logo

trugen jacn

ئالتاي بۈركۈتى ئوسمان باتۇر

ئالتاي بۈركۈتى ئوسمان باتۇر
(ھىجرىيە 1316 – 1370 / مىلادىيە 1899 – 1951)

ئەسلى ئىسمى ئوسمان ئىسلام ئوغلى ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان كۈرەشلەردە كۆرسەتكەن تۆھپە ۋە قەھرىمانلىقلىرى ئۈچۈن، خەلق تەرىپىدىن «باتۇر» لەقىمى بېرىلگەن بولۇپ، خەلق ئارىسىدا «ئوسمان باتۇر» نامى بىلەن مەشھۇر بولغان.
ئوسمان باتۇر شەرقىي تۈركىستاننىڭ 19-ئەسىردىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەڭ بۈيۈك قەھرىمان مۇجاھىدى، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى قاقشاتقۇچ زەربىلەرنى بەرگەن، بۈگۈنكى كۈنلەردىمۇ ئىسمى بېيجىڭ قوۋۇقلىرىنى تىترىتىشكە يېتىدىغان پالۋانىدۇر.
ئېگىزلىكى 1.85 مېتىر كېلىدىغان، كەڭ مۈرىلىرى، يېرىم قىسماق كۆزلىرى ۋە قىسقا، توم بوينى بىلەن دۈشمەن قەلبىگە تاشقى كۆرۈنۈشى بىلەنلا قورقۇنچ سالالايدىغان ئوسمان باتۇر ئادەتتە كەمسۆز بىرى ئىدى. قانداقلا ئەھۋالدا بولمىسۇن ئۆزىگە ئىشىنەتتى.
بۇ بۈيۈك قەھرىمان تۇنجى دىنىي ئىلىمنى دىنىي ئالىم بولغان بوۋىسىدىن ئالدى ۋە ھاياتىنى كۈرەش بىلەن بىرگە تەقۋادارلىق ئىچىدە ئۆتكۈزدى. جەڭگىۋارلىقنى ئۆزىدىن بۇرۇن خىتاي بىلەن جىھاد قىلغان پالۋان بۆكە باتۇردىن ئالغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. بۆكە باتۇرنىڭ مۇنۇ سۆزى ئوسمان باتۇرنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتكەن ۋە قىيىنچىلىق ئەھۋاللىرىدا ئۈمىد بېغىشلىغان ئىدى:
«سانلىرى تەكلىماكاندىكى قۇم دانچىلىرىدىن جىق بولغان تەقدىردىمۇ، بىر كۈنى بىز كاپىرلارنى چۆلنىڭ سىرتىغا سۈرىمىز».
ئوسمان باتۇرنىڭ قەھرىمانلىقى ھەر ۋاقىت تىللاردا داستان بولۇپ كەلگەن، ھەتتا بىر قېتىم ئادەتتىكى بىر ئوۋ مىلتىقى بىلەن ئايروپىلان ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىمۇ رىۋايەت قىلىنىدۇ.

زالىم خىتاي ھاكىمىيىتىگە ئىسيان 

1940-يىللىرى خىتاينىڭ زۇلۇمى چىدىغۇسىز بىر ھالەتكە كەلدى. ئۇ ۋاقىتلاردىمۇ ھازىرقىدەك، شەرقىي تۈركىستان خەلقى چىدىغۇسىز زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتاتتى. خەلقنىڭ باشلامچى رەھبەرلىرى ۋە ئالىملىرى توختىماي ئۆلتۈرۈلۈپ، مەدرىسە-مەكتەپلەر ۋە مەسچىتلەر چېقىلىۋاتاتتى. كۆكتوقاي يېزىسىدىمۇ ئىشغالىيەتچى خىتاي ھاكىمنىڭ مەسچىتكە ئۆتۈكلۈك كىرىشى بىلەن تەڭ خەلقنىڭ غەزىپى تاشتى ۋە نەق مەيداندىكى ھاكىم ۋە ئەتراپىدىكى ئون نەچچە قوراللىق ئەسكەرنى ئۆلتۈردى. مەسچىتلەرگە تاجاۋۇز قىلغان، قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرگەن خىتايلارغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، زالىملارغا بويۇن ئەگمىگەن شەرقىي تۈركىستانلىقلار «ئىسيانچى» دېگەن نام بىلەن تۇتۇلدى.
بۇ ئىشتىن كېيىن قاتتىق چۆچۈگەن خىتاي ھاكىمىيىتى خەلقنى قولىدىكى ئوۋ مىلتىقلىرىدىن تارتىپ تاپشۇرۇشقا بۇيرۇدى. خەلق ۋە شۇنداقلا ئوسمان باتۇرنىڭ دادىسىمۇ قورالىنى ئەسكەرلەرگە تاپشۇردى. ئەمما ئوسمان باتۇر: «بۈگۈن قورالىمىزنى ئالغانلار ئەتە جېنىمىزنىمۇ ئالىدۇ. مەن قورالىمنى بەرمەيمەن، كۈچى يەتسە ئۆزى كېلىپ ئالسۇن!» دەپ، ئۆزى يالغۇز تاغقا چىقىپ كەتتى.
ئوسمان باتۇر زالىملارغا قارشى جىھاد قىلىشتىن باشقا چىقىش يولى يوقلۇقىغا ئىشىنەتتى. ئوسمان باتۇرنىڭ باشلىغان كۈرىشى شۇ كۈنىلا قوللاشقا ئېرىشتى. شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە بولغان ئارىلىقتىلا بۇ ئىشى پۈتۈن يېزىغا تارقالغان بولۇپ، ئارقىسىدىن نەچچە ئادەم قوراللىرى بىلەن بۇ ئۇلۇغ سەپكە قېتىلغان ئىدى. ئارقىسىدىن كەلگەنلەرنىڭ تۇنجىلىرى ئوغلى شەردىمان ۋە دوستى سۇلايمان بولدى.
قورالىنى خىتايلارغا تاپشۇرغان دادىسى ئىسلامبەگ ئوغلىنىڭ ئارقىسىدىن ياخشى تىلەكلەرنى تىلەپ، ئوغلىنى ئاللاھقا ئامانەت قىلىپ دۇئا قىلىۋاتقىنىدا، ئانىسى ئائىشە خوتۇن: «مەن ئوغلۇمنى مۇشۇنداق كۈنلەر ئۈچۈن چوڭ قىلدىم، بىزنىڭ جېنىمىز بىزدىن بۇرۇن بۇ يولدا قۇربان بولغانلارنىڭ جېنىدىن قىممەتلىك ئەمەس، بىزدىن كېيىنكىلەرنىڭ ھۆر ياشىشى ئۈچۈن بىزنىڭ جېنىمىز پىدا بولسۇن!» دەپ ئوغلىغا ياردەمچى بولىدۇ ۋە مۇسۇلمانلارنى جىھادقا دەۋەت قىلىدۇ.
قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، ئوسمان باتۇرنىڭ يېنىدا قورقماس، قارام يىگىتلەردىن تەركىب تاپقان چوڭ بىر قوشۇن توپلاندى. زېلېباي تەلجى، نۇرگۇجاي باتۇر، كاسەيىن باتۇر، جانىمقان ھاجى، سۇلايمان باتۇر، مۇسا مەرگەن ئاقتەپە، سۇلىباي، ئۆكۈرباي، نوگايباي، ئاھىد ھاجى، خەلىل تەيجى، قاراقۇل زالىن… بۇلار مۇجاھىدلارنىڭ بىرقانچىسىدۇر. ئۇ ئەمدى ئۆزىگە ئەگەشكەنلەرنىڭ ئىمامى ۋە ئوسمان باتۇرى ئىدى.
1941-يىللىرى خىتاي بىلەن رۇسلارغا قارشى جىھاد ئېچىشقا باشلىغان ئوسمان باتۇر باشتا پۈتۈن ئالتاي رايونىنى، كېيىن شەرقىي تۈركىستاننى خىتاي ۋە رۇسلارنىڭ قولىدىن پۈتۈنلەي ئازاد قىلىشنى پىلانلىغان ئىدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركلەرگە قارشى يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇملار بىلەن بىرلىكتە ئوسمان باتۇرنىڭ ھەرىكىتىمۇ كۈچلەنگەن بولۇپ، ۋەزىيەت ئوسمان باتۇرنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇۋاتاتتى.

36867567_285825265489937_3513339593803956224_n

جىھادنىڭ نەتىجىلىرى 

ئالتاي تەرەپلەردىن خىتاينى تازىلاشقا باشلىغان ئوسمان باتۇر 1943-يىلى نىشانىغا يەتكەندەك تۇراتتى. 1943-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى بۇلغۇندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا ئوسمان باتۇر ئالتاي قازاقلىرىنىڭ خانى بولۇپ ئېلان قىلىندى. 1945-يىلىغا كەلگەندە، شەرقىي تۈركىستاندىكى بىرنەچچە شەھەردىن باشقا پۈتۈن جايلار شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قولىغا ئۆتتى. خىتايلار بۇنىڭغا چىدىماي خىتايدىن چوڭ بىر قوشۇن يۆتكەپ كەلدى. ئوسمان باتۇر ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى سان جەھەتتە ئۆزىدىن ئون ھەسسە كۆپ دۈشمەن بىلەن كۈرەشنى داۋاملاشتۇردى.
1949-يىلى ئوسمان باتۇر تار بىر تاغ قاپتىلىغا قاپسىلىپ قالغان ئىدى. باشتا 30 مىڭ جەڭچى بىلەن چىققان بۇ يولدا 1950-يىلىدا ئۈچ مىڭ مۇجاھىد بىلەن قالدى. ئاخىرى، قاپسىلىپ قالغان جايى گەزكۇرت رايونى بولۇپ، بۇ تاغلىق رايوندا قىش ۋاقتى ھايۋانلارمۇ تۇرۇشقا چىدىماي، تاغ ئېتەكلىرىگە كۆچۈشكە مەجبۇر بولۇشاتتى.
1951-يىلى 3-ئايدا كوممۇنىستلار يەنە بىر قېتىم ھۇجۇمغا ئۆتتى. جەڭچىلەر ۋە ئۇلارنى قوللاۋاتقان خەلقنىڭ كۆپىنچىسى قۇتۇلغان بولسىمۇ، ئوسمان باتۇرنىڭ قىزى ئازپاي بىلەن بىللە نەچچە قىز خىتايلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى. ئوسمان باتۇر ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىر قېتىمدىلا 200 كىشىلىك دۈشمەنگە ئۆزى يالغۇز ھۇجۇم قىلدى. گەرچە ناھايىتى كۆپ دۈشمەننى ئۆلتۈرگەن بولسىمۇ، ئاخىرى قامامبال تېغىدا ئەسىرگە چۈشتى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىگە ئېلىپ بېرىلىپ، قول-پۇتلىرى كىشەنلىنىپ، زىندانغا تاشلاندى. ھەر كۈنى توختاۋسىز قىيىن-قستاقلار بىلەن، ئۇنىڭغا ياردەم قىلغانلارنىڭ ئىسمى تەلەپ قىلىنىپ، سوراققا تارتىلاتتى. قاتتىق قىيناشلاردىن كېيىن، «تۈركىستاننى خىتايدىن قۇتقۇزىمەن دېگەن كىشىنىڭ ھالىنى كۆرۈڭلار» دەپ كوچىمۇكوچا سازايى قىلىندى. مۇشۇ ھالدىمۇ، ئۇنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى ئەركىنلىك ۋە ھۆرلۈك ئۈچۈن جىھاد قىلغانلارنىڭ يولىنى يورۇتىدىغان بىر مەشئەل بولدى. ئوسمان باتۇر كوچىلاردا: «مەن ئۆلۈشۈم مۇمكىن، ئەمما يەرشارى ئايلىنىپلا تۇرىدىكەن، مېنىڭ خەلقىم جىھادنى داۋاملاشتۇرىدۇ!» دەپ ۋارقىرايتتى.

گۇناھى كوممۇنىزم دۈشمەنلىكى

كارغا كەلگۈدەك ئۇچۇر ئالالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان خىتايلار ئوسمان باتۇرنى ئالدىنئالا ھۆكۈم قىلىنىپ بولۇنغان سوتقا ئېلىپ چىقتى. سوتنىڭ قارارى 1951-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى ئېلان قىلىندى: «كوممۇنىزمغا قارشى تۇرۇش جىنايىتى بىلەن دارغا ئېسىلسۇن!». بۇرۇنقى قىيىن-قىستاقلاردا قۇلىقى كېسىلىپ بولغان ئوسمان باتۇرنىڭ بۇ قېتىم قوللىرىمۇ كېسلىپ، ئۈرۈمچىدە ئوقلار ئاستىدا شېھىت قىلىندى.
شەرقىي تۈركىستانلىق يازغۇچى ئابدۇرراھمان ھاجى مەلەك ئوسمان باتۇرنىڭ ھاياتى چۈشەندۈرۈلگەن بىر ماقالىسىدە، تۇتۇلغاندىن كېيىن شېھىت قىلىنغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دەيدۇ:
قەھرىمانغا 29-ئاپرېل ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىناتتى. ئۇ كۈنى ئەتىگەندە تەبىئەت ئۆزىنىڭ نورمال ھالىتىدىن ھالقىغان، ئۈرۈمچىدە ھاۋا ناھايىتى تۇتۇق قاپقارا ئىدى، چۈنكى باتۇرلارنىڭ ئۆلۈم ھۆكمىگە قارشى نامايىشقا چىققان خەلق ئەتراپقا گۈلخانلارنى ياققان ئىدى. خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ كۆزلىرىدە ئۇلارغا قارشى بەھەيۋەت قەدەملىرى بىلەن كېلىۋاتقان ئوسمان باتۇرنىڭ قورقۇسى ئەكس ئېتىپ تۇراتتى. مەيدانغا مەجبۇرىي ئېلىپ كېلىنگەن خەلقنىڭ ئارىسىدىن تەكبىر سادالىرى ياڭرايتتى.
خىتاي ئەسكەرلىرى مىلتىقلىرى بىلەن باتۇرنى قارىغا ئېلىپ بۇيرۇق كۈتۈۋاتاتتى. ئوسمان باتۇر: «ئاللاھۇ ئەكبەر!» دېگەن تەكبىر ساداسىنى ياڭرىتىشى بىلەن تەڭ خىتاي ئەسكەرلىرى ئوق چىقاردى. باتۇر خۇددى ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىدەك ئاۋۋال تېزى، ئاندىن پېشانىسى سەجدىگە بارغان ھالەتتە يىقىلدى ۋە شۇ ھالىتىدە شېھىتلىك ماقامىغا يەتتى.
ئوغۇللىرى شەردىمان ۋە نەبى بولسا جىھادنى داۋاملاشتۇرىۋاتاتتى. بۈيۈك قەھرىماننىڭ ئوغۇللىرىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش داستان يازماقتا ئىدى. مىخلىق كالتەكلەر ۋە مىلتىقلار بىلەن جەڭ ئايروپىلانى ۋە تاڭكىلارغا ھۇجۇم قىلاتتى. 1953-يىلىغا قەدەر تىرىشقان قەھرىمان ئوغۇللىرى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بىلەن قىلىنغان سۈلھى تۈپەيلى، تىرىشچانلىقلىرى توختاپ قالدى. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى يېڭىلگىنىگە تەن بېرىپ، سۈلھى ئۈستىلىدە ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولغانىدى. سۈلھى شەرتلىرىدىن بىرى بولسا شېھىت ئوسمان باتۇرنىڭ مېيىتىنى تاپشۇرۇش ئىدى. ئاخىرىدا مېيىت ئېلىنىپ، كۆكتوقاي ناھىيىسىدىكى كۈرتى ئاغۇلۇغا دەپنە قىلىندى. بۇ يەرگە قوپۇرۇلغان قەبرە كېيىنكى يىللاردا خىتاي ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم بومبىلانغانىدى.
بۇ بۈيۈك قەھرىمان تەكبىر سادالىرى ئىچىدە شاھادەت شەربىتىنى ئىچكەنىدى. ئۇنىڭدىن سەككىز يىل كېيىن يەنە بىر قېتىم چوڭ كۆلەملىك بىر قوزغىلاڭ باشلاپ، كېيىن دۈشمەن تەرەپتىن تۇتۇلغان فەتھۇددىن مەخسۇممۇ قىيىن – قىستاققا ئېلىنغان چاغدا، «ئاللاھۇ ئەكبەر!»، «ياشىسۇن شەرقىي تۈركىستان!» دەپ ھەق ساداسىنى ياڭراتقان ۋە شۇ سەۋەب ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىشتىن بۇرۇن، ئاغزى يىپ بىلەن تىكىلىپ دارغا ئېسىلغانىدى.
ئەي شەرقىي تۈركىستان! بېشىڭدىكى نېمىدېگەن ئېغىر ئىمتاھان بۇ – ھە!
بەلازەرى: «تۈركىستان خۇدانىڭ دۇنيادا ياراتقان جەننىتى» دەيدۇ.
بۇ يەردىكى ھەممە نەرسە داستان، مۇجاھىدلىرى، كۆللىرى، تاغلىرى…
بۇ جەننەتنىڭ بالىلىرى ھازىر يىغلىماقتا. ئاياللىرى بىلەن 35 مىليون ئادەم شېھىتنىڭ ئىنتىقامىنىڭ ئېلىنىشىنى، يېڭى ئوسمان باتۇرلارنى، ئەمىر ياقۇبلىرىنى، فەتھۇددىنلىرىنى كۈتمەكتە.
خىتاي زۇلمى داۋام ئەتتى.
ئوسمان باتۇرنىڭ شېھىتلىكىدىن كېيىنمۇ زالىم خىتايلارنىڭ ئىسكەنجە ۋە زۇلۇملىرى داۋام ئەتتى.
ئوسمان باتۇرنىڭ يالغۇز قېرىندىشى دەلىلخان ئىسلامئوغلى ئىستىقلال ئۈچۈن كىرگەن جەڭدە ئەسىرگە ئېلىنىپ، شېھىت قىلىندى.
ئوسمان باتۇرنىڭ ئىككىنچى خانىمى، ئۈچ ئوغلى ۋە بەش قىزىمۇ ئەسىرگە ئېلىنىپ، شېھىت قىلىندى. 18 ياشلىق قىزى كەبىيرە بىلەن 14 ياشلىق ئوغلى بايبوللا ئانىسى مامەينىڭ كۆز ئالدىدا توغرىلىنىپ، شېھىت قىلىندى. 11 ياشلىق ئوغلى قارىي ۋە 9 ياشلىق قىزى ساپىيان 20 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى قۇدۇققا تىرىك تاشلاندى. بالىلىرىغا قىلىنغان بۇ زۇلۇم – ئىسكەنجىگە ۋە قەتلىئامغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن مامەي خوتۇن ئەقلىنى يوقاتتى ۋە شۇ ھادىسە بولغان يەرگە يېقىن، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەرياغا ئۆزىنى ئاتتى. بەزى مەنبەلەردە ئۇنىڭ سۇغا غەرق بولۇپ كەتكىچە مۇجاھىتلار تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلغانلىقىمۇ قەيت قىلىنغان. ئوسمان باتۇرنىڭ يەنە بىر قىزى پەنسىيە 1942-يىلى شىن سى سەينىڭ كوكتوقايدىكى ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئاتىسىنى قايىل قىلىشقا ئەۋەتىلگەنلىكى ۋە ئاتىسى يېنىدا قالغانلىقى بايان قىلىنغان.
ئوسمان باتۇرنىڭ شەردىمان، نېمەتۇللاھ ۋە نەبى ئىسىملىك ئوغۇللىرى دادىسىنىڭ شېھىت قىلىنغىنىدىن كېيىن، ھۆرلۈك كۈرىشىنى داۋام قىلدى.
ھازىرمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقى تېخىچە خىتاي زۇلمى ئاستىدا، ئەقىلگە كەلمەس ئىسكەنجىلەرگە دۇچار بولماقتا. ئىككى يۈزلىمىچى دۇنيا ئىسكەنجىلەرگە ئۇچراۋاتقان، قەتلىئام قىلىنىۋاتقان، زۇلۇم ئاستىدا ئېڭرەۋاتقانلارنىڭ پەقەت مۇسۇلمان بولغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى كۆرمەسكە سېلىپ كەلمەكتە. قان يىغلاۋاتقان مەزلۇملارنى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن گاس، كۆرمەسلىك ئۈچۈن كور بولۇۋېلىشنى راۋا كۆرمەكتە.
ئوسمان باتۇر شېھىت بولدى. خىتاينىڭ زۇلۇمى داۋاملاشماقتا. خۇددى ئۇنىڭ دېگىنىدەك نى-نى ئوسمان باتۇرلار نام-نىشانسىز شېھىت قىلىنىۋاتىدۇ. مەيلى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقى قىرىلىپ تۈگىسۇن، بىز ئاخىرقى بىر شەرقىي تۈركىستانلىق قالغۇچە ۋە پۈتۈن تۈركىستان ھۆرلۈككە ئېرىشكۈچە قان بىلەن باشلانغان بۇ داستاننى يېزىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.

http://turkistantimes.com/uy/news-3092.html

Share
516 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.