logo

trugen jacn

ئاداۋەت تۇتتۇقمۇ روزىمۇ

ئاداۋەت تۇتتۇقمۇ روزىمۇ

 

ئابدۇۋەلى ئايۇپ
بېرلىندا ئېچىلغان يىغىن سەۋەپلىك نەچچە كۈندىن بېرى قايناۋاتقان تەرەپلىك ۋە تەرەپسىز مۇنازىرە، مۇلاھىزەلەرنى ئوقۇپ تۇردۇم، ئەمما تۈكرۈك چاچرىتىۋاتقان غەزەپ، قېيداش ۋە قالپاق كەيدۈرۈشلەردىن بىزار بولدۇم. زىددىيەتنى ھەل قىلىشقا ھىچ ئىش قولۇمدىن كەلمىسىمۇ، چامىم يەتمىسىمۇ ئويلىماي تۇرالمىدىم. چۈنكى مەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ھادىسىلەرگە ئەزەلدىن قول قوۋۇشتۇرۇپ تاماشا كۆرۈپ تۇرغان ئادەم ئەمەس. بۇنداق ئىشلاردا قولۇمدىن كېلىشىچە ھەرىكەت، سۆز ۋە پىكىر قىلىپ كەلگەنلىكىم جامائەتكە ئايدىڭ. بىر نەرسە يازمىغىنىم بىتەرەپلىكىمدىن ئەمەس، نېمە قىلىش ھەققىدە ئەلگە يارىدىغىدەك بىر ئامالنى تاپالىمغانلىقىمدىن بولغان. ئاماللارنى ئوتتۇرىغا قويغان ئۇستازلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ كەلدىم، ئەمما قوبۇل قىلىنغان بىر سادا ئاڭلانمىدى. مىللەت تارىختىكى ئەڭ ئېغىر، ئۇزۇن ۋە ئازاپلىق قىيناقلارنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان بىر ۋاقىتقا توغرا كەلگەن بۇ زىددىيەتكە چارە ئويلاشتا ئۆزۈمنى تېخىمۇ چارەسىز ھىس قىلدىم
بۇ زىددىيەتكە ئىشتىراك قىلغان كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى ماڭا ئاكا دېمەتلىك، ئۇستاز دېمەتلىك ۋە دوست دېمەتلىك كىشىلەر. مەن ئۇلارنى ياخشى تونۇيمەن. ئۇلارنىڭ مىللەت سۆيگۈسى، داۋاغا پىداكارلىقى، ھەق يولدا مۇستەھكەملىكى ماڭا ئايدىڭ. ئۇلار قىلغان ۋە قىلىۋاتقان ياخشى ئىشلارغا مەن شاھىت. ئۇلارنىڭ مىللەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسىغا قەدەر كۆڭۈل بۆلۈپ، قولىدىن قانچىلىك كەلسە ئايىماي زېھىنىنى، ۋاقتىنى ۋە ھەتتا پۇلىنى سەرىپ قىلىپ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقنى ھەر قانچە يازساممۇ تولۇق ئىپادىلەپ بولالمايمەن. مېنىڭ چۈشەنمەيدىغىنىم شەخىس سۈپىتىدە شۇنچە سۆيۈملۈك بۇ كىشىلەرنىڭ بىر قوشۇن بولۇپ ئۇيۇشالماسلىقى ۋە بىر بىرىنى يىللاپ بىللە ياشاپ سۆيەلمەسلىكىدۇر. سۆيگۈ ئەسلىدىنلا ھىسىيات مەسىلسى بولغاچقا بۇنى تاڭغىلى بولمايدۇ، ئەمما مىللەت زالىمنىڭ قولىدا خورلىنىۋاتقان مۇشۇ پەيتتە، ھىسىياتىمىزنى قايرىپ قويۇپ بىر بىرىمىزگە ئەمەس، دۈشمەنگە تاقابىل تۇرساق بولاتتى. ئەسلى مۇشۇ مۇبارەك ئايدا، شەيتان باغلانغان رامىزان كۈنلىرىدە خۇسۇمەت، نەپرەت، كۆڭۈلسىزلىكنى قايرىپ قويۇپ بىرلەشمىسەكمۇ، ئۆچلەشمىسەك بولاتتى
ئۇيغۇرنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى قوغۇداش ۋە ھەقكە دەۋەت قىلىش ئۈچۈن مەيدانغا چىققان ھىچ بىر قېرىندىشىمىزنى ئەيىپلەشكە تىلىم بارمايدۇ. ئەمما مىللەتنىڭ بېشىغا مۇسۇبەت كەلگەن مۇشۇ كۈنلەردە ئۇلارنىڭ بىر بىرىنى قوللىيالمايۋاتقان، يېتەكلىيەلمەيۋاتقان، روزىنىڭ خاسىيىتىدە بولسىمۇ ئەپۇچان بولالمايۋاتقان قىلىقى مېنى ئازاپلايدۇ. ئۇ ياققا قارىسام ھېلىلا مىللەتنىڭ دەردىگە تاراملاپ تۆكۈلۈپ كەتكەن بىر ئاكىمىزنى كۆرسەم، بۇ ياققا قارىسام كېچىلەپ ئىزىدىنىۋاتقان بىر قېرىندىشىمىز كۆزۈمگە چېلىقىدۇ. ئۇ شەھەرگە بارسام بىر ئۇستاز دىنىمىزنىڭ غېمىدە پۇچىلانسا، بۇ مەھەللىگە كەلسەم يەنە بىر ئۆلىما ئەۋلات ئوتىدا ئۆرتىنىدۇ. داۋا سېپىدىكى ئۇستازلىرىم، ئاكىلىرىم مىللەتنى سۆيىدۇ، ئەمما بىر بىرىنى سۆيمەيدۇ. دەۋەت كوچىسىدىكى پىشىۋالىرىم دىننى قوغۇدايدۇ، ئەمما بىرى بىرىنىڭ شەرىپىنى تىيىنغا تەڭ قىلمايدۇ. مەيلى دىن ياكى مىللەت دەيدىغان بولسۇن، بىر بىرىنى پەقەتلا ئىتىراپ قىلمايدۇ. ئۇلارچە بولسا دىن ۋە مىللەت شۇلارغىلا ئامانەت قويۇلسا بولىدۇ. ئادەمنىڭ يۈرىكىنى سىقىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى دەل شۇ. ھازىر خىتاينىڭ زۇلمى مىللەتنى ئامالسىز باش ئەگدۈرسە، داۋاچىلارنىڭ زىددىيەتخۇمارلىقى، ئاداۋەتخورلۇقى ۋە گۇمانخۇلۇقى مىللەتنىڭ يۈرىكىنى غاجايدۇ، ئىشەنچىنى زىدىلەيدۇ.
مانا ھازىر ئۇلۇغ رامازان كۈنلىرىنى مۇسۇبەت ئىچىدە كۈتىۋالدۇق. مىللىتىمىز چىراقسىز زۇلمەتتە، زوھۇرسىز مۇشەققەتتە پەرز روزىسىنى تۇتۇۋاتىدۇ. ئۇلار ھەر مىنۇت ھەر دەقىقەت بېشىغا كېلىدىغان كۈلپەتنى بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھنىڭ ئەمرىنى بىجا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ. بىزدىن ئۈمىت كۈتىۋاتىدۇ، بىزگە ئىشەنچ باغلاۋاتىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ھىچ نېمە قىلىپ بېرەلمىسەكمۇ ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن روزا تۇتساق، مىللەتنىڭ ئۈمىدى ئۈچۈن بولسىمۇ ئاداۋەت تۇتمىساق دەيمەن. روزانىڭ مەنىسى چەكلىنىشتۇر. بىز دەل مۇشۇ ئايدا، خىتاي بىزنى ھالالدىن چەكلەپ ھارامغا دەۋەت قىلىۋاتقان دەل مۇشۇ كۈنلەردە، ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان دىن ۋە مىللەت داۋاسىدا كۆيۈۋاتقانلار ئۆزىمىزنى ھارامدىن، گۇناھتىن چەكلەپ سۆيگۈگە، ئەپۇغا، سەبىرگە دەۋەت قىلساق دەيمەن

Share
1855 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.