logo

trugen jacn

ئاي يۇلتۇزلۇق كۆكبايراق ۋە ئۇيغۇر چېدىرىنىڭ تۇران قۇرۇلتىيىدىكى ھېكايىسى

turan-majar-wengiriye-qurultay-1

2016-يىلى 12-14-ئاۋغۇست كۈنلىرى ۋېنگىرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپېشتتىن 150 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىپايان يايلاقتا ئۆتكۈزۈلگەن 6-نۆۋەتلىك تۇران قۇرۇلتىيىغا 20 ئەتراپىدا ئۇيغۇر قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ھەم تارىخىي كىملىكىدىن ئىپتىخارلىنىش، غۇرۇرلىنىش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشتى.

د ئۇ ق ۋەكىللىرى، قازاقىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى، ئەنگلىيە، گوللاندىيە، شىۋېتسىيەدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنى ھەممىدىنمۇ بەكرەك ھاياجانغا سالغىنى، بۇ قېتىمقى تۇران قۇرۇلتىيىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنىڭ پۈتكۈل ھۇن-تۈرك بايراقلىرىنىڭ بېشىغا تىكلىنىشى بولدى.

تۇران قۇرۇلتىيى سەھنىسى ۋە ماھارەت مەيدانىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا تىكلەنگەن 1-بايراق، ئاييۇلتۇزلۇق كۆكبايراق ئىدى. ھەتتا ۋېنگىرىيەنىڭ دۆلەت بايرىقىمۇ كۆكبايراقنىڭ ئارقىغا قادالغان. ئاييۇلتۇزلۇق كۆكبايراق گويا تۇران قۇرۇلتىيىنىڭ سىمۋولى كەبى بۇ يەردىكى يۈزمىڭلىغان ئىنساننىڭ تۇنجى قېتىم نەزىرىگە چۈشەتتى. 30 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ بايراقلىرىنىڭ بېشىغا ئاييۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنىڭ تىكلىنىشى تاسادىپىيلىق ئەمەس ئىدى.

ئۆز بايراقلىرىنىڭ پۈتكۈل بايراقلارنىڭ بېشىدا لەپىلدەپ تۇرغانلىقىنى كۆرگەن ئۇيغۇرلار ھاياجاندا كۆكبايراقنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ بەس-بەستە رەسىملەرگە چۈشۈشتى. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندىمۇ بۇ ھالەتتىن كۆپ سۆيۈندى. چۈنكى، ئىلگىرىكى بىر قېتىملىق تۇران قۇرۇلتىيىدا ئاييۇلتۇزلۇق كۆكبايراق سەۋەبلىك قوزغالغان ماجىراغا ئۇ شاھىت بولغان ئىدى.

قازاقىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى قۇرغان چېدىرنىڭ ئىچى-تېشىغىمۇ ئاييۇلتۇزلۇق كۆكبايراق ئېسىلدى. كىشىلەر ئۇيغۇرلارنى خېلى يىراقتىنلا ئاشۇ بايراق ئارقىلىق تونۇيتتى. ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىغا خاس كىيىنگەن ئۇيغۇر قىزلىرى بۇ يەردە ھونلار ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ كۆكبايراقنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ رەسىمگە چۈشىدىغان نىشانىغا ئايلىنىپ قالدى.

12-ئاۋغۇست 6-نۆۋەتلىك تۇران قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، بارلىق تۈرك-ھۇن نەسىللىك مىللەتلەر تونۇشتۇرۇلدى ۋە ھەر بىر مىللەتنىڭ ئىسمى ئاتالغاندا، ئۇنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرگەن ئاتلىق بىر ھۇن جەڭچىسى سەھنە ئالدىدىن ئۆتۈپ، پۈتۈن مەيداننى ئىككى قېتىم ئايلىنىپ چىقتى. ئۇيغۇر ئىسمى ئاتىلىشى بىلەنلا ئاييۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنى ئېگىز كۆتۈرگەن بىر ھۇن جەڭچىسى مەيداننى ئاتلىق ئايلانغاندا، ھەممە يەردىن گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى كۆتۈرۈلدى.

ئاييۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنىڭ بۇ يەردە بۇ قەدەر ھۆرمەتلىنىشى ئۇيغۇرلارنى ھەقىقەتەنمۇ ھاياجانغا چۆمدۈرەتتى. ئاييۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنىڭ بۇ شەرىپى يەنە د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىمۇ كۆپ مەمنۇن قىلدى.

بىراق، ئۇيغۇرلار 2006-يىلىدىن بۇيان ھەر قېتىملىق تۇران قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ ۋە ۋېنگىرىيەدىكى ھۇن-ماجار نەسىللىك خەلقلەرنىڭ قىزغىن باغرىغا بېسىشىغا ئېرىشىپ كەلگەن بولسىمۇ، تۇران قۇرۇلتىيىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنىڭ ھۇن-تۈرك نەسىللىك مىللەتلەر بايراقلىرىنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشى، ئۇيغۇر چېدىرىنىڭ بۇ مۇبارەك سورۇنغا قۇرۇلۇشى ئۇنداق ئاسانغا توختىغان ئىش ئەمەس. بۇنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق دەردى، بەدىلى ئۆتۈلگەن.

ۋېنگىرىيەدىكى ئۇيغۇر مەستانىسى يانۇش ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر-ھۇن مۇناسىۋەت رېشتىنى قۇرغان ئۈمىد ئاگاھىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇران قۇرۇلتىيى باشلانغان 2006-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە ئۆتكۈزۈلگەن 3 قېتىملىق قۇرۇلتايدا ئۇيغۇرلار ۋە كۆكبايراققا قارشى بىر ۋەقە-ھادىسە كۆرۈلمىگەن. ئەمما 2012-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 4-نۆۋەتلىك تۇران قۇرۇلتىيىدا ئاييۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنىڭ سەھنىگە تىكلىنىشى، ئاييۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنىڭ پاراتتىن ئۆتۈشى، د ئۇ ق ۋەكىللىرىنىڭ قۇرۇلتايغا قاتنىشىشى توسالغۇغا ئۇچرىغان.

يانۇش ۋە ئۈمىد ئاگاھىنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، د ئۇ ق ۋەكىللىرىنىڭ تۇران قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە قازاقىستان ۋەكىللىرىنى ئۈندەككە كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر بايرىقىنىڭ تۇران قۇرۇلتىيىدا سەھنىگە قادىلىشىنى قازاقلارنىڭ قولى ئارقىلىق توسۇشنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان.

ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولۇۋاتقان ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى نەزەرگە ئېلىپ، تۇران قۇرۇلتىيىنى تەشكىللەۋاتقان تۇران تەشكىلاتىغا د ئۇ ق ۋەكىللىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تۇران قۇرۇلتىيىغا كېلىشىنى چەكلەشكە ۋە تەكلىپ قىلماسلىققا بۇيرۇغان. تۇران تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئاندىرىئاس دۆلەتنىڭ بېسىمى بىلەن رەسمىي رەۋىشتە د ئۇ ق ۋەكىللىرىنى تەكلىپ قېلىشقا ئامالسىز قالغان. چۈنكى، ھەر قېتىملىق تۇران قۇرۇلتىيىنى دۆلەت مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى 3 مىليون ياۋرودىن ئارتۇق پۇل بىلەن قوللاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ پۇلدىن قۇرۇق قېلىش، يۈزمىڭلارچە ئىنسان قاتنىشىدىغان تۇران قۇرۇلتىيىنى ئاقسىتىشتىن دېرەك بېرەتتى.

نەتىجىدە، 2012-يىلى د ئۇ ق ۋەكىللىرى تۇران قۇرۇلتىيىغا رەسمىي رەۋىشتە تەكلىپ قىلىنمىغان. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى ميۇنخېن شەھىرىدىن بىر سەنئەت ئۆمىكىنى تەشكىللەپ، بۇ قېتىمقى تۇران قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ۋە سەھنىلەردە چاڭ چىقارغان.

تۇران تەشكىلاتى 2012-يىلىدىن باشلاپ، چارىسىز قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ رەسمىي ۋەكىلى سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىش يولىنى تۇتقان. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مۆتىۋەرلىرىدىن ۋاققاس ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ۋەكىللەر شۇندىن ئېتىبارەن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇرۇپ ماڭغان.

ئەمما 2012-يىلىدىكى تۇران قۇرۇلتىيىدا قازاقىستاندىن كەلگەن قازاق ۋەكىللەر خىتاينىڭ ئۈمىدىگە بىنائەن، ئاييۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنىڭ تۇران قۇرۇلتىيىدا كۆزگە چېلىقىشىغا قارشى چىققان. ئۇلار «ئۇيغۇرىستان دەيدىغان دۆلەت يوق، ئۇنىڭ بايرىقىمۇ يوق» دېگەن. تىكلىنىپ بولغان بايراقنى ئالدۇرىۋېتىشكە ئۇرۇنغان. بۇ تەشۋىقات ئۇيغۇرلاردا ئەندىشە پەيدا قىلغان. ئاييۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنىڭ ھۇن-تۈرك نەسىللىك مىللەتلەر بايراقلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالالماسلىق، پارات مەيدانىدىن ئۆتكۈزۈلمەسلىك ئەندىشىسى پەيدا بولغان.

ئۈمىد ئاگاھى ۋە ميۇنخېن ھەم قازاقىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللىرى قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرگەن. «تۇران قۇرۇلتىيىدا ئاييۇلتۇزلۇق كۆكبايراق بولمايدىكەن، ئۇيغۇرلارمۇ بولمايدۇ» دەپ قاتتىق شەرت قويغان. تۇران تەشكىلاتى تەڭلىكتە قالغان. چۈنكى، قازاقىستانمۇ تۇران تەشكىلاتى ۋە تۇران قۇرۇلتىيىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاپ كېلىۋاتقان بىر دۆلەت ئىدى. تالاش تارتىش شۇنىڭ بىلەن باشلانغان. «ئۇيغۇر دېگەن كىم؟ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇران قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش ھوقۇقى بارمۇ-يوق؟ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆكبايقنىڭ بۇ يەردە قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇش ھەققى بارمۇ-يوق؟ تۇران قۇرۇلتىيىنىڭ مەقسىتى زادى نېمە؟».

تۇران قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى، ۋېنگىرىيە ئاقسۆڭەكلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ھونلارنىڭ ئاخىرقى پادىشاھىنىڭ ئەۋلادى بولغان ئۇيغۇر مەستانىسى يانۇش ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇران قۇرۇلتىيىنىڭ غايىسىنى بەلگىلىگۈچىلەر «تۇران»نىڭ ئەسلى ماكانى، ئەسلى ئەجدادى ئۇيغۇر بولغانلىقىنى، ئۇيغۇرسىز تۇران قۇرۇلتىيىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولماسلىقتەك رېئاللىقنى بىلىشەتتى. ئۇلار دەرھال بىر قارارغا كېلىپ، تۇران قۇرۇلتىيىدىن ئاييۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنى ئايرىپ تاشلاشنىڭ، تۇران قۇرۇلتىيىغا زىيانكەشلىك قىلىش بىلەن باراۋەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھەمدە كۆكبايراقنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.

لېكىن ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئاجىز ئورۇندا تۇرۇۋاتقان ۋېنگىرىيە دۆلىتىنىڭ ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن خىتاينىڭ شەرتلىرىگە كۆنۈش ئېھتىمالى ھەر زامان مەۋجۇت ئىكەن. بىراق ئۆز ھاكىمىيىتىدىن داۋاملىق نارازى ھالەتتە ياشاۋاتقان ۋېنگىرىيە خەلقى، ئۇيغۇرلارنى باشقىچە بىر مېھرى-مۇھەببەت بىلەن باغرىغا باسىدىكەن.

2014-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋېنگرىيەدىكى پائالىيەتلىرى يەنە بىر قېتىم قاتتىق توسقۇنلۇققا ئۇچراپلا قالماي، ۋېنگىرىيە مەتبۇئاتلىرىنى لەرزىگە كەلتۈرگەن بىر ۋەقە يۈز بەردى. ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى «تېررورىست» بەتنامى بىلەن تۇتۇپ كېتىلدى. دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىن كەلگەن 30 غا يېقىن ئۇيغۇر ياش ئاتىللا مېھمانخانىسىدا قورشاۋغا ئېلىندى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/turan-qurultiyi-08162016163119.html

Share
935 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.