامانلاردا ھېچبولمىغاندا ئىككى خىل ئىرق ۋە تىلدىكى خەلقلەر ئوتتۇرا ئاسىياغا تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇلارنىڭ بىرى ئارىيانلار (ئاساسىي ئاھالىلىرى سىكتىئانلار ۋە سارماتىئانلار) يەنە بىرى تۇرانىئانلار (ئاساسىي ئاھالىلىرى ھونلار ۋە موڭغۇللار). ئارىيانلار «ئاق ئىرق» قا مەنسۇپ بولۇپ، ئۇلار ئارىيان ياكى ھىندى – ياۋروپا تىل سىستېمىسىدا سۆزلەشكەن. تۇرانىئانلار ئىچىدىكى ھونلار ئەسلىدە شەرقتە ئولتۇراقلاشقان بىر تۈركۈم خەلقلەر بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىگە كۆپلىگەن موڭغۇل ئامىللىرىنى قوبۇل قىلغاچقا، خاتا ھالدا «پان سىرىق» دەپ قارىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ھونلار تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپ. بۇ ئىرق ئالپىس ئىرقىنىڭ ئالاھىدە بىر تارمىقى بولۇپ، ياۋروپادىكى «ئاق تەنلىك» لەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھونلار تۇرانىئانلار تىلى (تۈرك تىلى) بىلەن سۆزلەشكەن. موڭغۇللار «سېرىق ئىرق» قا مەنسۇپ.

ئارىيانلار

        ئارىيانلار (ئىرانىيانلار) ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەر قايسى جايلىرى، بولۇپمۇ شىمالدا ئولتۇراقلاشقان قەبىلىلەرنىڭ (خەلقلەرنىڭ)، يەنى سىممېرىئانلار، سىكتىئانلار، سارماتىئانلار ۋە ماسساگېتلار قاتارلىقلارنىڭ ئورتاق نامى. ئۇلارنى تارىختا كۆپۈنچە سىكتىئانلار دەپ ئاتاشقان. سىكتىئانلار بىلەن سارماتىئانلار سۆزلەشكەن تىل ھازىر بىز ئىران تىلى دەپ ئاتاۋاتقان تىلدۇر.
        مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2000 – يىللاردا يۈز بەرگەن ھاۋا رايى ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن سىممېرىئانلار غەربكە كۆچۈپ، جەنۇبىي روسىيەنىڭ يايلاقلىرىغا (ئەمەلىيەتتە جۇغراپىيۋىي نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا جەنۇبىي روسىيە يايلىقى كەڭ مەركىزىي ئاسىيا يايلىقىنىڭ بىر قىسمى ئىدى) ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار سىكتىئانلارنىڭ ئەڭ يىراقتىكى قېرىنداشلىرى ئىدى. سىكتىئانلار مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 8 -، 9 – ئەسىرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيادىن كۆچۈپ چىقىپ، سىممېرىئانلارنى جەنۇبىي روسىيە يايلاقلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، بۇ يەردە مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 7 – ئەسىردىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 5 – ئەسىرگىچە سىكتىئانلار ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان. بۇ ئىمپېرىيىنىڭ مەركىزى جەنۇبىي روسىيەنىڭ شەرقىدە بولۇپ، دون دەرياسىنىڭ قىرغىقىغا يېقىنلا يەردە ئىدى. تارىخىي خاتىرىلەردە سىكتىئان خانلىقىنىڭ باشقا دۇنياۋىي چوڭ ئىمپېرىيىلەر بىلەن ئالاقە قىلغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. پېرسىيىنىڭ ئۇلۇغ ھۆكۈمرانى دارا بىلەنمۇ كىچىك كۆلەملىك بىر مەيدان ئۇرۇش قىلغان. بىر ئەسىردىن كېيىن ماكېدونىيە پادىشاھى فىلىپ، يەنى جاھانغا مەشھۇر ئالېكساندىرنىڭ دادىسىمۇ سىكتىئانلارنىڭ ھۆكۈمدارى بىلەن توقۇنۇشقان.
        سىكتىئانلار جەنۇبىي روسىيەدە قۇرغان كەڭ ئىمپېرىيىسى بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماي، داۋاملىق باشقا جايلارغا تاجاۋۇز قىلىپ تۇرغان. سىكتىئانلارنىڭ بىر تارمىقى غەربكە كۆچۈپ، بۈگۈنكى رۇمىنىيە ۋە ۋېنگىرىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 7 – ئەسىردە يەنە بىر تارماق سىكتىئانلار غەربىي جەنۇبقا قاراپ كۆچۈپ، كاۋكاز تاغلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئەرمىنىيە ۋە مىدىيەدە پەيدا بولغان. سىكتىئانلارنىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە ئاخىرىدا يىمىرىلىشى ئۇلارنىڭ يىراقتىكى قېرنداشلىرى بولغان سارماتىئانلارنىڭ تاجاۋۇزى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان. سارماتىئانلار دېگەن نام ئەڭ دەسلەپ بىرلا قەبىلە بىلەن چەكلەنگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئومۇمىي نامغا ئايلانغان. يەنى، ئۆزئارا پەرقلىنىدىغان ھەم ئوخشىشىپ كېتىدىغان كۆپلىگەن قەبىلىلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ماسساگېتلارمۇ بولغان. ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىي شىمالىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. تارىخىي خاتىرىلەرگە قارىغاندا، پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى كرۇس (كەيخىسراۋ) مۇشۇ خەلقلەر بىلەن بولغان جەڭدە ئۆلگەن.
        مىلادىيە 1 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى روسىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمى ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن خەلقلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىغان. بۇ خەلقلەر ئالانلار دەپ ئاتالغان. بۇ چاغدا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شىمالىي قىسمىدا ياشىغان ئىرانىئانلار، يەنى بورۇن ئائۇرىسى (ماسساگېتلارنىڭ ئەۋلادى) دەپ ئاتالغانلار بۇ چاغدا ئالان دەپ ئاتالغان. ئۇلارنىڭ نامىنىڭ ئۆزگىرىشىدىكى سەۋەب، بەلكىم ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئالان ئاتلىق بىرەر قەبىلىنىڭ تۇيۇقسىز كۈچىيىپ باشقا قەبىلىلەرنى بويسۇندۇرغانلىقتىن بولۇشى مۇمكىن. ئالانلارنىڭ جەنۇبىي رۇسىيەگە بېسىپ كىرىشى ئاساسەن كانگىيەنىڭ بېسىمىغا ئۇچىرىشى ھۇنلارنىڭ غەربكە كۆچۈشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. بۇ چاغدا ھۇنلارنىڭ قۇتىئۇش تەڭرىقۇتىنىڭ ئەۋلادلىرى يەنىلا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شىمالىدا تۇرۇشلۇق بولۇپ، ئۇلار ئالانلارنىڭ غەربكە كۆچۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىللارنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن. غەربكە كۆچكەن ئالانلارنىڭ بىر قىسمى كېيىن ۋېنگرىيەگە، تېخىمۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئىسپانىيە ۋە ئافرىقىغا بېسىپ كىرگەن. لېكىن ئۇلارنىڭ ئاساسلىق قىسمى كاۋكاز تاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى يايلاققا ماكانلاشقان. ھازىرقى ئوسسېتېلار (Ossetes) ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ھازىرمۇ ئىرانىيان تىلىدا سۆزلىشىدۇ. ئۇلار سارماتىئانلارنىڭ كۆپلىگەن قەبىلىلىرى ئىچىدە ھازىرغىچە مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان قەبىلىدۇر.
        مەركىزىي ئاسىيادىن سىرتقا كۆچكەن كۆچمەنلەرنىڭ ئاستا ھەم ئۈزۈلمەي داۋام قىلغان كۆچۈش ھەركىتى كۆپ تەرەپتىن ئېلىپ بېرىلغان. بىر قىسىم كۆچمەنلەر شەرققە قاراپ كۆچكەن. شۇڭا، بىر قەدەر كېيىنكى چاغلاردا ئارىيانلار شىنجاڭدا كۆرۈلۈشكە باشلاپ، تاكى جۇڭگو چېگراسىغىچە يېتىپ كەلگەن.
        ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جەنۇبىنىڭ شەرقى تارىم دەرياسى ۋادىسى بولۇپ، ئادەتتە جەنۇبىي شىنجاڭ دەپ ئاتىلىدۇ. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 3 – ئەسىردە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ پۈتكۈل زىمىنى ھىندى – ياۋروپا تىل سىستېمىسىدىكى خەلقلەرنىڭ قولىدا ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى بىر خىل ئىران تىلىدا سۆزلىشىدىغان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى خەلقلەرنىڭ تىلىغا يېقىن كېلەتتى. لېكىن، بۇ رايوننىڭ شەرقىي شىمالىدىكىلەر (كۇچا ۋە تۇرپان) بولسا بىر خىل توخار تىلىدا سۆزلىشەتتى. توخار تىلىنىڭ ئورنى ئۆزگىچىرەك بولۇپ، ئۇ گەرچە ھىندى – ياۋروپا تىللىرىنىڭ بىر تارمىقى بولسىمۇ، لېكىن سانسكرىت تىلى، ئىران تىلى ۋە سىلاۋىيان تىلىدەك شەرقىي ھىندى – ياۋروپا تىللىرىغا ( Satem group ) مەنسۇپ بولماستىن، بەلكى غەربىي ياۋروپا تەرەپتىكى غەربىي ھىندى – ياۋروپا تىللىرىغا (Centum group) مەنسۇپ ئىدى. بۇ چاغدىكى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم ئاھالىسى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جەنۇبىدىكى خەلقلەرگە ئوخشاش كۆچمەن چارۋىچىلىقنى تاشلاپ، دېھقانچىلىق ۋە شەھەر تۇرمۇشىغا ئادەتلەنگەنىدى. ئۇلار نۇرغۇنلىغان شەھەر دۆلەتلىرىگە بۆلۈنۈپ ياشاتتى. بۇنداق شەھەر دۆلەتلىرىدىن نەچچە ئونى بار ئىدى. لېكىن ئۇلار قەدىمكى يۇنانلىقلارغا ئوخشاش ھەسەتخور بولغاچقا، بىرلىككە كەلگەن بىر سىياسىي تەشكىل بەرپا قىلالمىغان. شۇڭلاشقا، ناھايىتى ئاسانلا شىمالدىكى تۇرانىئانلاردىن بولغان ھۇنلارنىڭ ۋە شەرقتىكى خەنزۇلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىرىغان. ساكارائۇل خانى شيەن گەرچە زوراۋان بولسىمۇ، لېكىن تارىختا تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى ئۇششاق ئەللەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ بىر چوڭ ئىمپېرىيە قۇرغان بىردىنبىر «ئارىيان» ئىدى. ئارخېئولوگىيىلىك تېپىلمىلاردىن قارىغاندا ئۇلار يۈكسەك مەدەنىيەتكە ئىگە بولغان.
        جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ شەرقى ۋە شەرقىي شىمالى، ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا موڭغۇلىيەدىكى ھۇنلارنىڭ زىمىنى بىلەن تۇتىشىدىغان جايلاردا ئۇيسۇنلار ۋە ياۋچىلار ئولتۇراقلاشقان ئىدى. بۇ ئىككى قەبىلىنىڭ تىلى ھىندى – ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسىدىكى ئىران تىلىغا يېقىن كېلىدۇ.
        جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شىمالىدىكى رايونلار، يەنى كېيىنكى دەۋرلەردىكى جۇڭغارىيە رايونى، سىبىرىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىنىڭ ئاھاللىرى خاككاسلار، دىڭلىڭلار ۋە ئوغۇزلار ئىدى. ئالىملارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خاككاسلارنىڭ قىرغىزلار ئىكەنلىكىگە، دىڭلىڭلار ۋە ئوغۇزلارنىڭ بولسا كېيىنكى دەۋرلەردىكى قەدىمقىي ئۇيغۇرلارنىڭ (回纥) ئەجدادلىرى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. قەدىمقىي ئۇيغۇرلار بىلەن قىرغىزلار بەلكىم قېرىنداش مىللەت بولۇشى مۇمكىن. قىرغىزلار ۋە  قەدىمقىي ئۇيغۇرلار تۈركىي تىلنى ئانا تىل قىلغان. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 3 – ئەسىردە بۇ رايوننى تۇرانىئان تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر ئىگىلىگەن.
        لېكىن، جۇڭگونىڭ خاتىرىلىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ قەدىمقىي قىرغىزلار ئاق ئىرققا مەنسۇپ بولۇپ، جۇڭگولۇقلار ئۇلارنىڭ بويى ئېگىز، تېرىسى ئاق، چېچى قىزىل، كۆزى كۆك ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان. بەزى ئالىملار بۇنىڭغا ئاساسلىنىپ، قىرغىزلار تەكتىدىن ھىندى – ياۋروپالىقلارغا مەنسۇپ، ئۇلار ئۇزاق مەزگىل شەرقتىكى تۇرانىئانلار بىلەن ئالاقىدە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ قىياپىتىدە موڭغۇل ئىرقى ئالامەتلىرى كۈچىيىپ، تىلىمۇ تۈركىي تىلغا ئۆزگەرگەن دەپ قارايدۇ. يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان باشقا ئىككى خەلقنىڭ ئەھۋالىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن. مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يۇقىرىدا بايان قىلنغان ئۈچ قەبىلە ئەسلى ھىندى – ياۋروپا ئىرقىغا مەنسۇپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرانىئانلىشىشى ھۇن ئىمپېرىيەسى گۈللەنگەن دەۋرلەردە باشلانغان. شۇڭا ئۇلارنى ھىندى – ياۋروپالىقلارغا مەنسۇپ قىلغاندىن كۆرە، تۇرانىئانلارغا مەنسۇپ قىلغان تۈزۈك.
        يەنە نۇرغۇنلىغان ئارىيان قەبىلىلىرى مىلادىيەدى بۇرۇنقى 2000 – يىللاردا ئاسىيانىڭ شىمالىدىن جەنۇبقا قاراپ كۆچۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جەنۇبىي قىسمىنى ئىگىلىگەن. بويسۇندۇرغۇچىلارغا ئايلانغان بۇ ئارىيانلار داۋاملىق جەنۇبقا قاراپ كۆچكەن. ئۇلار ھىندىقۇش تاغ تىزمىسىدىن ئۆتۈپ، ئىران ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي شىمالىغا يېتىپ كەلگەن. ئۇلار بۇيەردە مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 247 – يلىدىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 226 – يىلىغىچە پارفىيەلىكلەر دۆلىتىنى قۇرغان.
مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 1900 – يىللىرىدىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 1500 – يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتابىر قىسىم ئارىيان تەۋەككۈلچىلىرى يېقىن شەرقتە پەيدا بولۇپ، ئەينى چاغدا بۇ يەردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئىمپېرىيەلەرنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۆزلىرى يېڭى خانلىقلارنى قۇرغان. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى نەچچە ئەسىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. بىراق ئۆزلىرىنىڭ ئىرق ۋە تىل ئالاھىدىلىكىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلەلمىگەن. ئەمەلىيەتتە بۇ ئارىيان تەۋەككۈلچىلىرى تۆت ئەتىراپتىكى خەلقلەرگە قوشۇلۇپ كەتكەن. ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ مەڭگۈلۈك ئارىيانلىشىشى ھەر قايسى ئارىيان قەبىلىلىرىنىڭ تۆھپىسى ئىدى. ئۇلار ئەڭ دەسلەپتە ئىراننىڭ شەرقىي قىسمىدا تۇرۇپ قالغان. ئەمماكېيىن ئاستا – ئاستا يېقىن قوشنا رايونلارغا تاجاۋۇز قىلغان.
مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 1000 – يىللاردا باشقا بىر تۈركۈم ئارىيانلار غەربكە كۆچمەستىن، ئاستا – ئاستا شەرق ۋە شەرقىي جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرلىگەن ۋە پۈتۈن ھىندىستاننى بويسۇندۇرۇپ، بۇ يەردە ئەزەلدىن بار بولغان قارامتۇل ئۆڭلۈك دراۋىدلارنى قوغلاپ چىقارغان ياكى قوشۇۋالغان. كېيىنرەك ئۇلار شەرقتىكى گانگ دەرياسى ۋادىسى ۋە ھىندىستان يېرىم ئارىلىدىكى دېكان رايونىدىكى زور بىر قىسىم جايلارنى كونترول قىلغان.
مىلادىيەنىڭ ئالدى – كەينىدە ماسساگېتلار (سارماتىئانلاردىن بولغان)، ئاسۇرىسلار (ماسىتاگېتلاردىن بولغان) ۋە ئالانلار (سارماتىئانلارنىڭ بىر قەبىلىسى) بىرىنىڭ ئىزىنى بىرى بېسىپ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىي شىمالىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقاندا، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرقى باشقا نۇرغۇنلىغان قەبىلىلەرنىڭ قولىدا ئىدى. بۇ قەبىلىلەرنىڭ تىلى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن قەبىلىلەر بىلەن ئوخشاش (ياكى ئاساسەن ئوخشاش)، مەدەنىيەتلىرىمۇ ئاساسەن ئوخشاش بولسىمۇ، لېكىن ئوخشىمىغان ناملار بىلەن ئاتالغان. ئەينى چاغدا ياكسارت (سىر) دەريسىنىڭ شىمالى، جۈملىدىن ئىلى دەرياسى ۋە تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىدا ماكانلاشقانلار ساكلار دەپ ئاتالغان. ئاسىيادىكى چەۋەندازلار ئىچىدە ساكلار جەڭ قىلىشقا ماھىرلىقى بىلەن داڭ چىقارغان. كېيىنچە ئىمپېراتور ئالېكساندېر مەركىزىي ئاسىياغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە ساكلار ئۇنىڭ ئەتراپىدا پەيدا بولغان. دۇنيانى بويسۇندۇرغۇچى بۇ ياش ئىمپېراتور ساكلار بىلەن بىر نەچچە قېتىم قانلىق جەڭ قىلىپ، ئۆز ئىمپېرىيەسىنىڭ چېگرا رايونلىرىنى مۇستەھكەملەشكە مەجبۇر بولغانىدى. جۈملىدىن، ئالېكساندېر ئاسىيادا كېڭەيمىچىلىك بىلەن شوغۇللانغاندا، ئۇنىڭ سەركەردىلىرىدىن بىرسى قوشۇن باشلاپ سىكتىئانلارغا ھۇجۇم قىلىپ ، ئاخىرىدا پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولغان.
ساكلارمۇ ئۆز قوشنىسى ئالانلارغا ئوخشاش كېيىنكى تارىخىي دەۋرلەردە مۇھىم ئورۇن تۇتقان. ئالانلارنىڭ نىشانى غەربتە ياۋروپاغا بېسىپ كىرىش بولغان بولسا، ساكلار جەنۇب تەرەپتىكى زىمىنلارنى ئۆزلىرىنىڭ كېيىنكى پائالىيەت سورۇنى قىلىپ، بىر مەھەل شەرقىي ئىراننىڭ كۆپ قىسىم رايونى رايونى ۋە شىمالىي ھىندىستاننىڭ غوجىسى بولۇپ قالغان.
ساكلارنىڭ شەرقىدە نۇرغۇنلىغان قەبىلىلەر بولۇپ، ئۇلار ئوخشاشلا سارماتىئانلاردىن ئىدى. بۇ سارماتىئان قەبىلىلىرىنىڭ بىر قىسمى ئېھتىمال مەلۇم بىر چاغلاردا موڭغۇل ئېگىزلىكىنىڭ غەربىي قىسمىنى ئىگىلىگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەينى چاغدا شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلىگەن خەلقلەرنىڭ ئىرق ۋە تىل جەھەتتە سارماتىئانلار بىلەن زىچ ئالاقىسى بارلىقى شۈبھىسىز. سارماتىئان ياكى يېرىم سارماتىئان قەبىلىلىرىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە جۇڭگونىڭ ئەڭ غەربىي رايونلىرىدا پەيدا بولۇشىدىن، ئۇلارنىڭ شەرقتە مۇئەييەن تەسىرلەرنى پەيدا قىلغانلىقىنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇ.
خۇلاسىلاپ ئېيتقاندا، بۇنىڭدىن بىر قانچە ئەسىر ئىلگىرى سىكتىئان تەركىبلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ئىچىدە پۈتۈنلەي يوقالغان. (ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭدا ئارىيانلار پۈتۈنلەي يوقۇلۇپ كەتمىگەن. مەسىلەن، ئۆزبېكىستان، تاجىكستان ۋە شىنجاڭدىكى تاجىكلار قەدىمقىي زاماندىكى ئارىيانلار، يەنى ئىرانىيانلارنىڭ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئەۋلادلىرى. – ئۆزلەشتۈرۈپ يازغۇچىدىن) بىراق بۇ تارىخىي تراگېدىيە سەۋەبىدىن بۇ مىللەتلەرنىڭ بىر مەھەل ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھۆكۈمرانلىرى بولغانلىقىدەك پاكىتقا ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. كېيىنچە ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تەرەپ – تەرىپىگە تاراپ، قوشنا رايونلارغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. غەربتە سىكتىئانلار جەنۇبىي روسىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا، ھەتتا ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغىچە بارغان. شەرقتە بولسا، سىكتىئانلار ئاسىيانىڭ شەرقىغىچە يېتىپ بېرىپ، جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىنى بىر قانچە ئەسىر ئىگىلەپ تۇرغان.
ئەڭ مۇھىمى، سىكتىئان كۆچمەنلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارغا كۆرسەتكەن تەسىرىدۇر. كەڭ مەنىدىكى سىكتىئانلار (ياكى بىز سىكتىئانلارنىڭ ئاتا – بۇۋىلىرى دەپ قارايدىغانلار) ئەڭ بۇرۇنقى دەۋرلەردە ئىران ئېگىزلىكىگە تارقىلىپ بارغان، ھەم ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىغىچە يېتىپ بارغان. بۇ ئىككى جايدىكىلەر شۇنىڭدىن كېيىن ھىندى – ياۋروپا تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئاق ئىرق ئۈچۈن مۇھىم ئامىل بولۇپ قالغان.

تۇرانىئانلار

        موڭغولىيە ۋە جۇڭگونىڭ شىمالىغا ئولتۇراقلاشقان قەبىلىلىلەر تۇرانىئانلار دەپ ئاتىلىدۇ. تۇرانىئانلار ئۆز ئىچىگە ھۇن قەبىلىلىرى، موڭغۇل قەبىلىلىرى، توڭگۇس قەبىلىلىرى، فىن- ئۇگۇر قەبىلىلىرى ۋە سامويېد قەبىلىلىرى قاتارلىقلارنى ئالىدۇ. تۇرانىئانلارنىڭ ئاساسىي گەۋدە ئاھالىسى ھۇنلار بولۇپ، ھۇنلارنىڭ ئاساسى گەۋدە ئاھالىسى تۈركلەردۇر. ئۇلارنىڭ ئەجداتلىرى رۇڭ (戎)، دى (狄) ۋە شۈنيۈ (葷鬻)  بەزىدە شيەنيۈن (玁狁) لار ئىدى. ھۇن دېگەن نام جۇڭگولىقلار تەرىپىدىن بېرىلگەن نام. شىمالدىكى بۇ ھۇن قەبىلىلىرىنىڭ (قوۋملىرىنىڭ) بۇغداي ئۆڭلۈك، يۇمىلاق باش ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلساقمۇ، لېكىن ئۇلارنى موڭغۇل ئىرقىغا مەنسۇپ دېمەيمىز. ھۇنلار تۈرك ئىرقىغا، موڭغۇللار موڭغۇل ئىرقىغا مەنسۇپ. تۈركلەر چىراي يۈزى ياپىلاق كەلگەن موڭغۇللار بىلەن زادى ئوخشىمايدۇ. تۈركلەرنىڭ چېچى دولقۇنسىمان بولۇپ، موڭغۇللارنىڭ چېچى بولسا تۈز كېلىدۇ. تۈركلەر ساقال – بۇرۇتلۇق، تۈكلۈك كەلسە، موڭغۇللار تۈكسىز كېلىدۇ. تۈركلەر ئالپىس ئىرقىنىڭ ئالاھىدە بىر تارمىقى.
        تۈركلەر ۋە باشقا ئالپىس ئىرقىدىكىلەر ياۋروپادىكى «ئاق تەنلىكلەر» بىلەن مۇناسىۋەتلىك. موڭغۇللار بولسا شەرقىي ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى «سېرىق تەنلىكلەر» بىلەن مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگونىڭ رەسمىي تارىخناملىرىدىكى بىر ماتېرىيالدا مۇنداق دېگەن ئىكەن: «ھۇنلار قاڭشارلىق، ساقال – بۇرۇتلۇق بولۇپ، ئۇلارنى جۇڭگولىقلار بىلەن ناھايىتى ئاسانلا پەرقلەندۈرگىلى بولىدىكەن.» بۇ پاكىتقا ئاساسلانغاندا، موڭغۇلىيەنىڭ قەدىمكى ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولغان ھۇنلارنىڭ تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپلۇق، موڭغۇل ئىرقىغا مەنسۇپ ئەمەسلىكىدىن شۈبھىلىنىشكە بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھۇنلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئېتنىك مەنبەسى «سېرىق تەنلىك» لەرگە قارىغاندا «ئاق تەنلىك» لەرگە يېقىن بولغان. بۇ قەدىمكى ھۇنلار ئىرق ۋە تىل جەھەتتىن «تۈركلەر» گە تەۋە.
        شىمالدىكى قەبىلىلەر بىلەن جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى خەلقلەر ئارىسىدا كەڭ كۆلەملىك نىكالىشىش جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى خەلقلەرنىڭ تەن تۈزۈلۈشىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن. (ئۇلارنىڭ كەڭ باشلىق بولۇشىغا مۇشۇ ئامىل تەسىر كۆرسەتكەن. ياكى ھېچبولمىغانددىمۇ ئۇلارنىڭ بىر قىسمى مۇشۇ ئامىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان.) ئەلۋەتتە، شىمالدىكى ھۇنلارمۇ مۇشۇنداق بولغان. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ۋە نىكاھلىنىش مۇناسىۋەتنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا ئەگىشىپ، زور كۆپ ساندىكى ھۇنلاردا موڭغۇل ئىرقىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى شەكىللىنىشكە باشلىغان.
        بارلىق ئالىملارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك موڭغولىيەدىكى قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرانىئان ياكى ئۇرال – ئالتاي تىل سىستېمىسىدىكى ھەر خىل تىللاردا سۆزلەشكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ. تۇرانىئانلار ئارىسىدا ئومۇمەن ئوخشىمايدىغان بەش تىل تۈركۈمى بار: 1. فىن – ئۇگۇر (Finno – Ugrian) تىل تۈركۈمى؛ 2. سامويېد (Samoyed) تىل تۈركۈمى؛ 3. تۈركى تىل تۈركۈمى؛ 4. موڭغۇل تىل تۈركۈمى؛ 5. توڭگۇس تىل تۈركۈمى. بۇلاردىن فىن – ئۇگۇر، سامويېد ۋە توڭگۇس قەبلىلىرى ھۇن ئىمپېرىيەسى گۈللەنگەن ۋاقىتتا ھۇن ئىمپېرىيەسىنىڭ تەركىبىگە كىرگەن.
        تارىخىي دەۋرلەردە موڭغۇلىيەنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاھالىسى بولغان بۇ ھۇنلار ئەگەر داۋاملىق تۈردە موڭغۇل ئېگىزىلىكىدە تۇرىۋەرگەن بولسا، ئۇلاردا بار بولغان تۈرك ئىرقى ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ ئورنىنى ئېھتىمال ئۈزلۈكسىز سىڭىپ كىرگەن موڭغۇل ئىرقى ئالاھىدىلىكلىرى ئېلىشى مۇمكىن ئىدى. لېكىن، ئۇلار كېيىنچە زور تۈركۈمدە غەربكە كۆچكەن چاغدا، ئۇلارنىڭ ئىرقىي تەركىبىدە يەنىلا تۈرك ئىرقى ئامىللىرى روشەن ئورۇندا تۇرغان. ھالبۇكى، موڭغۇلىيەدىكىلەرنىڭ پۈتۈنلەي موڭغۇللىشىپ كېتىشى، ھۇنلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى جۇڭگولىقلارنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىدىن قۇتۇلۇپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن ئىشقا ئېشىشقا باشلىغان.

تارىختىكى ھۇن ئىمپېرىيەلىرى

موڭغۇلىيەدىكى ھۇن ئىمپېرىيەسى

        ھۇن ئىمپېرىيەسىنى تۇرانىئانلار قۇرغان. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 3 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە قەدىمكى موڭغۇلىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق تۇرانىئان قەبىلىلەر ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھۇن دەپ ئاتىلىدىغان بىر قەبلىنىڭ باشچىلىغىدا بىر ئىتتىپاققا ئۇيۇشىدۇ. بۇ ھۇنلارنىڭ رۇڭ (戎)، دى (狄) دەپ ئاتالغان قۇۋملار بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋىتى بولغان. بۇ چاغدىكى ھۇن ئىتتىپاقىغا قوشۇلغان بارلىق خەلقلەرنىڭ مەدەنىيىتى بىردەك ئىدى. بۇ مەدەنىيەت غەربتىكى ئىرانىئان (ئارىيان) كۆچمەن چارۋىچىلىرى ئارىسىدا رىۋاجلانغان مەدەنىيەت بىلەن ئىنتايىن ئوخشاش ئىدى. بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە غەربتە روسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى يايلاقلاردىن تارتىپ شەرقتە مانجۇرىيەنىڭ غەرىبىدىكى تۈزلەڭلىككىچە بولغان ئارىلىقتىكى بارلىق مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرى، مەيلى قايسى ئىرقتىن بولسۇن، قانداق تىلىدا سۆزلەشسۇن، ئوخشاش بىر تۇرمۇش فورماتسىيەسىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى. بۇ ئىمپېرىيە ئوخشىمىغان ئىرقتىكى، ئوخشىمىغان تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ھۇن ئىمپېرىيەسىنى قۇرغان ھۇنلارنىڭ ئۇلۇغ يولباشچىسى ئۆزىنى بارلىق «ئوقيا تۇتىدىغان» ئاتلىق خەلقلەرنىڭ رەھبىرى دەپ ئاتىغان. ھۇنلارنىڭ ھۆكۈمرانى «تەڭرىقۇت» دېيىلىدىغان بولۇپ،  بۇ «تەڭرىنىڭ ئوغلى» دېگەنلىك ئىدى. بۇ چاغدىكى (مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 214 – يىللار) ھۇنلارنىڭ رەھبىرى تۈمەن ئىدى. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 214 – يىلى چىن سۇلالىسىنىڭ سانغۇنى مېڭ تيەن شىمالغا يۈرۈش قىلغاندا، تۈمەن يېڭىلىپ شىمالغا كۆچۈپ تاشقى موڭغۇلىيەگە كەتكەن ئىدى. چىن سۇلالىسى يىمىرىلگەندىن كېيىن جۇڭگونىڭ ئىچكى قىسمى قالايمىقانلىشىپ كەتكەچكە، تۈمەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يەنە جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا پۈتكۈل ئىچكى موڭغۇلىيەنى قايتۇرۇۋالدى. ئۇنىڭ ئوردىسى ھازىرقى كۆكخۇت شەھرىنىڭ ئەتراپىدا ئىدى. چىنشىخۋاڭ ئۆلگەندىن كېيىن چىن سۇلالىسىمۇ ئۇزۇن ئۆتمەي يىمىرىلدى. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 202 – يىلىغا كەلگەندە ليۇ باڭ مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خەن سۇلالىسىنى قۇرۇپ چىقتى. خەن گاۋزۇ ليۇ باڭ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 200 – يىلى  شەخسەن ئۆزى قوشۇن تارتىپ ھۇنلارغا يۈرۈش قىلدى. نەتىجىدە خەن گاۋزۇ قورشاۋدا قالدى. ئاخىرىدا تەڭرىقۇت باتۇر ئۇنى قورشاۋدىن قويۇپ بەردى.
        تۈمەن گەرچە ھۇنلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ بىر دۆلەت قۇرغان بولسىمۇ، بۇ دۆلەتنى بىر ئىمپېرىيە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش خىزمىتىنى ئۇنىڭ ئوغلى باتۇر ئورۇنلىدى. باتۇر ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلىدە (مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 209 – 174 يىللار) ھۇنلارنىڭ كۈچى كۈنسېرى قۇدرەت تاپتى. باتۇر ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش ئىشلىرىنى ئېلىپ باردى. ئۇ يالغۇز ھەربى ئىشلاردىلا ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈپ قالماستىن، سىياسىي،مەمۇرىي تەشكىللەردىمۇ ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈردى. بۇرۇن ھۇنلاردا ئىنتايىن ئاددىي بولغان قەبىلە تەشكىلىلا بار ئىدى. باتۇر بولسا بىر مۇكەممەل ئەمەلدارلىق تۈزۈمىنى يولغا قويدى.
        باتۇر تەختكە چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشلىرىنى باشلاپ، ئۆزىنىڭ ئىمپېرىيەسىنى بەرپا قىلدى. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 174 – يىلى باتۇر ئۆلگەندىن كېيىن ئورنىغا ئوغلى كىئوك چىقىپ، ئاغا تەڭرىقۇت دەپ ئاتالدى. كىئوك تەڭرىقۇتلۇق تەختتە ئولتۇرغان 16 يىل (مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 174 – 160 – يىللار) جەريانىدا ھۇن ئىمپېرىيەسىنىڭ قۇدرەتلىك ئورنىنى ساقلىدى. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 166 – يىلى كىئوك شەخسەن ئۆزى140 مىڭ چەۋەندازنى باشلاپ خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي شىمالىغا تاجاۋۇز قىلىپ، خەن سۇلالىسىنىڭ پايتەختى چاڭئەنگە بىۋاسىتە تەھدىت سالدى. خەنۋېندى 1000 جەڭ ھارۋىسى ۋە يۈز مىڭ چەۋەنداز ئەۋەتىپ ھۇنلارنىڭ قورۇلدىن قوغلاپ چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن قوغلاپ زەربە بېرىشكە پېتىنالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ئەھدىلىشىپ سۈلھى تۈزدى. نەتىجىدە، سەددىچىننىڭ شىمالى ئوقياچىلار دۆلىتى بولۇپ، تەڭرىقۇت باشقۇرۇش، سەددىچىننىڭ ئىچى ئوتۇغات كەمەرلىكلەرنىڭ دۆلىتى بولۇپ، خەن سۇلالىسى باشقۇرۇش بەلگىلەندى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھۇنلار كېيىكى دەۋرلەردىكى مانجۇرىيە، موڭغۇلىيە، جۇڭغارىيە ۋە جەنۇبىي شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلدىغان، خەن سۇلالىسى بولسا جۇڭگونىڭ ئەسلى زىمىنىغا ھۆكۈمرانلىق قىلدىغان بولدى.
        مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 209 – يىللار ھۇن ئىمپېرىيەسى باش كۆتەرگەن چاغدا موڭغولىيە ۋە ھۇن ئىمپېرىيەسىنىڭ غەربى، يەنى كەڭ ئوتتۇرا ئاسىيا يايلاقلىرىدىكى ئاھالىلەر تۈركىي خەلقلەر بولماستىن، بەلكى ئىران تىل سىستېمىسىدىكى خەلقلەر ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شىمالى كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شوغۇللىنىدىغان سارماتىئان قەبىلىلىرىنىڭ كونتروللىقىدا بولۇپ، جەنۇبىي باكتېرىيە ۋە سوغدىيە خەلقلىرىنىڭ قولىدا ئىدى. ئۇلار ئەينى چاغدا دېھقانچىلىق بىلەن شوغۇللىناتتى.
        كىئوك خەن سۇلالىسى بىلەن سۈلھى تۈزۈشكەندىن كېيىن دىققىتىنى غەربكە قارىتىپ، ياۋچىلارغا زەربە بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى غەربكە كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر قىلدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، پۈتكۈل ھىندىستان ۋە يېقىن شەرقنىڭ تارىخى ئۆزگەردى. بۇ دۇنيا تارىخىغىمۇ زور تەسىر كۆرسەتتى. 
        كېيىنكى ۋاقىتلاردا ياۋچىلار ۋە ساكلار ئىران رايونىنىڭ تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتۇپلا قالماستىن، بەلكى ھىندىستان تارىخىدىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتتى. بۇنىڭدىن كىئوك تەڭرىقۇتنىڭ ياۋچىلارنى قوغلاپ چىقارغانلىقىنىڭ تەسىرىنىڭ نەقەدەر زور بولغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. كىئوك مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 160 – يىلى ئۆلگەندىن كېيىن، ئوغلى كۈنچىن تەختكە چىقىپ، تاكى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 126 – يىلىغىچە ھۇنلارغا 30 نەچچە يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. تاكى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 140 – يىلىغىچە ھۇنلار يەنىلا پۈتكۈل يىراق شەرق، ھەتتا پۈتكۈل ئاسىيا بويىچە ئەڭ چوڭ ۋە قۇدرەتلىك دۆلەت ئىدى.
        خەن ۋۇدى تەختكە چىققاندىن كېيىن (مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 140 – يىللار) خەن سۇلالىسى غەرب تەرەپتە نۇسرەت قازانغان بولسا، ھۇنلار شەرق تەرەپتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. 
        ھۇنلارنىڭ ئاخىرقى ئۇلۇغ تەڭرىقۇتى كۈنچىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 126 – يىلى  ئۆلۈپ، ئىنىسى سول قول خان ئېچىغىسە ئۆزىنى تەڭرىقۇت دەپ ئىلان قىلىپ، كۈنچىننىڭ ئوغلى ۋەلىئەھد ئۇتاننى مەغلۇپ قىلدى. بۇ قېتىمقى سىياسىي ئۆزگىرىش ھۇنلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا نۇرغۇن مالىمانچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يەنە كېلىپ، ئېچىغىسە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھۆكۈمرانلارنىڭ ھەممىسى ئىقتىدارسىز ئىدى. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 140 – يىلدىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 87 – يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا خەن سۇلالىسىگە پەقەت بىرلا پادىشاھ – خەن ۋۇدى ھۆكۈمرانلىق قىلغان بولسا، ھۇنلاردا يەتتە تەڭرىقۇت ئالماشتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۈنچىن تەڭرىقۇتتىن باشقىلىرى ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا ئەرزىمەيدۇ.
مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 121 – يىلى خەن سۇلالىسىنىڭ سەركەردىسى خۇچۈبىڭ ئۆزىنىڭ يېڭى تاكتىكىسىنى ئىشلىتىپ، ھۇنلارنى تۇنجى قېتىم زور مەغلۇپىيەتكە ئۇچراتتى. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 119 – يىلى خەن ۋۇدى ئىككى يول قوشۇن چىقىرىپ ھۇنلارغا جازا يۈرۈش قىلدى. بۇ قېتىمقى جازا يۈرۈشى ھۇنلارغا نىسبەتەن قاتتىق زەربە بولدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى نۇرغۇن يىللاردا ھۇنلار پەقەت تاشقى موڭغۇلىيە دائىرىسىدە ھەركەت قىلىش بىلەن چەكلەندى. لېكىن كۈچى تولۇق يوقالمىدى. ئەمما خەن سۇلالىسىمۇ بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا زور چىقىم تارتتى.
لېكىن ھۇن ئىمپېرىيەسىنىڭ رەسمى تۈردە ئاجىزلىشىشىمۇ خەن ۋۇدىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن باشلاندى. بۇ چاغدا ھۇنلاردا تەبىئىي ئاپەتلەر يۈز بەردى. يەنە ھۇنلارنىڭ 50 يىلدىن بۇيان خەن سۇلالىسى بىلەن توختىماي ئۇرۇش قىلغانلىقىدىن بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 85 – يىلى ھۇنلاردا يەنە تەڭرىقۇتلۇق تەختىنى تالىشىش كۈرىشى يۈز بەرگەچكە، ئەل قالايمىقانلىشىپ كەتتى. شۇڭلاشقا ھۇنلار مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 81 – يىلى خەن سۇلالىسى بىلەن يارىشىپ قېلىش كويىغا چۈشتى. لېكىن خەن سۇلالىسىدىكىلەر بۇ ئىشقا سوغۇق پوزىتسىيە تۇتقاچقا، كېيىنكى يىلى ھۇنلار يەنە خەن سۇلالىسىنىڭ شىمالىي چېگراسىغا باستۇرۇپ باردى، ئەمما غەلبە قىلالمىدى. شۇنىڭ بىلەن خەن سۇلالىسى بىلەن ھۇنلارنىڭ مۇناسىۋىتى يەنە قاتمال ھالغا چۈشۈپ قالدى.
دەل مۇشۇ چاغدا ھۇنلار پەيدىنپەي غەربكە كۆچۈشكە باشلىدى. بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈش ئانچە تەس ئەمەس. چۈنكى، ھۇنلارنىڭ زىمىنىنىڭ شىمالىدا قۇيۇق ئورمانلىق بىلەن قاپلانغان سىبىرىيە، جەنۇبىدا بولسا قۇدرەتلىك خەن سۇلالىسى بولغاچقا، ھۇنلار سىرتقا كېڭەيمەكچى بولسا، پەقەت شەرقتىكى مانجۇرىيە ياكى غەربتىكى ئوتتۇرا ئاسىياغىلا بارالايتتى. ھۇنلارنىڭ شەرققە كۆچمەي غەربكە كۆچۈشى بەلكىم بۇ چاغدا شەرقتىكى ئوغانلار ۋە سىيانپىلارنىڭ تەدرىجى كۈچىيىپ كەتكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشىمۇ مۇمكىن.
لېكىن ھۇنلار سىرتقى ئاپەتتىن ئەمدىلا قۇتۇلۇپ تۇرغاندا، ئىچكى قىسمىدا يەنە مالمانچىلىق كۆتۈرۈلدى. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 58 – يىلى قۇغۇشار تەڭرىقۇت تەختكە چىققاندا، بەش تەڭرىقۇتنىڭ تەخت تالىشىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئۇلار ئۆز ئارا قانلىق جەڭلەرنى قىلىشتى. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 54 – يىلىغا كەلگەندە پەيدىنپەي قوغۇشار ۋە قۇتىئۇشتىن ئىبارەت ئىككى تەڭرىقۇتنىڭ تىركىشىپ تۇرۇش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. شۇنىڭ بىلەن ھۇنلار جەنۇب ۋە شىمالدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا پارچىلىنىپ كەتتى. قوغۇشار جەنۇبقا (ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلىيە)، قۇتىئۇش بولسا شىمالغا (ھازىرقى تاشقى موڭغۇلىيە) ئورۇنلاشتى. كېيىنكى يىلى قوغۇشار تەڭرىقۇت ئاكىسى قۇتىئۇش تەڭرىقۇتنىڭ ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي،، خەن سۇلالىسىگە بەيئەت قىلدى ۋە مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 51 – يىلى 1 – ئايدا ئوردىغا كىرىپ خەن پادىشاھى بىلەن كۆرۈشتى.
ھۇنلاردىن قوغۇشار تەڭرىقۇت خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغاندىن كېيىن، ئۆز قۇۋمىنى باشلاپ سەددىچىننىڭ ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشتى. ئۇنىڭ ئاكىسى قۇتىئۇش تەڭرىقۇتمۇ بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئەنسىرەپ، ئەلچى ئەۋەتىپ ئولپان تاپشۇرۇپ، بىر ئوغلىنى تۇرغاقلىققا بەردى. خەن سۇلالىسى ئەلۋەتتە قوغۇشارنى يېقىن كۆرەتتى. بۇنىڭ بىلەن قۇتىئۇش غەربكە قاراپ كېڭىيىشنى ئويلىدى. ئۇ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 49 – يىلى موڭغۇلىيەنىڭ غەربىنى تىنچىتتى. ئارقىدىنلا ئۇيسۇنلارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئوغۇزلار (ئۇيسۇنلانىڭ شىمالىدا)، خاككاسلار (ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرقىي شىمالىدا)، دىڭلىڭلار (ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرقىي شىمالى، سىبىرىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدا) قاتارلىق ئۈچ ئەلنى قوشۇۋالدى ۋە بۇ رايونلارنى ئىمپېرىيەنىڭ مەركىزىي رايونى قىلىپ، ئوردىسىنى خاككاسلارنىڭ زىمىنىغا يۆتكەپ، شىمالىي موڭغۇلىيەدىن ۋاز كەچتى. ئۇيسۇنلار قۇتىئۇشنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن قۇتىئۇش ئۇلارنى قوشۇۋالالمىدى. قۇتىئۇش غەربكە كۆچكەندىن كېيىن قوغۇشار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 43 – يىلى شىمالغا يۈرۈش قىلىپ، شىمالىي موڭغۇلىيەنى ئىگىلىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن قۇتىئۇش ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان شىمالىي ھۇنلار ئەمەلىيەتتە غەربىي ھۇنلار بولۇپ قالدى، ھەم جۇڭغارىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا ئورۇنلاشتى. قوغۇشار ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان جەنۇبىي ھۇنلار بولسا شەرقىي ھۇنلار بولۇپ، پۈتكۈل موڭغۇلىيەگە جايلاشتى.  بۇ ئۆزگىرىش دۇنيا تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئوتتۇرا ئاسىيا پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئىرانىيان خەلقلىرىنىڭ تەسىر دائىرىسىدە بولۇپ، تۇرانىئان خەلقلىرىنىڭ تەسىر دائىرىسى موڭغۇلىيە ۋە مانجۇرىيە بىلەنلا چەكلىنەتتى. قۇتىئۇش تەڭرىقۇت ئۆزىنىڭ يېڭى ھاكىمىيىتىنى ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىدە قۇرغاندىن باشلاپ، تۇرانىئان خەلقلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر مۇقىم تايانچ بازىسىغا ئېرىشتى. كېيىن بارلىق ئىرانىيان خەلقلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، تۇرانىئان خەلقلىرىدىن بولغان تۈركلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئېلىشى مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاندى. يەنە كېلىپ بۇ چاغدا تۇرانىئانلار پەيدىنپەي كېيىنكى دەۋرلەردىكى رۇسىيە چېگراسىغا يېقىنلاشتى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ تۇرانىئانلارنى ئاساس قىلغان ئاسىيالىقلارنىڭ ياۋروپاغا تاجاۋۇز قىلىشىغا يول ئاچتى. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 36 – يىلى قۇتىئۇش خەن سۇلالىسىنىڭ سەركەردىلىرى گەن يەنشۇ ۋە چېن تاڭ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. قوغۇشار مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 31 – يىلى ئۆلدى.
مىلادىيە 9 – يىلى ۋاڭ ماڭ خەن سۇلالىسىنىڭ ھاكىمىيىتىنى تارتىۋالدى. بۇ ئىش موڭغولىيە ۋە غەربىي يۇرتنىڭ تارىخىغا زور تەسىر كۆرسەتتى. ۋاڭ ماڭ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن مەجبۇرىي ھالدا «ھۇن تەڭرىقۇتنىڭ مۆھۈرى» نى «شىن سۇلالىسى ھۇن تەڭرىقۇتنىڭ مۆھۈرى» گە ئۆزگەرتتى، يەنە بىر تەرەپتىن ھۇنلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى. شۇنىڭ بىلەن ھۇنلار ئىسيان كۆتەردى. ۋاڭ ماڭ ئۆلگەندىن كېيىن (مىلادىيە 23 – يىلى) جۇڭگو قالايمىقانچىلىققا پېتىپ قالدى، ھۇنلارمۇ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ پۈتۈنلەي مۇستەقىل بولغان بىر يېڭى ئىمپېرىيەنى قۇرۇۋالدى.
شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلىپىدە ھۇنلار يېڭىباشتىن مۇستەقىللققا ئېرىشتى ھەم ئۆزىنىڭ موڭغولىيە ۋەمانجۇرىيەدىكى زومىگەرلىك ئورنىنى قايتا تىكلىدى. غەربىي يۇرت بولسا بىر مەھەل ھۇنلارغا بويسۇندى. مىلادىيە  46 – 73 – يىللار ئارىلىقىدا يېڭىدىن قۇرۇلغان ھۇن ئىمپېرىيەسىدە زور ئۆزگىرىش بولۇپ، پۈتكۈل مەركىزىي ئاسىيانىڭ تارىخىي تەرەقىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتتى. بۇ ئۆزگىرىش خاراكتېر جەھەتتىن جۇغراپىيەلىك ئۆزگىرىش بولۇپ، ھۇن ئىمپېرىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىق مەركىزى غەربكە مىڭ ئىنگلىز چاقىرىمىدىن ئارتۇق سۈرۈلگەن ئىدى. بۇ ۋاسىتىلىك ھالداھۇنلارنىڭ كېيىن ياۋروپاغا بېسىپ كىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
مىلادىيە 48 – يىلى ھۇنلار ئىككى بۆلۈككە مەڭگۈلۈك بۆلۈنۈپ كەتتى. بىرى، تەڭرىقۇت بى ھۆكۈمرانلىقىدىكى جەنۇبىي ھۇنلار بولۇپ، ھازىرقى ئىچكى موڭغۇللىيەنى كونترول قىلىپ تۇردى. يەنە بىرى، تەڭرىقۇت يۇنىڭ ئوغلى پانۇ ھۆكۈمرانلىقىدىكى شىمالىي ھۇنلار بولۇپ، كېيىنكى دەۋرلەردىكى تاشقى موڭغۇلىيەنى كونترول قىلدى. جەنۇبىي ھۇنلار خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغاندىن كېيىن، شىمالىي ھۇنلار ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاپلا قالماي، يەنە ئاكتىپلىق بىلەن سىبىرىيەنىڭ جەنۇبى، جۇڭغارىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ تەرەپلەرگە كېڭەيدى.
ئومۇمەن، شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە جۇڭگولۇقلار بىلەن شىمالىي ھۇنلار ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ زومىگەرلىك ھوقۇقىنى تالىشىپ جەمئىي ئۈچ قېتىم چوڭ ئۇرۇش قىلدى. جۇڭگو ھەر قېتىملىق ئۇرۇشتا غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن غەلبە مېۋىسىنى ئۇزاققىچە قوغداپ قالالمىدى. ئەڭ ئاخرىغا كەلگەندە، شىمالىي ھۇنلار غەربكە كۆچۈپ، يىراق شەرقتىكى ئىمپېرىيەسىنى مەڭگۈ ئەسلىگە كەلتۈرەلمىدى. شىمالىي ھۇنلارنىڭ غەربكە كۆچۈشىدىكى ئاساسىي سەۋەب شۇكى، سىيانپىلاردا (سىيانپىلار شەرقىي غۇزلارنىڭ ئەۋلادى) مىلادىيە 150 – يىلى ئەتراپىدا ئۇلۇغ يولباشچى قانشىقۇي مەيدانغا كەلدى. ئۇ باش كۆتەرگەندىن كېيىن تېخىمۇ شىمالدا سىبىرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى دىڭلىڭلارنى، شەرقتە مانجۇر، شەرقتىكى پۇيۇنلارنى ۋە باشقا تۇڭگۇس خەلقلىرىنى بويسۇندۇردى. يەنە، ئەسلىدە شىمالىي ھۇنلارغا تەۋە بولغان جۇڭغارىيەنىڭ شەرقىي قىسمىنى ھەم بويسۇندۇردى. شۇنىڭ بىلەن شىمالىي ھۇنلار موڭغۇلىيەنىڭ شىمالىدىنلا ئايرىلىپ قالماستىن، بەلكى يەنە جۇڭغارىيەدىمۇ قايتا پۇت تىرەپ تۇرالمىدى. 
نەتىجىدە، بۇرۇن ھۇنلارغا تەۋە بولغان خەلقلەرنىڭ ھەممىسى سىيانپىلارغا ئەل بولۇپ، سىيانپى ئىمپېرىيەسىگە قوشۇلۇپ كەتتى. بۇ چاغدا بۇ خەلقلەر يەنىلا بۇرۇنقى يەرلىرىدە تۇرىۋەرگەن بولسىمۇ، نەچچە ئەسىردىن كېيىن سىيانپى ئىمېرىيەسى گۇمران بولغان چاغدا، ئۇلار قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقتى. بىراق بۇ چاغدا ئۇلار باشقىچە نام بىلەن ئاتالدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇنلىغان قاڭقىل قەبىلىلىرى كېيىنكى دەۋردىكى ئاشىنا تۈركلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بىۋاسىتە ئەجدادى ئىدى. 
ۋاھالەنكى، ياپبانلار (شىمالىي ھۇنلارنىڭ بىر قىسمى) ئەينى چاغدا جۇڭغارىيەدە تۇرۇپ قالغان بولسىمۇ، ھۇنلارنىڭ ئاساسى قىسمى غەربكە كۆچۈپ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرقىي شىمالىغا كەلگەنىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەنلەر  ھۇنلارنىڭ ئەڭ باتۇر ۋە كۈچلۈكلىرى بولۇپ، ئۇلار غەربكە كۆچۈپ كېتىشكە رازى بولغانكى، خەنزۇلار ياكى سىيانپىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشاشنى خالىمىغان.
مىلادىيە 460 – يىلى ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ شىمالىدا يېڭىدىن باش كۆتەرگەن ئاۋارلار (جۇرجانلار) جەنۇبىي ھۇنلارنىڭ تەڭرىقۇتى يوپۇغۇرنىڭ نەۋرىسى ليۇ يۇن قۇرغان خەن پادىشاھلىقىنى يوقاتتى. شۇنىڭدىن كېيىن يىراق شەرىقتە ھۇنلار قۇرغان دۆلەت مەڭگۈ مەۋجۇت بولمىدى. 
غەربكە كۆچكەندىن كېيىنكى شىمالىي ھۇنلار

مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 1 – ئەسىردە بۇرۇندىنلا رۇسىيەنىڭ جەنۇبىدا ئولتۇراقلاشقان سىكتىئانلار يىمىرىلىشكە باشلىدى. ئۇلارنى مەركىزىي ئاسىيادىن كەلگەن سارماتىئانلار قوغلاپ چىقارغاچقا، ئۇلار تەدرىجى ھالدا غەربكە كۆچتى. مىلادىيە 1 – ئەسىرگە كەلگەندە سارماتىئانلارنىڭ بېسىمى تېخىمۇ كۈچەيدى. نەتىجىدە، سىكتىئانلار پادىشاھلىقى تامامەن پارچىلاندى. ئاز بىر قىسىم سىكتىئانلار يەنىلا قېچىپ يۈرۈپ، ئۆزىلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى نەچچە ئون يىل ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرىدا يەنىلا قۇدرەتلىك سارماتىئانلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلدى. 
بۇ سارماتىئانلار يەنە دايىم دېگۈدەك شەرقىي جەنۇبقا كېڭەيمىچىلىك قىلدى. ئۇلار كاۋكاز رايونىدىن ھالقىپ، كىچىك ئاسىيا ياكى پېرسىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى كۆپ قىسىم رايونلارنى بۇلاڭ – تالاڭ قىلدى. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى داۋاملىق غەربكە كېڭەيمىچىلىك قىلدى. ئۇلار ئۇزۇن ئۆتمەيلا جەنۇبىي رۇسىيەدىن باشقا يەنە ھازىرقى رۇمىنىيەنى بويسۇندۇردى. بەزىلىرى كارپات تاغلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، دۇناي دەرياسىنىڭ شەرقىي ۋە شىمالىنى، يەنى ھازىرقى ۋېنگرىيەنىڭ شەرقىدىكى يەرلەرنى ئىگىلىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرى دۇناي دەرياسىدىن ئۆتۈپ ، رىم ئىمپېرىيەسى تەۋەسىگە باستۇرۇپ كىردى.
سارماتىئانلار ئىرق، تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزلىرىدىن بۇرۇنقى سىكتىئانلارغا ناھايىتى يېقىن بولسىمۇ، لېكىن ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا چوڭ پەرق بار ئىدى. سىكتىئانلار بىرقانچىلىغان تولۇق مۇستەقىل ياكى قىسمەن مۇستەقىل قەبىلىلەرگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇلار بىر قۇدرەتلىك سىكتىئان ئىمپېرىيەسىنى قۇرۇپ چىققانىدى. ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق كۈچى ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ جەنۇبىي رۇسىيە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كەڭ رايونلارغا يەتكەنىدى. ھالبۇكى، سارماتىئانلار باتۇر جەڭچىلەر بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئەزەلدىن بىرەر ئىپېرىيە قۇرۇپ باقمىغانىدى. ئۇلار گەرچە ئۇرۇشقا ماھىر بولسىمۇ، لېكىن تەشكىللەشكە ئاجىز ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەربىر قەبىلە باشتىن – ئاخىر مۇستەقىل ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈپ كەلگەن بولۇپ، بىرەرسىمۇ باشقا قەبىلىلەرنى كونترول قىلىپ باقمىغانىدى.
سارماتىئانلاردا ئىتتىپاقلىقنىڭ كەمچىل بولۇشى دەل ئۇلارنىڭ كېيىنكى دەۋرلەردە ئاسانلا يوقىلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىدۇر. ئەسلىدە سارماتىئانلارغا ۋارسلىق قىلغان ھەر خىل گېرمان قەبىلىلىرى بالتىق دېڭىزى بويىدا ماكانلاشقان بولۇپ، كېيىن تەدرىجى جەنۇبقا ۋە شەرقىي جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرلەپ، مىلادىيە 200 – يىللار ئەتراپىدا ياۋروپادىكى بۇرۇن سارماتىئانلارغا تەۋە بولغان يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئىگىلىۋالدى.
ھۇنلار ئوتتۇرائاسىيادا ئۇزۇن مەزگىل يەككە – يىگانە تۇرغان چاغدا، ئۇلارنىڭ قان سىستېمىسى ۋە سىياسىي تۇزۇلمىسىدە نۇرغۇنلىغان ئۆزگىرىشلەر بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قەدىمكى ھۇن ئىمپېرىيەسى بولغان مۇناسىۋىتىنى ناھايىتى ئېنىق بىلەتتى. شۇڭا ئۇلار باشتىن ئاخىر ئۆزلىرىنى ھۇن دەپ ئاتىغان. ئۇلار يەنە نۇرغۇنلىغان قەدىمكى ئەنئەنىلىرىنىمۇ ساقلاپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.
مىلادىيە 4 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ھۇنلار دۇنيا سەھنىسىدە قايتىباشتىن نامايان بولدى. بۇ چاغدا ئۇلار ئالان پادىشاھلىقىنى تولۇق يوقاتتى. ئۇرۇش بەلكىم مىلادىيە 350 – يىلى باشلانغان بولۇشى مۇمكىن. ئالانلارنىڭ ھۇنلار تەرىپىدىن تولۇق يوقىتىلىشى مىلادىيە 374 – يىلى تاماملانغان. بۇ چاغدا ھۇنلار دۇن دەرياسى ساھلىدا تۇنجى قېتىم پەيدا بولۇپ، ياۋروپاغا تاجاۋۇز قىلىشنى باشلىغان.
ئالان پادىشاھلىقى يوقىتىلغاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان ئالانلار ھۇنلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتتى ۋە ئۇلارنىڭ بويسۇندۇرۇش ئىشلىرىغا ياردەملەشتى. لېكىن، بىر قىسىم ئالانلار ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن باشقا تەرەپلەرگە قېچىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى جەنۇبقا قېچىپ كاۋكاز تاغلىرىغا باردى. ( بۇلارنىڭ بىۋاسىتە ئەۋلادى بولغان ئۇسېتلار ھازىرمۇ مەۋجۇت.) بەزىلىرى غەربكە قېچىپ شەرقىي گوتلارنىڭ چېگراسىدىن بۆسۈپ ئۆتتى.
ئۇزۇن ئۆتمەي ھۇنلارمۇ ئاخىرىدا ئېيتىلغان بىر تۈركۈم ئالانلارغا ئەگىشىپ غەربكە ئىلگىرلىدى. ئۇلار دۇن دەرياسىدىن ئۆتۈپ، مىلادىيە 374 – يىلى شەرقىي گوتلارنىڭ زىمىنىغا كىردى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ چاغدا ھۇنلارنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىشىغا رەھبەرلىك قىلغان ھۆكۈمدارى ياكى ئاقساقالى بالامىر ( Balember ) ئىكەن.
مىلادىيە 400 – يىلىغا كەلگۈچە، ھۇنلارنىڭ ئاساسىي قىسمى يەنىلا بۇرۇنقى شەرقىي گوت پادىشاھلىقىنىڭ زىمىنىدا، يەنى كارپات تاغ تىزمىسىنىڭ شەرقىدە تۇردى. مۇشۇ يىلدىن باشلاپ ھۇنلار 2 – قېتىم زور تۈركۈمدە غەربكە كۆچۈشكە باشلىدى. ئۇلار پۈتكۈل دۇناي دەرياسى ۋادىسىنىڭ خوجايىنلىرىغا ئايلىنىپ قالدى. بۇ چاغدا ھۇنلارنىڭ يېڭى يولباشچىسىنىڭ ئىسمى يىلدىز ئىدى.
مىلادىيە 404 – يىلى شەرقىي گوت قەبىلىلىرى ئالپىس تېغىنىڭ شەرقىي ئۇچىدىن ئۆتۈپ ئىتالىيەگە كىردى. بۇ چاغدا ھۇنلارنىڭ رەھبىرى يىلدىزمۇ گوتلارنىڭ كەينىدىن ئىتالىيەگە كىرىپ، رىملىقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ گوتلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان.
ھۇنلارنىڭ ياۋروپاغا بېسىپ كىرىشىنىڭ 2- باسقۇچى مىلادىيە 400 – يىللار ئەتراپىدا باشلىنىپ، مىلادىيە 415 – يىللار ئەتراپىدا ئاخرلاشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ياۋروپا تارىخىدا زور ئۆزگىرىش يۈز بەردى.
ھۇنلارنىڭ 1 – باسقۇچلۇق غەربكە يۈرۈشىنىڭ نەتىجىسىدە نۇرغۇنلىغان گېرمان قەبىلىلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ جەنۇبىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ توپ – توپ  ھالدا بالقانغا كىرگەنلىكى، بۇنىڭ شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسىگە بىر زور زەربە بولغانلىقى، لېكىن غەربىي رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ بۇنىڭ تەسىرىگە ئانچە بەك ئۇچرىمىغانلىقى بىلەن ئاياغلاشقان ئىدى. ئەمدىلىكتە ھۇنلارنىڭ 2 -باسقۇچلۇق غەربكە كۆچۈشى بىلەن تېخىمۇ كۆپ بەدەۋىلەر غەربىي رىم ئىمپېرىيەسىگە باستۇرۇپ كىردى. نەتىجىدە ئىتالىيە غەربىي گوتلارنىڭ تۆت يىلدىن ئارتۇق دەپسەندە قىلىشىغا ئۇچرىدى ھەم ئاخىرىدا، ئىسپانىيە، گاللىيە قاتارلىق جايلارنىمۇ بەدەۋى قۇۋملار ئىگىلىۋالدى.
يىلدىز ئۆلۈپ يەنە بىر قانچە يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، ياۋروپادا تۇرۇۋاتقان ھۇنلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقى يېڭى ھۆكۈمدارلارنىڭ قوللىرىغا ئۆتتى. بۇ يېڭى ھۆكۈمدارلار بەلكىم ياۋروپادا تۇرۇۋاتقىلى نەچچە ئون يىل بولغان بولسىمۇ، دەسلەپتە كۈچى ئاجىز بولغاچقا قەد كۆتۈرەلمىگەن، ئاخىرىدا يىلدىزنىڭ مەغلۇپ بولۇپ ئۆلۈشى بىلەن باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان بولۇشى مۇمكىن. 
بۇ يېڭى پادىشاھلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئىككى ھۆكۈمدارى ئوكتار ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى رۇگا ئىدى. ئوكتار رىيىس دەرياسى ساھىلىدىكى بۇرگۈندىلارغا ھۇجۇم قىلغاندا، دەسلەپتە غەلبىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، كېيىن مەغلۇپ بولۇپ ئۆلتۈرۈلگەن. تۇرانىئانلارنىڭ ئادىتى بويىچە ئوكتارنىڭ ئورنىغا ۋارسلىق قىلغۇچى ئۇنىڭ ئوغلى بولماستىن، بەلكى ئىنىسى رۇگا بولغان. رۇگا ھۇنلارنى باشلاپ، مىلادىيە 422 – يىلى ۋە مىلادىيە 426 – يىلى شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسىگە تاجاۋۇش قىلغان ۋە شىراسىيە ھەم ماكېدونىيەنى خانىۋەيران قىلغان. ئۇزۇن ئۆتمەي شەرقىي رىم ئىمپېراتورى تىئۇدوسىئۇس II ھۇنلارغا ھەر يىلى 350 قاداق ئالتۇن تاپشۇرۇش بەدىىلىگە ئاندىن ئۇلارنىڭ رىم ئىمپېرىيەسى چېگراسىغا تاجاۋۇز قىلماسلىق كاپالىتىگە ئېرىشتى. رۇگا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا ئىككى جىيەنى – بىلىدا (Bleda) بىلەن ئاتتىلا (Attila) ۋارسلىق قىلىپ ھۇن خەلقىنى بىللە باشقۇرغان.
بېلىدا ۋە ئاتتىلا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان چاغدا، ھۇن پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىق مەركىزى دوناي دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىدا بولۇپ، بۇ يەر 19 – ئەسىردىكى ئاۋسترىيە – ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ زىمىنى بىلەن تەڭ كېلەتتى. لېكىن بۇ يەردىكى ئاھالىلەر ئىچىدە ھۇنلار ئاز سانلىق مىللەت ھېسابلىناتتى. بىر نەچچە گېرمان خەلقلىرى، جىبۇتلار يەنىلا شۇ يەردىكى ئاھالىلارنىڭ ئاساسىي قىسمىنى تەشكىل قىلاتتى ھەم ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھلىرىنى ساقلاپ قالغانىدى. ھۇنلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق كۈچى بۇ چاغدا شىمالىي دېڭىز ۋە بالتىق دېڭىزىغىچە يەتكەن. ھۇن ئىمپېرىيەسىنىڭ بۇ تەرەپكە كېڭىيىشى بىلەن ئانگىلولار، ساكسونلار ۋە جۇتىسلارنىڭ (Jutes) ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلىقىدىن ئايرىلىپ برىتانىيە تاقىم ئارىلىغا كېتىشى ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە مۇناسىۋەت بولۇشى مۇمكىن.
رۇسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى يايلاق رايونىدا تۇرۇۋاتقان ھۇنلارنىڭ سانى ۋېنگىرىيەدە تۇرۇۋاتقان ھۇنلارنىڭكىدىن كۆپ بولسىمۇ،  لېكىن ئۇلار ئاتتىلانىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغان. رۇسىيە يايلىقىنىڭ شىمالىدىكى ئورمانلىق رايوندا تۇرىدىغا سلاۋىيان ۋە فىنلارمۇ ئېھتىمال مۇشۇ چاغدا ھۇنلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان بولۇشى. سلاۋىيانلار دەل مۇشۇ چاغدا «ھۇنلارنىڭ قۇلى» سۈپىتىدە تۈنجى قېتىم ياۋروپانىڭ غەربىگە كەلگەن بولۇشى مۇمكىن.
بېلىدا ۋە ئاتتىلانىڭ ھوقۇقى دون دەرياسىنىڭ شەرقىغىچە يەتكەن بولۇپ، بۇرۇنقى ئالان پادىشاھلىقىنىڭ كۆپ قىسىم يېرىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.
ھۇن پادىشاھلىرىنىڭ بىرى بولغان بېلىدا مىلادىيە 445 – يلى ۋاپات بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئاتتىلا ھۇنلارنىڭ بىردىنبىر ھۆكۈمرانى بولۇپ قالدى. ئاتتىلانىڭ بىردىبىر ھۆكۈمران بولۇشى ھۇنلارنىڭ كۈچىنى بىرلىككە كەلتۈردى ۋە كۈچەيتتى. ئاتتىلا تەختكە چىققاندىن باشلاپ بىر قانچە قېتىم غەربىي رىم ئىمپېرىيەسى بىلەن ئۇرۇش قىلدى. بۇ ئۇرۇشلارنىڭ بەزىلىرى غەلبىلىك بولمىدى. گوت تارىخچىسى جوردانىسنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا «… ئاتتىلا توي كېچىسى ئېغىر كەيپچىلىكتە ئىشقىۋازلىققا بېرىلىپ، قان قۇسۇپ ئۆلگەن … ». ئاتتىلانىڭ ئەڭ چوڭ تۆھپىسى بىر قۇدرەتلىك ھۇن ئىمپېرىيەسىنى بەرپا قىلغانلىقى ئىدى. لېكىن، بۇ ئىمپېرىيەمۇ ناھايىتى تېزلا يىمىرىلدى. ئاتتىلا ئۆلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ھۇنلار ياۋروپانىڭ غەربىدىن مەڭگۈلۈك قوغلىۋېتىلدى. ياۋروپا تېررىتورىيەسىدىكى ھۇنلارنىڭ گۇمران بولۇشىنى ئاتتىلا ئۆلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا يۈز بەرگەن ئىچكى توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ئاتتىلا ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىر ئوغلى دېڭگىزىك مىلادى 461 – يىلى غەربكە يۈرۈش قىلىپ، ھۇنلارنىڭ زومىگەرلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇندى. مىلادى 468 – يىلىغا كەلگەندە ئۇلار دوناي دەرياسىدىن ئۆتۈپ شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسىگە تاجاۋۇز قىلدى. ۋاھالەنكى، ئۇرۇشتا رىم ئىمپېرىيەسى غەلبە قىلدى. ھۇنلار چېكىنىپلا قالماي، يەنە دېڭگىزىك ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى نۇرغۇنلىغان كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
ئەسلىدە مۇشۇ ۋاقىتتىن سەل بۇرۇن يەنە بىر تۇرانىئان خەلقى – ئاۋارلار (جۇرجانلار) باش كۆتۈرۈپ چىقتى. ئۇلار پۈتكۈل موڭغۇلىيەنى كونترول قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرقىي شىمالىدىكى كەڭ رايوننىمۇ ئىگىلىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئەسلىدىن مەركىزىي ئاسىيادا ياشايدىغان خەلقلەر جۇرجانلارنىڭ كونتروللىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن غەربكە كۆچۈشكە باشلىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر تارماق سابىرىلار (Sabirs) ئىدى. سىبىرىيە دېگەن ناممۇ ئۇلارنىڭ نامىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەينى چاغدا نۇرغۇنلىغان سابىرىلار ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شىمالى ۋە سىبىرىيەنىڭ جەنۇبىدا قېلىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن كۆپ ساندىكى سابىرىلار غەربكە يۈرۈش قىلىپ، ۋولگا دەرياسىدىن ئۆتۈپ، كاۋكاز تاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى كۇبان رايونىدا ئولتۇراقلاشقان. سابىرىلار «ھۇن» خەلقلىرىدىن بولۇپ، ئاساسەن تۈركى تىلدا سۆزلەشكەن.
سابىرىلارنىڭ بېسىمى تۈپەيلىدىن باشقا خەلقلەرمۇ كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى. بۇرۇندىن دون دەرياسى ۋە ۋولگا دەرياسىنىڭ شەرقىدە (ئالانلارنىڭ كونا زىمىنى) تۇرۇۋاتقان ھۇن خەلقى تەدرىجى ھالدا غەربكە كۆچتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىي شىمالىدىن كەلگەن بىر توپى دون دەرياسى ۋە ۋولگا دەرياسىنىڭ ئارىلىقىدا تۇرۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن يەنە بىر توپى تېخىمۇ غەربكە ئىلگىرلەپ، دون دەرياسىدىن ئۆتۈپ، جەنۇبىي رۇسىيە يايلاقلىرىغا كىرىپ، بۇ يەردە ئۇزۇندىن بۇيان ئولتۇراقلىشىپ كېلىۋاتقان ھۇن قەبىلىرىنى قوغلاپ چىقاردى ياكى ئۆزىگە قوشۇۋالدى.
بۇ يېڭى كۆچمەنلەر ئىرق ياكى تىل جەھتتىن بولسۇن، تەخمىنەن بۇنىڭدىن بىر ئەسىر بۇرۇن ياۋروپاغا بېسىپ كىرگەن ھۇنلار بىلەن يېقىن ئىدى. ئۇلار ھۇنلارنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئايرىم نامى بار ئىدى. بۇلارنى بۇلغار ھۇنلىرى ياكى بۇلغارلار دەپ ئاتاش كېرەك. بۇلغارىيە دېگەن نام ۋۇلگارىيە دېگەن نامدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت ۋولگا دەرياسىنى مەركەز قىلىپ ئولتۇراقلاشقانلىقى سەۋەب بولغان. سەل كېيىنكى دەۋرلەردە بۇ بۇلغارلار مۇھىم دۆلەتتىن ئىككىنى قۇردى. ئۇنىڭ بىرى ۋولگا دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېغىزىدىكى بۈيۈك بۇلغارىيە، يەنە بىرى بالقاندىكى قارا بۇلغارىيە بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن ھازىرقى بۇلغارىيە شۇ دېيىشكە بولىدۇ.
بۇ چاغدا (مىلادىيە 559 – يىلى) موڭغۇلىيە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا يەنە بىر يېڭى تۇرانىئان ئىمپېرىيەسى – تۈرك ئىمپېرىيەسى باش كۆتۈرۈپ چىقتى. بۇ تۈركلەر بىرىنچى قەدەمدە جۇرجان ئىمپېرىيەسىنى تولۇق يوقاتتى. بۇ چاغدا ۋارھۇنلار (ئېھتىمال ۋارلار ۋە ھۇنلار بولۇشى مۇمكىن) تۈركلەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن غەربكە كۆچۈشكە باشلىدى. ئۇلار ۋولگا دەرياسىدىن ئۆتۈپ، جەنۇبىي رۇسىيە يايلىقىغا بېسىپ كىردى. ۋارھۇنلار ئىلگىرى جۇرجان ئىمپېرىيسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغاچقا ئاۋارلار دەپ ئاتالدى. (ئەسلىدىكى جۇرجانلار ئەمەس. ياۋروپالىقلار ئۇلارنى جۇرجان دەپ خاتا ئاتاپ قالغان.) 
ئاۋارلار (ۋارھۇنلار) ۋولگا دەرياسىدىن ئۆتۈپ، كاۋكاز تېغىنىڭ شىمالىدىكى كۇبان رايونىدىكى سابىرلارنى يوقاتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇلغارلاردىن بولغان ئۇتىغۇرلار (Utrigurs، بۈيۈك بۇلغارىيەنى قۇرغان خەلقلەر) ۋە قۇتىغۇرلارنىمۇ (Kutrigurs، قارا بۇلغارىيەنى قۇرغان خەلقلەر) يوقاتتى. لېكىن كۆپ ساندىكى بۇلغار خەلقى يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇردى.
سەل كېيىنكى دەۋرلەرگە كەلگەندە، ئاۋارلارنىڭ زومىگەرلىكى يىمىرىلىشقا باشلىغاندا، بىر قانچە توپ بۇلغار خەلقى قايتىدىن مۇستەقىللىققا ئېرىشتى.
ئاۋارلارنىڭ ياۋروپاغا كەلگەن ۋاقتى ھۇنلارنىڭ ياۋروپا تەۋەسىدىكى پائالىيىتى ئاخىرلاشقان ۋاقتى بولدى.
پېرسىيە ۋە ھىندىستاندىكى ھۇنلار

ئېفتالىتلار، يەنى ئاق ھۇنلار (ئۇلارنىڭ تېرىسى ئاق بولغاچقا «ئاق ھۇن» دەپ ئاتالغان) ھۇنلار بىلەن خېلى باغلىنىشلىق بىر قەبىلە. ئۇلار جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كۆپ قىسىم يەرلىرىنى بويسۇندۇرغان ھەم پېرسىيە بىلەن ھىندىستانغا تاجاۋۇز قىلغان.
ئېفتالىتلار تارىخىي ئەسەرلەردە ئەڭ دەسلەپ مىلادىيە 400 – يىللاردىن باشلاپ كۆرۈلگەن. جۇڭگونىڭ تارىخىي ئەسەرلىرىدە ئېفتالىت خەلقىنىڭ ئەسلى نامى ۋار دېيىلىدىغانلىقىنى، ئېفتالىت دېگەن نامنىڭ ئۇلارنىڭ خانى ئېفتالىتونىڭ نامىدىن كەلگەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ. ئېفتالىتلارنىڭ تىلىمۇ جۇرجانلارنىڭ تىلىدىن ھەم قاڭقىللارنىڭ (قاڭقىللار ھۇنلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى) تىلىدىنمۇ پەرقلىنىدىغان تىل. بەلكىم ئۇلارنىڭ تىلى ھىندى – ياۋروپا تىل سىستېمىسىدىكى توخار تىلىغا يېقىن بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى جۇڭگونىڭ تارىخىي ئەسەرلىرىدە مىلادىيە 126 – يلى خەن سۇلالىسى سەركەردىسى يەن يۇڭ شىمالىي ھۇنلارغا جازا يۈرۈشى قىلغاندا، بىر تۈركۈم قوش خەلقى (تۇرپاندىكى ئاھالىلىلەر) ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئۇرۇش قىلغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار جۇڭغارىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئېفتالىتلارمىش دېيىلگەن. ئېفتالىتلار بىلەن توخار تىلىدا سۆزلىشىدىغان تۇرپانلىقلار ئارىسىدا بىر خىل مۇناسىۋەت بولۇشى مۇمكىن، يەنە كېلىپ نۇرغۇنلىغان تۇرپانلىقلار كۆك كۆز، سارغۇچ چاچلىق بۇ پاكىت «يۇنان – رىم» ئاپتورلىرىنىڭ «…… ئۇلارنىڭ بىز بىلىدىغان ھۇنلار بىلەن خېلى زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ. بارلىق ھۇن خەلقلىرىنىڭ ئارىسىدا پەقەت ئۇلارنىڭلا تېرىسى ئاق ھەم تۇرقىمۇ نورمال …… » دېگەن بايانغا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.
ئېفتالىتلار بىلەن باشقا ھۇن خەلقلىرى ئارىسىدا خېلى زور پەرق بار. لېكىن ھۇنلارنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن ئېفتالىتلار جوڭغارىيە رايونىدا بىرنەچچە بىللە ياشاش جەريانىدا، ئۆزئارا كەڭ تۈردە نىكاھلانغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ سەۋەبتىن ئېفتالىتلاردا زور مىقداردىكى ھۇن قېنىنىڭ بولۇشىدىن شۈبھىلىنىشكە بولمايدۇ. ئېفتالىتلارنىڭ تىلىدىمۇ چوقۇم ھۇنچە ئىبارىلەر بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم كېيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە ئېفتالىتلار ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي كېلىپ چىقىشىنى ئۇنتۇپ، ئۆزلىرىنى ھۇنلارنىڭ بىر تارمىقى دەپ قېلىپ، ئۆزىنى ھۇن دەپ ئاتىغان بولۇشى مۇمكىن.
ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شىمالىي قىسمىنى ئىگىلىۋالغان ھۇنلارنىڭ بەزىلىرى مىلادىيە 356 – يىلى يەنە جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ پېرسىيەدىكى ساسانلار ئىمپېرىيەسىنىڭ شىمالىي چېگراسىغا تاجاۋۇز قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن يېرىم ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن، ئېفتالىتلار پېرسىيە، ھىندىستان قاتارلىق جايلارغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كەلدى.
جۇرجان ئىمپېرىيەسى مىلادىيە 402 – يىلى قۇرۇلدى. ئۇنىڭ رەھبىرى ئۆزىنى قاغان دەپ ئاتاپ، ئاكتىپلىق بىلەن ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملىدى ۋە زىمىنىنى كېڭەيتتى. بۇ چاغدا جۇڭغارىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئېفتالىت خەلقى جۇرجانلارغا بەك يېقىنلىشىپ كېتىشتىن ۋە ئۇلارنىڭ كونتروللىقىغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، جەنۇبىي شىنجاڭ ئارقىلىق جەنۇبقا كۆچۈشكە باشلىدى. بۇ چاغدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم يەرلەر ئېفتالىتلارغا قارام ئىدى. ئېفتالىتلار جەنۇبىي شىنجاڭنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن داۋاملىق ئىلگىرلەپ غەربتىكى سوغدىيانانى بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇندى. نەتىجىدە كانگىيەنىڭ نۇرغۇنلىغان ئاقساقاللىرى ئېفتالىتلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى قوبۇل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئېفتالىتلار تېخىمۇ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ باكتېرىيەنى بويسۇندۇردى.ئېفتالىتلار ئۇزۇن ئۆتمەيلا تېخىمۇ غەربىي جەنۇب تەرەپكە يۈرۈش قىلىپ،ساسانلار ئىمپېرىيەسىگە تاجاۋۇز قىلدى. ئېفتالىتلار مىلادىيە 427 – يىلى ساسانلار پادىشاھى بەھرامنىڭ قاتتىق زەربىسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن بىر نەچچە يىلغىچە ساسانلار ئىمپېرىيەسىگە تاجاۋۇز قىلىشقا پېتىنالمىدى.
ئېفتالىتلارنىڭ پېرسىيەگە قايتا شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغىماسلىقىدىكى ھەقىقىي سەۋەب، ئېھتىمال شۇ چاغدا (مىلادىيە 565 – يىللاردىن كېيىن) ئۇلار دىققىتىنى ھىندىستانغا مەركەزلەشتۈرگەنلىكى بولسا كېرەك. تەخمىنەن مىلادىيە 465 – يىلى ئېفتالىتلار ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى قەندىھارنى ئىگىلىدى. ئېفتالىتلار ئالايتەن بىر ۋالى (تېكىن) ئەۋەتىپ ھىندىستاندىكى زىمىنىنى باشقۇرغانىكەن. بۇ ۋالى تورامان دەپ ئاتالغان. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ ۋالى ھىندىستاندا ئۈزلۈكسىز زىمىن كېڭەيتىش نەتىجىسىدە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھۆكۈمرانلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. تورامان بىلەن ھىندڭستاننىڭ شىمالىي ۋە ئوتتۇرا قىسمىنىڭ غوجىسى بولغان گۇپتا ئىمپېرىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش مىلادىيە 470 – يىلىدىن سەل بۇرۇن يۈز بەرگەن. بۇ ئۇرۇش نەتىجىسىدە گۇپتا ئىمپېرىيەسى پۈتۈنلەي يىمىرىلدى. گۇپتا ئىمپېرىيەسى يوقالغاندىن كېيىن، تورامان ئۇنىڭ كەڭ زىمىنلىرىنى بويسۇندۇردى. ئۇ بۇ ئىشنى تەخمىنەن مىلادىيەنىڭ 500 – يىلى تاماملىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ چاغدىكى ئېفتالىتلار ھۆكۈمرانى پۈتكۈل شىمالىي ھىندىستان ۋە ئوتتۇرا ھىندىستاننىڭ ئەڭ ئالىي ھۆكۈمرانى بولۇپ قالدى. ئۇزۇن ئۆتمەي (مىلادىيە 502 – يىلى)  تورامان ئۆلدى. ئورنىغا ئوغلى مېھراكۇلا چىقىپ ئېفتالىتلارنىڭ ھىندىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. مېھراكۇلا ئىنتايىن زالىم پادىشاھ ئىدى. مېھراكۇلانىڭ زالىملىقى ئاخىر يەرلىك خەلقنىڭ قارشىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. مىلادىيە 532 – يىلى ھىندىستاننىڭ شەرقىي ۋە ئوتتۇرا قىسمىدىكى خەلقلەر بىرلا ۋاقىتتا قوزغىلاڭ كۆتەردى. بىرنەچچە قېتىملىق دەھشەتلىك جەڭدىن كېيىن ھىندىستان خەلقى زور غەلبىنى قولغا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئېفتالىتلارنىڭ ھىندىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇپ تاشلاندى. مېھراكۇلا مەغلۇپ بولۇپ كەشمىرگە قېچىپ بېرىۋالدى. ئۇ بۇ جاينىڭ بۇرۇنقى ھۆكۈمرانىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۆزى ئۇنىڭ ئورنىغا چىقىپ، شەپقەتسىز ھۆكۈمرانلىقىنى تاكى ئۆلگىچە (مىلادىيە 542 – يىلى) داۋاملاشتۇردى.
ئېفتالىتلارنىڭ باكتېرىيەدىكى ئانا دۆلىتى يوقىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ھىندىستاندىكى ئېفتالىت دۆلىتىمۇ يوقالدى. ھىندىستاننىڭ ئەڭ غەربىي شىمالىدىكى كاپىرىستان رايونىدا كىچىك بىر تۈركۈم ئېفتالىتلار ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارمۇ ئاخىرىدا ئەتراپتىكى مىللەتلەرگە قوشۇلۇپ كەتتى.
مىلادىيە 552 – يىلى تۈركلەر قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ئۆزلىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان جۇرجانلارنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. نەتىجىدە تۈركلەر مەركىزىي ئاسىيانىڭ مۇتلەق ھۆكۈمرانى بولۇپ قالدى.تۈركلەرنىڭ بويسۇندۇرۇش ھەركەتلىرىنىڭ ئېفتالىت پادىشاھلىقىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ئىنتايىن زور بولدى. تۈركلەر ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شىمالىي قىسمىنىڭ خوجايىنى بولغاندىن كېيىن ئېفتالىتلار بىلەن كىچىك كۆلەمدە توقۇنۇشتا بولدى. كېيىن ئېفتالىتلار تۈركلەرنىڭ پېرسىيەگە ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن تۈركلەر ئېفتالىتلارغا جەڭ ئېلان قىلدى. نەتىجىدە ئېفتالىتلار قاتتىق مەغلۇپ بولدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، تۈركلەر بىلەن پېرسىيەلىكەر يېڭى تۈزۈلگەن ئەھدىگە ئاساسەن ئېفتالىتلارغا بىرلىكتە ھۇجۇم قىلدى. نەتىجىدە ئېفتالىتلار پادىشاھلىقى پۈتۈنلەي يىمىرىلدى.
ئېفتالىتلارنىڭ دۆلىتى يىمىرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار كېيىنكى بىرنەچچەئەسىر جەريانىدا پۈتۈنلەي يوقۇلۇپ كەتمىدى.كىچىك بىر توپ ئېفتالىتلار باكتېرىيە ۋە ئامۇ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى بەدەخشان رايونىدا بىر مەزگىل مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. بىراق ئۇلارنىڭ سىياسىي كۈچى تۈركلەر ۋە ساسانلارنىڭ بىرلىشىپ ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە پۈتۈنلەي يوقىتىلغاچقا، شۇنىڭدىن كېيىن تارىخ سەھنىسىدە قايتا مۇھىم رول ئوينىيالمىدى.
مىلادىيە 6 – ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غوجىسى بولغان ھۇنلارنىڭ ئەۋلادلىرى تۈركلەرگە ئورۇن بوشاتتى. تۈركلەر بىلەن ھۇنلار ئىرق ۋە تىل جەھەتتىن ناھايىتى يېقىن كېلەتتى. مىلادىيە 1040 – يىلىغا كەلگەندە قۇدرەتلىك سالجۇق تۈركلىرى پېرسىيەنىڭ بارلىق زىمىنىنى ئۆز ئىلكىگە ئالدى ۋە ئۇزاق ئۆتمەيلا يېقىن شەرقتىكى ھەممە ئەللەرنىڭ غوجىسى بولۇپ قالدى. ئىككى ئەسىردىن كېيىن (مىلادىيە 1218 – يىلى) سالجۇق تۈركلىرى زاۋالىققا يۈز تۇتۇپ، پېرسىيەلىكلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقى موڭغۇللارنىڭ قولىغا ئۆتتى. شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە پېرسىيە موڭغۇل ئىمپېرىيەسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالدى. موڭغۇل ئىمپېرىيەسى گۇمران بولغاندىن كېيىن، ئىمپېراتور تۆمۈر باشچلىقىدىكى «موغۇل تۈركلىرى» ئىران ئېگىزلىكىدە تۇرانىئانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قايتىدىن تىكلىدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى قىسقا بىر مەزگىل ئىچىدە يەرلىك پادىشاھلىقلار ئىرانغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان بولسىمۇ، 1750 – يىلىدىن 1932 – يىلىغىچە پېرسىيەگە يەنە تۇرانىئانلاردىن بولغان قاچار تۈركلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلدى.
مىلادىيە 1070 – يىلى سالجۇق تۈركلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا يايلاقلىرىدىن كېلىپ، بىر مەزگىل غەربىي ئاسىيانىڭ غوجىسى بولغان پارسلارنى مەغلۇپ قىلىپ، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسىگە ھۇجۇم قىلدى. مانزىكرت دېگەن جايدىكى جەڭدە ئەرەبلەر كۈچلەنگەن دەۋردىمۇ قولغا كەلتۈرەلمىگەن غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كىچىك ئاسىيانىڭ كۆپ قىسم زىمىنىنى ئىگىلىدى. شۇنىڭ بىلەن ياۋروپا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر دائىرىسى پەقەت ياۋروپا زىمىنى بىلەنلا چەكلىنىپ قالدى.
شۇنىڭدىن 300 يىل ئۆتكەندىن كېيىن سالجۇق تۈركلىرى ئاجىزلىشىشقا باشلىغاندا ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئۇلارغا ئوخشاش مىللەتتىن بولغان ئوسمان تۈركلىرى ئالدى. ئۇلار ئاسىيا يايلاقلىرىدىن يېڭىلا باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۇزاق ئۆتمەيلا ياۋروپاغا تەۋە بولغان بالقان رايونى، جۈملىدىن ياۋروپا قەدىمكى مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى بولغان كونستانتىنوپۇلنى 1453- يىلى ئىشغال قىلدى.
تەخمىنەن مىلادىيە 1000 – يىللىرىدىن باشلاپ نۇرغۇنلىغان تۈرك ۋە ئافغان چەۋەندازلىرى ھىندىستانغا بېسىپ كىردى. ئۇلار ئەڭ دەسلەپ بۇلاڭ – تالاڭ قىلىشن مەقسەت قىلغان بولسا، كېينچە بويسۇندۇرۇش ۋە ئولتۇراقلىشىش بىلەن مەشغۇل بولدى. مىلادىيە 1200 – يىللاردا ببېسىپ كىرگۈچىلەرنىڭ ئورنى تەدرىجى مۇستەھكەلىنىشكە باشلىدى. شۇنىڭدىن تارتىپ تاكى 18 – ئەسىردە ئەنگلىيە تەھدىت كەلتۈرگەنگە قەدەر پۈتۈن ھىندىستان كۆپۈنچە تۈركلەر (تۇرانىئانلار) نىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولدى. بۇ تۇرانىئان خانلىقلىرى ئىچىدە ئەڭ مەشھۇرى موغۇللار بولۇپ، (موغۇل دېگەن بۇ سۆز موڭغۇل دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان. بىراق ئۇلاردىكى تۈرك تەركىبى موڭغۇل تەركىبىدىن كۆپ ئىدى.) ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى 1526 – يىلدىن 19 – ئەسىرگىچە داۋام قىلدى. ھىندىستان موغۇل ئىمپېرىيەسىنى قۇرغۇچى بابۇر ئىدى.

×        ×        ×        ×        ×

ئەسكەرتمە:
        بۇ قىسقارتىلما- ئۆزلەشتۈرمە ماقالە ۋىليام مونتىگومېرى ماكگوۋېرىننىڭ ( ئامېرىكا ) « ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەتلەر تارىخى » ( شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2012 – يىل نەشرى) دېگەن كىتاپتىن بەزى ئابزاستلىرىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ يېزىش، بەزى ئابزاستلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈپ يېزىش ئارقىلىق يېزىپ چىقىلدى. ئارىيانلار ۋە ھۇنلار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان كىتابقا قارالسۇن.

2014 – 2015 – يىللار 

https://wetinim.com/forum.php?mod=viewthread&tid=3111&extra=
Share
880 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.