logo

trugen jacn

ئابدۇۋەلى ئايۇپ:ماتەم كەلدى ئويغان ئۇيغۇرۇم

Görüntünün olası içeriği: 1 kişi, yakın çekim

ئابدۇۋەلى ئايۇپ:ۋەتەندىن يەنە بىر مۇسۇبەت:
ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلىرىدىن بىرى، تىز پۈكمەس دىيارىمىز خوتەننىڭ غۇرۇرى، ئەسەرلىرى بىلەن ئەلنىڭ يىغىسىغا يىغلاپ كۈلكىسىگە كۈلگەن يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختى 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 31- كۈنى ساقچىلار تەرىپىدىن ئائىلىسىگە ئۆلۈك ھالدا تاپشۇرۇپ بېرىلدى. 
مەرھۇم يازغۇچى ۋاپات بولۇشتىن يەتمىش كۈن بۇرۇن سورايدىغان گەپ بار دېگەن باھانە بىلەن ساقچىغا ئېلىپ كېتىلگەن. ئېلىپ كېتىلگەن كۈنىلا كېسىلى قوزغىلىپ قالغان، ئەمما دوختۇرنىڭ تەكشۈرۈشىگە نۆۋەت تەگمەي يەتمەش كۈن ساقلىتىلغان ۋە ئالتىنچى ئاينىڭ ئوتتۇز بىرىنچى كۈنى جەسىدى بېرىلگەن. جەسەت بېرىلگەندە پۇتلىرىدىكى كىشەن تېخى ئېلىۋېتىلمىگەن. مەرھۇمنىڭ لاگىردا ياكى لاگىردىكىلەر قامالغان بىر دوختۇرخانىدا قازا تاپقانلىقى ياكى سوراقتا قىيناققا ئېلىنىپ ئۆلۈپ كەتكىنى ئېنىق ئەمەس، ئەمما تۇتقۇن جەريانىدا ئۆلۈپ كەتكىنى ئېنىق. ئاللاھ مەرھۇم ئۇستازنىڭ روھىنى ئەمىن قىلغاي.
بۇ ماتەملىك خەۋەر يۈرەكنى موجىدى، ئامما بىز بۇ مۇسىبەت سەۋەپلىك مۈكچىيىپ كەتمەيمىز. لاگىردىكىلەر ۋە قاماقتىكىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلارنىڭ ئۆلۈمىگە شاھىت بولماسلىق ئۈچۈن قولىمىزدىن نېمە كەلسە شۇنى قىلىمىز.
1949-يىلى 12-ئايدا خوتەن ناھىيىسىنىڭ تەۋەككۈل يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1966-يىلى خوتەن شەھىرىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن بىر مەزگىل دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1973-يىلىدىن 1977-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا فاكولتىتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىدا ئوقۇتقۇچى، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومدا كاتىپ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. گەرچە ئۇ كىچىكىدىن باشلاپ ئەدەبىياتقا ھېرىسمەن بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى كېچىكىپ باشلانغان، بىز ئۇنىڭ كېيىنكى مول، ئۈزلۈكسىز تىرىشقان ئىجادىيەت ھاياتىغا نەزەر سالغان چېغىمىزدا ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ كېچىكىپ باشلانغانلىقىنى قانداقتۇر كىيىن قېلىش ئەمەس بەلكى كېيىنكى مول ئىجادىيەت ھاياتى ئۈچۈن كۈچ، جۇغلانما توپلاش باسقۇچى ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. «ئەدەبىي ئەسەرلەرنى جىق ئوقۇيتتۇم، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەدەبىياتىدىكى ئابدۇللا قادىرى، ئايبېك، مىرزا كېرەمبايوف («پارلاق يول» ناملىق رومانى بار)، سەدىردىن ئەينىدىن، روس ئەدەبىياتىدىن گوگۇل، لېرمۇنتوف، چىرنىشۋىسكى قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيتتۇم. تېخىچە ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، «زامانىمىزنىڭ قەھرىمانى»نى مەن باپلىرى بويىچە يادلىۋالغان ئىدىم. نەسىر ئىجادىيېتىمدىكى تىل ئىشلىتىشىمدە لۇشۇننىڭ، جىبراننىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تەسىرى كۆپ بولدى. ئەگەر ئەدەبىياتتا ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيىلىنىش ياخشى بولمىسا ھامان بىر يەردە چېنىپ قالىدۇ. ئەمەلىي ئوقۇش كەم بولۇپ قالسا بولمايدۇ. رومانلارنى توختىماي ئوقۇپ قويۇش كېرەك، بىز 60-يىللاردا مەيلى تاشكەنت، ئالمۇتادا نەشىر قىلىنىپ بىزگە كىرگەن كىتابلاربولسۇن، مەيلى بېيجىڭدە نەشىر قىلىنغان كىتابلار بولسۇن ئۇيغۇرچىسى چىققانلا بولسا ھەممىنى ئوقۇپ چىققان ئىدۇق.» 
ئۇ ھازىرغا قەدەر بەش پارچە پوۋېست، ئەللىك نەچچە پارچە ھېكايە، بىر نەسىرلەر توپلىمى، ئوتتۇز پارچىغا يېقىن ئەدەبىي ئاخبارات، ئەدەبىي خاتىرە، قىسسە ۋە ئەسلىمىلەرنى…ئېلان قىلىپ روشەن خاراكتېرلىك پېرسۇناژلار ئوبرازىنى يارىتىش، رېئاللىقنى ئەكىس ئەتتۈرۈشتىكى ئۆزگىچىلىك، ئوقۇرمەنلەرنى ھاياجانغا سالىدىغان كەيپىيات-تەسىرات پەيدا قىلىش جەھەتلەردە ئۆزگىچە يول تۇتقان، بولۇپمۇ تىل ئىشلىتىش، بايان سەنئىتىدە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ شەكىللەندۈرەلىگەن تەسىر كۈچى زور يازغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. قىسقىسى، «ئۇنىڭ پىروزا ئىجادىيىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ بىزدىكى ئەسەرلىرىنىڭ سانى بىلەن ئەمەس، ساپاسى بىلەن داڭق چىقارغان يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىرى» .
يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختى 1984- يىلى «قاشتېشى»دا ئېلان قىلىنغان «بويناق ھەققىدە خاتىرىلەر»ناملىق نەسىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە قوشۇلغاندىن تارتىپ «ئۇ دۇنيادىكى سوراق»، «بەش تۈپ سەگۈ تېرەك»، «ئاجايىپ كەسپى ئائىلە»، «ئىككى بوتۇلكا ماۋتەي»، «ئالتۇن»،«سېخىسەن ئانا دەريا-يۇرۇڭقاش»…قاتارلىق ھېكايىلىرى، «شاھ مەشرەپ خوتەندە»، «قوشتاغدىكى مۇشائىرە»، «ئالتە كۈنلۈك پادىشاھ»…قاتارلىق مۇنەۋۋەر تارىخىي ھېكايىلىرى، «ئامانەت»، «شەھلا كۆز»، «چۆل ئوغلى»، «قارلىغاچ ئۇۋا سالغان ئايۋاندا» ناملىق پوۋېستلىرى، «كۈلۈپ كۆرگەنلەر ۋە كۆرۈپ كۈلگەنلەر» ناملىق نەسىرلەر توپلىمى…نى ئېلان قىلىپ جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى ۋە ئۆزىدىكى ئەدەبىي جۇغلانمىنى نامايان قىلدى، ئىستىداتلىق بۇ يازغۇچىمىز جەمئىيەتتىكى بەزى ئىجتىمائىي ۋەقەلەرنى ھەم كىشىلەرنىڭ بۇ ۋەقەلەرگە بولغان ئىنكاسىنى پەقەت ھېكايە، پوۋېست بىلەنلا ئىپادىلەپ بەرگەندە تېز، دەل ۋاقتىدا خەلققە يەتكۈزگىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان بولسا كېرەك، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىپادىلەشتە ھېكايە، رومانغا قارىغاندا «شامالدەك تېز»، «كاتىردەك يېنىك» بولغان ئەدەبىي ئاخبارات ژانىرىغىمۇ قول ئۇزارتتى. ھەرۋاقىت ئاۋام ئۈچۈن، بولۇپمۇ ئالغا ئىنتىلىۋاتقان، تىرىشىۋاتقان ياشلىرىمىز ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قەلبىگە ئۈلگىلىك ماياك تىكلەشنى ئويلاشقان يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختى مانا مۇشۇنداق بىر جەڭگىۋار ژانىرنى تاللاپ ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىپ ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم قازىنىش بىلەن بىللە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ ياراتتى.
ئۇ «ھاكىمنىڭ كەپىسى» («يېڭى قاشتېشى»، 1989- يىللىق6 – سان) ناملىق ئەسىرى بىلەن ئەدەبىي ئاخبارات ئىجادىيىتىنى باشلىغاندىن كىيىن ئىجتىھات بىلەن توختىماي ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىپ «رەڭگارەڭ ئالۋاستىلار» («تارىم»،1993 – يىللىق7- سان)، «تاغنىڭ ئۇ تەرىپىدە» («تارىم»، 1996 -يىللىق4 – سان)، «يېتىم بالىلارنىڭ كەلگۈسى گۈزەل بولسۇن» («تارىم»، 1996 –يىللىق 8 – سان)، «شائىرنىڭ ھەيكىلى» («شىنجاڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى»، 1999 -يىللىق 4- 5 – سان)، «نۇرمۇھەممەت توختى ئورۇقلىدى» («تەڭرىتاغ»، 2000 -يىللىق5 – سان)، «خوتەن دېھقانلىرى ۋە شائىر روزى سايىت» («تارىم»، 2001 -يىللىق7- سان)، «سانتانا ۋە بەخت» («يېڭى قاشتېشى»،2003 – يىللىق 5- سان)، «كروران دۇچ كەلگەن 81مۇشكۈلات» («يېڭى قاشتېشى»، 2004 – يىللىق 1- سان)، «ئۇنتۇلغان زەردار ھەققىدە يېڭى ئەسلىمە» («شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، 2008 -يىللىق4 – سان)، «ئول كىمدۇر كۆپلەرنىڭ ئالدىدا ماڭغان» («تەڭرىتاغ»، 2008 –يىللىق 6- سان)،،…قاتارلىق ئەدەبىي ئاخباراتلىرى، «قۇملۇقتىكى يېشىل كېمە-چىرا» («يېڭى قاشتېشى» 1994- يىللىق 1- سان)، «ئۆز جىبرانىمىزغا مۇبارەك!» («تەڭرىتاغ»، 2001 – يىللىق2 – سان)، «شائىرغا كېسەل تەگكەن كۈنلەردە» («شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، 2001-يىللىق5-سان)، «شائىرنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى» («شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، 2001 – يىللىق 6- سان) «ئەلۋىدا، جاپپار ئاكا» («تارىم»، 2001 – يىللىق8 – سان)، «دېھقان كۈيچىسىنى ئەسلەيمەن» («تارىم»، 2002 – يىللىق 2 – سان)، «سېكىرتارلىقتىن تېۋىپلىققىچە» («شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، 2004 – يىللىق4 – سان)، «خوتەن سەيپىدىن ئەزىزىنى ئەسلەيدۇ» («شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، 2003 – يىللىق 6- سان)، «ئانا يۇرت ئامان بولسۇن» («يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلى 2005 – يىللىق3 – سان)، «خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى» («تەڭرىتاغ»، 2007 – يىللىق 1 – سان) «بۇ ئىشلارمۇ خوتەندە بولۇپ ئۆتكەن»، كرورەن ژۇرنىلى، 1999-يىللىق 5-سان (ئەدەبىي ئاخبارات) ، «ئانا يۇرت ئامان بولسۇن» ( يېڭى قاشتېشى ژۇرنىلى، 2005-يىللىق3-سان)، «سەگۈ تېرەك يېقىلدى» ( يېڭى قاشتېشى ژۇرنىلى،1994-يىللىق6-سان)، «چولپان ساقىدى» (يېڭى قاشتېشى ژۇرنىلى،1998-يىللىق6-سان)، «ئىشقى ۋەتەن، پىراقى يارەن» (شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلى، 2008-يىللىق5-سان)
،…قاتارلىق ئەسلىمە، ئەدەبىي خاتىرىلىرىنى ئېلان قىلىپ جەمئىيەتتىكى خەلق ئاڭلىغان، كۆڭۈل بۆلگەن، بىلىشكە قىزىققان نۇرغۇن زور ئىجتىمائىي ۋەقەلەرنى قەلەمگە ئېلىپ بۇلاردىن كىشىلەرنى ئۆزگىچە ئۇسۇل بىلەن خەۋەردار قىلدى. ئۇ ئەدەبىي ئاخباراتلىرىدا ئەتراپىمىزدىكى مۇھىم ئىجتىمائىي مەسىلىلەر توغرىلىق ئۇچۇر بېرىپ خەلقنىڭ كۆڭۈل بۆلىشىنى قولغا كەلتۈرۈپلا قالماي يەنە سىياسىي ساھەدىكى، كارخانا ساھەسىدىكى، ئىجادىيەت ساھەسىدىكى يولباشچى شەخسلەر توغرىلىق يېزىپ ئىزدىنىۋاتقان، مۇۋەپىپەقيەتكە ئىنتىلىۋاتقان ياشلارغا ئۆز ئەدەبىي ئاخباراتىدىكى قەھرىمانلىرى ئارقىلىق ئىلھام ۋە مەدەت بەردى، ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى ناچار ئادەتلەرنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن كىشىلەرگە تونۇتتى، جەمئىيەتتە بولۇۋاتقان ساخاۋەتلىك ياخشى ئىش، ياخشى پائالىيەتلەرنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈپ ئۇلارنىڭمۇ قەلبىنى ئىللىتتى ۋە ئۇلارنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى ئۇرغۇتتى، خەلق قەلبىدىن ئورۇن ئالغان داڭلىق شەخسلىرىمىزنى ئوقۇرمەنلەر قەلبىدە قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتۈردى. بەلكىم يۇقۇرىقى ئەسەرلەردىكى ۋەقەلەرنى باشقىچە ژانىر بىلەن يازغان بولسا، ھازىرقىدەك ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشى ناتايىن ئىدى، يازغۇچى ئەدەبىياتتىكى «چەۋەنداز ژانىر»نى تاللاش بىلەن بىرگە يەنە ئەدەبىي ئاخباراتنى قانداق قىلغاندا خەلق ياقتۇرغىدەك قىلىپ يازغىلى بولىدىغانلىقى، قانداق قىلغاندا ھەم ئېستېتىك زوق بېغىشلىغىلى ھەم تەربىيە بېرىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىزدىنىپ مۇۋەپپەقيەت قازاندى. ئۇنىڭدىن باشقا يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختى ئەدەبىي ئاخبارات ئىجادىيىتىنىڭ بۈگۈنگە قەدەر بولغان ئىجادىيەت مۇساپىسىگە قارايدىغان بولساق ئۇنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش، تىرىشىش، يېڭىلىق يارىتىش جەريانىدا ئەدەبىي ئاخبارات ئىجادىيىتىنىڭ سەۋىيىسىنى يېڭى بىر بالداققا كۆتۈرۈپ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ شەكىللەندۈرەلىگەنلېكىنى كۆرەلەيمىز.

بۇتەرجىمھال 2009- يىلى يېزىلغان.

Share
290 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.