logo

trugen jacn

ئابدۇللا توختى ئارش: ئېلىشقۇ قەتلىئامى

ئېلىشقۇ قەتلىئامى
ئابدۇللا توختى ئارش
‎مۇقەددىمە
‎بەلكىم «ئېلىشقۇ قەتلىئامى» دېگەن ماۋزۇنى كۆرۈپ تېنىڭىز شۈركۈنۈپ كەتكەندۇ ياكى قەتلىئام، «جازا لاگىرى» ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى تولا كۆرۈپ يۈرىكىڭىز قېتىپمۇ قالغاندۇ. قانداقلا بولمىسۇن بۇ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاندا تاجاۋۇزچى خىتايلار تەرىپىدىن ئېلىپ بىرىلغان قانلىق قىرغىنچىلىقلارنىڭ بىزگە مەلۇم بولغان ئاز قىسمىدىن بىرىدۇر. مەزكۇر ۋەقە 2014- يىلى 7- ئاينىڭ 28- كۈنى رامىزاننىڭ 29- كۈنى يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئېلىشقۇ بازىرىدا چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 لار بىلەن ئېلىپ بىرىلغان. مىنىڭچە 2012-، 2013-، 2014 – يىللىرىدا ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈزلەرچە قارشىلىق ھەركەتلىرىنىڭ بولىشى، بەرزىلىرىنىڭ مانا مۇشۇنداق ئاممىۋى قارشىلىق ھەركەتلىرىگە ئايلىنىشى بىر جەھەتتىن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ كۈندىن -كۈنگە كۈچۈيۋاتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولسا، يەنە بىر جەھەتتىن ئۇيغۇرلار مىللىي ئويغۇنۇش ھەركىتىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.
‎تارىخىتىن بىرى مانجۇ ۋە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرىدىن بىر نەرسىنى كۆرۈش تەس ئەمەس ئۇلار “ ئادەم كېرەك ئەمەس، زېمىن كېرەك“ دېگەن ئىستىگىراتىيە بويىچە ھەركەت قىلغانلىقى مەلۇم. ئېلىشقۇ قەتلىئامىمۇ ئەنە شۇ ئىستىگىراتىيەسىنىڭ بىر كۆرۈنىشى بولۇپ، قولىدا تاش، توخماقتىن ئۆزگە قۇرالى بولمىغان مىڭلارچە ئۇيغۇرلارنى زامانىۋى ئېغىر تىپلىق قۇراللار بىلەن ئوققا تۇتىشى بۇ نوقتىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشۈندۈرىدۇ. چۈنكى ھەمىمىز بىلىمىز ئۆتكەن يىلى فىرانسىيەدە ”سېرىق جىلەتكىلىكلەر“ ھەركىتى بولدى، بۇ قېتىمقى ھەركەتتە ھۆكىمەت بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرسىدا توقىنىش يۈز بەردى. ئەمما ھۆكىمەت زوراۋانلىق ۋەقەسى سادىر قىلغانلارغا لازا سۈيى، تۈتەك بومبىسى، رەزىنگە ئوق قاتارلىق ئىنسان ھاياتىغا خەۋىپ يەتكۈزمەيدىغان قۇراللار بىلەن زەربى بەردىكى، ھەقىقى ئوق بىلەن ئەمەس. دېمەك خىتايلار ئەزەلدىن ئۇيغۇرلارنى ئۆز خەلقى دەپ قارىغان ئەمەس، شۇڭا ئەڭ ئەقەللىي رەزىنگە ئوق ئارقىلىق يارلاندۇرۇپ تۇتۇش ئىمكانى بولغان قارشىلىق كۆرسەتكۈچى خەلقنى، يارلاندۇرۇپ تۇتۇشنى ئەمەس، قىرىپ تۈگىتىشنى مەقسەت قىلسا، يەنە بىر جەھەتتىن پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا ئۆزلىرىگە ئىتائەت قىلمىسا ھەممىسىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئەنە ئاشۇلارغا ئوخشاش بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر ئۇچۇرنى يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان.
‎خىتايلارنىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بىرىۋاتقان سىياسەت ۋە ئىستىگىراتىيەسى ناھايىتى زىددىيەتلىككە ئىگە بولۇپ، بەرزىدە ئۇلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقاندەك سىياسەت يۈرگۈزسە، بەرزىدە ئۆزىنىڭ ئەسلى مەقسىتى بولغان ئۇيغۇرلارنى قىرىپ يوق قىلىش سىياسىتىنى ئاشكارلاپ قويىدۇ. ھەتتا ئۇنى كەڭ كۆلەملىك ئېلىپ بارماقچىمۇ بولىدۇ، ئېلىشقۇ قەتلىئامىدا بۇ نوقتا رۇشەن ئىپادىلەنگەن، ئۇلارنىڭ بۇ خىل سىياسەتلىرى ھەم زىددىيەتلىككە ئىگە. ئۇلار بىر جەھەتتىن ئېلىشقۇدا يۈز بەرگەندەك ۋەقەلەرنىڭ كېڭىيىشىنى، تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ سەپكە قوشۇلىشىنى، شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنى قىرىپ تاشلىماقچى بولىدۇ شۇ قېتىمقى ھەركەت باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي شۇ ئەتراپتىكى دۆڭباغ، قوشئېرىق قاتارلىق يېزىلاردا پەيدا بولغان، قارا بايراقلىق جىھادقا چاقىرغۇچىلارنىڭ يېرىم كېچە مەھەللىمۇ مەھەللە يۈگرەپ خەلقنى جىھادقا چاقىرىشى، ئەنە شۇ جىھادقا چاقىرغۇچىلارنىڭ ۋەقەدىن كېيىنمۇ خاتىرجەم ھالدا مەھەللىرىدە يۈرەلىشلىرى بۇ نوقتىنى تېخىمۇ دەلىللەيدۇ. خىتاي يەنە بىر جەھەتتىن بۇ خىل قارشىلىق ھەركىتىنىڭ ئومومىي خەلق ھەركىتىگە ئايلىنىپ پۈتۈن شەرقى تۈركىستانغا يامراپ، كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ قوزغىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. چۈنكى ئۇنداق بولغاندا قەتلىئامنىڭ دائىرىسى كېڭىيىپ خەلقئارانىڭ ئارلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئىدى خىتايلار ئويغۇرلارنى ئەنە شۇ ئۇسۇل بويىچە قىرىپ تۈگەتكەن بولاتتى.
‎“ئېلىشقۇ قەتلىئامى“ تاجاۋۇزچى خىتايلارنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاندا “ جازا لاگىرلىرى“نى تەسىس قىلىشقا بىۋاستە سەۋەب بولغان ۋەقە بولۇپ، شۇ قېتىملىق قەتلىئامدىن كېيىنلار خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يەكەن ناھىيەسىدە “ قاپقاق ئېچىش“ نامىدا بىر ھەركىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، “ ئوچۇق تەربىيەلەش“ ۋە ”يېپىق تەربىيەلەش“ دېگەن نام بىلەن كېشىلەرنى ”جازا لاگىرلىرى“غا تۇتۇشقا باشلايدۇ. مەن بىلىدىغان تەربىيەلەش ئورۇنلىرىدىن يەكەن ناھىيەسى تاغاچى يېزا كونا بازار باشلانغۇچ مەكتەپ ”ئوچۇق تەربىيەلەش“ ئورنى، يەكەن ناھىيەت تاغارچى يېزىسى يېزائىگىلىك ماشىنلىرى پونكىتى (يەرلىك تىلدا تېراكتۇر پونكىتى) “ يېپىق تەربىيەلەش“ ئورنى قىلىپ بىكىتىلگەن. شەرقى تۈركىستاندىكى «جازا لاگىرلىرى» 2015- يىلى يەركەندە بىر يىل تەجربە قىلىغاندىن كېيىن، 2016- يىلى يەركەندە ئىككىنجى قېتىملىق قاپقاق ئېچىش ھەركىتى باشلانغان، ھەمدە بۇ ھەركەت پۈتۈن «شەرقى تۈركىستان»غا كېڭەيتىلگەندىن كېيىن خەلقئاراغا ئاشكارە بولۇشقا باشلايدۇ.
‎مانا مۇشۇنداق بولىشىغا قارىماي مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ”ئېلىشقۇ قەتلىئامى“ ھەققىدىكى خاتىرلىرىنىڭ غۇۋالىشىپ كېتىشى، ھەتتا شۇ قېتىمقى ۋەقەدە مىڭلارچە قىرىندىشىمىز شېھىد بەرگىنىگە قارىماستىن، ھىچ بىر خاتىرە پائالىيەتلىرىنىڭ ئېلىپ بىرىلماسلىقى، ياكى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن سەل قارىلىشى بولدى. بۇنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇماتنىڭ يوق بولىشى بولسا، يەنە بىرى بۇ ۋەقەنىڭ جۇغراپىيلىك ئورۇن جەھەتتە چوڭ شەھەرگە يىراق بىر يېزىدا يۈز بىرىشى بولسا كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۇچۇرنى قامال قىلىشى سەۋەبلىك كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ۋەقەدىن خەۋەرسىز قالدى. بۇ ھەقتىكى رەسىم ۋە ۋىدىئولارنىڭ يوق بولۇشىمۇ بىر سەۋەپتۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇ قېتىملىق قەتلىئامدىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى تەپسىلى خەۋەردار قىلىش، شۇنداقلا بۇ قەتلىئامنى ئۇيغۇر تارىخىنىڭ بەتلىرىگە پۈتۈپ قويۇش ئۈچۈن قولۇمغا قەلەم ئالدىم. بۇ ئارقىلىق بۇ قېتىملىق قەتلىئامدا شەھىد بولغان قېرىنداشلىرىمىز يادلىنىپ تۇرۇلسا، ئۇلارغا دۇئالار قىلىنىپ تۇرۇلسا، ئەلۋەتتە ھايات بىزلەر ئۇلارنىڭ قورۇقماس شۇ روھىدىن ئۈلگە ئېلىپ ۋەتەن قۇتقۇزۇش ھەركىتىدە ئاكتىپ ھەركەتكە ئۆتسەك مىنىڭ ھاردۇغۇم چىققان بولىدۇ.
‎مىنىڭ نەزىرىمدە ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاندا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ھەركەت ئېلىپ بارغان ھەرقانداق بىر قېرىندىشىمىز مەيلى قايسى ھالەتتە بولمىسۇن، دۇنيادىكى ئەڭ قورۇقماس، ئەڭ بۈيۈك جەڭچىدۇر، مۇجاھىد ھىساپلىندۇ . چۈنكى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا دۈشمەنلىرىگە قارشى جەڭ قىلىۋاتقان ھەرقانداق بىر ئارمىيەنىڭ چېكىنىش ئورنى بولىدۇ. مۇداپىئە سېپى، يەنى ئىككى قوشۇن ئارلىقىدا ئارلىق رايۇن بولىدۇ. ئەمما ۋەتىنىمىزدە خىتايغا قارشى ئۆيىدىن چىققان ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر خۇددى تاپانچىدىن ئېتىلغان ئوققا ئوخشايدۇكى، ئوق تاپانچىغا قايتىپ كىرمىگىنىدەك ئۇ ئۇيغۇرنىڭ ئەمدى ئۆيىگە تىنىچ – ئامان قايتىپ كىرىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ نوقتا بارلىق ئۇيغۇرغا ئايدىڭ بىر مەسىلە، ئۇ قەھىرمانلىرىمىز شۇنى بىلىپ تۇرۇپ بۇ ۋەقەگە ئاتلىنىدۇ. شۇ نوقتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ 70 يىل جەريانىدا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۆرەش قىلىپ شەھىد بولغان ھەربىر قەھىرمانىمىزنىڭ شاھادىتى بەكمۇ يۈكسەكتۇر. بىز ئۈچۈن ئۇلار بەكمۇ سۆيۈملۈكتۇر. چۈنكى ئۇ چېكىنىش ئىمكانى يوقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ جەڭگە كىرگۈچىدۇر. ئەنە ئاشۇنداق قەھىرمانلىرىمىزنى، ئەنە ئاشۇنداق شەھىدلىرىمىزنى خاتىرلىمەسلىك، ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلماسلىق، ئۇلارنىڭ روھىدىن ئۈلگە ئالماسلىق بىز ئۈچۈن يېتەرلىك نۇمۇستۇر.
‎يەركەندىكى ئېلىشقۇ قەتلىئامىنى قەلەمگە ئېلىشىمغا سەۋەب بولغان ئىشلارنىڭ بىرى يۇقىردا ئېيتىپ ئۆتكۈنىمدەك بۇ قەتلىئامنىڭ ئەمەلىيەتتە ھازىر ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقى تۈركىستاندا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى قۇرغان ”جازا لاگىرلىرى“ نىڭ قۇرۇلۇشىغا، شۇنداقلا ”ساقچى دۆلىتى“ تۈزۈلمىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا پىلتە بولغان ۋەقە بولىغانلىقى بولسا، يەنە بىر جەھەتتىن ئۇ چاغدىكى قەتلىئامدا مىڭلارچە ئۇيغۇرنىڭ شەھىد قىلىنىشى، شۇنداقلا ئەنە ئاشۇنداق تارىخى ۋەقەلەرنى، شەھىدلەرنى ئەسلەش، خاتىرلەش ئارقىلىق رەببىمىز ئاللاھنى رازى قىلساق، شۇ شەھىدلىرىمىزنىڭ روھىغا دۇئا قىلپ شەھىدلىرىمىزنىڭ روھىنى شاد قىلىش، بۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزنى تەربىيەلەش ئۈچۈندۇر. تۆۋەندىكى بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدىكى بايانلار نەزىرىڭلاردا بولسۇن.
1. ‎ قوزغىلاڭنىڭ يۈز بىرىش سەۋەبى
‎ۋەقەنىڭ يۈز بىرىشىدە مۇنداق ئىككى سەۋەب بار، بۇلارنىڭ بىرى خۇددى شاۋگۈەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈم ۋەقەسى ”ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى“نىڭ يۈز بىرىشىغا تۈرۈتكە بولغاندەك، “ ئېلىشقۇ قەتلىئامى“نىڭ يۈز بىرىشىغىمۇ ئەنە ئاشۇنداق ۋەقەلەرنىڭ بىرى سەۋەب بولغان.
‎ 2014- يىلى رامزان 6- ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى كىرىدۇ. رامزان دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن قانداق ئۇلۇغ بىر ئاي، قانداق بىر قاينام تاشقىنلىقتا كۈتۈۋىلىنىدىغان، قانداق بىر قىزغىنلىق بىلەن ئۆتكۈزىلىدىغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلار ئىچىدىمۇ ئەنە ئاشۇنداق يۈكسەك ھۆرمەتكە سازاۋەرئايدۇر. مانا مۇشۇنداق ئۇلۇغ ئاينى ئېلىشقۇ بازىرىدىكى جامال ھاجىم ئائىلىسىمۇ شۇنداق قىزغىنلىق ئىچىدە كۈتىۋالىدۇ. ئەمما بۇ ئائىلىنىڭ رامزان خۇشاللىقى بۇ ئائىلىگە كەلگەن چوڭ مۇسىبەت بىلەن كۆپۈككە ئايلىنىدۇ. رامزاننىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىنىڭ بىرىدە جامال ھاجىم پىشىن نامىزىدىن كېيىن ئىككى ئېشەك ھارۋىسىنى قېتىپ ئۆيدىكى خاتۇن -باللىرىنى ئېلىپ، سودىلىق ئۈچۈن بازارغا يولغا چىقىدۇ. چۈنكى بۇ قاقرام ئىسسىقتا يالماۋۇز خىتايلارنىڭ روپاشلارنى توسۇپ، تۇتىدىغان غالچىلىرى ئارام ئىلىشى مۇمكىن ئىدى. شۇ ئۈمىد بىلەن يولغا چىققان جامال ھاجىم ئائىلىسى شۇ يەردىكى بىر يول بۆلىكىنىڭ رېمىنۇت ئېشلىرىنى ھۆددىگە ئالغان خىتاي خوجايننىڭ خاتۇنىنىڭ مەست ھالەتتە ماشىنا ھەيدەشتىكى سەۋەنلىكى تۈپەيلى بىر ئائىلىدىن ئىككى ئايال، بىر ئوغۇل ئۈچ ئادەم، ۋە قوساقتىكى ھامىلە بولۇپ جەمئىي بەش ئادەم قازا قىلىدۇ. بۇ كۈنى ھاۋا ئىسسىق بولغاچقا خىتاي خوجايىن خاتۇن – باللىرىنى ئېلىپ ئىلىشقۇ سۇ ئامبىرىغا ئوينىغىلى چىقىدۇ. ئۇلار ئۇ يەردە ئويناپ قايتىشىدا ماشىنىنى ئۇ خوجايىننىڭ ئايالى ھەيدەيدۇ. شۇنداقلا مارالبىشى – يەركەن تاش يولىغا چىقىدىغان يان يولدا كىتىپ بارغان بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنى باستۇرۋىتىدۇ. ئىككى ئىشەك ھارۋۇسىدىكى كىشىلەردىن ئۈچ چوڭ ئادەم، ۋە قوساقتىكى ئىككى ھامىلە قازا قىلىدۇ. ئەڭ ئېچىنارلىقى ھامىلەنىڭ ئانىنىڭ قوسىقىدىن ئېتىلىپ چىقىپ كىتىشىدۇر. بۇ ۋەقەدىن كېيىن شۇ يەردىكى جامائەت قېچىپ كەتمەكچى بولغان خىتاي خوجايىننى باغلىۋالىدۇ. ئەمما يەركەن ناھىيەسىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ھاكىمى ئەخەت سايىت نەق مەيدانغا چىقىپ خەلققە قازا قىلغانلارنىڭ مىيىتىنى دەپنە قىلىۋىتىشىنى، ھۆكىمەتنىڭ ۋەقەنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. خەلق باغلىۋالغان خىتاي خوجايىننى قويۇپ بىرىدۇ. ئەمما ۋەقە ئادىل بىر تەرەپ قىلىنىمىغۇچە مىيىتنى يەرلىكتە قويمايدىغانلىقىنى دەپ ئۆز نەپترەتلىرىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ خىتاي خۇجايىن ھەر بىر كىشىنىڭ خۇن ھەققى ئۈچۈن 20مىدىن 30 مىڭغىچە ئارلىقتە تۆلەم تۆلەپ بىرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، ئەمما خەلق تۆلەم پۇلىنىڭ ئادىل بولمىغانلىقىنى ئوتتورغا قويۇپ مىيىتنى دەپنە قىلىشنى رەت قىلىدۇ. ئەتىسى مىيىت پۇراشقا باشلايدۇ . شۇنداقلا ھۆكىمەتمۇ ساقچى ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەلققە باش بولۇپ تۈنۈگۈن خىتاي خۇجايىننى باغلىغان ۋە مىيىتنى قويۇشنى رەت قىلغانلارنى قولغا ئالىدۇ ۋە مىيىتنى مەجبۇرى دەپنە قىلدۇرىدۇ. خەلق بۇ ناھەقچىلىققنى ئىچىگە پاتۇرالمايدۇ. ئەمما باشقا ئامال ھەم قىلالمايدۇ. ئۇلۇغ رامزاندا ئەنە شۇنداق مەزلۇم ئۇيغۇرنىڭ دەردىنى ئاڭلىتىشقا ئاللاھتىن باشقا يەنە كىم بار دەيسىز؟! شۇنداق قىلىپ ھەسرەتكە تولغان رامزان داۋاملىشىدۇ. ئەمما خەلقنىڭ غەزىپى بىسىقمايدۇ.
‎ئەلۋەتتە بۇ ئىشلاردىن ئۇزاق ئۆتمەي رامزاننىڭ ئوتتورلىرى يەنى 7 – ئاينىڭ 18 – كۈنى يەكەن ناھىيەسى بەشكەنىت بازىرىدا ئۆيمۇ – ئۆي روپاش ئىنىقلاۋاتقان مەھەللە كومىتىت كادىرلىرى بىر ئائىلىكنىڭ ئىشىكىنى قاقىدۇ. ئەلۋەتتە يات ئەر بولۇپ قالمىسۇن دەپ، يۈزىنى يېپىۋىلىپ چىققان ئايال، بۇلارغا ئۇدۇل كىلىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەھەللە كادىرلىرى ۋە ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن ساقچى ئۇ ئايالنىڭ ھىجابىغا چاڭ سالماقچى بولىدۇ. بۇ ئۆينىڭ چوڭى بولغان بوۋاي ئۆينىڭ ئۆزىنىڭ ئىكەنلىكىنى، شۇڭا كېلىنىنىڭ ئۆيدە قانداق كىيىنىشى ئۆزىنىڭ ئىشى ئىكەنلىكىنى دەپ ئۇلار بىلەن گەپ تالىشىدۇ. ئەمما 71 ياشلىق بوۋايغىمۇ يۈز خاتىرە قىلمىغان ساقچى بوۋاينىڭ كېلىنىنى سۆرەپ ماڭماقچى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بوۋاي تامغا يۆلەپ قويغان ئارىنى ساقچىغا تىقىپ ئۇنى يەر چىشلىتىدۇ. قالغان كادىرلار قېچىپ كېتىپ ساقچىلارغا مەلۇم قىلىدۇ. ساقچىلار كېلىپ 71 ياشلىق بوۋاي، 7 ياشلىق سەبى بالا، بىر ئايال ۋە ئىككى ئەر كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش كىشىنى ئوققا تۇتۇپ قىرىپ تاشلايدۇ. بۇ ۋەقە پۈتۈن يەر كەنگە تارقاپ خەلق ئۇ بوۋايغا مەدھىيە ئوقىسا، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا بولغان نەپرىتى تېخىمۇ ئاشىدۇ. ئەنە ئاشۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە رامزاننىڭ ئاخىرقى 29- كۈننىنىڭ تىراۋىھ نامىزى ئوقۇلۇپ بولۇنغاندىن كېيىن بۇ قېتىملىق قەتلىئامنىڭ پىلتىسىگە ئوت يىقىلغان ۋەقە يۈز بىرىدۇ.
‎يۇقىردا ئېيتىپ ئۆتكەندەك رامزان ئۇيغۇر ئۈچۈن ئۇلۇغ بىر ئاي، بۇ ئاينىڭ ئۇلۇغلۇقىنىڭ بىرى ئۇنىڭدا ھەر كۈنى كەچتە تەراۋىھ نامىزىنىڭ ئادا قىلىنىشىدۇر. ئېلىشقۇ يەكەن ناھىيەسى ئىچىدە ئەقىدە- ئىتقاد جەھەتتە چىڭ تۇرىدىغان يېزا- قىشلاقلارنىڭ بىرى ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىدە بۇ يېزا تارىختا داڭلىق بولغان خاڭدى مەدرىسى، شۇنداق ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى تەسەۋۋۇپ ئۇستازلىرىدىن ئەييۇب قارىئاخۇنم ئۆتكەن خائدى يېزىسى بىلەن قوشنا بولۇپ، خاڭدى، ئېلىشقۇ قاتارلىق يېزىلار خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان يېزىلارنىڭ بىرى ئىدى. چۈنكى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 1949- يىلى شەرقى تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە ئايۇپ قارىئاخۇنۇم ئۆزىنىڭ تالىپ، خەلپەتلىرى ۋە ئەگەشكۈچىلىرى بولۇپ نەچچە مىڭلىغان كىشىنى خىتتايغا تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تەشكىللەيدۇ، ئەمما ۋەقە باشلانماي تۇرۇپ پاش بولۇپ قالغاچقا ئەگەشكۈچىلەرنى تارىتىۋىتىدۇ. ئۆزى ھويلىسىنىڭ ئىچىدىكى قۇدۇق ئىچىگە كوۋلاپ ياسالغان گەمىدە ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ياشاپ، ئۆز ئەجىلى بىلەن ۋاپات تاپىدۇ. ئەمما ئۇ باشلاپ قويغان بۇ قارشىلىق ھەركەتلىرى تاكى ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاندا 1980 – يىللارغا قەدەر خىتاي كومىنىستلىرىنى ئارامىدا قويمايدۇ. ئۇنىڭ خەلپەتلىرى شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ قولىشتىن كىلىشچە خىتايغا قارشى ھەركەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ. ماداجىڭ ئۆزىنىڭ شەرقى تۈركىستان ھەققىدە يازغان بىر قانچە كىتابىدا بۇ ھەقتە توختىلىدۇ. شۇنداقلا ئايۇپ قارارىئاخۇنۇم ۋە قاغىلىق ناھىيەسىدە ئۆتكەن داڭلىق دىنى ئۇستاز ئابدۇلھەكىم مەخسۇمنى شەرقى تۈركىستاندىكى ”ئۈچ خىل كۈچ“لەرنىڭ روھى داھىلىرى دەپ ئەنگە ئالىدۇ. ئېلىشقۇ يېزىسى ئەنە شۇنداق ئارقا كۆرۈنىشلەرنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان بىر يۇرت بولغانلىقى، شۇنداقلا يېقىنقى زامان شەرقى تۈركىستان ئىسلام ئويغۇنىش ھەركتىنىڭ تەسىرىدىن بۇ قېتىمقى رامزاندىمۇ ھەركۈنى كەچ تۈگمەن بېشى، تىرەكلەڭگەر، نوچى قاتارلىق كەنىتلىرىنىڭ جامائىتى بىريەرگە جەم بولۇپ تاراۋىھ نامىزىنى بىرلىكتە ئادا قىلىدۇ، شۇنداقلا بۇلارنىڭ ئىمامى، ئېلىشقۇ ۋەقەسىنىڭ باش رولچىسى نۇرمۇھەممەد مامۇت قارىمنىڭ تەبلىغ-تەلىملىرىنى ئاڭلايدۇ. ئەلۋەتتە 35 لەرنىڭ قارىسىنى ئالغان بۇ ياش ئىمامنىڭ بىلىمى مول، نۇتىقى چۈشۈنىشلىك، دەلىللىرى قايىل قىلارلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ داڭقى يىراق – يېقىندىكى يىزا – قىشلاقلارغا تاراشقا باشلايدۇ. ھەتتا تىراۋىھ نامىزىغا قوشنا يېزىلاردىن خاڭدى، دۆڭباغ، ئىلىشقۇ، قوشئىرىق، تاغارچى قاتارلىق
‎زىلاردىن جامائەت كېلىپ قاتنىشىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنچە جامائەتنىڭ يىغىلىشىدىن خاۋاتىرلەنگەن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇلارغا تەدبىر قوللىنىشنى ئويلىسىمۇ، رامزاندا تېخىمۇ كۆپ خەلقنىڭ قارشى تۇرىشىغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن، رامزاندىن كېيىن بۇلارنى بىر – بىرلەپ بىر تەرەپ قىلىشنى قارار قىلىدۇ ( يەكەن ناھىيلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىدىكى ساقچىلارنىڭ ۋەقەدىن كېيىن ئېيتىپ بەرگەنلىرى).
‎رامزاننىڭ 28- كۈنى تىراۋىھ نامازىغا يىغىلغان ئەر- ئاياللار ئىلگىركىدەك كۆپ بولمىسىمۇ ئەممە خېلى كۆپ ئىدى. چۈنكى جامائەتنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلغان سەزگۈر ئىمام، ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ بۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ بىر يەرگە يىغىلىشىغا يار بەرمەيدىغانلىقى، شۇڭا يىراقتىن كەلگەن قېرىنداشلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يۇرتلىرىدا نامازلىرىنى ئادا قىلسا ياخشى بولدىغانلىقىنى دەپ جامائەتنى ئازايتىدۇ. بۇ كۈنى تىراۋىھ نامىزى ئادا قىلىنىپ دۇئالار تامام بولغاندىن كېيىن ھەممەيلەن ئۆيلىرىگە قايتىشقا تۇتىنىدۇ. باشقا مەھەللىدىن كەلگەن بىر قانچە ئەر – ئاياللار موتسىكىلىت بىلەن ئۆيىگە قايتىۋاتقان يول بۆلىكىدە يېزىلىق ھۆكىمەتنىڭ چارلاپ ماڭغان بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقىغا ئۇچراپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاياللىرى روپاش بولغانلىقى سەۋەبتىن يېزىلىق بىرلىكسەپ بۆلۈمدىكىلەر بۇ ئاياللارنى ئېلىپ كەتمەكچى بولىدۇ. ئەمما ئەرلىرى ئۇ باشلىقلارغا چۈشەندۈرسىمۇ، يالۋۇرسسىمۇ پايدىسى بولمايدۇ، ئاياللىرىنى يېزىلىق ساقچىغانىغا ئېلىپ كىتىلگەن ئەرلەر ساقچىغانىغا بىرىپ ئاياللىرىنى ھىچ ئامال قىلىپ قۇتقۇزۇپ چىقالمايدۇ. ئاچچىققا چىدىمىغان ئەرلەر كەينىگە يېنىپ مەسجىدكە كېلىدۇ ۋە بۇ يەردە تېخى تارىمىغان بىر قىسىم جامائەتكە بولغان ئەھۋالنى بايان قىلىدۇ. جامائەت ھەممىسى يېزىلىق ساقچىغانىغا كېلىدۇ ۋە ئۇلاردىن ئاياللارنى قويۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما ساقچىخانىدىكىلەر ئاياللارنى قويۇپ بىرىشنى رەت قىلىدۇ. ھەمدە جامائەتكە تەھدىد سالىدۇ. ئالدىنقى خورلۇقنىڭ غەزىپى بېسىقمىغان جامائەت بۇ خورلۇققا تېخىمۇ ئاچچىقى كىلىدۇ ۋە ساقچىخانىغا بېسىپ كىرىدۇ.بۇ ئارىدا جامائەت بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش بولىدۇ.شۇنداق قىلىپ ساقچىخانا جامائەت تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، ئاياللار قۇتقۇزىۋىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خەلق ئۆزلىكىدىن تەشكىللەنگەن بىر مەيدان قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركىتى، شۇنداقلا بۇقېتىملىق قانلىق قىرغىنچىلىقنىڭ پەردىسى ئېچىلىدۇ.
2. ‎ قەتلىئامنىڭ جەريانى
‎جامائەت ساقچىخانىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، بۈگۈن جامائەتكە باش بولۇپ ناماز ئوقۇپ بەرگەن رەسمى ئىمام نۇرمۇھەممەد مامۇت قارىمنىڭ تالىپى ئۇستازىنىڭ يېنىغا بولغان ئەھۋالدىن ئۇستازىنى خەۋەرلەندۈرىدۇ. چۈنكى بۇ كۈنى ئۇستاز نۇرمۇھەممەد مامۇت ئاغرىپ قالغاچقا مەسجىدكە كىلەلمىگەن بولۇپ، بولغان ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان بىتاپ ئۇستاز ئەسلى بۈگۈن قوزغىلىدىغان كۈن ئەمەس ئىدى. خەيرى ئاللاھ بۈگۈنگە ئورۇنلاشتۇرغان بولسا چىقماي نە چارە دەپ، ياتقان ئورنىدىن تۇرۇپ قوزۇقتىكى يەكتىكى بىلەن سەللىسىنى كېيىپ جامائەتنىڭ ئالدىغا كىلىدۇ ۋە ئۇلارغا بەزى ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى قىلىدۇ.
‎جامائەتنى مارالبىشى – يەكەن تاشيولىنىڭ ئېلىشقۇ بازىرى ئېغىزىنى توسىۋىتىشنى بۇيرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جامائەت تاش توشۇپ ماڭغان بىر ماشىنىنى توسۇپ، ئۇنىڭدىكى تاشلارنى يول ئېغىزىغا تۆكۈپ يولنى توسىۋىتىدۇ.
‎ئاندىن يەنە بىر قىسىم جامائەتكە ئېلشقۇ بازار مەركىزىدىن 10 كىلومىتىرلارچە يىراقلىكتىكى يول بۆلىكىىنى ھەم توسىۋىتىشنى بۇيرىدۇ. ئۇلار بىرىپ يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە قاتار تۇرغان ئادەم بىلىدىن چوڭ كەلگەن سۇۋادان تىرەكلەرنى يول ئۈستىگە ئۆرىيدۇ. شۇنىڭ بىلەن 10 كىلومىتىېر دائىردىكى ماشىنا، قاتناش- قۇراللىرى ياكى ئالدىغا، ياكى كەينىگە ماڭالماي ئوتتۇردا قاپسىلىپ قالىدۇ. بۇ ۋەقەدىن كېيىن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئەنە ئاشۇنداق چوڭ يول بويلىرىدىكى بارلىق دەرەخلەرنى كەسكۈزىۋىتىدۇ. مارالبىشى – يەركەن تاشيولىنىڭ بويىدىكى قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان سۇۋادان تىرىكلەرمۇ بۇ قېتىملىق قىرغىنچىلىقتىن ئامان قالالمايدۇ.
‎ئۇستاز ئاندىن يەنە بىر بۆلۈك جامائەتنى مارالبىشى يەكەن تاش يولىغا يانداش بولغان غەرىب ۋە شەرىقتىكى كىچىك يىزا يوللىرغا كۈزەتچىلىككە ئەۋەتىپ ئەھۋال ئىگەللەيدۇ. ئاندىن بىر قسىم كىشىلەرنى ئىككى باشتىن قاتناش قۇراللىردىكى كىشلەرنى تەكشۈرۈشكە بۇيرىدۇ. يەنى ئۇلار بۇ ئارقىلىق خىتاي كومىستلىرىغا غالچىلىق قىلىۋاتقان مالاي ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنى تۇتۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ جەرياندا غۇلجىدىن ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇبىغا ساياھەتكە ماڭغان بىر ئاپتۇبۇستىكى 40 ئەتراپىدىكى خىتايلار قولغاچۈشىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ يەردە بىر نەرسىنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، كۆپ قېسىم ئۇيغۇرغا نېسبەتەن خىتايلار تاجاۋۇزچى مىللەت، شۇڭا خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ قۇراللىق ئارمىيە، ساقچى، ژاندارمىلىرى ئەڭ چوڭ تاجاۋۇزچى دۈشمەن بولسا، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن خىتايلارنىڭ ھەرخىل ئېتبار سىياسەتلىرى سەۋەبلىك كۆچۈپ كەلگەن خىتاي پۇقرالىرى ھەم ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىسى، تاجاۋۇزچىلىقتىكى شىرىكى، ۋەتەننىڭ شەرىپىنى، ئۇيغۇرنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى، ھەققى- ھوقۇقلىرىنى، كىشلىك قەدىر – قىممىتىنى، مال – مۈلۈكلىرىنى، دىنى-ئىتقادىنى دەپسەندە قىلغۇچى تاجاۋۇزچىدۇر. شۇڭا خىتاي مائارىپىدا تەربىيەلىنىپ، خىتايچە پىكىر قىلىشقا ئۈگۈنۈپ، ئۆزلىرىنى ئۇلارنىڭ بىر قىسمى دەپ ئويلايدىغان بىرقسىم ئۇيغۇر تىللىق خىتايلارنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى خىتايلار ھەم خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچىلىرى دەپ بىزگە دەرىس ئۆتۈشلىرىنى ئەگەر توغرا چۈشىنىمىز كېرەك دېگەندە، ھازىر ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاندا ئۇيغۇر قىزلىرىغا توي قىلىپ، قىزلىرىمىزنى ئەرسىز قويماي، خاتۇن قىلىۋاتقان، پۇرىتىپ قويمىغان شۇ كۈييئوغۇللىرىمىزنى ھەم توغرا چۈشىنىشىمىز كېرەك. ئۇيغۇرنىڭ ئۆرۈپ – ئادىتى بويىچە ئاستىغا تۆت قات كۆرپە سىلىپ، ئالدىغا توخۇم قويۇپ ياخشى كۈتمىكىمىز كېرەك. ئەگەر ئۇنى خاتۇنلىرىمىزغا باسقۇنچىلىق قىلغۇچى، خىتاي كومىنىستىلىرىنىڭ قوللىغىچىلىرى دېگەندە، بىلىشىمىز كېرەككى، مەيلى شەرقى تۈركىستاندىكى بولسۇن، ئومومىي خىتاي خەلقىنىڭ ھەممىسى خىتاي كومىستىلىرىنىڭ ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاندىكى مۇستەملىكىسىنى قوللىغۇچىلىرىدۇر.تاجاۋۇزچىلىقتىكى شىرىكلىرىدۇر، ھەتتاكى چەتئەللەردىكى ئۆزلىرىنى دىمكىراتىك پارتىيەلەر دەپ خىتاينىڭ دىمكىراتلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىدىغان خىتايلار ھەم شەرقى تۈركىستاننى ئەبەدى خىتاي مۇستەملىكىسىدە تۇتۇپ تۇرۇش كېرەك دېگەن پىكىرنىڭ تەشەببۇسچىلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرىدۇر. شۇڭا بۇ قېتىملىق ئېلىشقۇدا ئېلىپ بىرىلغان قارشلىق ھەركىتىگە رەھبەرلىك قىلغان نۇرمۇھەممەد مامۇت قارىم باشچىلىقىدىكى مۇجاھىدلىرىمىزنىڭ ئۇ 40 خىتاينى تۇتقۇن قىلىشىنى ئاقىلانە بولغان ئېستىگىراتىيەدۇر.
‎ئۇنىڭغىچە بولغان ۋەقەلەر ناھىيلىك خىتاي ھۆكىمىتىگە يەتكەن بولۇپ، ھۆكىمەت دەرھال بارلىق يېزىنىڭ يېزا باشلىقى ۋە پارتىيە كومىتىنىڭ سېكرىتارلىرىنى يېزىلارغا چىقىپ ئالاھىدە ئەھۋال يۈز بىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك دەپ بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. بۇ بۇيرۇقنى تاپشۇرۇپ ئالغان خاڭدى بازىرىنىڭ بازار باشلىقى غولام توختى ۋە سىياسى قانۇن سېكرىتارى ئابدۇغىنى تۇردى ماشىنا بىلەن دۆڭباغ قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ۋاقىتتا دۆڭباغ يىزىسىنىڭ خىتاي سېكرىتارى ھەم يولغا چىقىپ ئىلىشقۇ يىزىسىغا كىلىدۇ، قارىسا ئوق يول توسىۋىتىلگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يول تۇسۇقكەن دەپ شوپۇرغا ماشىنىسىنى ياندۇرۇپ شەھەرگە ھەيدەشكە بۇيرىدۇ. ئەمما يىزا باشلىقى غۇلام توختى شۇپۇرىغا ئەگىپ يان يول بىلەن مېڭىشقا بۇيرۇق قىلىدۇ. ئۇلار يان يولدا چارلاۋاتقان جامائەتكە ئۇچرايدۇ، ئەلۋەتتە غۇلام توختى ناھايىتى ئاكتىپ خىزمەت قىلغان، قىزىل پاچاق غالچىلاردىن بولۇپ، ئۇ خاڭدى بازىرىغا بازار باشلىقى بولۇشتىن ئىلگىرى ئىلىشقۇ بازىرىدا مۇئاۋىن يىزا باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن، شۇنداقلا خەلقكە، بولۇپمۇ دىندارلارغا كۆپ زۇلۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن، جامائەت ئۇنى ئاسانلا تونىۋالىدۇ ۋە ماشىنىدىن چۈشۈشكە بۇيرىدۇ. ئەمما غۇلام توختى ئۆزىنىڭ بازار باشلىقى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ كومپارتىيەدەك يۆلەنچىكى بارلىقىنى، سەنلەر بىر ئۇچۇم ئاشقۇن، تىرورچىلار چوقۇم قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىسىلەر دەپ تەھدىد سالىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ بۇ قۇرۇق تەھدىدى ئېغىزىدا قىلىپ قالىدۇ. جامائەت ئۇنى ماشىنىدىن سۆرەپ چۈشۈپ، باغلاپ ئۇستازنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىلىدۇ .
‎ئۇنىڭغىچە تاڭ يورۇپ ناماز بامداتتىن يانىدىغان ۋاقىتمۇ بولىدۇ. ئاخشامدىن بىرى بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپمىغان نۇرغۇن جامائەت بامدات نامىزىدا بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تېپىپ بۇ ھەركەتكە قاتنىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جامائەتنىڭ سانى مىڭدىن ئېشىپ كىتىدۇ.
‎مەن ئىگەللىگەن ئەھۋاللارغا ئاساسلانغاندا ئۇستاز بىر تۈركۈم جامائەتنى ۋە تۇتقۇن قىلىنغان خىتايلارنى باشلاپ ئىلىشقۇنىڭ غەربى تەرەپتىكى جاڭگاللىققا كىرىپ يۇشۇرىنىدۇ. بەلكىم بۇنداق قىلىشى ھەركەتنىڭ ۋاقتىنى بىر – ئىككى كۈن ئۇزارتىپ شەرقى تۈركىستاننىڭ باشقا جايلىرىدىكى قېرىنداشلارنىڭ قوزغىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بولسا كېرەك. چۈنكى قولدىكى تۇتقۇن سەۋەبلىك خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇلارنى بەك تىزلا يوق قىلماسلىقى مۇمكىن ئىدى. كېيىنكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئۇلار جاڭگالدىكى قۇمۇشلۇق ۋە يۇلغۇنلۇق ئارىلىرىدا ئالتە كۈن مەۋجۇدلىقىنى ساقلىغان، ئالتىنچى كۈنى مۇجاھىدلىرىمىزنى تەسلىمگە كەلتۈرەلمىگەن يالماۋۇز خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى خىتاي تۇتقۇنلار بىلەن بىرلىكتە بارلىق مۇجاھىدلارنى ھاۋا ھۇجۇمى ئارقىلىق شەھىد قىلغان. ئەمما مىنىڭ پەرىزمچە بۇ خىتاي كومىنىستلىرىنىڭ ئىش قىلىش پىرىنسىپىغا ئانچە ئۇيغۇن ئەمەس، چۈنكى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ 40 خىتاي پۇقراسى ئۈچۈن، ئۇ مۇجاھىدلىرىمىزنى ئۇنچە ئۇزۇن ھايات قويۇشى مومكىن ئەمەس. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھاياتلىقىنى خەلقى ئالەمگە مەلۇم بولسا، تېخىمۇ كۆپ خەلق قوزغىلىپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى. ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللاھتۇر. ئەلۋەتتە مۇجاھىدلىرىمىز بۇ قېتىم جاڭگالغا يۇشۇرۇنغانلىقى، خىتاينىڭ ھاۋادىن چارلىشىدىن ئۆزلىرىنى قۇمۇش ۋە يۇلغۇنلارنىڭ ئۈستىگە ئاق خەسىلەرنى يىپىش ئارقىلىق مۇداپە قىلغانلىقى ئۈچۈن، قەتلىئامدىن كېيىن خىتاي ھۆكىمىتى پۈتۈن قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە جاڭگالدىكى قومۇش ۋە يۇلغۇنلارنى كولاتقۇزۋەتتى. ھەتتاكى ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى باغلاردىكى چىتلاقنىمۇ ئالغۇزۇپ قويۇق تىكىلگەن مىۋىلىك دەرەخلەرنى كەسكۈزۈپ يىراقتىن قارىسا ئۆينىڭ ئارقىسىنى ئوچۇق كۆرۈنگىدەك ھالەتكە ئېلىپ كەلدى.
‎ئاندىن ئىلىشقۇ بازار ئىچىدە قالغان باشقا جامائەت غۇلام توختى ، ئابدۇغىنى تۇردى قاتارلىق خىتاي غالچىللىرىنى ئۆزلىرىگە قالقان قىلىپ خىتتاي ھەربىي كۈچلىرى بىلەن تىركىشىدۇ. ئۇنىڭغىچە جامائەت قوللىرىغا ئۆيلىرىدىكى كەتمەن، گۆرجەك، ئارا، پالتا قاتارلىق دىھقانچىلىق قۇراللىرىنى ئېلىپ چىقىپ ئۆزلىرىنى مۇداپە قىلماقچى بولىدۇ، شۇنداقلا ئۆيلىرىدىكى يەرتەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىش ئالۋىڭىدا خىتايلار تەرىپىدىن بىرىلگەن پولات چىۋىقلارنى تىراكتۇر كۇزۇپىغا زەمبىل شەكىلدە توقۇپ، خىتايلارنىڭ ئوقلىرىدىن ئۆزلىرىنى دالدىغا ئالىدۇ. ئەمما ”ن“ شەكىلدە قورشاۋغا ئېلىنغان جامائەت قولىدا ئۆزلىرى ئۆيلىرىدىن ئېلىپ چىققان دىھقانچىلىق قۇراللىرىدىن باشقا بىرەر قۇرالى بولمىغانلىقى ھەمدە ئۇنىڭدىن باشقا قانداق مۇداپىئەلىنىشنىمۇ بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۈچ تەرەپتىن توختىماي ئېتىلغان ئوق زەربىسىدە ئورىۋىتىلگەن قوناقتەك بىر بىرلەپ يەر يىقىلىدۇ. پۈتۈن ئەتراپنى ناھايىتى كۈچلۈك پۇرۇق ھىدى قاپلىسا، يەر يۈزى شەھىدلەرنىڭ قانلىرى بىلەن بويىلىدۇ، بۇ قېتىمقى ھەركەتتە خىتايلار ئادەمسىز ئايرۇپىلاننىمۇ ئىشقا سالغان بولۇپ، ئۇنى قايسى شەكىلدە ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە ئىنىق مەلۇمات يوق.
‎بۇ قەتلىئامدا ھەتتا خىتايلارغا بىر ئۆمۈر غالچىلىق قىلغان غۇلام توختى، يۇقىرى ئاۋازدا توۋىلاپ مەن خاڭدى بازىرىنىڭ بازار باشلىقى ئوق چىقارماڭلار دەپ توۋلىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتايلار پەرۋايىغا ئېلىپ قويماي شەھىدلىرىمىز بىلەن بىرگە ئۇلارنى ھەم قەتلى قىلىدۇ. ئۇنىڭ مىيىتىنى يۇيۇپ تارىغاندىكى كىشىلەرنىڭ بايان قىلىشچە ئۇنىڭ بەدىنىدە رۇشەن ئوق ئىزلىرى بايقالغان بولۇپ، ئاز دېگەندە تۆت پاي ئوق تەككەن. ئەلۋەتتە بۇ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تەرىپىدىن غۇلام توختىنىڭ ئايالى ئېغىزى ئارقىلقمۇ دەلىللىنىدۇ. بۇ يەردە ئەسكەرتىپ قويىدىغان بىر نوقتا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا غۇلام توختى بىلەن ئابدۇغىنى تۇردىنىڭ رەسىمى ئالماشتۇرۇپ قويۇلغان. چۈنكى غۇلام توختىنى مەن كىچىكىمدىن تونىيدىغان بىرى بولۇپ، ئۇنى خاتا ھالدا ئابدۇغىنى تۇردى دەپ يىزىپ قويغان.
‎شۇ قېتىمقى ۋەقەدىن كېيىن شەھىدلەرنىڭ جەسەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قاتناشقا بىرىنىڭ يەتكۈزىشىچە جەسەتلەر توپا ئۇسۇش ماشىنىسى بىلەن تۈرتۈپ ئېلىنىپ يۈك ماشىنىلىرىغا بېسىلغان، ئەمما قەيەرگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ئېنىق ئەمەس. مەن ئېگەللىگەن مەلۇماتلارغا كۆرە بۇ قېتىمقى قەتلىئامدا 1000 ئەتراپىدا ئۇيغۇر شەھىد قىلىنغان بولۇپ، بۇ سان شۇ قېتىم ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشقا قاتناشقان، شۇنداقلا شۇ قېتىلىق قىرغىنچىلىقتا يارلانغان يەكەن ناھىيە خ خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار ئەترىتىنىڭ باشلىقى تەرىپىدىن ئېيتىپ بىرىلگەن سان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا بۇ قېتىمقى ۋەقەدە 2000 دىن ئارتۇق كېشى شەھىد قىلىنغان.
3. ‎قەتلىئامدىن كېيىنكى بەرزى ۋەقەلەر
‎1) يەكەندىكى ئالاھىدە تەدبىرلەر
‎مەن ئۈرۈمچىدىن ھېيت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يەكەنگە قاراپ يولغا چىققاندا بۇ ئىشلارنىڭ بولىشىنى ھىچكىم خىيالىغا كەلتۈرمىگەن ئىدى. مەن 28- چىسلا ئەتىگەن سائەت 10 بىلەن يەكەن پويىز ئىستانزىسىغا چۈشتۈم، چۈشۈپ تىنىم شۈركىنىپ كەتتى. چۈنكى پۈتۈن ئەتراپ ژاندارمالار بىلەن تولغان ئىدى. بىرونىۋىك، تانكا، سەپ تارتىپ ماڭغان ئەسكەرلەر خۇددى جددى بىر ئۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتقاندەك كۈرۈنەتتى . ئۆيگە قايتىش ۋە چۈشتىن كېيىن بىزنىڭ يىزىدىكى ئۆيگە چىقىش جەريانىدا ئىشنىڭ قايسى چەككە يەتكەنلىكىنى ئاندىن بىلدىم. بىزنىڭ يەكەن شەھەر ئىچىدىكى ئۆيدىن، تاغارچى يېزىسى چۈشۈرگى كەنتىدىكى ئۆيگە پەقەت 20-30 مىنىۇتلار كېتىدىغان يول بولۇپ، پۈتۈن يوللار قامال قىلىنغان بولغاچقا، بىز بولۇڭ پىچقاقتىكى توپىلىق يوللار ئارقىلىق ئەگىپ ماڭىمىز دەپ ئىككى سائەتكە يېقىن ۋاقتىمىز كەتتى. پۈتۈن شەھەر، يېزىدا ئالاھىدە تەدبىرلەر ئىلىنغان بولۇپ، يوللار پۈتۈنلەي قامال قىلىنغان ئىدى . ماشىنىلار بىرمۇ بىر تەكشۈرلۈپ ئۆتكۈزىلەتتى. ئىلىشقۇ، خاڭدى، دۆڭباغقا ماڭىدىغان يوللار پۈتۈن قامال قىلىنغان بولۇپ، پۈتۈن ئىلىشقۇ يېزىسى تامامەن قامال قىلىنغان ئىدى.
7- ئاينىڭ 28-كۈن چۈشتىن كېيىن بولغاندا ئېچىنىشلىق شۇم خەۋەرلەر پۈتۈن يەركەنگە تارقاشقا باشلىدى . ئېلشقۇدىكى تۆت كەنىتنىڭ ئۇيغۇرلىرى قىرىپ تاشلانغانلىق خەۋىرى ھەممى جاينى بىر ئالدى. پۈتۈن يەركەندە يۈرگۈزۈلگەن ھەربىي ھالەت ھەم بۇ نوقتىنى چۈشەندۈرەتتى. ۋەقە يۈز بىرىپ ئۈچىنچى كۈنى ھېيت بولدى. بۇ كۈنى يەركەن پۈتۈن شەھەر ئىچى قامال قىلىنىپ، غەرىبتە شەھەر مەركىزى دالۇ دىن تاكى كونا شەھەر مەدەنىيەت باغچىسىنىڭ ئالدىغا قەدەر، جەنۇبتا يەكەن ناھىيەلىك دوختۇرخانا جىددى قۇتقۇزۇش بۆلىمىنىڭ ئالدىدىن شىمالدا يېڭى بازار باشلانغۇچ ئالدىغا قەدەر قامال قىلىنىپ بىرونىۋىك، تانكا، ئارمىيە سەپ تارتىپ شەھەرنى رەسمىي ھالدا ھازىرلا ئۇرۇش بولىدىغاندەك بىر ھالغا كەلتۈرگەن ئىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر تەرەپتىن ھېيت نامازىغا كەلگەن مۇسۇلمانلارغا ئۆز كۈچىنى نامايىش قىلىش، كۆز – كۆز قىلىش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن مۇسۇلمانلارغا ئەگەر سەنلەر قوزغالساڭ سەنلەرنىمۇ قەتلى قىلىمىز دېگەن ئۇچۇرنى بىرىش ئارقىلىق «دۆلەت تىرورلىقى» نى يۈزگۈزىۋاتاتتى.
‎بۇ ھالەت يەكەن شەھەر ئىچىدە ھەر جۈمە كۈنى نەچچە ئايلار داۋام قىلدى، كىشىلەر ئالتۇن مەسجىدكە چىغىر يوللار، ئارقا يوللار، چىلتەن ئارقىلىق كېلىپ جۈمە ۋە ھېيت نامازلىرىنى ئۇقىدى.
‎ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ئارمىيەسى پۈتۈن خەلقكە ئۆز ئارمىيەسىنى كۆز -كۆز قىلىش ئارقىلىق، خەلقنىڭ قەلبىدە قورقۇنىچ پەيدا قىلىش ئۈچۈن شەھەرنىڭ كىچىك خالتا كوچىلىرىغا قەدەر ھەربىي ماشىنىغا 15- 20 دىن ئەسكەرلىرىنى چىقىرىپ كوچا ئايلاندۇرۇشقا باشلدى. ھەتتا يىراق يېزىلاردىكى چەت ياقىلارغىچە چالا قويمىدى. بۇ جەرياندا 6 ياشلار چامىسىدا ئۆگزىسىدە ئويناۋاتقان بالا ئەسكەرلەرنىڭ ماشىنىسىغا مەدەك ئېتىپ ماشىنىدىكى بارلىق ئەسكەرلەرنى دۈم ياتقۇزۇپ ساراسىمگە سالغان. ئۇ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ساقچىخانىغا ئاپىرىپ جىرمانە ئېلىپ قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، پۈتۈن ماشىنىلارنىڭ كوزىپىسىنى سىم تور بىلەن قاشالىنىپ، ئەسكەرلەر شۇ سىم تورنىڭ ئىچىدە تۇرىدىغان بولدى. بۇ خۇددى ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى ياۋايى ھايۋانلارنى خەلقكە تاماش قىلدۇرۋاتقان كۆرۈنۈشنى ئەسلەتسە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ نەقەدەر قورقۇنچاقلىقىنى ئىپادىلەپ بەرگەن ئىدى. مۇشۇ قىلمىشىنىڭ ئۆزىلا خەلقنىڭ ئۇلارنى ھەزىل قىلىشىغا تۇتقۇ بولۇپ بەرگەن ئىدى.
‎قەتلىئام بولۇپ، ئۈچ – تۆت كۈنلەردىن كېيىن شۇ قېتىمقى قىرغىنچىلىقتا قېچىپ قۇتۇلغان ياردارلارغا دورا لازىملىقى ھەققىدىكى خەۋەر يىتىپ كەلدى. ئۇلار يۇشۇرۇن قىزىلغان گەمىلەردە مۈكۈنۈپ كۈن كۆچۈرۋاتقان ئىدى. ئەلۋەتتە پۈتۈن ناھىيلىك دورىخانىلارغا ئوقتۇرۇش چىقىرىلغان بولۇپ، ھەرقانداق كىشى دورا ئالماقچى بولسا چوقۇم بىمار ئۆز كىملىكىنى ئېلىپ كىلىپ دورا ئىشلىشى كېرەكلىكى، تاشقى يارىغا ئىشلىتىلىدىغان دورىلار تېخىمۇ شۇنداقلىقى ئوقتۇرۇش قىلىغان ئىدى. شۇڭا بۇنىڭ ئۈچۈن يەنىلا كۇچانىڭ سوپىنى ياخشى دەپ ئۆزىمىزنىڭ مىللىي تىبابەت دورىلىرى ئەسقاتتى.
2) ياشانغان بوۋاينىڭ ئېتىلىشى
‎ۋەقە يۈز بىرىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن ناھىيەلىك خىتاي ھۆكىمىتى ئىلىشقۇ يېزىسىدىكى خەلقنى تىنىچلاندۇرۇش، قورقۇپ كەتكەن خەلقنىڭ كۆڭلىنى ياساپ، ھۆكۈمەتكە ئىشىنىشكە ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، خەلقكە تەبلىغ قىلىشقا يەكەن ناھىيە ھەزرىتىپىر مەسجىدنىڭ ئىمامى ئابلەت قارىمنى ئىلىشقۇ يىزىسىغا ئېلىپ چىقىدۇ. ئەلۋەتتە پۈتۈن يىزا 10 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر بىلەن قامال قىلىنغان بولۇپ، تېخىغىچە بۇ يېزىغا كىرىپ چىقىش چەكلەنگەن، يوللار قامال قىلىنغان ئېدى. جامائەت توپلىنىدۇ، ئابلەت قارىم تەبلىغىنى باشلاپ ئاللاھقا ھەمدۇسانالار ئوقۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەمگە دورتلار ئوقۇپ تۇرىشىغا سەپ بىشىدا ئولتۇرغان 70 ياشلار چامىسىدىكى ئۆز دەرت – ئەلىمىنى ئىچىگە سىغدۇرالمىغان بوۋاي يىغلىغان پېتى ئورنىدىن قوپۇپ ئابلەت قارىھاجىمنىڭ قولىغا ئىسلماقچى بولىدۇ، دەل شۇ ۋاقىتتا ئابلەت قارى ھاجىمنىڭ يىنىدا تۇرغان ئەسكەر نەق مەيداندا بوۋاينى ئېتىپ تاشلايدۇ. كۆز ئالدىدا بۇ رەزىل قەتلىئامنىڭ شاھىدى بولغان ئابلەت قارىھاجىم ئالدى كەينىگە قارىماستىن، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە چىققان رەھبەرلەرنىڭ توسىشىغا قارىماي شەھەرگە قايتپ كىتىدۇ.
‎3) دامسى يېزىسىدا تاۋۇز چاغىنى
‎«ئېلىشقۇ قەتلىئامى» يۈز بىرىپ بىر ئايلاردىن كېيىن يەنى 9- ئاينىڭ 8- كۈنى يەكەن ناھىيەسىنىڭ دامسى يېزىسىدا 18 ياشلار چامىسىدىكى بىر ياش، شۇ يەردە كان ئېچىۋاتقان خىتايلارنىڭ ياتاق رايۇنىغا توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى بىلەن ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئۇ ياش خىتايلارنىڭ ياتاق ئۆيلىرىنى ئۆرۈپ تاشلايدۇ. بۇ جەرياندا خىتايلارنىڭ ھەممىسىنى تاۋۇز چاغىنى ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان كەچلىك كۆڭۈل ئىچىشقا چىقىپ كەتكەن بولۇپ، ياتاقتا قىلىپ قالغان ئىككى خىتاي يارلىنىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ياش ياكى شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغانمۇ ياكى شۇنداق ئۇدۇل كىلىپ قالغانمۇ ئۇ ھەقتىكى مەلۇمات ئېنىق ئەمەس. بۇ ياش بۇ يەردىن چىقىپ دامسى يېزىلىق خەلق ھۆكىمىتى ۋە ساقچىخانىغا ھوجۇم قىلغاندا ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلىنىدۇ. ئەمما ئەتىسى دامسى يىزىسىغا كان كولاش ئۈچۈن خىتايدىن كەلگەن 400دىن ئارتۇق خىتايلار بوخچىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ ”شەرقى تۈركىستان“ دىن تىكىۋىتىدۇ.
4. 4. بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ خەلقئاراغا ئاشكارلىنىشى
‎بۇ قېتىمقى ۋەقە يەكەن ناھىيەسى ياركوچا مەھەللىسىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئابابەكرى رېھىم نامىدىكى، ئەسلى ئىسمى ئابدۇكېرەم مەمەت بولغان ياش قەھىرمانىمىز تەرىپىدىن VPN ئارقىلىق تام ئاتلاپ چىقىپ خەلقئارا جامائەتچىلىككە ئاشكارلىغان. ئۇ ئىنىمىز بەش ياش ۋاقتىدىلا ئۇيغۇر ۋە ئەرەب تىلىدىن ساۋادىنى چىقىرىپ بولغان بولۇپ، 10 ياش ۋاقتىدىلا قۇرئاننى يادئېلىپ بولغان، شۇندىن كېيىن ئىسلامى ئىلىملەرنىڭ باشقا ساھەلىرىدىن ئىلىم تەھسىل قىلىدۇ. ئۇ 21 ياشقا توشقان يىلى ئۇستاز ۋە باشقا سەبداشلىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن چەتئەلگە چىقىپ ئىلىم تەھسىل قىلماقچى بولۇپ، سەپەر تەييارلىقىنى قىلىۋاتقان مەزگىلدە ياركەنىت «ئېلىشقۇ قەتلىئامى» يۈز بىرىدۇ.
‎تارىخنىڭ ئاچچىق ھەقىقەتلىرىنى ئۆزىگە ساۋاق قىلغان ئابابەكىرى بۇ ۋەقەگە ئالاھىدە دىققەت ئېتبارىنى بېرىدۇ. ئېلىپ بىرىلغان شۇنچە چوڭ قىرغىنچىلىقتىن كېيىن خىتاي ئاخباراتى شەھىد بولغان ئۇيغۇرلارغا تۆھمەت قىلىپلا قالماي، قەتلىئامنىڭ دائىرىسىنى ناھايىتى كىچىكلىتىۋىتىدۇ ۋە بارلىق مەسئۇلىيەتنى مۇسۇلمانلارغا دۆڭگەپ، ئۇلارنى بىر ئۇچۇم تېرورچىلار دەپ خۇلاسىلەپ، ئۆزلىرىنىڭ قەتلىئامىنى يوللۇق كۆرسىتىدۇ. بۇ نەھەقچىلىككە چىدىمىغان ئابابەكىرنىڭ ئاللاھ دەپ سوقۇپ تۇرغان يۈرىكى،دىن، مىللەت دەپ جۇش ئۇرۇپ تۇرغان روھى ئۇنى ئارام تاپقۇزمايدۇ، ئاقىۋەت ئۇ بۇ قىرغىنچىلىقنى تام ئاتلاپ چىقىپ چەتئەلدىكى توربەتلەردە ئىلان قىلىش يوللىنى تاللايدۇ. ئۇ تام ئاتلاپ چىقىپ چەتئەلدىكى توربەتلەرگە بولغان ۋەقەلىكنى ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن يېزىپ تارقىتىدۇ. شۇنداقلا خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى، چەتئەلدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ۋەقەگە يېقىندىن دىققەت قىلىشقا چاقرىق قىلىدۇ.
‎ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتۈپ 8- ئاينىڭ 5- كۈنى خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ خادىملىرى ئۇنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇنى تۇتۇپ كېتىدۇ. ئۇ تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ دادىسى ۋە ئاكىسى ئۇنىڭ كەينىدىن ساقچىخانىغا بارىدۇ. يەتتە سائەتلىك ئۇزۇن سوراقتىن كېيىن ساقچىلار ئۇنىڭ دادىسى بىلەن ئاكىسىغا ئابابەكىرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش بويرىقىغا قول قويۇپ بىرىپ قايتىپ كېتىشنى ئېيتىدۇ. ئۇنىڭ دادىسى ئوغلۇمنىڭ جىنايىتى يوق دەپ قول قويۇشنى رەت قىلىدۇ. ئەمما ساقچىلار “ ئوغلۇڭنىڭ تېرىغىنى كىچىك ئىش ئەمەس، ئۇ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى خەلقئاراغا ئاشكارلىغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىندى“ دەپ قول قويغۇزىدۇ.
‎ئارىدىن بىرقانچە كۈن ئۆتۈپ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئېشلىشقۇدا ئېلىپ بارغان قەتلىئامى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نەقەدەر پەس، رەزىللىكىنى كۆرسەتكەن بولسا، ئۆزىنىڭ بۇ پەسلىكىنى ئاشكارلىغان ئابابەكىرى رېھىمگە يەنە شۇ پەس، رەزىل ۋاستىلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق “ يالغان خەۋەر توقۇپ، ئېغۋا تارقاتقۇچى“ دېگەن نامدا مەخسۇس خەۋەر ئىشلەپ ھەر قايسى خەۋەر قاناللىرىدا بىر ھەپتە ئۆزۈلدۈرمەي قويىدۇ. ھەمدە ئۇنى ئۆزىنىڭ يالغان خەۋەر تارقاتقانلىقى ھەققىدە ئۆز ئېغىزى بىلەن ئىقرار قىلغۇزىدۇ. خەۋەر جەرياندا ئۇ بەزىدە يولۋاس ئورۇنداقتا ئولتۇرغۇزۇلغان بولۇپ، شۇ كۆرۈنۈشتە ئۇنىڭ بارماق ئۇچلىرىدا رۇشەن خورلىنىش ئىزىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئەمدىلا 20 نىڭ قارىسىنى ئالغان بۇ ياش، خىتاينىڭ ياۋۇز تاپىنى ئاستىدا چەيلىنىدۇ. ئۇ تۇتۇپ كېتىلىپ بىر يىرىم يىلدىن كېيىن، مەركىزى مىللەتلەر ئۈنۋىرسىتېتىنىڭ پىروفىسسورى ئىلھام توختىغا ھۆكۈم ئىلان قىلغان كۈننىڭ ئەتىسى، ئۇنىڭغا سوت ئېچىلىپ “ مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش، دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش …. “ دېگەندەك بىر قانچە تۈرلۈك جىنايەتلەر بىلەن توققۇز يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىدۇ.
5. ‎5. قارشىلىق ھەركىتىنىڭ تارىخى ئەھمىتى
‎بۇ قېتىمقى قارشىلىق ھەركىتى 1989- يىلى ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ ئاساسى قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان دىھقانلار تەشكىللىنىپ خىتايغا قارشى ئېلىپ بارغان بارىن ئىنقىلابىدىن كېيىنكى، ئىككىنجى قېتىملىق چوڭ قارشىلىق ھەركىتى بولۇپ، بۇ قېتىمقى ھەركەت خىتايلارغا نىسبەتەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرگىزمۇ مۇستەملىكىگە باش ئەگمەس بىر خەلق ئىكەنلىكىنى تونۇتۇپ قويغان بولسا، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئۆلۈمنىڭ ئۈنچىلىك قورقۇنۇچلۇق نەرسە ئەمەسلىكىدىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتنى تونۇتتى. شۇنداقلا ئۆز ئەقىدىسى، دىنى، ئاياللىرىنى قوغداش ئۈچۈن، شۇنداقلا بۇلارنىڭ ھەممىنى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان دۆلەتتىن ئىبارەت بىر مۇئەسسەنىڭ توختاۋسىز بەدەللەرنى تۆلەش، قىزىل قانلارنى، ئىسسىق جانلارنى بىرىش بەدىلىگە ئاندىن قۇرۇلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى بىلدۈردى. شۇنداقلا ئومومىي ئۇيغۇر خەلقىگە خىتايلارنىڭ قانداقتۇر بىزنى ئازاد قىلىپ، قوللۇق كىشەنلىرىدىن قۇتقۇزچى پاسىبان ئەمەس بەلكى، دۆلىتىمىزگە تاجاۋۇز قىلىپ ئىنسانلىق قەدىر – قىممىتىمىزنى دەپسەندە قىلىۋاتقان، بايلىقلىرىمىزنى بولاپ ئۆزلىرىنىڭ ياۋۇز نەپسىلىرىنى توشقىزىۋاتقان خىتايلار بىزنىڭ ئەڭ چوڭ، ئەڭ رەزىل، ئەڭ پەس دۈشمىنىمىز ئىكەنلىكىنى، ئۇلارغا دۆلىتىمىز شەرقى تۈركىستاننىڭ بايلىقلىرى، زىمىنلىرىنىڭ كىرەكلىكىنى، ئۇ يەردە ياشىغۇچى خەلقنىڭ ئەسلى كېرەك ئەمەسلىكىدىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتنى يەنە بىر قېتىم تونۇتۇپ قويدى.
‎ئۇنىڭدىن باشقا شەرقى تۈركىستاندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بولۇپمۇ يەركەندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ خىتايغا قېچىشىنى، ھەمدە يەركەنگە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ كەلمەسلىكىنىڭ ئالدىنى ئالدى. شۇ قېتىمقى ۋەقەدىن كېيىن يەكەندىنلا خىتايغا قىچىپ كەتكەن خىتاي كۆچمەنلەر 50 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، يەكەندىكى ئومومىي خىتاي كۆچمەن نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ.
‎خاتىمە
‎بۇ ۋەقە ئۇيغۇر تارىخىدا قانلىق بىر تارىخ، ئۇنى بىز ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز، شۇنداقلا ئۇنى ئۇنتۇلدۇرۇپ قويماسلىقىمىز كېرەك. بىز مىڭلىغان شەھىد بەدىلىگە قۇرۇلغان “ شەرقى تۈركىستان“ جۇمھۇرىيتىدىن ئىبارەت بۇ دۆلەتنىڭ قايتىدىن مۇستەقىللىققە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە بىز يەنە ئاشۇنداق يۈز مىڭلىغان جانلارنى قۇربان قىلىشقا تەييارلىق قىلىپ قويىشىمىز كېرەك. چۈنكى يۈزمىڭلىغان جاننى ئايىغىنىمىزدا مىليۇنلىغان جانلىرىمىزنىڭ كانارغا ئېسىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئاچچىق بىر ھەقىقەتلىك تارىخنى بۈگۈن بىز باشتىن كەچۈرۋاتىمىز. تىنىچلىق قان بىلەن سوغۇرۇلغان بولىدۇ، ئۆلۈم ھاياتلىققا قېرىنداش بولىدۇ. ئۆلۈم ئۇنچە قورقۇنۇچلۇق ئەمەس، قورقۇنۇچلۇق بولغىنى ياشاش ئۈچۈن ھەممىدىن ۋاز كىچىشتۇر. ۋىجدان، ۋەتەن، ئىماننى سېتىۋىتىشتۇر. بىزگە ھاياتلىق قانچىلىك تاتلىق بولسا، ۋەتەن ئۈچۈن ئۆلۈش شۇنچە تاتلىق بولغاندا ئىنشائاللاھ بىز ئۈچىنچى نۆۋەت يەنە ھۆر “ شەرقى تۈركىستان“نى قۇرۇپ چىقالايمىز. شۇڭا بىز ”بارىن ئىنقىلابى“ ۋە “ ئېلىشقۇ قەتلىئامى“ غا ئوخشىغان قانلىق تارىخىمىزنى داۋاملىق ئەستە تۇتۇشىمىز، ئۇلار قالدۇرۇپ كەتكەن ساۋاقلاردىن دەرس ئېلىشىمىز، تېخىمۇ ھىكمەتلىك بىر ئۇسلۇبتا تاجاۋۇزچى خىتايلارغا تاقابىل تۇرۇش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىز، شەھىدلىرىمىزنىڭ ئۆلۈمنى كۈلۈپ تۇرۇپ قارشى ئالىدىغان روھلىرىنى ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلىشمىز كېرەك. چۈنكى ئۇلار ئىسسىق قانلىرى، ئەزىز جانلىرى بەدىلىگە ئۆز يۈرەكلىرىنى بىزنىڭ يولىمىزنى يورۇتقۇچى مەشئەل قىلىپ تۇتۇپ بەردى. ئاللاھ ۋەتەن ئۈچۈن جانلىرىنى پىدا قىلغان، ئۆزلىرىنىڭ ياشلىق باھارىنى ۋەتەن، دىن، مىللەت ئۈچۈن ئاتىغان شۇ شەھىدلىرىمىزنىڭ شاھادىتىنى قۇبۇل قىلسۇن، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ دىنىنى ئالىي قىلماق ئۈچۈن ئۆز ھايىتىنى بەدەل قىلغان خىتاينىڭ تۈرمە ۋە لاگىرلىرىدا جان تالىشىۋاتقان شۇ غازىلىرىمىزغا ئاسانلىق بەرسۇن، ۋەتىمىنىمىز شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن ئەنە ئاشۇنداق ئوت يۈرۈك پەرزەنتلىرىمىزنى دائىما چىقىرىپ بەرسۇن، ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاننى پات پۇرسەتتە مۇستەقىلىقكە ئېرىشتۈرۈشكە نەسىب قىلسۇن، يازمىدا خاتا كەتكەن جايلار بولسا رەببىم ئاللاھتىن مەغپىرەت قىلىشنى، بۇ ئاددى خىزمەتنى خالىس ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىنغان ئەمەللەردىن قىلىپ بېرىشىنى، گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلىشىنى، بىزنى ھەر زامان ئۆزىنىڭ توغرى يولى بولغان سىراتەل مۇستەقىمدە مۇستەھكەم قىلىشىنى سورايمىز. (ئامىن)
Share
6330 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.