logo

trugen jacn

ئاسىيادىن ئايرىلىش نەزەرىيەسى – فۇكۇزاۋا يۇكىچى

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

ئىلاۋە: ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن. مەزكۇر يازما ياپونىيەلىك پەيلاسوپ ۋە مائارىپچى فۇكۇزاۋا يۇكىچى (福泽谕吉) نىڭ «ئاسىيادىن ئايرىلىش نەزەرىيەسى» (脱亚论) ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنىڭ ئېنگىلىزچە تەرجىمىسى ئاساسىدا تەييارلاندى. فۇكۇزاۋا يۇكىچى ياپونىيەنىڭ مېيجى يىللىرىدىكى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئاۋانگارتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ياپونىيەنىڭ قالاق فېئودال دۆلەتتىن ئاسىيادىكى قۇدرەتلىك، زامانىۋىي ۋە تەرەققىي قىلغان كاپىتالىستىك دۆلەتكە ئايلىنىشىدا ئىدىئولوگىيە ئاساسى يارىتىشتا ناھايىتى زور تۆھپە قوشقان. ئۇ يەنە ياپونىيەدىكى تۇنجى ئۇنىۋېرىستىت بولغان «كېيئو ئۇنىۋېرىستىتى» (慶應大学) نىڭ قۇرغۇچىسى.

«ئاسىيادىن ئايرىلىش نەزەرىيەسى» فۇكۇزاۋا يۇكىچى چىقارغان «يېڭى ۋەزىيەت گېزىتى» (时事新报) دە 1885-يىلى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ياپونىيەنىڭ كونىچە يەنى خىتاينىڭ كوڭزى تەلىماتىنى ئاساس قىلغان ئىدىئولوگىيە ۋە مائارىپ سېستىمىسىدىن قۇتۇلۇپ، غەربچە تەپەككۇر شەكلى ۋە مائارىپ تۈزۈلمىسىگە كۆچۈشىگە تۈرتكە بولغان ناھايىتى مۇھىم ئەسەردۇر. گەرچە كېيىنچە بۇ ئەسەر ياپونىيەنىڭ مىلىتارىزىم ۋە مۇستەملىكەچىلىك يولىغا مېڭىشىغا نەزەرىيەۋىي جەھەتتىن تۈرتكە بولغان دەپ ئەيبلەنگەن بولسىمۇ، سىياسىي، مەدەنىي ۋە مائارىپ ساھەلىرىدە يېڭىلىققا كۆچۈشنىڭ ئۈلگىسى سۈپىتىدە يەنىلا تەتقىق قىلىنىپ كەلمەكتە. فۇكۇزاۋا يۇكىچى ۋە ئەسەرلىرى ياپونىيە جەمئىيىتى ۋە خىتاي قاتارلىق شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ھېلىھەم ئوقۇلۇپ، ھۆرمەتلىنىپ كەلمەكتە.

ياپونىيەنىڭ ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق قەغەز پۇلى بولغان بىر تۈمەن يېن ئۈستىگە دەل فۇكۇزاۋا يۇكىچىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن. «ئاسىيادىن ئايرىلىش نەزەرىيەسى» ئەينى چاغدا تۆت كوچا ئېغىزىغا كېلىپ قالغان ياپونىيەنى يېڭىچە ۋەزىيەتتە يېڭىچە كىملىك بىلەن كەلگۈسى خىرىس ۋە پۇرسەتلەرگە تەييارلىنىشىقا ئۈندىگەن ئىدى. مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ كىرىزىس ئىچىدە تۇرۇۋاتقان خەلقىمىزنىڭ پىكىر قىلىشى ۋە ئويلىنىشلىرىغا ياردىمى بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس.

ئاسىيادىن ئايرىلىش نەزەرىيەسى
فۇكۇزاۋا يۇكىچى (福泽谕吉)

يەرشارى كۆلەملىك قاتناش يوللىرى ناھايىتى قولايلاشتى. غەرب مەدەنىيەتىنىڭ شامىلى شەرققە قاراپ چىقىشقا باشلىدى ۋە بۇ شامال يېتىپ كەلگەندە ھەتتا ئوت چۆپلەرمۇ ئۇنىڭ يۆنىلىشىگە قاراپ سىلجىشى كېرەك. غەربلىكلەر ئۆتمۈشتىكىگە قارىغاندا بەكمۇ پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئەجداتلىرى ئاستىراق ھەرىكەت قىلغان بولسا، ھازىر ئۇلار قاتناشتىكى ئۈستۈنلۈكلىرىدىن پايدىلىنىپ تېزلىكتە ھەرىكەت قىلماقتا. ئەگەر بىز غەرب مەدەنىيەتىنىڭ كىرىپ كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قەتئىي نىيەتكە كەلمىگەن بولساق، ئۇنىڭغا كەڭ قۇچاق ئاچقىنىمىز ئەڭ ئاقىلانىلىقتۇر. ئەگەر بىراۋ ھازىر دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى دىققەت قىلىپ كۈزىتىدىغان بولسا، غەرب مەدەنىيەتىنىڭ يوپۇرۇلۇپ كېلىشىنى توسۇش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى سېزىۋالالايدۇ. نېمە ئۈچۈن بىز غەرب بىلەن بىللە بۇ مەدەنىيەت ئوكيانىدا تەڭ لەيلەپ، دولقۇنلارنى تەڭ يېرىپ، مەدەنىيەتنىڭ ئىجتىھاتلىرى ۋە مېۋىلىرىدىن تەڭ بەھرىمان بولمايمىز؟

مەدەنىيەت قىزىل كېسىلىگە ئوخشاش ئىتتىك تارقىماقتا. توكيودا پەيدا بولغان قىزىل كېسىلى ئەسلى ياپونىيەنىڭ غەربىي قىسىمىدىكى ناگاساكىدىن باشلانغان ۋە تارقالغان ئىدى. بۇ ۋابا خۇددى باش باھارنىڭ ئىللىق ھاۋاسىدەك كېڭەيمەكتە ۋە تارقىماقتا. بىز يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ تەسىرىدىن سەسكىنىشىمىز مۇمكىن، لېكىن بۇنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۈنۈملۈك ئامال بارمۇ؟ مەن شۇنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيمەنكى، بۇنداق بىر يول مەۋجۇت ئەمەس. كىشىلەر پەقەتلا ۋابانىڭ شىددەتلىك كېڭىيىشىگە شاھىت بولىدۇ ۋە قۇبۇل قىلىدۇ. لېكىن مەدەنىيەتكە كەلسەك، پايدا بىلەن زىيان بىللە كېلىدۇ ۋە كۆپىنچە چاغلاردا پايدا زىياندىن ھەسسىلەپ كۆپ بولىدۇ. غەرب مەدەنىيەتىنىڭ يېتىپ كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانكەنمىز، پۈتۈن كۈچىمىزنى بىلەن ئۇنىڭ تارقىلىشىغا ھەمدەمدە بولىشىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ بۇ قۇدرەتكە تېزرەك چۆمۈلۈشىگە ئىمكان يارىتىشىمىز ئەڭ ئاقىلانە تاللاشتۇر.

غەرب مەدەنىيەتى ياپونىيەگە كائېي ھاكىمىيىتى يىللىرى (1854-1848) كىرىشكە باشلىغان ئىدى. خەلقىمىز بارا-بارا بۇنى بايقىدى ۋە ئۇنىڭ ئەۋزەللىكلىرىگە ئۆزىنى ماسلاشتۇرۇپ تەرەققىي تاپتى. لېكىن كونا پەدىدىكى ھۆكۈمەت تەرەققىياتنىڭ يولىنى توسۇپ قويدى. بۇ يەشكىلى بولمايدىغان تېپىشماققا ئايلىنىپ قالدى. كونا پەدىدىكى ھۆكۈمەت مەۋجۇتلا بولىدىكەن، مەدەنىيەت سىڭىپ كىرىشكە قادىر بولالمايدۇ. زامانىۋىي مەدەنىيەت بىلەن ياپونىيەنىڭ كونا ئەنئەنەلىرى بىر-بىرىگە قارشى بولغان ئەڭ ئۇزاقتىكى ئىككى قۇتۇبقا جايلاشقان. ئەگەر بىز كونا ئېتىقاد ۋە قاراشلىرىمىزدىن ئۇزاقلاشماقچى بولىدىكەنمىز، بۇنىڭغا ماس ھالدا ھاكىمىيەتىمىزنى ئەمەلدىن قالدۇرىشىمىز كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەگەر بىز بۇ مەدەنىيەتنىڭ بېسىپ كىرىشىگە توسالغۇ بولىدىكەنمىز، ياپونىيە ئۆز مۇستەقىللىقىنى يوقىتىپ قويىدۇ. دۇنيا مەدەنىيەتىنىڭ كۆرەشلىرىدە شەرقتىكى بۇ يالغۇز ئارالنىڭ بىكىنمە ھالەتتە قېلىشىغا يول قويۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

مېنىڭ ئېسىل ياپونىيەلىكلىرىم، دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىنى ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزنىدىن ئېغىر كۆرۈش بىزنىڭ پىرىنسىپىمىزدۇر. بىز تەڭرىخان جەمەتىنىڭ ئىززىتىگە تايىنىپ تۇرۇپ، كونا ھاكىمىيەتنى ئۆرۈپ تاشلاپ، يېڭى ھاكىمىيەت قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. مەملىكەتتىكى ھەر بىر ۋەتەنداش چوقۇم زامانىۋىي غەرب مەدەنىيەتىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا ياپونىيە ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى كىملىكىنى چۆرۈپ تاشلاپلا قالماي، ئاسىيا قىتئەسىدە يېڭى ئۈلگە يارىتىدۇ. مانا بۇ «ئاسىيادىن ئايرىلىش» (脱亚) تىن ئىبارەت ئىككى سۆزگە يىغىنچاقلانغان كەم بولسا بولمايدىغان ئىدىئولوگىيەنىڭ ئاساسىدۇر.

مېنىڭ دۆلىتىم- ياپونىيە ئاسىيانىڭ شەرقىي چېگراسىغا جايلاشقان. لېكىن ياپون خەلقىنىڭ روھىيىتى ئاللىبۇرۇن ئاسىيا جامائىتىنىڭ رەزگىيلىكلىرىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، غەرب مەدەنىيەتى تامان بۇرىلىپ بولدى. لېكىن، تولىمۇ ئەپسۇسكى، ياپونىيەگە قوشنا بىر قانچە مەملىكەت بار. بىرى «شىنا» (支那 يەنى خىتاي) دەپ ئاتىلىدۇ. يەنە بىرىنىڭ ئىسمى «چوسېن» (朝鲜 يەنى كورىيە يېرىم ئارىلى). قەدىمدىن تارتىپ، بۇ ئىككى مەملىكەت ياپونىيەدىن پەرقلىق بولمىغان ھالدا ئاسىياچە سىياسەت، دىن ۋە ئەنئەنەلەردىن ئوزۇقلىنىپ كەلگەن ئىدى. لېكىن، بەلكى ئىرقىي كېلىپ چىقىشتىكى پەرقتىن بولسا كېرەك، گەرچە بىز بۇ مەملىكەتلەر بىلەن ئوخشاش ئاسىياچە تەلىماتلاردىن بەھرىمان بولغان بولساقمۇ، ئەنئەنەگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە مائارىپ جەھەتتە پەرقلەر مەۋجۇت. ياپونىيە، خىتاي ۋە كورىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنى سېلىشتۇرىدىغان بولساق، خىتاي بىلەن كورىيەدە كۆپرەك ئوخشاشلىقلارنى بايقايمىز. خىتاي بىلەن كورىيەنىڭ بىز بىلەن ئوخشاشلىقىدىن بەكرەك پەرقى كۆپ. مەيلى شەخسىي ياكى دۆلەت دەرىجىسىدە بولسۇن، بۇ ئىككى دۆلەت كىشىلىرى تەرەققىياتنىڭ يولىنى بىلمەيدۇ. دۇنياۋىي قاتناش ۋە سودا بۇ قەدەر قولايلاشقان پەيتتە، خىتايلار ۋە كورىيەلىكلەرنىڭ مەدەنىيەتنى كۆرمەسكە سېلىشقا ھېچقانداق باھانەسى يوق ئىدى. لېكىن، ئۇلار مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرۈپ ۋە ئاڭلاپ تۇرسىمۇ، يەنىلا ھەرىكەتكە ئۆتمىدى. ئۇلارنىڭ قەدىمىي دۇنيا قارىشى ۋە ۋاقتى ئۆتكەن ئۆرپ-ئادەتلەرگە بولغان جاھىللارچە ھېرىسمەنلىكى نەچچە يۈز، ھەتتا نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى ئۆزگەرمىدى. مانا بۇ خىل يېڭىلىق ۋە قاينام تاشقىنلىق كۆرۈنۈشنى مائارىپ ساھەسىدىن ئىزدىگەندە ئۇلار پەقەت كوڭزى تەلىماتى دەۋرىگىچە قايتىپ بارالايدۇ. مەكتەپلەردىكى مائارىپقا كەلسەك، ئۇلار پەقەت خەيرخاھلىق قىلىش، دۇرۇستلۇق، قائىدە-يوسۇنلۇق بولۇش ۋە ئاقىلانە بولۇش ھەققىدە سۆزلەيدۇ. كۆرۈنۈشتە ئۇلار ھەممە نەرسىنى كەم-كۇتسىز قىلىپ كۆرسىتىپ، كۆز بويايدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇلار ھەقىقەت پىرىنسىپلىرىنى كۆزگە ئىلىپمۇ قويمايدۇ. خۇددىي ھاكاۋۇر بىرى ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈشنى بىلمىگەندەك، ئۇلار ئەخلاقىنى يۈزسىزلىكنىڭ چېگرىسىگىچە يوقاتقاندۇر.

مېنىڭ قارىشىمچە، خىتاي ۋە كورىيەدىن ئىبارەت بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ شەرققە قاراپ غەزەپ بىلەن چىقىۋاتقان مەدەنىيەت شامىلىدا مىللىي مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر ئۇلارنىڭ تەلىيى كېلىپ، ئارىسىدىن ئېسىل قەھرىمانلار چىقىدىغان بولسا، ئۇلار چوقۇم ئىشنى ئاۋۋال ئۆز مىللىي كىملىكىنى ئىسلاھ قىلىشتىن باشلىشى كېرەك. خۇددىي بىزنىڭ مېيجى يىللىرىدىكى كەڭ كۆلەملىك يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىمىزگە ئوخشاش، ئۇلار ئۆز ھاكىمىيىتىنى ئۆزگەرتىشى ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئۆز خەلقىنىڭ قەلبىنى يېڭىلىيالىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇلار بۇ خىل يولدىن ئۇزاقلاشسا، ئۇلارنىڭ ئېمپىرىيەلىرى بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە يىل ئىچىدە غۇلاپ چۈشۈشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ زىمىنلىرىنىڭ دۇنيادىكى مەدەنىي مەملىكەتلەر تەرىپىدىن بۆلۈۋېلىنىشىدا شەك يوق.

مەدەنىيەت ۋە ئويغىنىشنىڭ تارقىلىشى خۇددى يۇقۇملۇق قىزىل كېسىلىنىڭ تارقىلىشىغا ئوخشايدۇ. خىتاي ۋە كورىيە تارقىلىشنىڭ تەبىئىي قانۇنىيەتلىرىگە خىلاپلىق قىلدى. ئۇلار يوشۇرۇنۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، بىر ئۆيگە بىكىنىۋېلىپ، ھەممە يوچۇقلارنى ئىتىپ تاشلاپ، ھاۋا ئايلىنىشىنىمۇ توسۇپ قويدى. خۇددىي چىش بىلەن كالپۇكنى بىر-بىرىدىن ئايرىغىلى بولمىغاندەك، قوشنا ئەللەر بىر-بىرىگە ياردەم قىلىشى كېرەك ئىدى. ھازىرغىچە، خىتاي ۋە كورىيە ياپونىيەگە قىلچىلىك ياردەم ئۇزىتىپ باقمىدى. غەربلىكلەرنىڭ نەزىرى بىلەن قارىغاندا، جۇغراپىيەلىك ئورنىمىزدىكى يېقىنلىق تۈپەيلى ئۇلار بىزگە خىتايلارغا قارىغان كۆزدە قارىشى ئېنىق. مەسىلەن، خىتاي ۋە كورىيە ئۆزلىرىنىڭ كونا پەدىدىكى زالىم ھاكىمىيەتلىرىنى ساقلاپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ جايلاردا قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. غەربلىكلەر ياپونىيەنىمۇ مانا شۇنداق قانۇن ئىشلىمەيدىغان مەملىكەت دەپ گۇمان قىلىشى مۇمكىن. خىتايلار ۋە كورىيەلىكلەر خۇراپىي ئېتىقادلارغا چىرمىشىپ كەتكەن ۋە پەن-تېخنىكا دېگەندىن ھېچنىمە بىلمەيدۇ. غەربلىك ئالىملار ياپونيەنىمۇ «مۇئەننەس ۋە مۇزەككەر» (阴阳) ۋە «بەش ئېلىمېنت» (五行) قا بېرىلىپ كەتكەن دۆلەت دەپ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن. خىتايلار كەمتەرلىك ۋە ئىزا تارتىشنى بىلمەيدىغان يۈزسىز كىشىلەر بولۇپ، ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئېسىلزادىلەرچە رەھىمدىللىكىمۇ خىتايلارنىڭ قىلىقلىرى تەرىپىدىن كۆمۈلۈپ كەتتى. كورىيەلىكلەر بولسا ئۆز خەلقىنى جازالاشتا تولىمۇ ۋەھشىي. ياپونىيەلىكلەرمۇ غەربلىكلەر تەرىپىدىن شۇنداق ۋەھشىي كىشىلەر ئاتىلىپ قېلىشى مۇمكىن. يۇقىرىقىدەك مىساللار تولىمۇ كۆپ. بۇنىڭ تۆۋەندىكى تەمسىلدىن پەرقى يوق. يەنى، نادانلىق ۋە ۋەھشىيلىك بىلەن تونۇلغان بىر يېزا ياكى شەھەردە ياشايدىغان كەم ئۇچرايدىغان يېگانە بىر كىشىنىڭ توغرا ئىش پائالىيەتلىرى ئۇنىڭ قوشنالىرىنىڭ بەتقىلىقلىرى تەرىپىدىن كۆمۈلۈپ كەتكىنىگە ئوخشاش. بۇنداق سەلبىي تەسىرلەر ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ دىپلوماتىك پائالىيەتلىرىمىزگە ۋاستىلىق ھالدا مەسىلە كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. بۇ مېنىڭ ياپونىيەم ئۈچۈن بىر تەلەيسىزلىك.

شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھازىر ياپونىيە ئۈچۈن باش قاتۇرىدىغان بولساق، بىز ياپونىيەلىكلەرنىڭ قوشنا دۆلەتلەر بولغان خىتاي ۋە كورىيەنىڭ ئويغىنىشىنى ۋە بىرلىكتە ئاسىيانىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىشلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرىدىغان ئارتۇق ۋاقتىمىز يوق. بىزنىڭ ئاسىيادىكى مەملىكەتلەر قاتارىدىن ئايرىلىپ، غەربتىكى مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەرگە قۇچاق ئاچقىنىمىز ئەڭ ئاقىلانە ئىستىراتېگىيەدۇر. بىزنىڭ خىتاي ۋە كورىيەگە بولغان كۆز قارىشىمىزغا كەلسەك، بىزگە قوشنا دۆلەت بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇلارغا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلماسلىقىمىز كېرەك. غەربلىكلەرنىڭ ئۇسۇلىنى قوللانساقلا كۇپايە. يامان دوستلار بىلەن ئويناپ-كۈلۈپ يۈرگەن كىشى «ئەسكى ئادەم» دېگەن نامدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. مېنىڭ قەلبىم ۋە ئىرادەم يامان دوستلارنى رەت قىلىش تەرەپدارى.

«ئاسىيادىن ئايرىلىش نەزەرىيەسى» – فۇكۇزاۋا يۇكىچى

Share
309 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.