logo

trugen jacn

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى بوب مېنېندېز: بۈگۈن بىز ھەممىمىز ئۇيغۇر بولدۇق

سېناتور بوب مېنېندىز ئەپەندى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا. 2019-يىلى 8-يانۋار.

ھەسى» 22‏-ماي كۈنى كېڭەش پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا ئاۋازغا قويۇلۇپ، بىردەك ماقۇللانغان. 2‏-قەدەمدە مەزكۇر قانۇن لايىھەسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئومۇمىي مەجلىسىدە ئاۋازغا قويۇلىدۇ. مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ كېڭەش پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا ماقۇللىنىشى ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ۋە كارخانىلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدىكى ئىنتايىن مۇھىم قەدەم، دەپ قارالماقتا. «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ ئىككى ۋارىيانتى بۇ يىل 1‏-ئايدا ئامېرىكىنىڭ ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىدا بىرلا ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2 مىليوندەك ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيىتى، تىلىنى چەكلىشى، كەڭ كۆلەملىك دىگىتال نازارەت سىستېمىسى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەقىب ئاستىغا ئېلىپ، ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ بارلىق ساھەلىرىنىڭ كونترول قىلىنىشىدا جاۋابكارلىقى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىنى، ئۇلارغا ياردەملەشكەن خىتاي كارخانىلارنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى نىشان قىلىدۇ. قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا «شىنجاڭ ئىشلىرى» نى ماسلاشتۇرغۇچى ئەمەلدار تەيىنلەش، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى «خەلقئارا ماگنېتسكى قانۇنى» نى يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇر ئېلى ۋە باشقا رايونلاردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە بىۋاسىتە چېتىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە پارتىيەسى ئىچىدىكى ئەمەلدارلار ھەم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە سېكرېتارى چېن چۇەنگو قاتارلىقلارغا جازا تەدبىرى قوللىنىش، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) خىتاي ئامېرىكا تۇپراقلىرىدا ئامېرىكا پۇقرالىرىغا سالغان تەھدىتلەر ھەققىدە ئالاقىدار ئورگانلارنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئىنتايىن ئەتراپلىق ھازىرلانغان، كەڭ دائىرىلىك مەسىلىلەرگە چېتىشلىق بولۇپ، ئۇنىڭ كېڭەش پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا ماقۇللىنىشى زور ئىلگىرىلەش ئىكەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفىيە رىچاردسون 23‏-ماي زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ ئەتراپلىق ۋە كەڭ دائىرىلىك مەسىلىلەرگە چېتىلىشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى نۇقتا قىلغان كەڭ دائىرىلىك بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى ئىنتايىن مۇھىم بىر قەدەم. بۇ كۆلەمدىكى بىر قانۇن بۇرۇن چىقىرىلىپ باقمىغان. بۇ جەھەتتە ئۇ تىبەت ساياھەت قانۇنى ياكى شىمالىي كورېيەگە چىقىرىلغان قانۇنلاردىن پەرقلىنىدۇ. قانۇن لايىھەسىنىڭ ھازىرقى شەكلىدە قارشى تەرەپكە ناھايىتى ئەتراپلىق ئىنكاس بىلدۈرۈلگەن. ئۇ ئېمبارگو قويۇشتىن تارتىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا تاشقى ئىشلا مىنىستىرلىقىدا مەخسۇس ئەمەلدار تەيىنلەشكىچە بولغان كەڭ ساھەگە چېتىلىدۇ. ئۇنىڭدا يەنە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ بۇ كرىزىستىكى خەلقئارا ئامىلى تەكىتلەنگەن بولۇپ، بۇ ئامېرىكا پۇقرالىرىغا ۋە ئامېرىكا كارخانىلىرىغا چېتىلغان. شۇڭا بۇ قانۇن لايىھەسى ئادەتتىكى قارار لايىھەسىگە ياكى خىتاينى تەنقىدلەپ قويىدىغان قانۇنلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ بۇ جەھەتتە ئىنكاسىنىڭ كەسكىنلىكى بىلەن گەۋدىلىنىدۇ.» 

ئانالىزچىلار ئەمدىكى مەسىلە مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ يەنە بىر ۋارىيانتىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدىكى كومىتېتلاردا ماقۇللىشىدا قالغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ رەئىسى، ئادۋوكات نۇرىي تۈركەلنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ قانۇننىڭ كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا ماقۇللىنىشى ئۇنىڭ «ئىجابىي تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتى» ئىكەن. ئۇ 23‏-ماي زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ كېڭەش پالاتا تاشقى ئىشلار كومىتېتىدىن ئۆتۈشى ناھايىتى چوڭ ئىش. 100 كېڭەش پالاتا ئەزاسىنىڭ ئىچىدىكى 34 ئەزا ئاۋاز بېرىپ، كومىتېتتىن توسالغۇسىز ئۆتۈشىنىڭ ئۆزىلا بۇ قانۇننىڭ ئىجابىي تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتى، دەپ قارايمەن. ئەمدى بۇ قانۇن 100 كېڭەش پالاتا ئەزاسىنىڭ ئاۋاز بېرىشىگە قويۇلىدۇ. بۇ ئارىدا ئاۋام پالاتاسىدا تونۇشتۇرۇلغان HR 648 نۇسخىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ 3 كومىتېتىدا كۆرۈلۈۋاتىدۇ. قانۇن لايىھەسى بۇ 3 كومىتېتتا ماقۇللانسا، ئاۋام پالاتاسىنىڭ نۇسخىسى بىلەن كېڭەش پالاتاسىنىڭ نۇسخىسى بىرلەشتۈرۈلىدىغان قەدەم باسقۇچقا كېلىدۇ.» 

نۇرىي تۈركەلنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ ئاۋام پالاتاسىدا ئىلگىرىلىشى ئاستا بولماقتا ئىكەن. ئۇ بۇنىڭغا ئاۋام پالاتاسىدا ئادەم سانىنىڭ كۆپ بولۇشى، ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىرلا ۋاقىتتا ئىككى قانۇن لايىھەسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدەك ئامىللارنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئاۋام پالاتاسىدىكى ئىككى قانۇن لايىھەسىنىڭ بىرىنى جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىت بىلەن دېموكراتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى تام سوزېي ئوتتۇرىغا قويغان. يەنە بىر قانۇن لايىھەسىنى دېموكراتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى برەد شېرمان سۇنغان. برەد شېرماننىڭ قانۇن لايىھەسى نۇقتىلىق ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن سودا قىلىشى شۇنىڭدەك بۇ رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قاتناشقان خىتاي شىركەتلىرىنى چەكلەشكە قارىتىلغان ئىدى. 

سوفىيە رىچاردسوننىڭ قارىشىچە، ئۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ يەنە بىر ۋارىيانتىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللىنىشىغا ئۈمىدۋار قارايدىكەن. ئۇ، قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا چوڭ قارشىلىققا ئۇچرىماسلىقى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. سوفىيە رىچاردسون مۇنداق دەيدۇ: «ئاۋام پالاتاسىدا ئۇلار بەزى مەسىلىلەردە مۇرەسسە قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىمەكتە. مەن قانۇن لايىھەسىنى ئاۋام پالاتاسىدا بىرەر توسقۇنلۇققا ياكى چوڭ قارشىلىققا ئۇچرايدۇ، دەپ قارىمايمەن. سىز كېڭەش پالاتاسىغا قارىسىڭىز بۇنى كۆرىسىز. ئۇلار مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاشتا بىرلىككە كەلدى. قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدىكى نۇسخىسىنىڭ كەڭ قوللاشقا ئېرىشىۋاتقانلىقى گەۋدىلىك ئىپادىلەنمەكتە. نۇرغۇن مەسىلىلەردە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالمايدىغان بۇ كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە بىر يەرگە كېلىشى ئۇيغۇرلا دۇچ كېلىۋاتقان كرىزىسىنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقتۇر.» 

«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ كېڭەش پالاتاسىدىكى ۋارىيانتىنى جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو بىلەن دېموكراتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى باب مەنەندەز سۇنغان ئىدى. ماركۇ رۇبىيو 22‏-ماي كۈنى قانۇن لايىھەسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا ماقۇللىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا غوللۇق مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارغا قارىتىلغان سىستېمىلىق ۋە مىسلىسىز كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە قولى بار خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىرىدىن ھېساب ئېلىش بەك كېچىكىپ كەتكەن ئىدى» دېگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئىككى پارتىيە ھەمكارلىقىدا تونۇشتۇرغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى› نى ماقۇللاپ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر قەدەمنى باسقان.» 

شۇ كۈنى دېموكراتىك كېڭەش پالاتا ئەزاسى باب مەنەندەز ئېلان قىلغان باياناتىدا «بۈگۈن ھەممەيلەن ئۇيغۇرمىز. خىتاي ئۇيغۇر پۇقرالىرىغا سېلىۋاتقان قورقۇنچلۇق ۋە سىستېمىلىق زۇلۇم ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىنى قەدىرلەيدىغان بارلىق ئىنسانلارغا قىلىنغان ئورتاق ھاقارەت» دېگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «بېيجىڭنىڭ شىنجاڭدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىستېمىلىق، كۆلەملىك تەقىبى ئىنسانلىقنى، ئىنساننىڭ ھاياتىنى، مىللىي، دىنىي ۋە كۈلتۇرال ئەركىنلىكنى قەدىرلەيدىغان ھەرقانداق ئادەمنى شۈركەندۈرۈشى كېرەك» ئىكەن.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq-qanuni-05232019165757.html
Share
861 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.