logo

trugen jacn

ئامېرىكىلىق مۇخبىر پەگىي پاركىر ۋەتىنىمىزدە 1-2

 

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

پەگىي پاركىر ۋە دوگلاس مەككىرنىن ئۈرۈمچىدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ئالدىدا.1947-يىلى

 

ئىلاۋە: ئامېرىكالىق ژورنالىست پەگىي پاركىر (Pegge Parker) نىڭ ئەسلى ئىسمى مارگىرىت لايىنس (Margaret Lyons) بولۇپ، ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە شىتاتىنىڭ خەررىسبۇرگ شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1947-يىلى مۇخبىر بولۇپ ئۈرۈمچىگە كەلگەن ۋە ئەينى چاغدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ غوللۇق رەھبەرلىرى بىلەن بىۋاستە ئالاقىدە بولغان. ئۇ يەنە 1947- يىلى ئىيۇلدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى جايلاشقان غۇلجا شەھىرىنى بىر نەچچە كۈن زىيارەت قىلغان. بۇ جەرياندا مۇئاۋىن رەئىس ھاكىمبەگ خوجا قاتارلىق مۇھىم سىياسىي ئەربابلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، خاتېرىلەر يازغان. پەگىي پاركىر ئۈرۈمچىدە تۇرغان چاغلىرىدا تۇنجى يولدىشى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن كونسۇلى، شۇنداقلا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يادرو بومبىسى تەتقىقات ۋە مەشغۇلاتلىرىنى كۈزىتىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن مەخسۇس خادىمى دوگلاس مەككىرنىن (Douglas Mackiernan) بىلەن تونۇشقان ۋە تۇرمۇش قۇرغان. دوگلاس مەككىرنىن 1950-يىلى 29-ئاپرېل كۈنى ۋەزىپىسىنى تاماملاپ تىبەت ئارقىلىق ھىندىستانغا قايتىۋاتقاندا، تىبەت چېگرا ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇ ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى 1947-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان ۋەزىپە ئۈستىدە قۇربان بولغان تۇنجى مەخسۇس خادىم بولۇپ، 2000-يىلىغا كەلگەندە مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئۇنى خاتېرىلەپ قۇربان بولغانلار خاتېرە تېمىغا مەخسۇس يۇلتۇز ئويغان. پەگىي پاركىر 2008-يىلى 89 يېشىدا ئامېرىكا نەبرەسكا شىتاتىنىڭ ئوماخا شەھىرىدە كۆز يۇمغان. ئۇنىڭ خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىش جەريانىدا يازغان كۈندىلىك خاتېرەلىرى ئۇنىڭ ئىككىنچى يولدىشى جون خلاۋاچېك (John Hlavacek) تەرىپىدىن تەھرىرلىنىپ، «خىتايغا ماڭغان يەلكەنلىك كېمە» (Slow Boat to China) دېگەن نامدا كىتاب بولۇپ نەشىردىن چىققان. سىز ئوقۇش ئالدىدىكى بۇ خاتېرىلەر شۇ كىتابنىڭ «خىتاي-سىنكياڭ (شىنجاڭ)» ناملىق بابىدىن تەرجىمە قىلىنىپ تەييارلاندى.


1947-يىلى 4-ئىيۇل

دېرىزەمنىڭ سىرتى تۈرلۈك-تۈمەن ئاۋازلارنىڭ جەمگاھى ئىدى.  ياغاچچىلار ۋەسۇۋاقچىلار ئۇيغۇر، روس ۋە خىتاي تىللىرىدا سۆزلەشكەنچە بىر ئامبارنىڭ ئىشىكىنى ئوڭشاۋاتاتتى. بىز تۆتىمىز ۋىكترولانىڭ «يىگىتىم» ناملىق مۇزىكىسىغا جۆر بولغاچ، يىراقتىن «تاتاتات» قىلىپ ئاڭلىنىۋاتقان ئاپتومات مەشىقىنىڭ ئاۋازى بىلەن ناشتىغا ئولتۇردۇق. مەن ئامېرىكا كونسۇلى پاكستون ئەپەندىگە «4-ئىيۇل بايرىمى ئۈچۈن تولىمۇ گۈزەل بىر كۈن بولىدىغان بولدى» دېدىم. كونسۇل ئەپەندى جاۋابەن «قانداق بولاركىنتاڭ. تۆنۈگۈن كەچ سائەت 11 بىلەن كومېسسار لىيۇۋ زىروڭ ماڭا كۆپ قىسىم ئۇيغۇر سىياسىي رەھبەرلىرىنىڭ بۈگۈنكى زىياپەتكە داخىل بولالمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ مەركىزى ھۆكۈمەت تەيىنلىگەن ئۆلكە رەئىسى ۋە بۈگۈنكى مېھمانلارنىڭ بىرى بولغان مەسئۇد سابىرىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش ھەققىدە مۇھىم بىر يىغىنى بار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى» دېدى. پاكستون ئەپەندى ناھايىتى ئاچچىقلىنىپ لىيۇۋ زىروڭغا «ئۇلار كەلمىسە ئامېرىكا ئەلچىخانىسى تولىمۇ رەنجىيدۇ، بىز سىلەرنى كەچلىك زىياپەت ئۈچۈن ساقلايمىز» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. لىيۇ زىروڭ مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول باشلىقلىرىدىن گېنىرال جاڭ جىجۇڭغا تېلىفون قىلغان ئىكەن. گېنىرالمۇ ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى كېلىشى كېرەكلىكىنى قوللاپتۇ. كېيىن نېمە ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى كۆرۈش تولىمۇ قىزىقارلىق ئىدى.

1947-يىلى 5-ئىيۇل

ئۈرۈمچىدىكى سوۋېت كونسۇلخانىسى

ئاھ، تەڭرىم. تا ھازىرغىچە ئىچىمنى بۇنچىلىك ئازاب ۋە قورقۇنچ چىرماپ باقمىغان ئىدى. مەن تېخى ھازىرلا ھاياتىمدىكى ئەڭ قاباھەتلىك ۋە باش ئاغرىتىدىغان زىيارەتنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلدىم. كالتە پەملىكىمدىن كېلىپ چىققان ئوڭايسىز بىر ئەھۋال ئىچىدە ئۆزۈمنى تەجرىبىسىز ۋە دىتسىز ھېس قىلغانلىقىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى توختىماي ئەيپلىدىم. مەن ئۆتكەنكى تۆت سائەتنى ئۆز قولۇم بىلەن سېكونت-سېكونتلاپ قايتۇرۇپ كەلسەم دەپ ئۈمىد قىلىپ كەتتىم. مەن سوۋېت كونسۇلخانىسىغا بېرىپ، تۇرقىدىن يۈك ماشىنىسى شوپۇرىغا ئوخشايدىغان، كاتەك كۆزەينەكلىك ۋە تاماكىنى فىرانسۇز ئاپاچى ھىندىئانلاردەك چېكىدىغان سوۋېت باش كونسۇلى ساۋلىيېۋنى زىيارەت قىلغان ئىدىم. تەرجىمانلىققا ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ۋە گېنىرال سۇڭ شىلىيەننىڭ باش شىتابىنىڭ تەرجىمانى بولغان قىرقىم چاچلىق خىتاي يىگىتنى ئېلىۋالدىم.

 

تەرجىمان كۇۋاڭ ۋە مەن سارايلاردەك چوڭ، يېپىشقاق سىرلىرى چۈشۈشكە باشلىغان ۋە ئامبارلاردەك سەرەمجانلاشتۇرۇلغان كونسۇلخانا ئالدىغا ماشىنا بىلەن يېتىپ كەلدۇق. قارىماققا دېھقانلارغا ئوخشايدىغان خىزمەتكارلار ۋە «تاۋارىش» (يولداش) خادىملار مېنى يوشۇرۇنچە قىزىقىش بىلەن كۈزەتكەنچە ئۇيان-بۇيان ئۆتۈپ تۇراتتى. مەن ئەندىكىپ كەتكەن ئىدىم. گەرچە ئۆزۈمنىڭ ناھايىتى قىيىن ۋە خۇش كەيپىيات ئىچىدىكى بىر قېتىملىق زىيارەتكە تولۇق تەييار ئەمەسلىكىمنى بىلسەممۇ، كۈنلىرىم ھېچكىمنى زىيارەت قىلماستىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. بىز پېتىدىن چۈشۈپ كەتكەن بىر پارچە گىلەم سېلىنغان، تام قەغەزلىرى ئۆڭۈپ كەتكەن ۋە سىتالىن، لېنىن ۋە باشقىلارنىڭ باش سۈرەتلىرى ئېسىلغان ئۇسۇل زالى چوڭلۇقىدىكى بىر ئۆيگە باشلاندۇق. ساۋلىيېۋ بىر تال تاماكىنى تۇتاشتۇرغانچە ئۇدۇلۇمغا كېلىپ ھەر قانداق ئەھۋالغا تەييار قىياپەتتە ئولتۇردى. مەن ئاۋازىمنى ئىنچىكە قىلىپ گەپ باشلىدىم. ئۇنىڭ «بەيتىك ۋەقەسى»گە نىسبەتەن قانداق قاراشتا ئىكەنلىكىنى سورىدىم (تەرجىمان كۇۋاڭ ماڭا بۇ سوئالنى تەرجىمە قىلىشنى خالاپ كەتمەيدىغانلىقى ھەققىدە پىچىرلىدى). مەن چىڭ تۇردۇم. ساۋلىيېۋ جاۋابەن «ئامېرىكادىكى گېزىت ۋە ژورناللاردا بۇ ھەقتە نۇرغۇن خەۋەرلەر چىقىپتۇ» دېدى. ئۇ يەنە بۇ ھەقتە سوۋېت مەتبۇئاتلىرىدا خەۋەر بېرىلمىگەنلىكىنى، بۇ ۋەقە ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلىمەكچى بولسام، مۇناسىۋەتلىك يەرلىك دائىرىلەر (مەسىلەن، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول ئادىمى گېنىرال جاڭ جىجۇڭ)دىن سورىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتتى. بۇ مەن ئۈچۈن تولىمۇ ناچار بىر باشلىنىش بولۇپ، مەن يەنە كەلگەن يېرىمدىن داۋام قىلدىم.

 

«سوۋېتنىڭ بۇ يەردىكى پائالىيەتلىرى قانداق؟» دەپ سورىدىم. مەن يەنە ئۆزۈمنىڭ مەدەنىي ئالاقىلەر ئىشخانىسىغا بارغانلىقىمنى ۋە ئۇ جاينىڭ تاملىرىنىڭ سوۋېت سىياسىي رەھبەرلىرىنىڭ سۈرەتلىرى بىلەن بېزەلگەنلىكىنى قوشۇپ قويدۇم. ئۇ بۇ سوئالغا تومتاقراق جاۋاب بېرىپ، مېنىڭ نېمىشقا بۇنى خىتاي دائىرىلىرىدىن سورىمىغانلىقىمنى ئېيتتى. شۇنىڭدىن كېيىن مېنىڭ «قاتىل» سوئالىمغا نۆۋەت كەلدى-دە، ئويلىمىغان يەردىنلا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن جايلاردىكى ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ سوۋېت ۋەتەندىشى ياكى ئەمەسلىكى، ئەگەر ئۇلار خالىغاندا سوۋېت ۋەتەندىشى بولالايدىغان بولالمايدىغانلىقىنى سوراپ قالدىم. كۇۋاڭنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى ۋە چوقۇم بو سوئالنى سورىشىم كېرەك ياكى ئەمەسلىكىنى سورىدى. مەن يەنىلا چىڭ تۇردۇم. ئۇ ناھايىتى جىددىيلەشكەن ھالدا بۇ سوئالنى سوۋېت تەرەپنىڭ خىتايچە-روسچە تەرجىمانىغا ئۆرۈپ بەردى. روس تەرجىمان جۈملىنىڭ يېرىمىنى تەرجىمە قىلار قىلماس ساۋلىيېۋ ئاچچىقلانغىنىچە ماڭا ئېنگىلىز تىلىدا «نېمە ئۈچۈن بۇ سوئالنى سورايسىز؟» دېدى. ئۇ مېنى مۇخبىر ئەمەس بەلكى جاسۇس دەپ گۇمان قىلغان ئىدى. كاچاتلىرىم قىزىرىپ كەتتى. مەن ئۆزۈمنى تەستە توختىتىپ، يېنىمدىكى مۇردىدەك تاتىرىپ كەتكەن تەرجىمانغا قاراپ «ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈڭ، مەن ئۇچۇرلارنى بىۋاستە ئۆزىدىن ئالاي دەپلا بۇ سوئالنى سورىغان ئىدىم» دېدى. ساۋلىيېۋ گەپنى بۆلۈپ تۇرۇپ «بۇ ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز ساقچىخانىغا بېرىڭ!» دېدى. مەن بۇ سۆزلەرنىڭ ئامېرىكا كونسۇلىغا قانداق يامان ئاقىۋەتلەردىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى پەملەپ، يەلكەمنى قېقىپ قويۇپ بولدى قىلدىم. لېكىن ئۇ ئەكسىچە قاتتىق خاپا بولغان ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچى بالىغا چېچىلغاندەك ئاغزىنى بۇزۇشقا ئۆتتى، ۋە بۇ سوئالىمدا قارا نىيەت يوشۇرۇنغانلىقى، بىر دىپلوماتنىڭ جاۋاب بېرىشى مۇمكىن ئەمەسلىكى، شۇنداقلا مېنىڭ دېپلوماتىك قائىدىلەردىن قىلچە خەۋىرىم يوقلىقىدىن ئىزا تارتىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتىپ كايىپلا كەتتى. ئۇندىن كېيىنلا ئۇ مېنىڭ بىر مۇخبىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن كەسپىي ئىقتىدارىمدىن چالۋاقىدى ۋە مېنىڭ تېخى ياش ئىكەنلىكىم ۋە «پارلاق» ئىستىقبالىمنىڭ تېخى ئالدىمدا ئىكەنلىكىنى كىنايە قىلدى. مەن بۇ سۆزلەردىن مىڭ ئۆلۈپ مىڭ تىرىلدىم ۋە سۆھبەتنى يېنىكرەك تېمىغا يۆتكەشكە تىرىشتىم.

 

مەن ئۇنىڭغا روس تىلىدا ئۆزۈم بىلەن تەرجىمان ئېلىپ كەلگەنلىكىمدىن پۇشايمان قىلغانلىقىمنى، كېلەر قېتىم يالغۇز كېلىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئۇ روسچە ئېيتقان سۆزلىرىمنى تولۇق چۈشەنمىدى بولغاي، خاتا چۈشىنىلمەسلىك ئۈچۈن ئېنگىلىزچە تەرجىمىسىنى يۇقىرى ئاۋازدا ئوقۇپ بەردى. بۇ چاغدا تەرجىمان كۇۋاڭنىڭ يۈزى چۈشكەن بولۇپ، ماڭا توختىماي «ئەمدى ماڭايلى» دەپ پىچىرلايتتى. مەن ئورۇندۇقنىڭ قىرىغا كېلىپ ئولتۇردۇم، ئەمما سوۋېت تەرەپ سۆھبەتنى توختىتىش توغرىسىدىكى بۇ سېگنالىمنى قۇبۇل قىلمىغان ئىدى. ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەش ئۈچۈن ئۇ يەنە ماڭا مۇخبىرلىق ھەققىدە مەسلىھەت بېرىشكە ئۆتتى. «سىز ئەڭ ئاۋۋال مېنى زىيارەت قىلىش بىلەن تەڭ پۈتۈن تاكتىكىلارنى خاتا ئىشلەتتىڭىز. ئەسلى سىز باشقا بارلىق كىشىلەرنى زىيارەت قىلىپ بولۇپ، ئاندىن مەندىن سوئال سورىسىڭىز توغرا بولاتتى» دېدى ساۋلىيېۋ. مېنىڭ پەس ئاۋازدا «باشقا بارلىق كىشىلەر بۈگۈن يىغىنغا كېتىپتىكەن» دېگىنىمنى ئاڭلىغان ساۋلىيېۋ بۇ سۆزنى ھاقارەت دەپ بىلگەن ئىدى. ھە، مەن باشقا ھەممە كىشى ئالدىراش بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇنىڭ ئالدىغا كەپتىمەندە؟! بۇ چاغدا تامغا ئېسىقلىق سۈرەتتىكى سىتالىننىڭ بۇرۇتىنىڭ كەينىگە مۆكۈۋالغىم كېلىپ كەتتى. مەن شۇنچىلىك ئوسال ئەھۋالدا مىكروبتەك كىچىكلەپ كەتكەن ئىدىم. كونسۇلخانىغا قايتقاندىن كېيىن، كۇۋاڭ رەنجىگەنلىكتىن ھېچ ئۈندىمەي تۇرىۋالدى. ئەلۋەتتە، مەنمۇ ئۇنىڭ ئۆلكىلىك شىتابقا ئاچچىق بىلەن تولغان بىر دوكلات سۇنىدىغانلىقىنى سېزىپ تۇراتتىم. مەن سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىنى تولۇقى بىلەن كونسۇل پاكستونغا يەتكۈزدۈم. ئۇ بۇ كۈنلەردە تۈرلۈك ئەھۋاللارنى كېلىشتۈرۈپ، ئۇستا دېپلوماتلىق رولىنى ئويناۋاتاتتى. ئۇ كېيىنكى قېتىم ۋەتەنداشلىق توغرىسىدا سوۋېت دېپلوماتلىرىدىن سوئال سورىغاندا، بىر قانچە مەنبەلەرنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنى گۇماندىن خالىي قىلىشىمنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

 

مەن يېقىندا سىتالىن ۋە گېنىرال جورج مارشال ئوتتۇرىسىدا ئۆتكەن موسكۋا يىغىنىنىڭ مەزمۇنىنى ئانچە-مۇنچە تەخمىن قىلدىم. راستىمنى ئېيتسام، شۇ قېتىمقى 4-ئىيۇل بايرىمى (ئامېرىكا مۇستەقىللىق كۈنى)، يەنى بىر قېتىملىق ئىنقىلابنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان بايرام چىش-تىرنىقىغىچە قوراللانغان مۇھاپىزەتچىلەر ۋە ئەسكەرلەر بىلەن قورشالغان ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدا، ھازىرقى زاماندىكى داڭدار ئىنقىلاب رەھبەرلىرى ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەر بىلەن بىرگە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. ئەڭ ئاۋۋال كەلگەن مېھمان بولسا يۇمىلاق يۈز، بېرمادا تەربىيلەنگەن، ئۆلكىنىڭ قابىل ھەربىي رەھبەرلىرىدىن سۇڭ شىلىيەن بولۇپ، ئايالىنى ئالماي يالغۇز كەلگەن ئىدى. ئاندىن كېيىن بەللىرى سەل پۈكۈلگەن، ئاق چاچلىق مەسئۇد سابىرى، يەنى گومىنداڭ قوللايدىغان ئۆلكە رەئىسى كىرىپ كەلدى. ئۇ قارىماققا پېنسىيەگە چىققان خۇشخۇي بىر ۋىرجىنىيەلىك پولكوۋنىكنى ئەسلىتەتتى. ئاندىن كېيىن سوۋېتلىكلەر، يەنى مەن «روس بوۋىيىم» دەپ ئاتايدىغان باش كونسۇل ۋە ئۇنىڭ نازاكەتلىك ۋە كۆڭلى يۇمشاق ئايالى كېلىشتى. باش كونسۇلنىڭ خانىمى مارجان تۇتۇلغان ئاق ياقىلىق، قارا رەڭلىك دۇخاۋا كۆينەك كىيىۋالغان بولۇپ، يېنىمدىكى ئورۇندا ئولتۇردى. ئۇنىڭ قولىدا ئانىسى ياكى مومىسى تەرىپىدىن تىكىلگەن مارجان تىزىلغان چاققانغىنە ئاق سومكا بار ئىدى. «ئۇ ماڭا بۇ سومكىنى بېرىپ، بۇنى يېنىڭىزدا ساقلاپ، مېنى ئەسلەپ تۇرۇڭ دېگەن ئىدى. ئويلىساملا كۆڭلۈم بۇزۇلىدۇ» دەيتتى كونسۇل خانىمى. تېخىمۇ كۆپ مېھمانلار يېتىپ كېلىشكە باشلاپ، بۇ ئىچكۈسىز يىغىلىشنىڭ تۈسى ئۆزگىرىشكە باشلىدى. ئەرلەر تاماكا چېكىشتى. ئاياللار بولسا ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن ئاياللارچە پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشتى. بەختىمگە يارىشا مەن ۋە باش كونسۇل خانىمى ئىككىمىز رۇسچە پاراڭلىشىپ، ئۆزىمىزگە خاس بىر غەيۋەت بۇلۇڭى قۇرۇۋالغان ئىدۇق.

ئەخمەتجان قاسىمى، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋە مەسئۇد سابىرى بايقوزى

 

ۋاقت ئۆتىۋەردى ۋە ئۇيغۇر قوزغىلاڭ رەھبەرلىرىنىڭ يەنىلا قارىسى كۆرۈنمىدى. مەسئۇد سابىرى تولىمۇ چېچىلىپ كەتتى. ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىر خىتاي رەھبىرى ماڭا قورسىقىنىڭ ئاچقانلىقىنى ئېيتىپ تۇرغان چاغدىلا ھەممە ئورۇنلىرىدىن قوزغىلىپ كېتىشتى، ۋە قىسقا ۋە ئىنچىكە بۇرۇت قويغان، خۇمار كۆزلۈك، ھالرەڭ گۈل كەشتىلەنگەن يېشىل دوپپا كىيىۋالغان ياشراق بىر يىگىت كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭغا غەربچە كاستۇم-بۇرۇلكا تولىمۇ ياراشقان بولۇپ، ئۇ روسچىمۇ بىلەتتى. ئۇنىڭ ئارقىدىن ئۇزۇن ئۆرۈمە چېچى كەينىگە چۈشۈپ تۇرغان، بۇغدايئۆڭ كەلگەن ئايالى كىردى. ئۇ قېنىق يېشىل رەڭدىكى ئادەتتىكىچە بىر كۆينەك كىيىۋالغان بولۇپ، قولىدا كىچىك خۇرۇم سومكا تۇتىۋالغان ئىدى. تۈركىي خىزمەتچى پەقەتلا گەپ قىلمىدى. ئۇ يا خىتايچە، يا روسچە، ياكى ئېنگىلىزچە بىلمەيتتى. بىز ئاخىرى سائەت ئونلار بىلەن كەچلىك تاماققا ئولتۇردۇق ۋە ئورۇنلىرىمىزنى تەستە تاپتۇق. ئۈستەل ئۈستىگە خىتايچە ئىسىملار يېزىلغان كارتىلار قويۇلغان ئىدى. مەن دېھقان سۈپەت ۋە كەمسۆز سوۋېت كونسۇل ئورۇنباسارى ۋە غەربىي شىمال مەھكىمىسىنىڭ خاس كاتىپى بولغان خىتاي كىشىنىڭ سۈرىتىنى سىزىۋالدىم. سۇ ئارىلاشتۇرۇلغان شەربەتلەر قىزىل ھاراق ئورنىدا قۇيۇلغان بۇ ئۇزاق زىياپەت ئادەمگە نىسبەتەن بىر سىناق ئىدى. غىزادا روسچە تاماقلار ئاساس بولۇپ، بىز قوشۇق سالغۇچە سوۋۇپ بولغان ئىدى. تاماق ئاخىرىدا پاكستون ئەپەندى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئۈچۈن قەدەھ كۆتۈردى. ئۇنىڭ سۆزلىرى كۇۋاڭ تەرىپىدىن ئېنگىلىزچىگە، خىتايغا مائىل ھۆكۈمەت خادىمى ئۇيغۇر ئەيسابەگ تەرىپىدىن تۈركىي تىلغا تەرجىمە قىلىپ بېرىلدى. ئاندىن كېيىن بىز تولىمۇ ئادەتتىكى بىر ماركىلىق شامپاننى كۆتۈرىۋەتتۇق. دالان ئۆيدە قەھۋە تارتىلدى ۋە مەن قوزغىلاڭچىلار رەھبىرى- مۇئاۋىن رەئىس ئەخمەتجاننىڭ يېنىدا ئولتۇرۇشقا نائىل بولدۇم. ئۇ تولىمۇ ئەستايىدىل كىشى ئىدى. مەن يېنىكرەك تېمىدا گەپ باشلاش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن «سىزنى سۆيىمەن» دېگەن جۈملىنى تۈركىي تىلدا قانداق دەيدىغانلىقىنى سورىدىم. ئۇ گېلىنى قېقىپ قويۇپ ماڭا ئېيتىپ بەردى. ئۇنىڭ رەقىبى ئەيسابەگ بىر ياندا ئاڭلىغاچ ۋە كۈلگەچ ئولتۇردى. سورۇندىكى روسچە بىلىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن بۇ سۆھبەت خېلى كۆپ پىچىرلاشلارغا سەۋەپ بولغان ئىدى.

 

1947-يىلى 7-ئىيۇل

مەن تېخى ھازىرلا قوزغىلاڭ رەھبىرى ئەخمەتجاننى زىيارەت قىلدىم. ئۇ جۇغى كىچىكرەك، خۇشپېئىل بىر كىشى بولۇپ، يېشىل رەڭلىك دۇخاۋا دوپپا كىيگەن ۋە غەربچە قارا كاستومىنىڭ مەيدە يانچۇقىغا «پاركىر» ماركىلىق سىياھ قەلەم قىستۇرىۋالغان ئىدى. زىيارەت ئۈچۈن مەن تولىمۇ رەڭدار ۋە ئىللىق بىر ئۆيگە باشلاندىم. ئورۇندۇقلار ئاق رەڭلىك رەختلەر بىلەن قاپلانغان، ئىككى دېرىزە ئارىسىدا ئادەمبويى فىرانسۇزچە سىن ئەينەك قويۇلغان ئىدى. قارشى تەرەپتىكى تامغا كارىۋات ياپقۇچ چوڭلۇقىدىكى قىزىل رەڭلىك يېپەك بايراق ئېسىلغان بولۇپ، ئۈستىدە تەخمىنىمچە ئىلى قوزغىلىڭى ھەققىدىكى كۈلرەڭ خەتلەر ۋە قوزغىلاڭچىلارنىڭ دۆلەت گىربى (ئاي يۇلتۇز) چۈشۈرۈلگەن ئىدى.

 

مەن بۇ زىيارەت ئۈچۈن تەرجىمان ئېلىپ كەلمىگەن بولۇپ، ئەخمەتجانمۇ تەرجىمانسىز ئىدى. مەن سۆھبەتكە ئۆزۈم ئۈچۈن ئېنگىلىزچە-رۇسچە، ئەخمەتجان ئۈچۈن رۇسچە-ئېنگىلىزچە ئىككى پارچە لۇغەتنى يېنىمدا ئېلىپ كەلدىم. بىرىنچى سوئالنى مەن ئۇنىڭغا رۇسچە يېزىپ بەردىم. ئۇ بولسا جاۋابىنى تۈركىيچە يازدى. بۇ جاۋاب ئاۋۋال خىتايچىغا، ئاندىن خىتايچىدىن ئېنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلىندى. مەن ئۇنى ئۈچ پارچە سۈرەتكە تارتتىم، ئۇمۇ مېنى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ھالىتىمدە ئۈچ پارچە سۈرەتكە تارتتى. مەن ئۇنىڭدىن ئىلىغا بېرىشىمغا بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى سورىغاندا ئۇ «ھەئە، ئەلۋەتتە بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى. مېنىڭ بىردىنبىر قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىقى ۋەكىلى بولغان ۋە ئۈچ بالىسى موسكۋادا ئوقۇۋاتقان لىيۇۋ زىروڭنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىم ئىكەن. مەن ئەخمەتجاندىن ئۆزىنى يەنە بىر پارچە سۈرەتكە تارتىشىمنى سورىغىنىمدا ئۇ خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولدى. بىز ئۇنىڭ ھويلىسىغا چىققىنىمىزدا قاتار-قاتار تىزىلغان، سالاپىتىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرلارغا ئوخشايدىغان تۈركىي ئەسكەرلەرنى كۆردۇق. ئۇلارنىڭ قىرلاپ كىيگەن فورمىلىرى ۋە ئۆتۈكلىرىدىن قۇيۇق روسچە پۇراق چىقىپ تۇراتتى. بىز چاي ئىچىۋاتقاندا مەن روس تىلىدا ئۇنىڭدىن  مۇزىكىنى ياخشى كۆرىدىغان كۆرمەيدىغانلىقىنى سورىدىم. ئۇ «مۇزىكىنىمۇ؟ ئوھۇي، ئەلۋەتتە ياقتۇرىمەن» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ يەنە ماڭا ئاپتىن سىنكلەير (Upton Sinclair) نىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇغانلىقىنى، لېكىن ئېدگىر سنوۋ (Edgar Snow) ۋە جون ستېينبېك (John Steinbeck) ھەققىدە ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى ئېيتتى.

 

مەن تېخى ھېلىلا بىرلەشمە ئاگېنتلىق ئۈچۈن تۇنجى ماقالەمنى تەييار قىلدىم-دە، سىرتقا چىقىپ كىردىم. كۇۋاڭ چاقماق تېزلىكىدە ئۆيۈمگە كىرىپ، مەن يازغان ماقالىنى ئوقۇپتۇ. ئەلۋەتتە، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ماختايدىغان ماقالە ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ھەقتە ئېقىتماي-تېمىتماي يەنە بىر دوكلات يازىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم.

 

مەن ۋە كونسۇلخانىدا بىر قانچە ۋەزىپىلەرنى ئالغان پودپولكوۋنىك دوگلاس مەككىرنىن ئىككىمىز بىزگە كەلگەن بىر ئۇچۇرنى تەپسىلىي ئېنىقلاش ئارقىلىق يېڭى بىر خەۋەرگە يىپ ئۇچى تاپتۇق. قارىغاندا بىر مۇسۇلمان تۈركىي كىشى بۇلانغان ۋە تاياق يېگەن ئىكەن. قانداقلا بولىمسۇن، تۈرلۈك ئۇچۇرلار بۇنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان تېرورلۇق ئويۇنى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. دوگلاس ئىككىمىز كەچقۇرۇن شەھەر سىرتىدىكى گۇگۇم ۋە  شەپەق نۇرى تۆكۈلۈپ تۇرغان كوچىلىرىدىن بىرىدە سەيلە قىلىپ ماڭدۇق. ئىشەك كارۋانلىرى ۋە ئاتلىق تۈركىي ئائىلىلەر يېنىمىزدىن بىزگە ھارغىن نەزەرلىرىنى سېلىپ ئۆتۈپ تۇراتتى. دوگلاس يېنىدىن بەتلەنگەن تاپانچىنى ئايرىمايتتى. چۈنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بىر ئامېرىكىلىقنى قەستلەپ، بۇنى قوزغىلاڭچىلارغا ئارتىپ قويۇش ئىنتايىن ياخشى سىياسىي تاكتىكا ئىدى. دوگلاس مېنىڭ كېيىنچە بۇ يوللاردا ئۆزۈم يالغۇز يۈرمەسلىكىمنى جېكىلىدى. چۈنكى، ئادەم ئۇرۇش ھەر كۈنى دېگۈدەك، ھەتتا كۈپكۈندۈزدىمۇ يۈ بېرىۋاتاتتى.

 

 

1947-يىلى 8-ئىيۇل

قارىغاندا مەن پۈتۈن جاھانكەزدىلىكىم ئىچىدىكى ئەڭ ھاياجانلىق بىر سەپەرگە ئاتلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئوخشايمەن. بۈگۈن ھېلىقى ماڭا تۈركچە «سىزنى سۆيىمەن» دېيىشنى ئۆگىتىپ قويغان ۋە بۇرۇن ئوقۇتقۇچى بولغان ئىنقىلابچى (ئەخمەتجان قاسىمى) ماڭا ئۈچ پارچە شىنجاڭنىڭ سوۋېت چېگراسىغا يېقىن ئىلى-غۇلجىغا كىرىش رۇخسەت خېتىنى بەردى. مەن ئاۋۋال خىتاي-سوۋېت ھاۋا يوللىرىنىڭ ئايروپىلانى بىلەن،كېيىن بولسا ۋەزىيەت جىددىي بولغانلىقى سەۋەبلىك جىپ ماشىنىلار ئارقىلىق مەنزىلىمگە ئۇلاشقۇدەكمەن (تولىمۇ قىزىقارلىق،-ھە؟). ماڭا تۇنجى ئۈلۈش خەۋەر ئۆلكىلىك ھەربىي كوماندىردىن، يەنى گېنىرال پاتتوننىڭ خىتايچە نۇسخىسىدىن كەلدى. ئۇ ماڭا ئۆلكىلىك مەسلىھەت كېڭىشى (يەرلىك ھۆكۈمەت)نىڭ ئۇزۇن مۇددەت كېلىشەلمەسلىك ئىچىگە سولىنىپ قالغان بارلىق سۆھبەتلەرنى توختاتقانلىقىنى ئېيتتى. گېنىرال تولىمۇ سىلىق-سىپايە ۋە كېلىشكەن بولسىمۇ، مەن رايىشلارچە ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ، ئۈمىد كۈتۈپ ئولتۇرمايتتىم. مەن بىر چۈشتىن كېيىن ئولتۇرۇپ، ئۆلكىلىك مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ھەقىقەتەن خىزمىتىدىن توختىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈش مەقسىتىدە قوزغىلاڭچى ئەخمەتجانغا روسچە خەت تەييارلىدىم. مەن ئۈچ پارچە لۇغەتتىن پايدىلانغان بولساممۇ، نۇرغۇنلىغان خاتالاردىن خالىي بولالمىغان بولسام كېرەك. ئەمما مەن خەتنى ئەخمەتجانغا ئېلىپ بارغان ۋاقتىمدا ئەخمەتجان ئۆيدە بولۇپ، مەن بىلەن كۆرۈشۈشنى تولىمۇ خالايدىغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. ئۆزگىچە تىكىلگەن ئاق كۆينەك، قىرلاپ دازمال سېلىنغان ئىشتان ۋە يېشىل رەڭلىك مۇسۇلمانچە دوپپىسى بىلەن ئۇ تولىمۇ سالاپەتلىك بىر ياش قوزغىلاڭچىدەك كۆرۈنەتتى. ئۇ خەتنى ئوقۇۋاتقان چېغىدا مەن يېزىقچىلىقتىكى خاتالىقلىرىم ھەققىدە پىچىرلاپ ئەپۇ سورىغاچ تۇردۇم. مەن قايتىۋاتقان چاغدا ئۇ ناھايىتى چاققانلىق بىلەن رۇسچە «بىر مىنۇت، سىزگە بېرىدىغان نەرسەم بار ئىدى» دەپ ئۈلگۈردى. ئۇ ماڭا ئوچۇق كۆڭ رەڭلىك لىپاپقا سېلىنغان، تۈركىيچە يېزىلغان ئۈچ پارچە خەتنى ئۇزاتتى. مەن ھاياجاندىن ئايلىنىپ چۈشەيلا دېدىم، چۈنكى كېيىنكى نۆۋەتلىك سوۋېت ئايروپىلانىنىڭ پەيشەنبە كۈنى كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم. ھازىرچە مۇشۇ جايدا توختىتىشىم كېرەك، قايتىپ كېلىمەن.

 

1947-يىلى 10-ئىيۇل

دىخۇادا بۈگۈن 96 گرادۇس (فاھرىنھايت). مەن يېقىندىن بۇيان دوپپا سېتىۋىلىش بىلەنلا بولدۇم. قارا، قىزىل، يېشىل، ھەتتا ئالما ئۇرۇقى ۋە ئالتۇنرەڭ يىپلاردىن تىكىلگەن نەپىس مۇسۇلمانچە دۇخاۋا دوپپىلارنىڭ ھەر بىرى 40 سېنت ئالتۇن ئىدى. بازارنى تېپىش ئۈچۈن بىز جىپ ماشىنىسى بىلەن غول يولدىن ئايرىلىپ، قۇشخانىلارنىڭ ئەتراپىدىكى يوللارنى يىلانباغرى ئايلىنىپ يۈردۇق. قۇشخانىلارنىڭ ئىشىك ئالدىدا كالىنىڭ ئىچ باغرلىرى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئاينىتىدىغان ھالەتتە تۆمۈر ئىلمەكلەرگە ئېسىقلىق بولۇپ، ئۈستىگە ئاپتاپ ۋە توپا چاڭ چۈشۈپ تۇراتتى. قاراڭغۇ ۋە تولىمۇ ئاددىي دۇكانلاردا يۈز كۆزىگە قورۇقلار چۈشكەن، ساقال-بۇرۇتلىرى مايلاشقان، خۇشخۇي تۈركىي كىشى دوپپا سېتىۋاتقان بولۇپ، ئۇ باھا تالىشىشقا تولىمۇ ئامراق ئىدى.

ناھايىتى تېزلا ئەتراپقا كىشىلەر ئولاشتى ۋە دىققەت تېزدىنلا مېنىڭدەك ئامېرىكىلىققا، بولۇپمۇ مېنىڭ كىيىم-كېچىكىمگە يۆتكەلدى. سودىنى پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن بىز خىتاي-سوۋېت ھاۋا يوللىرىنىڭ ئىشخانىسىغا، يەنى ئىنجىل دەۋرىدىن قالغاندەك كونا، لاي تاملىرى ھاك بىلەن سۇۋالغان بىر قوروغا كەلدۇق. تورۇسلىرى پەس كەلگەن، تاختايلىق پوللىرى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن بىر ئۆيدە ئارىلاش ئىرقلىق بىر رۇس ئايال ئۈستى تولۇپ كەتكەن خىتايچە ئۈستەل ئالدىدا، دېھقان چىراي بىر رۇس كاتىپ بولسا كونىرىغان ئىش ئۈستىلى ئالدىدا ئولتۇراتتى. تامغا ئېسىلغان بىر پارچە دۇنيا خەرىتىسى بۇ ئۆينىڭ قۇرۇق زىنداندەك ھالىنى ئازراق بولسىمۇ يېپىپ تۇراتتى. مەن 3 يېرىم ئامېرىكا دوللىرىلىق (350 شىنجاڭ دوللىرى) بېلىتىمنى ئېلىشىم كېرەك ئىدى. مېنىڭ رۇس شوپۇرۇم دىمىترىي تەرجىمانلىق قىلىپ بېرىۋاتاتتى. قارىغاندا دوستۇم سوۋېت باش كونسۇلى ساۋلىيېۋمۇ شۇ ئايروپىلاندا موسكۋاغا قايتىشى كېرەك بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن ماڭا بۇ ئايروپىلاندا ئورۇن يوق ئىكەن. پەمىمچە كېلەر ھەپتە كېلىشىم لازىم ئوخشايدۇ.

شۇ ئەسنادا، يەنى تۆنۈگۈن ئاخشام مەن بىر قېتىملىق سوراققا دۇچ كەلدىم. خىتاينىڭ بۇ جايدىكى بىرىنچى نۇمۇرلۇق گېنىرالى جاڭ جىجۇڭ، يەنى غەربىي شىمال باش شىتابىنىڭ قوماندانى، ماڭا كىچىكرەك ئائىلە زىياپىتى بەردى. قاتار-قاتار «دوستانە» سۆھبەتلەر ۋە تېگىدە گەپ بار چاقچاقلارنىڭ ھەممىسى تەرجىمە قىلىنىپ بېرىلسە، بۇ نېمىدىگەن ئاجايىپ سوراق،- ھە؟ بۇ گېنىرال 50 ياشلاردا بولۇپ، چۈشۈرۈلگەن چېچى، چاققان ھەرىكىتى ۋە ئالمىدەك مەڭزلىرى بىلەن كىشىگە 25 ياشدەك تەسىر بېرەتتى. مەن ئىتتىكلا بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشلارنىڭ بىر مەيدان ئويۇن ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرىدىم. مېنىڭ ئۇنى دوگ (مەن ئۇنى شەخسەن ياخشى بىلەتتىم)، پاكستون (ئامېرىكا كونسۇلى) ئەر-ئاياللار، ۋە گېنىرالنىڭ ئايالى ۋە قىزى ئالدىدا زىيارەت قىلىشىم كۈتۈلگەن ئىكەن. مېنىڭ بۇنىڭغا تاۋىم يوق بولۇپ، سوئاللىرىممۇ تەييار ئەمەس ئىدى. مەن مەقسىتىمنى توغرا چۈشەندۈرەلمىگەن بولسام كېرەك، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ھەربىي دىپلوماتى ماڭا «سىزنىڭ بۇ جايدىكى ۋە ئىلى تەرەپتىكى ئېنىقلاشلىرىڭىزغا مېنىڭ جاۋابىم شۇكى، خىتايچە بىر ماقال بىلەن ئېيتقاندا <قاغا ھەممىلا جايدا قاپقارا>» دەپ جاۋاب بەردى. مەن «ياكى ھەممىلا جايدا <قىزىل>» دەپ قوشۇپ قويدۇم. مەن ئىلى تەرەپتىكىلەرنىڭ سوۋېت ۋەتەنداشلىقى ھەققىدە سورىغاندا، ئۇ ماڭا ھەر ئون كىشىدىن يەتتسى قورقۇنچتىن ياكى ئۆز مەيلى بىلەن سوۋېت ۋەتەنداشلىقىنى قۇبۇل قىلغان دەپ كۆرسەتتى. ئۇ يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ كىشىلەرنىڭ ئەسلىدە روسىيەلىك بولۇپ (ھەم رۇسىيەلىك ھەم مۇسۇلمان)، ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەنداشلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋاتقانلىقىنى باھانە قىلماقتا ئىكەنلىكىنى دېدى. ئۇ كىشىلەرگە ياقمىغان شەكىلدە غۇلجىدا ۋولفرام كانى ئېچىلىۋاتقانلىقى، شىخۇ ۋە ئالتايدا نېفىت قېزىلىۋاتقانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى. مىلىتارىست شىڭ شىسەي رۇسىيە بىلەن ئۈلپەت چاغلىرىدا شىخۇدىن نېفىت قېزىلغان ئىدى. ئۇ روسىيە بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەندىن كېيىن، رۇسلار نېفىت قۇدۇقلىرىنى (سېمونت بىلەن؟) پىچەتلەپ، ئۈسكۈنە ۋە ئەسۋابلىرىنى يۆتكەپ كەتكەن ئىدى. نېفىت قېزىشنىڭ شۇندىن كېيىنمۇ ئىپتىدائىي ئۇسۇللار بىلەن داۋاملاشقانلىقىمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ. ھازىر بولسا ئالتايدا كەڭ كۆلەمدە كان ئېچىلىۋاتقانلىقى ۋە نېفىت قېزىلىۋاتقانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلىرىمىز بار.

بۇ خىلدىكى ھىيلە-نەيرەڭلەر بىلەن تولغان مۇھىتتا ئۈستۈن كېلىش ئۈچۈن، مەن قوزغىلاڭ رەھبىرى ئەخمەتجان بەرگەن تونۇشتۇرۇش خەتلىرىدىن بىرىنى قارا كۆزلۈك ۋە دوپپىلىق كىچىك بالىلار، توخولار ۋە بەللىرى پۈكۈلگەن خىزمەتكارلار بىلەن تولغان ھويلىدىكى ئېغىلغا ئوخشاپ كېتىدىغان لاي ئۆيلەردىن بىرىدە تۇرىدىغان، تۇرقى غەلىتە، سالام سائەتلىك، ۋىجىك بىر كىشىگە كۆرسىتىپ باققىلى باردىم. خىتايغا ماھىل بۇ كىشى 20 يىل بۇرۇن سۈرىيەدە ئېنگىلىزچە ئۆگەنگەن ئىكەن. مەن گەرچە خەتنى ئۇنىڭغا ئوقۇتۇشتىن ئەيمەنسەممۇ، بىخەتەرلىكىمگە كاپالەتلىك قىلىشنى، بولۇپمۇ ئەخمەتجاننىڭ پېچەتلەنگەن خەت ئىچىدە بىرەر نەرسە يوشۇرغان يوشۇرمىغانلىقىنى بىلىشنى بەكمۇ خالايتتىم. ئۇ ھېچنىمىنى يوشۇرمىغان ئىكەن. تۈركىي تىلدا يېزىلغان خەتتە تولۇق ھەمكارلىق قىلىش تەلەپ قىلىنىپتۇ. بۇنىڭدىن باشقا مەن زىيارەت قىلماقچى بولغان ۋە سىياسىي يۈزى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان بۇ ھاكىمىيەتكە نىسبەتەن تېخىمۇ ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولغان بولدۇم. مەن ئەسكەرلەر، قوراللار ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق لازىمەتلىكلەرنى ساناش ۋە ھەممە نەرسىلەردە ئېيىقنىڭ پەنجىسىنى (سوۋېت تەسىرىنى) ئىزدەش ھەققىدە يوليورۇق ئالدىم. مەن باشقىلار سېزىپ قېلىشتىن بۇرۇن ھېكايەمنى پۈتتۈرۈپ، ئۆزۈم بىلەن ساق ئېلىپ چىقالىساملا بولاتتىغۇ. ئاھ، تەڭرىم، نېمىدېگەن تەلەي بۇ،-ھە؟

ئامېرىكىلىق مۇخبىر پەگىي پاركىر ۋەتىنىمىزدە (2)

Share
4484 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.