logo

trugen jacn

ئابدۇۋەلى ئايۇپ: تۈركىيەدىكى يېتىم بالىلارنى قانداق قىلىمىز؟

 

تۈركىيەدىكى يېتىم بالىلار مەسىلىسى يېقىندىن بېرى يەنە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلات ۋە ۋەخپىلەرنىڭ دىققەت نەزىرىگە چۈشتى. ماڭا ھەم بۇ بالىلارغا قانداق يارىدەم بېرىش ھەققىدە سۇئاللار كېلىشكە باشلىدى. مەسىلە مەن تەكشۈرگەن 2015-يىلىلا مەۋجۇت ئىكەندۇق. مەن بۇ ھەقتە ئۈچ قېتىم دوكىلات سۇنغان، يازغان دوكىلاتىم ھازىرمۇ رەھبەرلەرنىڭ خەت ساندۇقىدا بار. «ئويۇنلار ۋادىسى تۈركىيە» دېگەن كىتابىمدىمۇ بۇ دوكىلاتنى ئېلان قىلدىم. بۇ بالىلارنىڭ ھەممىسى يېتىم بالىلار ئەمەس. بەزىسى ئاتا-ئانىسى دىن ئوقۇشقا چىقىرىپ قويۇپ ئۆزى كېلىپ كېتىپ تۇرغان ۋە قايتا كېلەلمىگەنلەرنىڭ پەرزەنتلىرى. يەنە بىر قىسمىنىڭ دادىسى تۈركىيەدە. ئانىسى ۋەتەندە، ياكى ئانىسى تۈركىيەدە دادىسى ۋەتەندە. ئۈچىنجى تۈرلۈكىنىڭ ئاتىسى، ئانىسى ياكى ئاتا-ئانىسى تايلاندتا قالغان ۋە ياكى سۈرىيەدە ئۆلۈپ كەتكەن بالىلار. يېتىم دېيىلىۋاتقان بىر قىسىم بالىلار يېتىم ئەمەس، تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن ئىقامەت ئالالمايۋاتقان، شۇ سەۋەپتىن مەكتەپكە كىرەلمەيۋاتقان بالىلارمۇ بار. بۇلارنىڭ ئوقۇۋاتقان ئورنى ئىستانبۇل، قەيسەرى شەھەرلىرىدىكى قۇرئان كۇرۇسلىرى.
مەن بۇ بالىلار ھەققىدە «ئويۇنلار ۋادىسى تۈركىيە» دېگەن كىتابىمدىكى دوكىلاتتا تەپسىلى يازغىنىم ئۈچۈن بۇ يەردە قىسقىلا قىلىپ ئېيىتسام، يېتىم بالىلارنى تۈرك مەكتەپلىرىگە ئەۋەتىش ئەڭ مۇۋاپىق چارە. ئۇلارغا ئىگە بولىدىغان ئورگان تۈركىيە دۆلىتىدىكى يېتىملەر مەركەزلىرى، يەنى بالىلار پاراۋانلىق مەركىزى.

نېمە ئۈچۈن بالىلارنى تۈركىيە دۆلىتىگە مەنسۇپ بالىلار پاراۋانلىق مەركىزىگە ئەۋەتىمىز؟ چۈنكى بۇ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيىتى. تۈركىيە دۆلىتىگە باج تۆلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقى، بالىلارنىڭ ھەققى. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ بالىلار مەسلىسىنى يىغىلىۋاتقان ياردەم بىلەن ئۆز ئالدىغا ھەل قىلىپ بولالمايدۇ. چۈنكى ھىچ بىر تەشكىلاتنىڭ قۇرۇپ قويغان زاۋۇتى، تېرىپ قويغان يېرى، مۇقىملاشقان كىرىم مەنبەسى يوق. تېخى ھىچ بىر تەشكىلات بىر ئۇيغۇر بالىنىڭ باشلانغۇچتىن تولۇق ئوتتۇرىغىچە بولغان مائارىپىنى ئۈستىگە ئالغىدەك ئىقتىدارغا ئىگە ئەمەس. مەكتەپ بولۇش ئۈچۈن بىر ئوقۇغۇچى بولغان تەقدىردىمۇ ھەممە يىلىقلارغا دەرس بېرىدىغان مۇئەللىملەر، تەجرىبەخانا، دەرسخانا، چىنىقىش زالى، مۇزىكا زالى دېگندەك ئەسلەھەلەر تولۇق بولۇشى كېرەك. مۇشۇلارنى تولۇق قىلىپ مەكتەپ قۇردىمۇ دەيلى ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئاڭلىغان ئۇ بالىلارنىڭ ئالغان ئۇيغۇرچە مائارىپىنى دۆلەت ئىتىراپ قىلمايدۇ. ئۇلار چوڭ بولغاندا مەكتەپتە ئوقۇمىغانلىقى سەۋەپلىك نۇرغۇن ئىش پۇرسىتى بولمىغاننىڭ ئۈستىگە، شوپۇرلۇق پىراۋىسى ئېلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.

بەزى رەھبەرلەر «بۇ بالىلارنى بالىلارنى پاراۋانلىق مەكتىپىگە بەرسەك دىندىن ئۇزاقلاپ كېتىدۇ، موللا بولالمايدۇ، تۈرك بولۇپ كېتىدۇ» دېيىشتى ۋە شۇنداق دېمەكتە. يېتىم بالىلارنىڭ تۈرك بولۇپ كېتىشىدىن قورققان، موللا بولالماسلىقىدىن قورققان شۇ رەھبەرلەرنىڭ بالىلىرى تۈرك مەكتىپىگە بارىدۇ، ئۇيغۇرچە گەپ قىلمايدۇ. سىزنىڭ بالىڭىز دۆلەت مەكتىپىدە ئوقۇپ تۈرك بولۇپ كەتسە، موللا بولالمىسا مەيلى، ئاتا-ئانىسىز شۇ يېتىملار تۈرك مەكتىپىدە ئوقۇپ تۈرك بولۇپ كەتسە بولمامدۇ؟ سىزنىڭ بالىڭىز بالا، خەقنىڭ بالىسى سىز تەجرىبە قىلىدىغان مارودا، دەستەك قىلىدىغان ۋاستە، تىجارەت قىلىدىغان دۇككانمىكەن؟

بەزىلەر نۇرتاي ھاجىمنىڭ قۇرغان يېتىملار مەكتىپىنى تۈركىيەدە قۇرۇپ چىقىمىز دەيدۇ. بۇمۇ بولىدۇ. ئەمما نۇرتاي ھاجىمنىڭ ئۈرۈمچىدە كۈندە پۇل تاپىدىغان تاكسىلىرىنىڭ بارلىقىنى، غۇلجىدا شىركەتلىرىنىڭ بارلىقىنى بۇ تاكسىلارنى ئۇيغۇر رەھبەرلەرنىڭ ئالاھىدە ھەل قىلىپ بەرگەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىڭ نۇرتاي ھاجىمغا ئاستىرتتىن شارائىت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى، قانچىلىغا باي ئۇيغۇرنىڭ مەكتەپكە ئىزچىل ياردەم قىلىپ كەلگەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ. يەنە بىرى نۇرتاي ھاجىم قۇرغان مەكتەپ پۈتۈنلەي دۆلەت مەكتىپى شەكلىدە بولغان ئىدى، خىتاي مائارىپىدا نېمە ئۆتۈلسە شۇنى ئوقۇتقان. شۇڭا بالىلار ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ئالى مەكتەپلەرگە كىرەلىگەن.

تۈركىيەدە ھىچ بىر قانۇنىي رەسمىيەت بىجىرمىگەن كۇرۇسلىرىمىزنى قانداق قىلىپ نۇرتاي ھاجىمنىڭ مەكتىپىگە سېلىشتۇرىمىز؟ شىركەتلىرى مېڭىپ تۇرغان، دۇككانلىرى ئېچىلىپ تۇرغان، ماشىنىلىرى قاتناپ تۇرغان ئۇيغۇر بايلىرى قوللىغان ۋەتىنىمىزدىكى نۇرتاي ھاجىم مەكتىپىنى قانداق قىلىپ ئۇيغۇر بايلارنىڭ ھەممىسى زىيان تارتىپ، قويۇلۇپ، ئارقا ئارقىدىن ۋەيران بولۇۋاتقان تۈركىيەدە قۇرغىلى بولىدۇ؟

مەن دائىم شۇنى دەيمەن. بىز تۈركىيەدە ھەر قانچە قۇرئان كۇرسى ئاچساقمۇ تۈركىيە دۆلىتى تەسىس قىلغان قۇرئان كۇرۇسلىرى بىلەن دىندا رىقابەتكە چۈشۈپ بولالمايمىز. بىز تۈركىيەدە ھەرقانچە يېتىملارغا مەكتەپ ئاچساقمۇ تۈركىيە دۆلتىنىڭ يېتىملار مائارىپىدىن ئۈستۈن بىر مائارىپ بەرپا قىلالمايمىز. مۇددەتتىن بۇرۇن ئەرگە بەرگەن قىزلىرىمىزنى ئېلىپ كېتىپ بېقىۋاتقان تۈركىيە دۆلتى، ئاتا-ئانىسى يوق دېيىلىۋاتقان يېتىم بالىلارنى ئېلىپ كېتىشكە ۋە تەربىيەلەشكە پۈتۈنلەي قادىر.
ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدا يېتىملەرنى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت دۆلەتنىڭ يۈكىنى ئۈستىمىزگە ئالغىنىمىز بىزنىڭ ئېسللىقىمىز، يەنە بىرى ئۇ يەردە دېموكراتىيەنىڭ، دۆلىتىمىزنىڭ بولمىغانلىقتىن بولغان. شۇڭا خىتاي دۆلىتى باج تۆلەۋاتقان، ئۆزىنى بېقىۋاتقان ئۇيغۇرغا يېتىمنىڭ يۈكىنىمۇ قوشۇپ يۈكلەپ قويغان. ئەمما تۈركىيە پەرقلىق، بۇ بىر دېموكراتىك دۆلەت، پۇقرانىڭ باج كىرىمى بىلەن ئۆرە تۇرىدىغان بىر ئەل. شۇڭا تۈركىيەدە نېمە ئالسا مالنىڭ باھاسىغا قوشۇپ 18 پىرسەنت باجنى تۆلەپ كېلىۋاتقان 50 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇرنىڭ نەچچە يۈز بالىسى بالىلار پاراۋانلىق مەكتىپىدە ئوقۇشقا، تۈركىيە مائارىپىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھەققى بار. شۇڭا يېتىملار تۈركىيە بالىلار پاراۋانلىق مەكتىپىدە ئوقۇسۇن. ئۇلارنىڭ «تۈرك بولۇپ كېتىشىدىن» ئەنسىرەپ، «دىندا موللا بولالماسلىقىدىن» خەۋپسىرەپ ئۇلارنىڭ كەلگۈسىنى بىزنى باقىدىغان ئىككى تەڭگىگە تىگىشمەيلى.

Share
2921 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.